ئىزىلگەن يۈرەك
تىنىمسىز تىپچەكلەۋاتقان يۈرۈگۈم قاتتىق سۇقۇۋاتىسەن.
سىنىڭ قات-قېتىڭدىن قىپ-قىزىل قان تامچىلاۋاتىدۇ.
يۈرۈگۈم ئۇنسىز-ئۇمۇتسىز يىغلاۋاتىدۇ. مەن نېمە بولغاندىمەن دەپ قان-قان يىغلاۋاتىدۇ. قانداق بولۇپ بۇنداق تۇرمۇشقا ئېرىشىپ قالغاندىمەن دەپ يىغلاۋاتىدۇ.
قانداق بولۇپ بۇنداق قاپ-قارا رەھىمسىز ، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھىلە-مىكىر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بۇنداق قارا يۈرەكلەرنىڭ ئارسىغا قۇشۇلۇپ قالغاندىمەن دەپ يىغلاۋاتىدۇ.
يۈرۈگۈم سىنىڭ تىپ-تىنچ، مىسكىنلىك بىلەن ئۇنسىز-ئۇمۇتسىز سوقۇۋاتقىنىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن.
سەن ئۇنسىز سوقىۋاتىسەن.سەن ئەبەدى يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ سوقىۋاتىسەن.كۆزۈڭدىن ئاققىنى ياش ئەمەس، قان-زەرداپ.........
سەن قانداق شارائىتتا بۇنداق تۇرمۇشقا بىلىپ-بىلمەي كىرىپ قالغانسەن؟ نىمانچە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانسەن؟ تۇرمۇشتىن نىمانچە سۇۋۇپ كېتىدىغانسەن؟ نىمانچە شورپىشاندۇرسەن؟
سىنىڭ يۈرۈگۈڭ جان-جېنىڭ بىلەن باشقىلار ئۈچۈن سوقسىمۇ يەنىلا ھىچ نىمىگە ئەرزىم بولۇپ قالدىغانسەن؟ سىنىڭ شۇنچىۋالا قىلغان تىرىشچانلىقنىڭ باشقىلارنىڭ بىر ئىغىز سۆزىچىلىكمۇ بولالمايدۇ. نېمىشقا شۇنچىلىك قۇربانلىقنى بېرىشكەئەرزىمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن بۇنچىلىك قۇربانلىقنى بېرىدىغانسەن؟.....
10يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس. سىنىڭ بۇ يۈرۈگۈڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن 10يىل سوقتى. 10يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن پاي-پىتەك بولدۇڭ. لېكىن ئۇچۇ؟.....ئۇ سىنى قۇلىدىكى تاماكىنىڭ كۈلىچىلىك كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈگى سەن ئۈچۈن ئەمەس. سەن ئۈچۈن سوقمايدۇ......
سىنىڭ شۇنچىۋالا قىلغان ئەجرىڭ، باشقىلارنىڭ تېلېفۇندا قىلغان بىر ئىغىز سۆزىچىلىك بولالمايدۇ.
يۈرۈگۈم نىمانداق ئۇنسىز سۇقۇدىغانسەن؟ بەندە بىلمىسە ئاللاھ بىلەر دەمدىغانسەن؟
يىغلىما يۈرۈگۈم ،يىغلىما.بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان. كۈنلەر بۇنداق ئۆتۈپ كەتمەس. ھىلە-مىكىرگە تولغان بۇ يۈرەكلەرمۇ ئاخىرى بىر كۇنى بەربات بۇلار.
يۈرۈگۈم، قاپ-قارا يۈرەكلەر ئىچىدە نۇرلىنىپ ئۆز قەدىر-قىممىتىڭنى تاپىدىغان ۋاقتىڭمۇ كىلىپ قالدى.
ئادەم قۇربان بىرىشكە تېگىشلىك بولمىغان يەرلەرگە قۇربانلىق بەرسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئاخىر بىر كۇنى چۇشۇنۇپ يېتىسەن. بۇ چاغدا ئاللا بۇرۇن سەن كىچىككەن بولىسەن.
ئاھ يۈرەك!باشقىلار ئىللىقلىق ئائىلىلەرگە بەخت ئىلىپ كېلىدۇ دەيدىكەن. لېكىن بۇ ئىللىقلىق سەن يۈرۈگۈمنىڭ ئاجىزلىقى بولۇپ قالدى. سەن قانچە ئېللىق بولغانسېرى باشقىلار سىنى شۇنچە ئاجىز ھېس قىلدى.
ئاھ !يۈرۈگۈم ئۇنسىز نىدا قىلىۋاتىسەن. نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتامسەن؟.........
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 03:38 AM