مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 882|ئىنكاس: 17

كاشال دوپپا( ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11594
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3084 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 10:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                              كاشال دوپپا(  ھېكايە)
   
                                                                images.jpg


ئەسقەرجانغا نېمە بولدىكىن تاڭ، بىرنەچچە كۈندىن بېرى دوپپا جوداسى قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىنى ئوت قىلىۋەتتى. شۇ تۈپەيلى يەكشەنبە كۈنى ئۇلار بازارغا چىقىپ ئوغلى ئەسقەرجانغا بادام دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى.
ئەسقەرجانغا دوپپا شۇنداقمۇ يارىشىپ كەتتىكى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ مەستلىكى كېلىپ ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قاراشقا باشلىدى. خۇشاللىقىدىن گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئەسقەرجان بىر دەم دوپپىسىغا قارىسا ، بىردەم مېھرىبان ئاتا-ئانىسىغا يېنىشلاپ قارايتتى، كۆڭلىدە ئەتىلىككە مەكتەپكە بارسام بارلىق ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ يېڭى دوپپامغا قارىشىپلا قالىدىغان بولدى، مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا دوپپامنى تازا بىر كۆز-كۆز قىلىۋالىدىغان ،ماختىنىۋالىدىغان بولدۇم، مەن ئەتە ئۆتۈلىدىغان‹‹دوپپا رىۋايىتى››دېگەن تېكىستنى ئالدىن كۆرۈپ قويمىسام بولمايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدى، تۇيۇقسىز ئۇ بىر ئىشنىڭ چالا قالغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ تاڭ ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرگىنىچە ئانىسىدىن.
ــ  ئاپا ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە؟ دوپپىنىڭ تۈرى قانچە خىل؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى كىشىلەر دوپپا كىيمەيدۇ دىگەندەك بىر تالاي سوئاللار بىلەن ئاپىسىنى كۆمۈۋەتتى. ئانا بىلىدىغانلىرىغا جاۋاب بەرگەندىن سىرت قالغان بىر مۇنچە سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ،كېيىن ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداق قىلىپ  ئەسقەرجان نېمىلا بولمىسۇن دوپپا توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە بىلىمگە ئېرىشكەنلىكىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى...
دوپپامنى كىيىپ ياتسام بولمايدۇ، سەل ئىگىزرەك جايغا قوياي، ياق بولمايدۇ، ئەتىگەنلىككە ئۇنتۇپ قالسامچۇ؟
ھە ئاۋۇ ئۈستەلگە قويۇپ قۇياي، ئەتىلىككە مەكتەپكە بارغاندا ساۋاقداشلىرىم كۆرۈپ باقايلى دەپ تۇتۇپ كىر قىلىۋەتسە قانداق قىلارمەن؟ ياق مەن ئۇلارغا تۇتقىلى قويمايمەن، تۇتماڭلار دوپپام مەينەت بولۇپ كېتىدۇ دىسەم ساۋاقداشلىرىم نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ ھە راست ،قۇلۇڭلارنى يۇيۇۋېتىپ تۇتۇڭلار دەيمەن، شۇنداق دىسەم ئۇلارمۇ خاپا بولمايدۇ، ئۇ خىيال قىلغانسېرى ھاياجانلىناتتى، ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتقۇسى كېلەتتى. بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق، بىراق ئەسقەرجانلا شېرىن خىيال ئىلىكىدە ئەركىن ئۈزمەكتە، شۇنداق قىلىپ ئۇ مىڭ تەسلىكتە تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردى.
سەھەردىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشقا باشلىدى، سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇۋالغان ئۇ چىرايلىق كىيىنگەندىن كېيىن مەكتەپ تەرەپكە يول ئالدى، ئۇ بىردەم-بىردەم بېشىنى تۇتۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ بالىلىق خىياللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا، ئۇ ئەنە شۇ شېرىن خىياللار ئىلىكىدە مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. ئەمدى دەرۋازىدىن كىرەي دەپ تۇرۇشىغا بىرىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا.
ــ ھەي بۇياققا كەل دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ كىمنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاۋاز بارغانسېرى چوڭۇيۇشقا باشلىدى، ئۇ يەنىلا مېڭىشىنى داۋاملاشتۇردى.
-ھەي ۋېي زۇ شۈ شىڭ (ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى)دېگەن ئاۋازدىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئەتىراپقا سەپ سالدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كۆرۈنمىگەچ ئۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى.
ــ نى گۇو لەي(بۇيان كەل)دەپ ئىشارەت قىلدى، مەكتەپ مۇدىرى ئەسقەرجان دەررۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە:
- مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ سالام بەردى.
ــ با مۇۋزا مادىيو(دوپپاڭنى سېلىۋەت) نىشى ناگې بەندې دىگىنىچە ئۇنىڭ دوپپىسىنى ئالدى-دە، ئالايغىنىچە بالىغا تەڭلەپ تۇرۇپ يانچۇقۇڭغا سال، بۇندىن كېيىن مەكتەپكە دوپپا كېيىپ كەلمە دېدى.
ئەسقەرجاننىڭ ئاخشامدىن بۇيانقى خۇشاللىقى بىردەمدىلا خۇددى سۇغا چۈشكەن قاردەك غايىپ بولدى، ئۇ يىغلامسىرىغان قىياپەتتە مۇئەللىم كېيىپ كېلىڭلار دېگەن دېيەلىدى ئارانلا.
- قايسى مۇئەللىم شۇنداق دېدى؟ مەكتەپكە دوپپا كىيىپ كېلىشكە بولماۇدۇ دىگىنىچە ئالايدى مۇدىر.
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇئاۋىن ئەخلاق مۇدېرىمۇ سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ بولماپتۇ بالام، مۇئەللىمىڭ شۇنداق دېگەن بولسا سەن ئۇنى قاتلاپ سومكاڭغا سېلىۋالساڭ بولمامدۇ؟ بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلغۇچە بولما، ماڭە سىنىپىڭغا كىرىپ كەت دېدى ۋە مۇدىرغا بىر نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى...
ئەسقەرجان تولىمۇ پەرىشان كۆرۈنەتتى، ئانىسى ئۇنىڭ بۇ  قىياپىتىنى كۆرگەندىن كېيىن:
ــ ئوغلۇم نېمە بولدى، ساڭا ئەجەب  شۈكلەپ كېتىپسەنغۇ؟ دېدى،- ئانىلىق مېھرى بىلەن.
ــ ئاپا ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇمايمەن، جېنىم ئاپا !مەكتەپكە ھەرگىزمۇ بارمايمەن، مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق دېدى ۋە يىغلاپ تاشلىدى.
ــ ئاپپاق قوزام سېنى ساۋاقداشلىرىڭ بوزەك قىلدىمۇ؟ نېمە بولدى ساڭا،- ئانا بالىدىن سوراشقا باشلىدى.
ــ ياق ئاپا ساۋاقداشلىرىم ھەم مۇئەللىم بوزەك قىلمىدى.
ــ ئەمىسە نېمىشقا يىغلايسەن؟
بالا يەنىلا يىغلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. يېغىدىن ئۇنىڭ تىلىمۇ كالۋالىشىپ قالغاندى. بىر پەستىن كېيىن سومكىسىدىن قاتلاقلىق دوپپىسىنى ئالدى-دە، مەكتەپتە بولغان ئەھۋاللارنى ئاپىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئانا -بالا ئىككىيلەننىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئانا سەل ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن كىمنىڭ نەرىگە تاقاشقاندۇر بۇ دوپپا، بۇنداق تاقاشقا دوپپىنىڭ نېمە كېرىكى دىگىنىچە ئوغلىنىڭ قولىدىكى دوپپىنى ئېلىپ چۆرىۋەتتى. ئەسقەرجاننىڭ يېغىسى  بىنانى بىر ئالدى. ئاپا بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دېگەن پېتى دوپپا چۈشكەن تەرەپكە  چاپتى...
(مەنبە تۇرمۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 03:54 AM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 815
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 05:07:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا كىيىش ئادەمنى سالاپەتلىك قىلىدۇ
مىللى كىملىكنى پەرقلەندۈرۈشتىمۇ رولى ناھايىتى چوڭ
مەن كىچىك ۋاقتىمدا تەخمىنەن ئونتوققۇز يىللار ئىلگىرى ئىتىزدا كەتمەن بىلەن چۆنەك ئېلىۋاتقاندا ئۇدۇلۇمدا مەندىن كىچىك بىر بالا قارمۇ قارشى چاناۋاتاتتى تۇيۇقسىز بىشىمغا بىر نەرسە تەگدى قارىسام ئالدىمدىكى بالا كەتمەن بىلەن نەخ مەن ئىڭىشكەندە بىشىمنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا چاناپ ساپتۇ يائاللا خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ ياخشىمۇ تومۇز ئىسسىققا قارىماي دوپپامنى كىيىۋالغانكەنمەن بىشىم ھىچنىمە بولمىدى ئەگەر دوپپا كەيمىگەن بولسام قۇيرۇقۇمنى قۇم بىسىپ سۆڭەكلىرىممۇ چىرىپ تۈگىگەن بولاتتى
نورماندىيدە قۇرۇقلۇققانچىقىش فىلمىدە بىر ئەسكەرنىڭ قالپىقىغا ئوق تىگىدۇ لىكىن تىشەلمەيدۇ ھىلىقى كالۋا ئەسكەر قالپىقىنى قولىغا ئېلىپ قاراپ بولغىچە يەنە بىر پاي ئوق مىڭىسىنى تىشىپ ئۆلىدۇ
باش ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزى ئەزاسى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ھەم زىننەت بويۇمى سالاپەت ئۈچۈن دوپپا كەيسەك باشقىچە روھلىنىپ كىتىمىز
چۈشەنمىگەنلەر خۇددى قولىدا ئالتۇن تۇرسا چالمىنى تۇتۇپ ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ ئالتۇننى تاشلاپ چالما تۇتقاندەك ياكى ئالدىدا گۆھەر تۇرسا گۆھەرنى تاشلاپ ئالما تۇتقاندەك  دوپپا تاپالماي ئامالسىز يالاڭباش يۈرگەنلەرنى دوراپ يالاڭباش يۈرۈشنى دوپپا كىيىشتىن ئۈستۈن كۆرىدۇ توۋاھ

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80261
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:38:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇچىلاردا دۇپپا كىيىپ كىتۋاتقان ئۇيغۇرۇمنى كۆرگەندە بەك سۈيۈنۈپ كىتمەن````





مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4789
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4104 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:44:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانداق كېيىنسە گەپ يوقتۇ؟

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1868
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:07:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى ئۇقۇپ بەك  كۆڭلۈم بىرقىسما بولدى  ،زادىقانداق بۇلۇپ قېلۋاتىدۇ  ماۋۇ  زامان  ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى ئۇيغۇر كىيەلمىسە ..ئۇيغۇر دوپپاكەيسە نىمىگە زىيان بۇلىدىغاندۇ ..ئۇقۇغۇچىلار دوپپا كەيسە دەرىس ئوقماي قالامۇ .بۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئۇيغۇر مەدىنيىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق ،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەخلاقنى ئەخلاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12067
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5881
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:56:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان كىيىپ كىلىۋاتقان باش كىيىمى،ھەر قانداق كىشىنىڭ كەي ياكى كەيمە دەيدىغان ھوقۇقى يوق،گەپ ئۆزىمىزدە،يىقىندىن بىرى مەنمۇ دوپپامنى بىشىمدىن ئالماي كىيىۋاتىمەن ، دەسلەپتە كۆرگەنلە «مۇسبەت بولدىمۇ » دەپ سوراشتى ،كىيىن كونۇپ قالدىمۇ ،ئۆيدە دوپپامنى ئۇنتۇپ قالغان كۇنلىرى ھىلىقى يىقىنلىرىم «دوپپاڭ قىنى» دەيدىغان بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش كىيىم كىيىشنى چەكلەش تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قانۇنىدا شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادىتىگە تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتى، مىللى ئۆرىپ ئادەتنى كەمسىتىش جىنايىتى، شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش جىنايىتى... قاتارلىق بىر قانچە خىل جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىدىكەن.

گەپ قىلىشنى بىلم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3565
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6464
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:21:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپىنى تاشلىۋەتمەي، ئىزچىل تۈردە داۋاملىق كىيىپ يۈرگەن بولسا، دوپپىمۇ كىيىم-كىچەكنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تۈرىگە ئايلىناتتى-دە، ئۇچاغدا ھىچكىممۇ دوپپاڭنى كىيمە،دىيىشكە جۈرەت قىلالمايتتى...

بىر مەزگىل كىيمەي، ئۇزاق ۋاقىت تاشلىنىپ قىلىپ، ئەمدى قەدرى يىتىپ ئىسىگە ئالغاندا كىيسە خەققىمۇ غەلىتە كۆرىندىغان گەپ...بۇنى ھىچكىمدىن كۆرگىلى بولمايدۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~dana~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 12:21 PM  


بىراۋ سىنى ناھەق ئەيىبلىسە، ساڭا تىل تەككۈزسە سەن ئۇنىڭغا ئۆزى قىلغاننىڭ 10ھەسسىىچىلىك قايتۇرۇپ بەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەقچىلىققۇبۇ نەدىكى ئىشكەن ئۇ، ھەجەپ ئىچىم ئېچىشىۋاتىدا،دوپپا كەيمەي ، كاسايا كىيەمدىكەنمىز؟

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4604
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 552 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:35:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا، ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئۆز ئۆرىپ ئادىتىنى ساقلاش ھوقوقى بارغۇ، نىمە بوپ كەتتى بۇ زادى....................

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش