مەبلەغ سېلىشقا ئەڭ ماھىر ۋېنجۇ سودىگەرلىرى
بۈگۈنكى كۈندە ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە دۇنياۋىي نەزىرى ئەڭ ئۆتكۈر، سودا ئېڭى ئەڭ كۈچلۈك، مەبلەغ سېلىشقا ئەڭ مەھىر كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ۋېنجۇلۇقلار بوران-چاپقۇن ئىچىدە ئاچقان مەبلەغ سېلىش يولى كۈنسايىن پىشىپ يېتىلمەكتە. ئۇلار «بىرىنچى تۇتام پۇل»نى تاپقاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر بولغان بازار سەزگۈسى ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشتەك ئەقىل پاراسىتى بىلەن «يوقلۇقتىن بارلىقنى روياپقا چىقىرىش»تىن ئىبارەت سودا ساھەسىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى.
جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ۋېنجۇ كاپىتالى شەكسىزكى ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. «جۇڭگودىكى يەھۇدىيلار» دەپ ئاتالغان ۋېنجۇلۇقلار بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، تۇغما بايقاش ئىقتىدارى ۋە ئەقىل پاراسىتىدىن باشقا، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى ئەمەلىيەتتە بازار ئىگىلىكىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇشتىن كەلگەن.
شۇ سەۋەبتىن ۋېنجۇ سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتىكى مۆجىزىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يارىتالىدى ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئەڭ ماھىر كىشىلەرگە ئايلىنالىدى.
1. ۋېنجۇ سودىگەرلىرى تاپقان «بىرىنچى تۇتام پۇل»
1999-يىلدىن ئىلگىرى، ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ياساش كەسپىدىن ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى تۇتام پۇلىنى تاپتى، ئومۇمىي سوممىسى 200 مىلىيارد يۈەن ئەتراپىدا بولدى. شۇندىن ئېتىبارەن ۋېنجۇلۇقلار ئۆزىگە تەۋە مەبلەغ بار بولۇپ، سىرتقا كېڭىيىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. شۇنداقلا ئاشۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى پىلانلاشقا باشلىدى.
بىرىنچى: ئاز تېپىلىدىغان پۇرسەت
ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردا جان تىكىپ ئىشلەپ، ئازغىنا مائاش بىلەن ئارانمۇ ئاران تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا ۋېنجۇلۇقلار ئاللىقاچان ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىنى باشلاپ بولغانىدى. دەل ئاشۇ مەزگىللەردە مەيلى سىزنىڭ نېمە سودا قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنىڭلا پايدىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى دەل مۇشۇ تولىمۇ تەستە ئۇچرايدىغان پۇرسەتنى ھىڭ تۇتۇپ بىرىنچى سىقىم پۇلنى ئالىقىنىغا كىرگۈزدى.
ئۇ چاغلاردا، جۇڭگودا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالمايۋاتقان ئەھۋالدا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقراۋى كارخانىلار ناھايىتى زور پايدىغا ئېرىشەلەيتتى. بايقاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋېنجۇ سودىگەرلىرى پۇرسەتنى تونۇپ يەتتى ھەمدە بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى سىقىم پۇلىنى تاپتى.
بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كىچىك بىر چەرچىن مال دۇكىنى ئاچقان، بۇ دۇكان تەرەققىي قىلىپ توپ تارقىتىش ئورنىغا ئايلانغۇچە بولغان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە نەچچە يۈزمىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلىغان.بۇ دەل ئەينى دەۋردە مودا بولغان «ئاتوم بومبىسى ياسىغاندىن تۇخۇم ساتقان ياخشى» دېگەن بىر جۈملە سۆزنىڭ ئىسپاتى.
ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنجۇدا ھەر خىل كىچىك زاۋۇتلار خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ۋېنجۇلۇقلار ئاشۇ چاغدا بىرىنچى تۇتام پۇلنى تاپقان. بىر ئادەتتىكى ۋېنجۇلۇق ئەسلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئەمما، ئوقۇتقۇچىلىق قىلماي ئەكسچە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىر قانچە دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ تېرە زاۋۇتى قۇرغان. ۋېنجۇدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ كۆلىمى پەقەتلا بىر قانچە يۈز كۋادرات مېتىر بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدىكى كۈندىلىك پايدىسى نەچچە تۈمەنگە يەتكەن.
لى جىڭدۇڭ تېگى-تەكتىدىن ۋېنجۇلۇق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى دەل ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كەلگەن، كاللىسى ئۆتكۈر لى جىڭدۇڭ بۇنىڭ بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ ھەر قايسى تەرەپتىكى بازارلارغا نەزەر سېلىش ئارقىلىق بايلىقنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇقنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، ئەمما بالىلارنىڭ ئىچىدە ئويۇنچۇققا قىزىقمايدىغانلىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇ سودا پۇرسىتىنى بايقىغاندىن كېيىن، لى جىڭدۇڭ سىرتتىن بىر تۈركۈم ئەرزان باھالىق ئويۇنچۇقلارنى كىرگۈزگەن، نەتىجىدە ئىشىك ئالدىغا ئاچقان يايمىسىدا ساتقاندا ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىگەن. لى جىڭدۇڭ بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، زور تۈركۈمدە مال كىرگۈزگەن، پۇرسەت شۇنچىلىك ئېسىلكى، تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالمىغانلىقتىقن قانداقلا ئويۇنچۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىگەن، ھەتتا بەزى كىچىك يايمىچىلار ئۇنىڭدىن مالنى توپ تارقىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان.
لى جىڭدۇڭ باشقا رايونلاردىكى بىر قانچە ئويۇنچۇق زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن مال كىرگۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئويۇنچۇقلار توختىماستىن ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرگۈزۈلۈپ، يەنە توختىماستىن ئىستېمالچىلار ۋە باشقا يايمىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن.
لى جىڭدۇڭنىڭ ئويۇنچۇق يايمىسى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، كېيىنچە چوڭ تىپتىكى ئويۇنچۇق توپ تارقىتىش بازىرىغا ئايلانغۇچە بولغان مەزگىلدە ئۇنىڭ بايلىقىمۇ قار پومزىكى شەكلىدە دومىلىغانسېرى كۆپىيىپ بارغان.
كاڭنەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى جېڭ شيۇكاڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى تونۇپ يېتىپ، «دېڭىزغا چۈشۈپ» تېرە-خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. دەسلىپىدە ئۇنىڭ مەبلىغى بولمىغانلىقتىن ئۆزىنىڭ قول سائىتى، ۋېلسىپىتى ھەتتا خوتۇنىنىڭ قىز مېلىنىمۇ سېتىپ مەبلەغ جۇغلىغان، بۇ مەبلەغمۇ يېتىشمىگەندە، بىر بوۋايدىن ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان پۇللىرىنى يۈزىنى قېلىن قىلىپ ئارىيەت ئالغان.
بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ بۇنداق پۇرسەتنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغانلىقىغا ۋە ئۆزىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەنلىكىدىن كەلگەن.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جېڭ شيۇكاڭ پۇرسەتنى تۇتالىدى، شۇنداقلا بايلىقنقمۇ تۇتۇۋالدى. كاڭنەي گۇرۇھى ھازىر ۋېنجۇ ئاياغچىلىق ساھەسىدىكى ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى، ھەمدە ۋېنجۇ ئاياغلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان،سۈپىتى ناچار بولۇشتەك ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۆلەت ئىچىدىكى ئاياغچىلىق باشلامچى كارخانىسىغا ئايلاندى.
مانا بۇ ۋېنجۇلۇقلار، نەگىلا بارمىسۇن پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇلار دەل ئىنتايىن تەستە تېپىلىدىغان بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغانلىقى سەۋەبلىك كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋە بايلىققا ئېرىشەلىدى.
ئىككىنچى: قەدەمنى ياساش كەسپىدىن ئېلىش
ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ تاپقان بىرىنچى تۇتام پۇلىنى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان «تەمىنلەش چوڭ قوشۇنى»دىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، چۈنكى سىرتقى رايونلاردىن كەلگەن پارچە-پارچە زاكاز توختاملىرى ۋېنجۇ رايونىدىكى ياساش كەسپىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپى باشلىنىش مەزگىلىدە سۇلياۋ پىششىقلاپ ئىشلەش، مەتبەئە باسمىچىلىقى قاتارلىق تېخنىكا تەلىپى تۆۋەن ئەنئەنىۋى كەسپلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپى بازىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنى تاڭ قالدۇرغان.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئويلاشقا ۋە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق؛ ئۇلارغا نىسبەتەن سېمونت ياساش بىلەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. شۇڭا تەۋەككۈلچى ۋېنجۇ سودىگەرلىرى داغدۇغا بىلەن چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.
دەسلىپىدە ئۇلار تۈگمە، ئاددىي كىيىم-كېچەكلەر، بەش خىل مېتال دېگەندەك ئاددىي، تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنىلا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، مەزكۇر رايوننىڭلا ئېتىياجىنى قاندۇراتتى. گەرچە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ۋېنجۇلۇقلارغا يەنىلا زور پايدا ئېلىپ كەلدى.
چۈنكى دەل مۇشۇنداق ئاددىي ھەم تۆۋەن باھالىق تاۋارلار ئارقىلىق دەسلەپكى مەبلەغنىڭ جۇغلىنىشى بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك تاۋارلارنى ئىشلەپچىقارغىلى شۇ تېخىمۇ كۆپ بايلىق جۇغلانمىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتى.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ۋېنجۇ سودا ئارقىلىق سانائەتنى يېتەكلەش ئەندىزىسىدە بۇرۇلۇش ياساپ، ياساش كەسپىنى زورايتىشقا باشلىدى، سودا كەسپى ئەمدىلىكتە ياساش كەسپىگە بېقىنىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ۋېنجۇدا نېمە ئىشلەپچىقىرىلسا، ۋېنجۇ سودىگەرلىرى سىرتتا شۇنى ساتتى. ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپى تەرەققىياتنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى.
بۇ ۋاقىتتىكى ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپىدە ئىنتايىن زور گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. ۋېنجۇنىڭ ياساش سانائىتى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەملىكەت بازىرىغا يۈرۈش قىلدى؛ ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپى ئەمدىلىكتە ئاددىيلا تۈگمە ئىشلەپچىقىرىدىغان كەسپ ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئۇلار يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى تېخنىكىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى باشلىغانىدى.
دۆلەتنىڭ بىر قانچە تەرتىپكە سېلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋېنجۇنىڭ ياساش كەسپى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە كىردى، ئېلىكتىر سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، چاقماق قاتارلىق كەسپلەر كۆلەملىك ئىقتىسادنى شەكىللەندۈردى، ئائىلىۋى ئىگىلىكتىن تەدرىجىي ھالدا چوڭ كارخانا گۇرۇھىغا تەرەققىي قىلدى، پۇقراۋى داڭلىق ماركىلارمۇ ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋېنجۇلۇقلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان سودا تورى ئۆز ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغانىدى. غەربىي قىسىمدىكى شەھەرلەردە، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ دۇكىنى بارلىكى جايلار باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ يانچۇقى دەل مۇشۇنداق كۆزگە چېلىقمايدىغان شەكىل ئارقىلىق تومپىيىپ چىققان ئىدى. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ھەر يىلى سىرتتىن ۋېنجۇغا پېرىۋوت قىلنغان مەبلەغ 10مىلىيارد يۈەنگە يەتكەن.
ۋېنجۇ ياساش كەسپى بۇ چاغلاردا ۋېنجۇلۇقلارغا زور بايلىق توپلاپ بېرىشكە باشلىدى، ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئاخىرى باشقا كەسپلەرگە يۆتكىلىپ، ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى!
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى مانا مۇشۇنداق ئىشنى ياساش كەسپىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى تۇتام پۇلىنى ئالىقىنىغا ئالدى.
ئۈچىنچى:كىچىك تىجارەت، بىر پۇڭ تاپىسىمۇ ھېساب
ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىشنىڭ تۇنجى شامىلى تۇنجى شامىلى يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ۋېنجۇلۇقلار ئۇنى ئاۋۋال ھېس قىلىپ يەتتى ۋە كەينى كەينىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا بىلىمى كەمچىل ۋېنجۇلۇقلار ئەڭ جاپالىق،ئەڭ ئېغىر ئىشلارنى قىلدى، پاختا ئېتىش، ئاياغ ياماش، ساتىراشلىق، يايمىچىلىق دېگەندەك باشقا جايدىكى نۇرغۇن كىشلەر قىلىشنى خالىمايدىغان كىچىك تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋېنجۇلۇقلار قىلىشقا رازى بولدى،بىر پۇڭ تاپسىمۇ ھېساب،بۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بىرىنچى تۇتام پۇلنى تېپىشتىكى مەخپىيىتى.
ۋېنجۇلۇقلار «كاپىتالىزمنىڭ قۇيرۇقى كېسىلىدىغان» مەزگىللەردە «ئوغرىلىقچە» سودا نىلەن شۇغۇللىناتتى. گەرچە تېخنىكا تەركىبى يوق ئۇششاق تىجارەتلەر بولسىمۇ، ئەمما دەل مۇشۇ خىل
چېنىقىش ئۇلارغا ھاياتنىڭ ئاچچىق چۈچۈكلىرىنى تېتىتتى، ھەمدە ئۇلارنى بىرىنچى تۇتام پۇلغا ۋە ئاساسىي تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە قىلدى.
ئىسپانىيىدىكى ۋېنجۇلۇق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شىنيۈ «ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا، ئىشنى كىچىكتىن باشلاش كېرەك، باشلىنىشتىلا چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىش مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ. ۋېنجۇلۇقلار بۇ مىزاننى سودىغا تەدبىقلاپ مۇنداق دەيدۇ:مەقسەتنىڭ پايدىلا بولۇشى توغرا ئەمەس، پايدىنى ئازراق ئېلىشنى مەقسەت قىلىش ئۇزاققىچە پايدا يارىتىشنىڭ توغرا يولى.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە سودا قىلىشتىكى مەقسەت پۇل تېپىش، بىر پۇڭ تاپسىمۇ پۇل تاپقانغا ھېساب،كىچىك تىجارەت،چوڭ بازار، پەقەت بازار چوڭ بولسىلا نەچچە سىنت پايدا ئېلىش ئارقىلىقمۇ باي بولغىلى بولىدۇ.
ئەڭ بۇرۇن تۈگمە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان يې شاۋلىن، يې شاۋچىڭ ئاكا-ئۇكىلار
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ۋېنجۇدىكى چياۋتۇ بازىرىدا سىناپ بېقىش مەقسىتىدە تۈگمە ساتقاندا بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا 400 يۈەنلىك تۈگمىنىنىڭ سېتىلىپ تۈگەپ يايمىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. بۇ ئۇلارنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ باردى.
نەتىجىدە چياۋتۇ بازىرىدىكى نۇرغۇن كىشى ئارقا ئارقىدىن تۈگمە تىجارىتىگە كىرىشىپ كەتتى، تۈگمە چياۋتۇ بازىرىدىكى توپ تارقىتىشش بازىرىدا تەدرىجىىيب ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى.1981-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۈگمە يايمىسى 100دىن ئېشىپ كەتتى. 1983-يىلى 2-ئايدا تۈگمە بازىرى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشىپ يىراق يېقىنغا تونۇلغان تۈگمە سودىسى مەركىزىگە ئايلاندى، ھەتتا شياڭگاڭدىكى «ۋېنخۇي» گېزىتىدە بۇبازار «شەرقتىكى بىرىنچى تۈگمە بازىرى» دەپ تەرىپلەندى.
نەنجىڭلىق يوۋفېڭيىڭ ۋېنجۇدا سودا قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان چېغىدا، ۋېنجۇ جىنتەي بازىرىدىكى بىر خوجايىنغا «ياللىنىپ» يېرىم كۈن ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئۇ خوجايىننىڭ نەچچە مىڭ يۈەنلىك توپ سودىنى قىلىپلا قالماستىن يەنە نەچچە يۈەنلىك ئۇششاق تىجارەتنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى، تېخى باھاسىنىڭمۇ توپ باھاسى بويىچە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. خوجايىننىڭ قارىشىچە تىجارەت كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا پۇل تاپقلى بولىدۇ، بۇ پۇل تاپمىغاندىن ياخشى.
يوۋفېڭيىڭ خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: مەنمۇ ئىلگىرى ئۇششاق تاۋارلارنى توپ سېتىش تىجارىتى قىلاتتىم، چوڭ خېرىدارلارغا نىسبەتەن تولىمۇ قىزغىن، ئەمما ئاشۇ بىر ياكى بىر قانچە تال نەرسە سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارغا پەرۋامۇ قىلمايتتىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن مىڭبىر جاپا بىلەن شۇنچە يىراقتى مال كىرگۈزۈپ ئەرزان باھادا بىر ئىككى تالدىن ساتسام پەقەتلا ئەرزىمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ھازىر كاللامدىن ئۆتتى، چوڭ سودا ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك سودىدىن تەركىب تاپقانىكەن. چوڭ سودىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىن كۆرە ھەر بىر كىچىك سودىنى ياخشى قىلغان ئەۋزەل ئىكەن.
بىر پۇڭ تاپسىمۇ ھېساب. بۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بىرىنچى تۇتام پۇلنى تېپىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب. خۇددى شياڭگاڭ گۇگۇخۇي مودا كىيىم چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن ۋېيشيۇڭ ئېيىتقاندەك «بىزنىڭ تەتقىق قىلماقچى بولغىنىمىز نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇلارلا ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇىدىغان چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقى.»
تۈگمە، بەلگە، ئىزناك، تاۋار ماركىسى، باسما بۇيۇملىرى، ئۇششاق زىننەت بۇيۇملىرى، كىچىك ئويۇنچۇق…باشقىلارنىڭ نەزەرىدە پۇل تاپقىلى بولمايدىغان ئۇششاق تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋېنجۇلۇقلار، قىلغاندىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى غايەت چوڭ بازارنى شەكىللەندۈردى. يۆچىڭليۇ شەھرىدىكى بەش خىل مېتال ئېلىكتىر سايمانلىرى بازىرى، يۇڭجيا كۆۈرۈك بېشىدىكى تۈگمە بازىرى، ساڭنەنجىن بازىرىدىكى ئۇششاق تاۋارلار بازىرى قاتارلىقلار ۋېنجۇنىڭ بايلىق ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ نەزىرىدە كەسپ ئالىي، پەس دەپ ئايرىلمايدۇ، تىجارەتنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق. تاما-تاما كۆل بولار دېگەندەك، پايدا ئاز-ئازدىن جۇغلىنىپ ئاخىرىدا غايەت زور بايلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ۋېنجۇ توغرىلىق مۇنداق خاتىرىلەر ساقلانغان: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ئىچكىرى رايونلاردىكى بەزى كىچىك كوچىلاردا ھەمىشە «بىژ-بىژ-بىژ» قىلىپ پاختا ئېتىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ؛ موزدۇخانىلاردا «تاڭ-تاڭ-تاڭ» قىلىپ ئاياغ مىخلاۋاتقان ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ ساتىراشخانىلارنىڭ دېرىزىسىگە ھەر خىل مودا چاچ پاسونلىرىنىڭ رەسىمى چاپلانغان بولۇپ،ياش قىز-يىگىتلەر جەنۇبىي جېجياڭ (ۋېنجۇ) تەلەپپۇزىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئورتاق تىلدا سىزنى ئىچىگە كىرىپ چاچ ياسىتىشقا تەكلىپ قىلماقتا.
ئۇ ۋاقىتلاردا پاختا ئېتىش، موزدۇزلۇق قىلىش ياكى ساتىراشخانا ئېچىش قاتارلىقلار ھەممىسىلا ئۇششاق تىجارەتلەرنىڭ ھەر قاندىقى ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.
ھالبۇكى، بىر پۇڭ تاپسىمۇ پايدا دەپ ھېسابلايدىغان ۋېنجۇ سودىگەرلىرى 20 يىلدىن كېيىنكى كۈندە قول سانائەت ئىشخانىسى دەۋرىدىن ھالقىپ چىقتى، ئۇششاق تىجارەت ئارقىلىق ياراتقان نەتىجىسى جۇڭگولۇقلارنى ھەتتا دۇنيا ئەھلىنى تاڭ قالدۇردى.