بۇ ھاياتقا ئۈمىدلىك بېقىشلىرىڭ ئاجايىپ ، ئامەت كەلسە ھېجىيىپ كېتىشلىرىڭ ئاجايىپ ، ئەمەل تەگسە گىدىيپ كېتىشلىرىڭ ئاجايىپ ، خۇشامەت قىپ ‹‹چوڭام››غا يېقىشلىرىڭ ئاجايىپ ، ياۋاشلارغا مۇش-پەشۋا ئېتىشلىرىڭ ئاجايىپ .
قورساق سالدىڭ بىردەمدە ئەمەل شۇنداق يارىشىپ ، ئۆستى شۇندا ئابرويۇڭ ھەممە كۈلۈپ قارىشىپ ، قايتىپ كەلدى ئايالىڭ قالدىڭ ئەمدى يارىشىپ ، ئىزدەپ كەلدى ئاغىينەڭ بەز يىگەندەك مارىشىپ ، قىلىپ قولنى ئارقاڭغا، مېڭىشلىرىڭ ئاجايىپ .
ھاجەت چۈشسە بىراۋغا قوۋۋەتلەيسەن ، قوللايسەن ، يەتكۈچە سەن مەخسەتكە ، خۇشامەت قىپ گوللايسەن ، ئۆتىۋېلىپ كۆرۈكتىن ئاڭغا ئورا كولايسەن ، خۇي ئالغاچقا تۈلكىدىن دۇرۇس ئادەم بولمايسەن ، ئەتەڭ ئۈچۈن پۇختا ئۇل سېلىشلىرىڭ ئاجايىپ .
قۇرۇق كەلسە ھاجەتمەن رەت قىلمىغىن ۋارقىراپ ، بۇيرۇقۋازلىق قىلمىغىن بىزگە ئۇنداق كاركىراپ ، ھەققانىيەت يامغۇرى ياغار بىر كۈن شارقىراپ ، ئۆتنە ئالەم بۇ جاھان خوش بوپكەتمىگىن ئالدىراپ ، ھوقۇقىڭنى پەش قىلىپ كېتىشلىرىڭ ئاجايىپ .
ئەل قىساسى مىنەلھەق ، توغرا دېگەن بوۋىلار ،
ساڭا ئوخشاش ھايۋاننى كۆپ ئۇچراتقان كونىلار ، كۈندە ئەمەس كۈنىدە سۇنۇپ كېتەر كوزىلار ، ھامان چىقار بېشىغا ساڭا ئوخشاش نوچىلار ، جان تالىشىپ پۇت ئېتىپ يېتىشلىرىڭ ئاجايىپ .
كېلىپ بىر كۈن ئەگەردە موللاق ئاتساڭ تۆۋەنگە، ئايرىلىسەن ھەممىدىن پۇلۇڭ قالماس كېپەنگە ، چوقۇم ھېساب بېرىسەن ئايرىماستىن يېگەنگە ، كۆنمىگەنتىڭ ئاشۇ چاغ ئەل- جامائەت دېگەنگە ، قىلىپ شۇندا پۇشايمان ، ئۆلۈشلىرىڭ ئاجايىپ .
مۇنبەردىكى بەزى تورداشلارغا
ژورناللاردىن كۆچۈرۈپ ، مۇنبەرلەرگە يوللايسەن ، ئاندا - مۇندا ئۆزگەرتىپ ، سەن ئاۋامنى گوللايسەن ، تولا سەندە پەتىۋا ، يا ئۇلاردىن قورقمايسەن ، نەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي ، ئۆز ناخشاڭنى توۋلايسەن ، شائىر مەن دەپ ئۆزۈڭنى يۈرۈشلىرىڭ ئاجايىپ .
ئاق - قارىنى ئايرىماي ، يېىزپ كەتتڭ قەسىدە ، ياكى ھېچبىر ھارمىدىڭ ، ئاڭا توۋلاپ مەدھيە، خەلقىم ھاردى ئاخىرى ساڭا بېرىپ رەدىيە ، ئىسىت دەيدۇ ھالىڭغا ، يىراق يەردە كەمىنە ، ئۆز ئۆزۈڭچە ماختىنىپ كۈلۈشلىرىڭ ئاجايىپ .
تايىنى يوق يازماڭنىڭ ، ياراتمايسەن باشقىنى ، ئېچىپ بىراۋ ئەيىبىنى ئۇستا قوشاق قاتقىلى ، تەڭ كېلەلمەي ئاخىرى تەييار پەشۋا ئاتقىلى ، يا بولمىسا مۇنبەردە ئوچۇق سوتنى ئاچقىلى ، تېما تاشلاپ ئاخىرى قېچىشلىرىڭ ئاجايىپ .
يازما يازساڭ تۈزۈك ياز ، بىرىنچى بوپ ئوقۇيمەن ، قوللاپ سېنى قوۋۋەتلەپ ، شېئىر قوشاق توقۇيمەن ، ئېزىپ كەتسەڭ ئەگەردە پىشانەڭگە نوقۇيمەن ، يازساڭ ئاقنى قارا دەپ ، مەن كۆزۈڭنى چوقۇيمەن ، قاملاشتۇرۇپ يازالماي تىللاشلىرىڭ ئاجايىپ .
مەنبە : ئاخسا يىگىت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-18 11:14 AM
|