يېقىندا،ئامېرىكا كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پىلۇ مۇنداق دىدى:ئامېركا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتلغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتى كۈنسىرى ئېغىرلاشماقتا. ئۇ: ئامېرىكا قانۇنى نىگىرلارنى كەمستىشنى چەكلىسىمۇ، ئورتاق ھالدائىسلامنى كەمسىتىش پاكىتقا ئايلاندى-دەيدۇ. ئامېرىكا نىيۇيورىك ئەرەب بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لىندا.سۇرسۇر CNNتور بىكىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىراقتىن كەلگەن مۇسۇلمان قىز سىما.ئاۋاد ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدا قەسىتكە ئۇچىردى، ئۆلتۈرگۈچى قەسىتكە ئۇچۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېرورچى "دۆلتىڭگە يۇقال" دىگەن لوزۇنكىنى قۇيۇپ قويغان بۇلۇپ بۇ ۋەقە ئامېرىكامۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزپى ۋە ئەندىشىسنى قوزغىغغان. سۇرسۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2011-يىلى ئامېرىكا فىدراتسىيە ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكىلاتتا كۆرسىتىلىچە:2011-يىلى يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشەك ۋەقەلەر 2011-يىلدىكىگە قارىغاندا %50ئۆرلىگەن.ئەڭ يېڭى ئىستاستىكىداكۆرسىتىلىشچە: مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشەك ۋەقەلەر2009-يىلدىكى 107دىن ئېشىپ 2010-يىلى 170كە يەتكەن.ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان:نىگىرلارغا قارتىلغان ئېرقىي كەمىسىتىش مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشكە پۈتۈنلەي ئوخشمايدۇ.نىگىرلارغا قارتىلغان ئېرقىي كەمىسىتىش ھەركىتىدە شەخسىيلەرنىڭ قىلمىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسمۇ بىراق ئاممىۋى سورۇنلاردا كەمسىتىش ئاللىبۇرۇن كىشلەرقەلبىدىن كۈتۈرۈلدى،بىراق ئەپسۇسلاندۇردىغنى،مۇسۇلمانلارغا قارىتلغان كەمسىتىش ئومۇمىيۈزلۈك كەمستىش بۇلۇپ قالدى. تاراتقۇلار ھەتتا رادىيو-تېلۋىزىيلەر بىرقىسىم زوڭتوڭ نامزاتلىرىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغان بايانات- سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى. سۇرسۇرخانىمنىڭ سۆزىگەئاساسلانغاندا:ئامېرىكنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا "تېرورچى"دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەرەب ۋە مۇسۇلمان بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قۇيۇلغان. سىمانى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ لوزۇنكىسىى ئېنقلا مۇشۇنداق ئۇچۇرنى ئىسپاتلايدۇ.بىراق بۇ دىلونى تەكشۈرگەن ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئەكىسچە مەزكۈر دىلودىكى ئۆچمەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلكىنى يوققا چىقارغان بۇلۇپ بۇنىڭ پەقەتلا بىر دىلو ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. سۇرسۇر خانىم يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆتكەن يىلى ئىككى ياشانغان كىشى قەسىتكە ئۇچىردى،ئۇلارنىڭ كىيمى ۋە ياسنىشىغا قارىغاندا ھەر ئىككىلىسى مۇسۇلمانكەن. ئالدىنقى يىلى بىر تاكسى شوپۇرى تاكىسىغا ئولتۇرغان خېرىدارغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېيىتقاندىن كىيىن قەسىتكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئادەتتە،كۆپلىگەن دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمانلارنى كەمستىدىغان گەپلەرنى قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغلى بۇلىدۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىسلامنىڭ دىنىنىي مۇقەددەسلىكىگە ھاقارەت قىلدىغان سۆزلەرنى قىلالىغاندىكىن مۇشۇنداق جىنايى ئىشلار دىلولىرىنىڭ يۈزبېرىشىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بۇلىدۇ. سۇرسۇر خانىم تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:جەميەتتىكى ھەرقايسى ساھالەر چۇقۇم ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇردىغان ئورتاق تۇنۇشقا ئىگە بۇلۇشى،ئېنىق مەيداندا تۇرۇپ ئۆچمەنلىك قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىشى كېرەك. مەنبە:نۇر ئىسلام تورى http://www.norislam.com/?viewnews-14701 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-17 09:54 PM
|