مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 57162|ئىنكاس: 369

جانغا زامىن قىسقا ئۇچۇر (قورقۇنۇچلۇق)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80086
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جانغا زامىن قىسقا ئۇچۇر


ئا.قويچى

1. ئەسەر مەزمۇنى قورقۇنچلۇق بولۇپ قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە باشقا ئۇقۇشقا ماس كەلمەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇقىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز ، كىچىدە يالغۇز ئۇقۇشقا ھەرگىز بولمەيدۇ،يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئاپتۇر مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.
2.ئەسەر ھوقوقى ئاپتۇرغا ۋە مىسرانىم تورىغا تەۋە ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆچۇرۇپ تاقىتىشىغا قەددى رۇخسەت قىلىنمايدۇ.


0

ئەسكەرتىش:ھىكايىنىڭ مەزمۇنى بىرئاز قورقۇنۇشلۇق ،قۇرامىغا يەتمىگەنلار ،يۈرەك كىسىلى بارلار،ئىغىرئاياغ ئاياللار نىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدۇ،ئۇقۇپ كىلىپ چىققان ئاقاۋەتكە ئاپتۇر مەسئۇل بولمايدۇ!

1

دۇنيادا جىن – ئالۋاستى بارمۇ يوق؟ ئەگەر بولسا ئۇلار ئادەملەرگە كۆرنەمدۇ؟ياكى ئۇلار ئادەملەرنى كۆرەلەمدۇ؟ ئادەملەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۇزەلەمدۇ؟جىنلار ئنىسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمۇ؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسڭىز بۇ ھىكايىگە قۇلاق سىلىڭ.

                                                      2                                                      

تۇرسۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا بۇنچە ئاسان خىزمەت تاپالىشىنى چۇشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

تۇرسۇن ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتھانىدىن ئۆتۇپ ناھىيەلىك بىرىنجى ئوتتىرامەكتەپكە تەقسىم قىلىندى.

ئۇ خىزمەت ئورنىدىن ناھايىتى رازى ئىدى.بىرلا يىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىسىدا  يۇزيىللارچە تارىخقا ئىگە كونا قەۋرىستانلىق بار ئىدى.

تەتىل باشلىنىپ ئوقوغۇچىلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.ئۇقۇتۇش ئەسلەھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىگى ئۇچۇن  ئوقۇتقۇچىلار كەچلىرى مەكتەپتە قونۇپ نۆۋەتچىلىك قىلاتتى.

بۇگۇن تۇرسۇنغا مەكتەپنىڭ نۆۋەتچىلىكى كەلدى.تۇرسۇن كەچتە سائەت 11 دىن ئاشقاندا مەكتەپكە يىتىپ كەلدى،مەكتەپ ئىچى ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ،پەقەت مەكتەپ دەرۋازىسىغا چاپلاپ سىلىنغان  قاراۋۇللۇق ئشخانىسىنىڭ دەرىزىسىدىن ئاجىز شام نۇرى ئەتراپقا ئازراق        يۇرۇقلۇق تاشلاپ تۇراتتى.

ھوي...ھاشىمكا ...دەپ توۋلىدى،تۇرسۇن. قاراۋۇللۇق ئشخانىسىدا مۇگدەپ ئۇلتۇرغان 70    ياشلار ئەتراپىدىكى مەكتەپنىڭ ئىشچىسىى ھاشىم ئاخۇن چاپاق بىسىپ ياشاڭغۇراپ تۇرىدىغان ،لازا قۇيغاندەكلا قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئاستا ئىچىپ ،بىر قولىدا شام، بىر قولىدا ئاچقۇچنى  تۇتقىنىچە ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ ئاستا چىقىپ دارۋازىنى ئاچتى.مايسىراپ كەتكەن دارۋازا    ئاجايىپ سەت  غىچىرلاپ ئىچىلدى.دەرۋازىنىڭ ئىچىلىشىدىن چىققان ئاۋاز ئۇدۇل ئۇقۇتۇش        بىناسىدىن ئۆتۇپ ئەكىس سادا قايتۇرۇپ ئاندىن قەۋرىستانلىقلار ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى.

-يەنە توك يوقمۇ ھاشىمكا؟دەپ سورىدى تۇرسۇن دۋازىنى تاقىغاچ.

-ياق ،ئۇكام بۇ ئەتراپنىڭ توك لىنىيەسى تىخىچە رەتلىنىۋاتىدۇ.

-ھە،بولدى ھاشىمكا سىلە ئۇخلا ۋەرسىلە ،مەن مەكتەپنىڭ ئىچىنى بىر چارلاپ چىقاي.دىدى تۇرسۇن مىڭىشقا تەمشىلىپ.

ئۇكام توختەڭە.

-نىمە ؟

-ئەگەر ھاجەت قىلماقچى بولسىڭىز ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىرمەي ،ئاياللارنىڭكىگە كىرىڭ .

-نىمىشقا ئەمدى؟چوپ-چوڭلا بىر ئەركەك تۇرۇپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرسەم خەق مىنى    نىمە دەيدۇ؟دىدى ،تۇرسۇن ئەجەپلىنىپ.

-ھىچ نىمە دىمديدۇ ئۇكام بۇيەردە سىزدىن باشقا  ھەممە ئادەم كەچلىرى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىدۇ.ئەرلەر ھاجەتخانىسى مازارغا تۇتاش ،ھىچكىم كىچىسى ئۇيەرگە بارالمايدۇ.بۇ مازارلىق  تىنچ يەر ئەمەس ئۇكام ھەرھالدا دىقەت قىلىڭ .

- قورققىدەك نىمىسى بار ؟چوپ-چوڭ بىر ئەركەك قورقتۇم دەپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ  يۇرسە ھە؟ مانا مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىرىپ كۆرىمەن ،بولسا بىر ئككى جىن ياكى ئەرۋاھ      تۇتۇپ مەكتەپكە گۇزەتچى قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ باقىدىغان ھاششاردىن بىر قۇتقۇزي.خا...خا...

-ھوي بالام ،ئۇنداق دىمە دەيمەن.دىدى ھاشىم ئاخۇن  تۇرسۇننىڭ سۆزلىرىدىن چۆچۈپ.      تۇرسۇن پىسەنت قىلماستىن ئۇدۇل مەكتەپنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى ھاجەتخانىغا قاراپ ماڭدى.

ھاشىم ئاخۇن ياقىسىنى تۇتقىنىچە ئۆز-ئۆزىگە توۋا-توۋا ئيىتىپ قاراۋۇللۇق ئشخانىسىغا كىرىپ  كەتتى.

ھاجەتخانا چوڭ ئككى تۇپ قاپاق تېرەك ئاسىدىكى تار بوشلۇققا سىلىنغان بولۇپ ،بۇك-باراقسان دەرەخ شاخلىرى قاپقارڭغۇ سايە تاشلاپ تۇراتتى. تۇرسۇن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ھاجەتخانىنىڭ     ئىشكىنى توسىۋالغان  دەرەخ  شاخلىرىنى قايرىپ ئىچىپ  ئىچكىرگە كىردى.ئەمما كىرىپلا تىنى شۈركۈنۈپ كەتتى.

ھاجەتخانا تورىسىىنىڭ تۆت  بۇلىڭىدا تۆت چوڭ چار ئۆمۇچۇك ساڭگىلىشىپ تۇراتتى. تۇرسۇن    ئۆمرىدە بەقەت بىر ئۆمۇچىتىن قورقاتتى.

تۇرسۇن چەتتىكى بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى.قەۋرىستانلىقتىن ئاللىقانداق بىر ئاۋازلار ئاڭلانغىلى تۇردى.تۇرسۇن ئورنىدىن تۇرۇپ چاقماقنى ياقتىدە ھاجەتخانىنىڭ قەۋرىستانلىققا قارىتىپ ئىچىلغان دىرىزىسىدىن قەۋرىستانلىققا قارىدى.شامال قەۋرىلەر ئارسىدىكى يۇپۇرماقلارنى ئۇياقىن-بۇياققا  ئۇچۇرۇپ ئوينىماقتا ئىدى.تۇيۇقسىز قەۋرىستانلىقتا قىزىل پەلتۇكىيىپ قارا ياغلىق ئارتقان ،قارا كۆزئەينەك تاقىغان بىر ئايال پەيدا بولدى.

بۇكىچىدە قەۋرىستانلىقتا بۇ ئايالغا نىمە بار ؟دىدى تۇرسۇن ئۆز-ئۆزىگە.ئايال تۇرسۇندىن    50مىتىرلارچە يىراقلىقتا بىر شام گۆر ئالدىدا دۇئا قىلىۋاتاتتى.

تۇيۇقسىز تۇرسۇننىڭ تېلفۇنى تىتىرەپ ئۇچۇر كەلگىنىدىن خەۋەر بەردى.تۇرسۇن تېلفۇنغا قاراپ ئۇچۇرنى ئوقىدى.ئۇچۇر مۇنداق يىزىلىغانتى:

‹تۇرسۇن سەن 10مىنۇت ئىچىدە بىنادىن سەكرەپ ئۆلىسەن .›

تۇرسۇن بىرەر دوستۇم چاقچاق قىلغان چىغى دەپ ئويلاپ ئۇچۇر قايتۇرۇش ئۇچۇن ئۇچۇر قىلغۇچڭنىڭ نۇمرىغا قارىدى.نۇمۇرنى كۆرۇپلا چۇچۇپ كەتتى.ئۇچۇر قىلغۇچى باشقا بىرى بولماستىن  دەل ئۆزى ئىدى.ئۇچۇر يوللىغۇچى دىگەن يەردە دەل ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە نۇمۇرى تۇراتتى.

تۇرسۇن قورقۇنۇش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە تېلفۇننى يانجۇقىغا سىلىپ بىشىنى كۆتەردى.

-ئا...؟؟؟؟چۆچۇپ كەينگە بىر قەدەم داجىدى تۇرسۇن.چۇنكى بايىقى قىزىل پەلتۇلۇق ئايال دەرىزىگە يىقىنلا يەردە تۇرسۇنغا مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى.

-سىز مىنىڭ ئىرىمنىڭ سول پۇتىنى كۆردىڭىزمۇ؟ئايال تۇرسۇندىن سورىدى.

-ياق.مەن سىزنىڭ ئىرىڭىزنى تونىمايمەن .

-ياق سىز تونۇيسىز ئىرىمنىڭ ئىسمى تۇرسۇن ،ئەنە ئاۋۇ يەردە ياتىدۇ.دىدى ئايال يىرقتىكى مازارنى كۆرسۇتۇپ.تۇرسۇن قورقىننىدىن گەپ قىلالماي قىلىۋاتاتتى.

-ئىرىم بىريىل بۇرۇن بىنادىن سەكلەپ ئۆلىۋالغان ،بايا قارىسام ئۇنىڭ سول پۇتۇتى يوق تۇرىدۇ سىز ئالغان بولسىڭىز قايتۇرۇپ بىرىڭ .ئايال دەرىزىگە باغانچە يىقىنلاپ كەلدى.تۇرسۇن قۇرقۇپ يۇگۇرگىنىچە ھاجەتخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى ئىشخانىسغا كىردى.ئىشىكنى مەككەم تاقاپ  تامغا چاپلاپ قويۇلغان يىزىق ئۇستىلى ئۇستىگە چىقىپ ئولتۇردى.   دوستلىرىغا تېلفۇن قىلىپ پاراڭلاشماقچى،شۇ ئارقىلىق قەلبىدىكى قورقۇنۇشنى بىرئاز پەسەيتمەكچى بولۇپ تېلفۇنىنى چىقىرىپ قارىدى ،نىمىشقىدۇر تېلفۇندا ئازراقمۇ سىگنال يوقتى.تۇرسۇن تىخىمى ھەيران قالدى.كۆزى يەنە بىرقىتىم بايىقى قىسقا ئۇچۇرغا چۇشتى.

‹تۇرسۇن سەن 10مىنۇت ئىچىدە بىنادىن سەكرەپ ئۆلىسەن .›

دەل شۇچاغدا تامدىكى سائەت 12نى داڭ ئۇردى.تۇرسۇن چۇچۇپ سائەتكە قارىدى.

ئۇچۇر قوبۇل قىلىنىپ ھازىرغىچە 8مىنۇت ئۆتكەنتى.

-يەنە ئككى مىنۇت ئۆتسىلا بۇ ئۇچۇردىنمۇ قۇتىلىمەن،مەن نىمە دەپ بىنادىن سەكرەيمەن؟     ھەممىسى مومكىن بولمايدىغان ئىشلار.دىىدى تۇرسۇن  ئۆز-ئۆزىگە .تۇرسۇن ئۆزىنى قانچە ئەركىن تۇتۇشقا تېرىشسىمۇ لىكىن چىكىسىدىن توختىماي تەر ئىقىۋاتاتتى.

تۇيۇقسىز كارىدوردا ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن بىر ئايالنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.ئاۋاز بارغانچە يىقىنلىماقتا ئىدى.تۇرسۇن قورقۇپ تىتىرەشكە باشلىدى.ئايالنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئىشىك ئالدىدا توختىدى .دەل شۇ چاغدا ئىشىك چىكىلدى. بۇ چاغدا تۇرسۇن قورقۇپ ئىشتىنىغا  سىيۋەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.تۇرسۇن ئاستا بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

--سىز مىنىڭ ئىرىمنىڭ سول پۇتىنى كۆردىڭىزمۇ؟  تۇرسۇن قەۋرىستانلىقتا كۆرگەن بايىقى ئايال ئىشىك تۇۋىدە تۇرسۇنغا  تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

تۇرسۇن قاتتىق قورقىنىدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپلا قاچتى ،ۋە ۋاقىرغىنىچە ئۆزىنى دەرىزىدىن يەرگە ئاتتى.

3

رەيھان ئىشتىن چۇشۇشكە تەييارلىنىۋاتتى،تۇيۇقسىز تېلغۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى.رەيھان تېلفۇننى ئالدى.

-نىمە؟ ناھىيەلىك بىرىنجى ئوتتىرامەكتەپتە بىرسى بىنادىن سەكىرەپ ئۆلىۋاپتۇ؟ بولىدۇ، مانا ھازىرلا بارىمىز.رەيھان تېلفۇننى قويۇپلا رازۋىتكا پاشلىقى پەرھات بىلەن دىلو نەقمەيدانىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى.

رەيھان ناھيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى ئىدى. ئاي-كۇنى يىقىنلاپ قالغاچ ئەسلىدە بۇگۇندىن باشلاپ تۇغۇت دەم ئىلىشقا چىقاتتى.

دىلو مەيدانى ئاللىقاچان يىقىن ئارلىقىتىكى ساقچىخانا ساقچىللىرى تەرپىدىن بىر قۇر تەشكۇرۇلگەندى.پەرھات ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگەللەشكە كىرىشتى.

-دىلونى كىم مەلۇم قىلدى؟

-دەرۋازىۋەن بوۋاي.

-بىرەر گۇمانلىق يىپ ئۇچى بارمۇ؟

-بىز تىخى بايقىمىدۇق.

پەرھات جەسسەتنىڭ يىنىغا كىلىپ ئەتتراپنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۇزەتتى.بىردىنلا جەسسەتنىڭ قولى ئارسىدىكى تېلفۇننى كۆردى.پەرھات تېلفۇننى قولىغا ئىلىپ قىسقا ئۇچۇر قوبۇللاش ساندۇقىدىن تۇرسۇنغا يوللانغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرنى كۆردى.

‹تۇرسۇن سەن 10مىنۇت ئىچىدە بىنادىن سەكرەپ ئۆلىسەن .›  تۇرسۇن ھەيران بولدى ،ئۇچۇر دەل مۇشۇ تېلفۇندىن چىققان ۋە يەنە مۇشۇ تېلفۇن قوبۇللىغان.

-رەيھان ...جەسسەتنى تەكشۇرۇڭ ،ئۆلگەن ۋاقتى ئىنىقمۇ؟دەپ سورىدى پەرھات رەيھاندىن.

-تەخمىنەن 12:00بولىشى مومكىن .دىدى رەيھان جەسسەتنى تەكشۇرۇپ  كۆرۇپ.

-ئۇنداقتا ئەڭ موھىم يىپ ئۇچى دەل مۇشۇ قىسقا ئۇچۇر...دىدى پەرھات ئۆز-ئۆزىگە.چۇنكى ئۇچۇر 11:50دە يوللانغانتى.

-نىمە ئۇچۇر ؟قانداق ئۇچۇر ؟سورىدى رەيھان ھەيران بولۇپ.

-بولدى ،سىز سورىماڭ .ئۆيگە قايتىپ دەم ئىلىڭ .دىدى پەرھات كۇلۇپ تۇرۇپ.

پەرى ئۆيگە كەلگەندى سائەت ئاللىقاچان 4بولغانتى.يولدىشى قاسىم تىخىچە ئۆيگە كەلمىگەن ئىدى .

پەرى قاتتىق چارچىغانلىقتىن يىتىپلا ئۇيقىغا كەتتى.بىر ئازدىن كىيىن تۇيۇقسىز تېلفۇننى ئەنسىز تىتىردى.رەيھان كۆزلىرىنى تەستە ئىچىپ تېلفۇنغا قارىدى.تېلفۇننىڭ خەت ساندۇقىدا مۇنداق بىر ئۇچۇر تۇراتتى.

‹رەيھان سەن 30مىنىۇت ئىچىدە قارنىڭنى يىرىپ ئۆلىسەن!›  

-ئوف!!!! نىمانداق قاملاشمىغان چاقچاق بۇ كىچىدە.دىدى رەيھان .رەيھاننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.ئۇچۇرنى قايسى ساراڭ قىلدىكىن دەپ ئۇچۇر قىلغۇچىغا قارىدى.ريھان ھەيران قالدى ۋە چۆچۇدى ،ئۇچۇر قىلغۇچى باشقا بىرسى بولماستىن رەيھاننىڭ ئۆزى ئىدى.بىردىن رەيھاننىڭ ئىسىگە رازۋىچىك پەرھاتتنىڭ دىلو نەقمەيدانىدا قىسقا ئۇچۇر ھەققىدە بىر نەرسە دىگنى ئىسىگە كەلدى.رەيھان دەرھال پەرھاتقا تېلفۇن قىلدى.

-مەن بايا غەلىتە بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم ،تەھتىت ئۇچۇرى ،ئەمما ئەڭ گۇمانلىق يىرى ئۇچۇر مىنىڭ تېلفۇنۇمدىن يەنە ماڭا يوللانغاندى.دىلو بىلەن بىرەر ئالاقىسى بولارمۇ دەپ سىزگە تېلفۇن قىلدىم.

-ئاپلا....

-نىمە بولدى ؟

-رەيھان ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئۇچۇر يوللىغۇچى دەل قاتىل! مەن ھازىرلا ئۆيىڭىزگە بارىمەن.

رەيھاننى قورقۇنۇش ئسكەنجىگە ئالدى،رەيھان يان قۇرالىنى قۇرۇپ ياستۇقى ئاستىغا قويدى.ئىرىگە تېلفۇن قىلۋىدى تېلفۇن ئۇلانمىدى.ئىشلەپ قاتتىق چارچىغان رەيھان ئاستا-ئاستا ئۇخلاپ قالدى.

رەيھان چۇش كۆردى،چۇشىدەچۇش كۆرۇپ چۇش كۆردى.



رەيھان چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى،قورسىقى يوغنىغانچە ھەركۇنى مۇشۇنداق قۇرقۇنۇشلۇق چۇش    لەر ئۇنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزاتتى،چۇشىدە يەنىلا شۇ پىشانىسىنىڭ ئوتتىردا كۆزى بار بوۋاقنىكۆردى.بوۋاق ئىغىزلىرىدىن قان تامتىتىپ تۇرۇپ بىر پارچە تىخى ھور ئۆرلەپ تۇرغان ئادەم جىگىرىنى يەۋاتاتتى... بىردىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاينىپ قۇسقىسى كەلدى ،ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ  تازلىق ئۆيىگە  كىرىدى.

  قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ئىچباغرى ئۆرۇلگىدەك ھۆقىلدى، ئەمما قانچە قىلىسىمۇ كۆڭۇل ئاينىشى  بىسىلمىدى... يۇز-كۆزىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۋىدى كۆڭۇل ئاينىشى سەل پەسلىگەندەك بولدى. رەيھان   بىشىنى  كۆتۇرۇپ  ئەينەككە قارىدى،ئۇنىڭ قانسىز ئاق خەسىدەك يۇزلىرى،ئۆچەيلا دەپقالغان شامدەك  نۇرسىز كۆزلىرى ،كۆكىرىپ ئىششىغان كالپۇكلىرى ۋە چۇۋۇلغان چاچلىرى رەيھاننى گويا تىخى  بايىلا  كىپەن ئىچىدىن قىچىپ چىققان مۇردىدەك كۆرسىتەتتى.

ئۇ يۇزىنى سۇرتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئەينەكتىن بىرئاپئاق نەرسىنى كۆرگەندەك بولدى،رەيھان ئىتتىك ئارقاغا بۇرۇلۇپ قاراۋىدى ،ئارقادا ھىچنەرسە كۆرۇنمىدى. رەيھاننى قۇرقۇنۇچ باستى ،دەرھال تازلىقئۆيىدىن چىقىتى ،مىھمانخانىغا چىقىشى بىلەنلا،رەيھاننىڭ كۆزىگە ئاپئاق كىپەنلەنگەن بىر    بوۋاقنىڭ ئۇدۇل ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە قاراپ كىرىپ كىتۋاتقىننى كۆردى،رەيھاننىڭ يۇرەك سوقىشىئۆزىگە ئاڭلانغىدەك دىرىجىدە  كۆچلۇك دۇپۇرلەپ سۇقۇشقا باشلىدى،رەيھان ياتاق ئۆيگە كىردى،ياتاق ئۆيدە ھىچنەرسە كۆرۇنمەيتى،ئۇ بەلكى كۆزۇمگە شۇنداق كۆرۇنگەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ  بىرئاز  تىنىچلاندى،قايتىدىن كارۋىتىغا چىقىپ  ياتتى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيقىغا كەتتى.....

رەيھان يەنە چۇش كۆردى،يەنىلا ئاشۇ تاق كۆزلىك بوۋاقنى كۆردى،چۇشىدە رەيھان بىر ئۇماق ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، بوۋاق يۆگىكىدە يىتىپ تۇرۇپ ۋىلىق-ۋىلىق كۇلىۋاتاتتى. رەيھان بالىنى ئەركىلتىپ يۇزلىرىگە سۆيەتتى،بىردىن بوۋاق قوللىرىنى رەيھاننىڭ كۆكسىگە ئۇزاتتى ،رەيھان بالىنىڭ قورسىقى ئاچقان بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ بالىنى ئىمىتىشكە باشلىدى،بالا  ئايالنى ئىمۋىتىپ تۇيۇقسىزلا رەيھاننىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىۋالدى،رەيھان قاتتىق ئاغرىققا چىدىماي‹ ۋاي...›دىگىنىچە ئۆزىنى كارۋاتتىن يەرگە ئاتتى،بوۋاق چىشىلىرىنى ھىچ بوشاتماستىن رەيھاننىڭ ئەمچىكىنى چىشلىگەن پىتى رەيھان بىلەن تەڭ يىقىلىپ رەيھاننىڭ ئۇستىگە چۇشتى ،رەيھان بوۋاققا بوۋاق  رەيھانغا تىكىلىپ  بىردەم قارىشىپ تۇرۇپ قالدى،شۇئاندا غەلىتە بىر ئىش يۇزبەردى .بوۋاقنىڭ  ئۇتتۇر چىشى ئۇزراپ  ئۇچىدىن  قانتىمىپ تۇراتتى،بىرجۇپ ئۇماق كۆلىرى بولسا ئاستا يىقىنلىشىپ   بالىنىڭ بىشانىسىدە  بىرلەشتى ۋە  ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق بىر تال جادۇ كۆزگە ئايلاندى. بوۋاق بىردىنلا ۋەششىلەشتى ،  رەيھانننىڭ ئىككى كۆكسىنى تۇتۇپ ئككى تەرەپكە كۇچەپ تارتىپ رەيھاننىڭ قارنىنى يىرىۋەتتى، ئاستا بىشىنى ئايالنىڭ قورسىقى  ئىچىگە تىقىپ ئايالنىڭ جىگىرىنى يۇلۇپ چىقاردى ۋە پارچە –پارچە قىلىپ يەۋەتتى....

رەيھان بۇقاباھەتلىك چۇشىدىن چۇچۇپ  ئويغۇنۇپ كەتتى،ئۇنىڭ يەنە كۆڭلى ئاينىشقا باشلىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ تازلىق ئۆيىگە چىقىشقا تەمشىلۋىدى،  قۇرسىقىمۇ قۇشۇلۇپ ئاغرىشقا باشلىدى، بارا -بارا ئاغرىق كۆچۇيۇپ ماڭالماي قالدى. رەيھاننىڭ كۆڭلى ئىلىشتى، قانداتتۇر بىر نەرسىنى قۇسقىسى كىلەتتى ئەمما قۇسالمايتى،ئۇنىڭ بىشى يىرىلغۇدەك ئاغرىۋاتاتتى .تۇساتتىن رەيھان قورسىقىدا بىر نەرسىنىڭ مىدىرلىغىنىنى تۇيدى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاغرىق چىكىگە يەتتى، ئىچ -ئىچىدىن تۇتقان ھۆ ئۇنىڭ گىلىنى ئچىشتۇرۇپ ئۆتۇپ ئىغىز-بۇرنىدىن تەڭلا تۇكۆلۇشكە باشلىدى، رەيھاننىڭ ئىغىزىدىن قان تامچىپ تۇرغان بارچە -پارچە جىگەر پارچىللىرى چۇشۇۋاتاتتى... دىمەك رەيھاننىڭ قۇرسىقىدىكى بوۋاق ئۇنىڭ جىگىرىنى يەۋاتاتتى.....

رەيھان چۆچۇپ ئويغاندى،ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قولىغا پىچاقنى ئالدىدە قورسىقىغا تىقتى،رەيھان قورسىقىدىن 8ئايلىق بولغان بالىسىنى سۇغۇرۇپ ئالدىدە يەرگە ئاتتى،

-قىنى ئەمدى جىگىرىمنى يەپ باققىنىڭنى كۆرەي.دىدى رەيھان .شۇنداق دىگىنىچە ئۆزىمۇ يىقىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 11:07 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-19 05:00 PM):
بۇ ئەسەرنى بۇرۇن باشقا توردىمۇ ئېلان قىلغان،ئاپتۇرى مەن.گۇمان قىلماڭ!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-27 12:31 PM):
بىلوگ:http://gurpa.sourceforge.net/ تىخىمۇ ئىسىل ئەسەرلەر بۇيەردە!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ataman26 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم ئەڭ ياخشىسى تاڭ ئاتقاندا ئۇقۇي جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم ئەڭ ياخشىسى تاڭ ئاتقاندا ئۇقۇي جۇمۇ

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23840
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3779 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچ بولغاندا بۇ تىمىنى يوللاپ ئادەمنى قورقۇتۇپ ............. كۈندۈزى قوي بېقىپ ۋاقىت چىقىرالماپسىزدە . ئەتە  ئوقۇياي .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6709
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولدۇم ،يەنە بامۇ؟ ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:18:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 11:18 PM
ئاتامان سەن 30مىنىۇت ئىچىدە قارنىڭنى يىرىپ ئۆلىسەن !     ...

سىز ئۆزىڭىزگە نىمە دەۋاتىسىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قوقۇپ ئايلىنىپ قالدىم دوختۇر پۇلىنى تۈلەڭ ئەمدى

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش