|
|
|
|
10 يىل ئاۋۋال ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئايروپىلان بىلەن سوقۇپ كۆمۈرۈۋېتىلگەندە، بىنانىڭ 96-قەۋىتىدە ئۇيغۇر قىزى گۆھەرمۇ بار ئىدى.
10 يىل ئاۋۋال ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھەر ئىرق، ھەر مىللەتتىن بولۇپ 3000 غا يېقىن بىگۇناھ ئىنسان مەزكۇر پەۋقۇلئاددە زور پاجىئەدە جان بەردى. بۇ پاجىئە ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن، بەزىلەرنى ھەمراھلىرىدىن، دوست -يارەنلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى. شۇ پاجىئەنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغانلار ئىچىدە ئەينى چاغدا نيۇيوركتىكى ئىككى دانە ئايروپىلان سوقۇلغان داڭلىق قوشماق بىنا-دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ 96-قەۋىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى گۆھەرمۇ بار ئىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى، كۆپ نەرسىلەر ئۆزگەردى، ئەمما گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدى ئۆزگەرمىدى. ئۇلار قىزىنى ھازىرمۇ «ھايات» دېگەن ئۈمىدتە، 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغان بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ھېكايىsi.دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىگەن ھەر بىر ئىنسانغا ئوخشاش، كۆڭلىگە ئاجايىپ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ئۆزبەكستانلىق 24 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيتمەمەت نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 96-قەۋىتىدە خىزمەتتە ئىدى، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر سائەت 9 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ بىناغا تېررورچىلار تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان ئىككى دانە ئايروپىلان ئارقا-ئارقىدىن سوقۇلدى. بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ بارلىق ئاخبارات مەنبەلىرىنى قاپلىدى، ئەلۋەتتە خەۋەرنى كۆرۈپ ئولتۇرغان گۆھەرنىڭ ئانىسى پەرىدە خانىمنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز ئاغدى، بەلكىم ئۇ ئارزۇلۇق قىزى، بالىلارنىڭ چوڭى گۆھەرنىڭ پاجىئەگە يولۇققانلىقىنىڭ بېشارىتى بولسا كېرەك.
مانا ھازىر گۆھەرنىڭ ئائىلىسى ئۆزبېكىستاندىكى ھاياتىنى، ئۆگەنگەن قورۇ-جايلىرىنى بارلىقىنى تاشلاپ قىزىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ، قالغان تۆت پەرزەنتىنى ئېلىپ ئائىلە بويىچە ئامېرىكىغا كەلدى.
ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى، ھەر يىلى 11-سېنتەبىر ئۇلار تېررور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قوشماق بىنا خارابىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىگە قاتنىشىدۇ، ئائىلىدە قۇرئان تىلاۋەتلەر قىلىپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ دۇئالار قىلىدۇ. ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى، كۆپ نەرسىلەر ئۆزگەردى، ئەمما ھازىرغا قەدەر پەرىدە ئانا باشقا قىزلىرىنى ئارىلاپلا «گۆھەر» دەپ چاقىرىپ سالىدۇ، ھەر ۋاق ئەتكەن تامىقىدىن ئىختىيارسىز ھالدا گۆھەر قىزىمغا دەپ ئېلىپ قويىدۇ....ئۇنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگەرمىدى.
ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئانىنىڭ، بالىلارنىڭ روھى يۆلىكى، ئانىلار بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە ئۇنىڭ يەلكىسىگە بېشىنى قويۇپ، بالىلار بولسا ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ قانغىچە يىغلىۋالىدۇ، ئېغىر كۈنلەردە ئاتىلار باشقىلارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ-يۇ، ئۆزى يۈرىكىدە يىغلايدۇ. چوڭ قىزى گۆھەردىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان سېيتمەمەت ئاكىمۇ ئەنە شۇنداق سەۋرچان جەسۇر بىر ئاتا، ئۇ بارلىق غەم-غۇسسىنى ئىچىگە يۇتقاچقىمىكىن، قىزى پاجىئەگە يولۇققان بۇ 10 يىل ئىچىدە، بىر قانچە ئون قېتىم دوختۇردا ياتتى، ئىككى قېتىم چوڭ ئاپىراتسىيىگە كىردى، سالامەتلىكى بۇ سەۋرچان ئاتا ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى ئېغىرچىلىق ھېسابلانمايدۇ، ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قىزىنى بىنادىن يۇلۇپ قۇتقۇزۇپ چىقىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى، پاجىئە يۈز بەرگەندە قىزىنىڭ قانداق قورقۇنچلۇق ئەھۋاللاردا قالغانلىقى ھەققىدىكى تۈگىمەس قىياسلىرى، قايتىلىنىدىغان ئېچىنىشلىق، قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر، گۆھەرنىڭ چىرقىراشلىرى، «دادا مېنى قۇتقۇزۇڭ!!!» دەپ ۋارقىراشلىرى.... بۇ قارا چۈش 10 يىل، ھەر كۈنى قانچە قېتىملاپ ئۇنىڭ مېڭىسىدە تەكرارلىنىدۇ.
3000غا يېقىن بىگۇناھ ئىنسان، 10 يىل ئاۋۋالقى تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، بۇ ھەر قىتئە، ھەر دۆلەت، ھەر مىللەت، ھەر دىن، ھەر ئىرقتىكى بىگۇناھ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆزبەكستانلىق ئۇيغۇر قىزى گۆھەر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيانى تىترەتكەن 11-سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئەسلىنىپ، خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ياش كەتكەن ھاياتنىڭ روھى ھېلىھەم ئارىمىزدا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 12:13 AM
|
|
|
|
|
|