ئۈرۈمچىنىـڭ كوچىســـى
نىيازئەلى ئادىل (تۈن لىرىكىسى)
ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسى .........................................................كىرىش سۆز
ئانامغا خەت ................................................................ چاچما شېئىر
يول سورايدۇ يالغۇزغىنە قىز ..........................................................شېئىر
تار كوچامنىڭ يېڭى ھېكايىسى ...................................................ساتىرا
ئۈرۈمچىنىـڭ كوچىســـى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتراكچىللىرى، ھەممڭىلارغا اللەنىڭ سالىمى بولسۇن!
ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئۆزۈمنى تاپالماي يۈردۈم. تۇمان باسقان شەھەر، تۇمان ئۈستىدىكى بىنالار، ئالدىراش ئادەملەر توپى، يوللارغا پاتمايۋاتقان ساناقسىز ماشىنىلار مېنى ساماۋى تۇيغۇلارغا باشلاپ چەكسىز خىيال ئىچىگە باغلاپ قويدى. تۈگىمەس خىياللار بىلەن ناتونۇش شەھەرنى ئايلىنىمەن. سەھەر تۇرسام تاكى كوچا چىراقلىرى يانغۇچە ئايلىنىمەن. ئەنە شۇنداق تۈگىمەس خىياللار بىلەن كوچا ئاپتوبۇستا نەچچە قېتىم مەنزىلىمدىن ئۆتۈپ ئاخىرقى بىكەتكە كېتىپ قالىمەن. ئۈرۈمچىنىڭ كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان تۈگىمەس يوللىرىدا ئۇچۇراپ تۇرىدىغان ھەرخىل ھادىسىلەر قەلبىمنى لىققىدە ئىلىھام بىلەن تولدۇرۇپ قويىدۇ، بىراق بۇ شەھەر تۇرمۇش كارتىنىللىرىنى سىزىپ بېرىشكە مېنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان ئىجدىمائىي بىلىمىم، تۇرمىشىغا بولغان چۈشەنچەم تولىمۇ كەمچىل، گەرچە ئانا سەھرايىمدىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشلارنى تۈرلۈك ئۇسۇل، تاتلىق ئىلھام، ئاچچىق تۇيغۇلار بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلىسەممۇ ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىشقا تۇرمۇشقا بەكلا خام ھېسابلىنىمەن.
خۇددى شۈكۈرۈك كېلىپ شۈكىرەلمىسە ئادەم قىيلىنىپ كەتكەندەك ئىلھام كېلىپ قەلبىدىكى تۇيغۇلارنى يازالمىسا بەكلا قىيلىنىدىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ كوچىللىرى مېنى بىر غايىۋى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئىزچىل قىيناپ كەلدى. قايسى كۈنى <<تەڭرىتاغ ژورنىلى>> نىڭ تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ئىمىرھەسەن مەخمۇت ئاكا << ئۇكام، شائىرلىق بۇ بەك يامان ئوت. بۇ ئوتنى تۇتاشتۇرۋالغىلى بولمايدۇ، ھەم ئۆچۈرگىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇنى ياراتقان ئېگىمىز شۇنداق بىر كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە سېلىپ قويىدۇ>>دېگەن ئىدى. مانا ھازىر ئەشۇ شائىرلىقتىن ئىبارەت غايىۋى ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولاي دېدىم. قەلبىمگە تولۇپ تۇرسىمۇ سىزىپ چىقالمىغان تۇرمۇش ھىكايەتلىرى ئىھتىمال مېنى ساراڭ قىلىپ قويىشى مۇمكىن.
ئۈرۈمچىنىڭ كوچىللىرىدا تۈگىمەس خىياللار بىلەن ئايلىنىپ يۈرىمەن. بۇ خىياللاردىن قۇتۇلۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. تورخانىدا بىر ئوقۇغۇچى قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. << سىلەر شائىرلار خىيالى ھېس تۇيغۇ ئىچىدە ياشايسىلەر، نەدە تۇرساڭلار ئوخشاش، كۆنەلمىدىم دەيدىغان ئىش يوق >> دىگەن ئىدى، ئۇ چاغدا سۆزىگە دېققەت قىلماپتىمەن. ئۆيگە كېلىپ ئويلىسام راستىنلا جېنى بار پاراڭدىن بىرنى قىپتۇ. كەمسۆز، يۈزى تۆۋەن، ياغلىقىنىڭ ئۇچۇدىن يۇقىرى قارىمايدىغان بۇ قىزنى ئۇنچىلىك ئورۇنلۇق سۆز قىلالايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن. راستىنلا قايسى كۈنلىرى قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ خىيالدىن قۇتۇلۇپ باققان ئەمەسمەن. ئالتە~يەتتە يىلچە بولۇپ قالدى، شۇنداق خىيالى ھېس تۇيغۇلارنىڭ ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. ئەمما قەلىمىمدىن ئىزىدىن ئازىراق بىر نېمە تۆكىۋالسام يىنىكلەپ قالاتتىم. بىراق بۇ ئۈرۈمچىدە... مانا ھازىرمۇ شۇ خىياللار ئىلكىدە قېيىپ يۈرىمەن. شائىرلىقتىن ئىبارەت غايىۋى ئۆچمەس ئوتتا تىنماي كۆيىۋاتىمەن. مېڭىۋاتىمەن... سانسىز ھېكايەتلەرگە تولغان ئۈرۈمچىنىڭ كوچىللىرىغا سىڭىپ كېتىۋاتىمەن...
ئانـامغـــا خەت
ئانا...!
ئارزۇلارنى قەلبىمگە پۈكۈپ،
ئۈمۈدىڭنى يەلكەمگە يۈدۈپ.
تالاي داۋان، تالاي يول يۈرۈپ،
يېتىپ كەلدىم؛
ئۈرۈمچىدەك گۈزەل شەھەرگە.
قەدەم باستىم؛
يالغۇزلىقتا يېڭى سەھەرگە.
ئاھ...!
ئېسىمدىن چىقمايدۇ مەڭگۈ،
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ مەڭگۈ،
ئەشۇ كۈنى؛
كۆزلىرىڭگە لىقلا ياش ئېلىپ،
ئۇزاتقىنىڭ مېنى سەپەرگە.
. . . .
ئانام يىغلىمىغان بارچە ئەلەمگە،
يىغلىدى،
مەن ماڭغاندا يىراق سەپەرگە.
ئانا...!
ئۈرۈمچىنىڭ قوينى كەڭ ئىكەن،
بىنالىرى بۇلۇت بىلەن تەڭ ئىكەن.
كۈلىۋاتىمەن؛
خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي.
كېتىۋاتىمەن؛
چىراقلارغا پەرۋامۇ قىلماي.
كېلىۋاتىدۇ؛
ئىككى ياقتىن ئاقساقال بوۋاي،
توۋا...!
ئۆتۈپ كەتتى،
بىر ـ بىرىگە سالاممۇ قىلماي.
. . . .
كوچىلاردا ساناقسىز ئادەم،
ئادەملەرگە،
قەلبىم يىغلاپ تۇتىدۇ ماتەم.
ئانا...!
ئۈرۈمچىنىڭ كېچىللىرىمۇ،
كۈندۈزدەكلا تۇيىلىدىكەن.
بىنالاردا كۆز قىسقان چىراق،
يۇلتۇزلاردەك كۆرىنىدىكەن.
تۈنلىرىدە كوچا ئايلانسا،
كىشى قەلبى،
شېرىن ھېسقا چۆمىلىدىكەن.
ئەمما،
شۇنچە ئىزلەپ تاپالمىدىم،
تولۇن ئاينى، ھىلال، ھۆكەرنى،
يەتتە يۇلتۇز، چولپان، زۈھەلنى.
سەن،
چۆچىكىنى سۆزلەپ بېرىدىغان،
پادىچى يىگىت توقۇمىچى قىزنى.
ھېچ بىلمىدىم:
خىجىل بولۇپ مۆكىۋالدىمۇ!؟
تاغ كەينىگە ئۆتىۋالدىمۇ!؟
ياكى؛
ئوخشىمامدۇ بىزنىڭ سەھراغا،
چوڭ شەھەرنىڭ ئاسمانلىرىمۇ!؟
. . . .
كوچىلاردا چاقنايدۇ چىراق،
كۆكتە تۈتەك،
قەلبىمدە پىـــــــــراق.
ئانا...!
يىراق شەھەردە قورسىقىم ئېچىۋاتىدۇ،
قايناق بازاردا توۋلاپ سېتىۋاتىدۇ:
پولو، ئۈگىرە،
سۇيۇقئاش، چۆچىرە،
توۋلاۋاتىدۇ:
خوتەندە ياققان گۆش گىردە.
جىنىم ئانا...!
ئۆتمەيدۇ ئۇلار گىلىمدىن،
بەكلا سېغىندىم،
قايماق سېلىپ ئەتكەن چېيىڭنى،
تونۇردا ياققان ئىسسق نېنىڭنى.
جېنىم ئانا...!
كۆرگۈم كەلدى؛
گۈلگە تولغان ھويلا، بېغىڭنى،
خۇشاللىقتا كۈلگەن چېغىڭنى.
سۆيگۈم كەلدى؛
تونۇرلاردا كۆيگەن مەڭزىڭنى،
ئاشۇ كەپسىز ئوماق نەۋرەڭنى.
جېنىم ئانا...!
قايتقۇم كەلدى ئىسسق ئۆيۈڭگە،
ياتقۇم كەلدى سېنىڭ تۈۋىڭدە.
ئېچىۋەتسەم؛
يوتقىنىمنى يېپىپ قوياتتىڭ.
مىھرىڭ بىلەن،
پىشانەمگە سۆيۈپ قوياتتىڭ.
. . . .
قايناق بازار؛
ساتىدۇ ئاش... ساتىدۇ ۋىجدان،
پەقەت،
سېتىلمايدۇ ئانامدەك ئىنسان.
ئانا...!
ئىنسان دېگەن،
كۆنىدىكەن ھەممە نەرسىگە،
يالغۇزلىقنىڭ ھەسرەتلىرىگە.
كۆنىدىكەن بەزىدە ھەتتا،
يىراق شەھەر،
يالغۇز تۇرمۇش،
ئاچ ـ توقلىقنىڭ ھېكمەتلىرىگە.
ئىنسان ئاجىز،
ئىنسان چارىسىز،
كۆنىدىكەن:
ھاياتتىكى ھەممە ـ ھەممىگە.
پەقەت ۋە پەقەت،
كۆنەلمەيدىكەن،
تىرىك يېتىم قىسمەتلىرىگە.
. . . .
چەكسىز ئاسمان، تانىسىز لەگلەك.
يالغۇز ھوجىرا،
يىغلىماقتا ئانىسىز ئەركەك.
2011 ـ يىلى 27 ـ نويابىر يەكشەنبە
ئۈرۈمچى شەھىرى
يـول سورايدۇ يالغـۇزغىنـە قىـز
يول سورىدى يالغۇزغىنە قىز،
سوغوق قىشتا، يېرىم كېچىدە.
قاراشلىرى غەيرانــە ئۇنىـڭ،
بىر شەيتىنى باردەك ئىچىدە.
گۇمان سالدى خىياللىرىمغا،
كۆزلىرىمگە كۈلـۈپ باققىنىڭ.
ئەجەپ بىر ئىش ئاجىز قىز تۇرۇپ،
كوچىلاردا تىنەپ قالغىنىڭ.
ئاتاڭ يوقمۇ ئۆيۈڭدە قىزچاق؟
غەم يېمەمدۇ ئاناڭ سېنىڭدىن؟
رەستىلەرگە بىللـە چىققۇدەك،
يوقمۇ ياكى يۈرگەن يىگىتىڭ؟
مەجبۇرىيتى ئەسلى ئەركەكنىڭ،
ئۆزى سۆيگەن جۈپتىنى قوغداش.
ئەمما، ئەۋىج ئالدى كوچىدا،
ئۆز قىزىنى ئۆزلىرى گوللاش.
كوچىللىرىڭ كۆپكەن ئۈرۈمچى،
قىزلىرىڭنى قويما ئازدۇرۇپ.
شەھۋەت تولا قارا كوچاڭدا،
چىرىقىڭنى قويغىن ياندۇرۇپ.
2011 ـ يىلى 3 ـ دېكابىر شەنبە
ئۈرۈمچى شەھىرى
تار كوچامنىڭ يېڭى ھېكايىسى
تار كوچامنىڭ چىرىقى يانمايدىغان بوپقاپتۇ،
كىم كۆرۈشتى كىم بىلەن چانمايدىغان بوپقاپتۇ.
پۇرسەت بوپتۇ قاراڭغۇ ئۈجمە كۆڭۈل يىگىتكە،
شۇ كوچىدا قىزلارنى ئالدايدىغان بوپقاپتۇ.
كۆنۈپ قاپتۇ پىنھان دەپ يەنە بىر توپ قۇچقاچلار،
تۈندە كېلىپ كوچامدا دانلايدىغان بوپقاپتۇ.
كۆرۈپ قالدىم نەچچە رەت ئاپئاق باشلىق قوشنامنى،
تۈن نىسپىدە كوچامنى مارلايدىغان بوپقاپتۇ.
يولدىشى يوق ئاياللار، خوتۇنى يوق بويتاقلار،
لايىق ئىزدەپ كوچامنى چارلايدىغان بوپقاپتۇ.
نامى چىقىپ كوچامنىڭ ئوۋچىللىرى كۆپىيىپ،
لالما ئىتتەك توختىماي ئارلايدىغان بوپقاپتۇ.
تۇتىۋالغاچ ئېرىنى جۈپتى بىلەن، خوتۇنلار
قورقماستىنلا يۈزىنى مورلايدىغان بوپقاپتۇ.
سۆزلەپ قالدى ئەلەمدە ئەركەكلەردىن نەچچىسى،
خوتۇنىنى كوچامدىن قوغلايدىغان بوپقاپتۇ.
قولتۇقلىشىپ ئەر - ئايال كېلىپ قالسا كوچامغا،
بىر - بىرىدىن گۇماندا كۈنلەيدىغان بوپقاپتۇ.
شۇ سەۋەبلىك ئۆيلەردە پەيدا بولۇپ ئاداۋەت،
بىر - بىرىگە ناز بىلەن كۈلمەيدىغان بوپقاپتۇ.
بولغان ئىشلار بەك تولا چىرىقى يوق كوچامدا،
مەندىن كۆرۈپ قوشنىلار قارىمايدىغان بوپقاپتۇ.
سەھرادىمۇ كوچا كۆپ، چىراقسىزمۇ تىنىچقۇ،
ئويلىماستىن شۇلارنى سۆزلەيدىغان بوپقاپتۇ.
كوچا مېنىڭ بولسىمۇ چىراق مېنىڭ ئەمەستە،
بۇ «داۋلى»نى تونۇشلار بىلمەيدىغان بوپقاپتۇ.
سادىغاڭ كېتەي جان قوشنام ئەيىب يوقتۇر مېنىڭدە،
خەق ئەشۇنداق ياخشىغا كۆنمەيدىغان بوپقاپتۇ.
2011 - يىلى 5 - دىكابىر دۈشەنبە
ئۈرۈمچى شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tvnlirikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 08:22 AM