يەتتە خىل ئاغرىقنى دەرھال داۋالىتىش لازىم
1. باش ئاغرىش
قانداق باش ئاغرىقى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كېسەلنىڭ سەۋەبى بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم. زۇكام دىماغ مەنبەلىك باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ، مېڭىگە قان قۇيۇلۇش ياكى مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلارمۇ باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ياشانغانلار تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى، تېببىي ئىلىم دوكتورى شارون براتمان مۇنداق دېگەن: بىر ئادەمنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىغاندا مېڭە قىزىل قان تومۇرى ئۆسمىسىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا دەرھال داۋالىتىش لازىم.
2. كۆكرەك، كېكىردەك، ئېغىز، مۈرە، بىلەك ياكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش تىپىك ئالامىتىگە دىققەت قىلغاندا، پەقەت قاتتىق ئاغرىشقىلا ئەمەس، بىتاب بولۇپ قىلىشقىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى، تېببىي ئىلىم دوكتورى جىروم كوئىن مۇنداق تەكىتلىگەن: يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ مەيدىسىدە بىر بېسىم بولۇپ، خۇددى بىر پىل دەسسەپ تۇرغانغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن بىتاب بولۇش يەنە كۆكرەك، كېكىردەك، ئېغىز، سول مۈرە، بىلەك ياكى قورساق قىسمى بىتاب بولۇشتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
3. دۈمبىنىڭ ئاستىنقى قىسمى ياكى تاغاق سۆڭىكى ئارىلىقى قاتتىق ئاغرىش ياشانغانلار تېببىي ئىلىم مۇدىرى، پىروفېسسور براخمان مۇنداق دېگەن: «كۆپ ئەھۋالدا بۇ بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىن ياكى قورساق قىسمىدىكى پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
4. قورساق قىسىم قاتتىق ئاغرىش بىرىنچىدىن، سازاڭسىمان ئۆسۈكچىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ئۆت خالتىسى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى مەسىلىسى، ئاشقازان يارىسى ھەم ئۈچەي يوللىرىنىڭ توسۇلۇشى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
5. پاقالچاق قاتتىق ئاغرىش بىر خىل خەۋپنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ چوڭقۇر ستاتىك ئارتېرىيەلەردە قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش. ئامېرىكىدا ھەر يىلى 2 مىليون ئادەم مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ خەتىرى قان نۆكچىسى تۆكۈلۈش بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيەسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتېماللىقىنىڭ چوڭلۇقىدا. جۈملىدىن راك كېسىلى، سەمرىپ كېتىش، ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەت قىلماسلىق، ئۇزۇن سەپەر قىلىش، ھامىلىدارلىق ھەم ياشىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ پاقالچاق قاتتىق ئاغرىشى مۇمكىن.
6. ئاياغ قىزىپ كۆيۈشۈپ ئاغرىش
ئامېرىكا قەنت كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 02 مىليون قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە دىياگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۆزىنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، ئەتراپ نېرۋىسىدىكى پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئەڭ بۇرۇنقى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىنكەن. شارون بىراتمان مۇنداق دېدى: «ئاياغ قىزىپ كۆيۈشۈپ ئاغرىش سېزىمى ياكى يىڭنە سانجىغاندەك سېزىم بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ نېرۋىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
7. چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قاتتىق ئاغرىش نېرۋا كېسىلى دوختۇرى، مېدىتسىنا ئىلمى دوكتورى توماس ۋاس مۇنداق دېگەن: بەدەننىڭ سىرقىراپ قاتتىق ئاغرىشى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بارلاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا بەزىدە باش، بەزىدە پۇت - قوللار قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئاغرىش بەزىدە ئۇنىۋېرسال بولىدۇ. بىراق بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا چوڭ مېڭىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىدا پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن !
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-18 12:29 AM
|