رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
يۇرىت ئايىرىدۇق سەن نەلىك دەپ بىز ئەجەپ،
يۇرتۋازلىقتىن تەككەندەك بىر بىزگە نەپ.
پېتىشمايمىز قېرىنداشلار نە سەۋەپ،
بولالمامدۇق بۇ ئىللەتنى يا، تۈزەپ.
شەھەر ئايرىپ جىدەل قىلدۇق ئۆز-ئارا،
تېپىلماستىن يىللار ئۆتتى بىر داۋا.
مۇش ئاتمايلى ساراڭلاردەك قارسىغا،
بىزلەر مۇھتاج ئىتتىپاقلىق مارشىغا.
جەنۇب دىدۇق،شىمال دىدۇق بەزىدە،
جىدەل تېرىپ ئۇرۇشماقنىڭ قەستىدە.
يىتەلمەستىن بۇ ئىشلارنىڭ تەكتىگە،
ئنساپ تىلەپ تۇردۇم نادان كۈڭلىگە.
نادانلىقتىن يۇقسا كېرەك بۇ ئىللەت،
كۆپەيمەكتە شۇ ۋەجىدىن زىددىيەت.
قۇتراتماقتا تېخى بەزى بەت نىېيەت،
بىز بولمايلى نادانلىققا قۇل مىللەت.
يۇرتۋازلىقتىن قۇتۇلمىساق بىزگە تەس،
ياشاۋىرمىز نادانلىقتا كۈندە مەس.
ھالىمىزغا كۈلەر شەيتان دوست ئەمەس،
ئىجىل-ئىناق ئۆتەيلى بىز ئەمدى بەس.
ۋەتەن ئۈچۈن
ۋەتەن دەپلا بىر ئوت كۈيەر قەلبىمدە،
بايان قىلماق ئۇنى مۆشكۈل ئەلۋەتتە.
ۋەتەن دىسە ھەر ۋاق قولۇم كۈكسىمدە،
ۋەتەن ئۈچۈن پىدا جىنىم ھەر ۋاقىت.
ۋەتېنىمدىن پەخىرلىنىپ ياشايمەن،
قۇشاق قېتىپ يېڭى كۈيلەر باشلايمەن.
زەپەر قۇچ دەپ بىرگە قەدەم تاشلايمەن.
ۋەتەن ئۈچۈن پىدا جىنىم ھەر ۋاقىت.
تەڭ قىلمايمەن ئۆزگە ئەلنى ۋەتەنگە،
ھەم تانمايمەن باش يەتسىمۇ پەلەككە.
ھەۋىسىم يوق ۋەتېنىمدىن بۈلەككە،
ۋەتەن ئۈچۈن پىدا جىنىم ھەر ۋاقىت.
ۋەتەن ساتقان ئاسىلارنى ئۇجۇقتۇر،
ئۇنداقلارغا ئەل بەرگەن نان ئۇشۇقتۇر.
ئۆز ۋەتەنگە ئاسى بولۇش نۇمۇستۇر،
ۋەتەن ئۈچۈن پىدا جىنىم ھەر ۋاقىت.
يۈرۈكۈمدە ئۆچمەس ئۇتى ۋەتەننىڭ،
ۋەتەن كۈلسە ئاشار قۇۋتى بەدەننىڭ.
مىنڭ سۈزۈم،بۇ سۈز ئەمەس قەلەمنىڭ،
ۋەتەن ئۈچۈن پىدا جىنىم ھەر ۋاقىت.
تۇققانلار
يولنى يىراق كۆرمەي كەلسەك تۇققانلار،
ھىيىت ئايەمنى بىرگە كۈتسەك تۇققانلار.
جەم بولايلى ھىيىت ئايەمدە چوڭ ئۆيگە،
ياتلاشماستىن ئىناق ئۆتسەك تۇققانلار.
بىرىمىز باي بىرىمىزنىڭ ھالى توق،
يۈرۈشمەيلى نا تۇنۇشتەك كارى يوق.
يوقلىشايلى ئادەم دىگەن كەتتى يوق،
يار -يۈلەكتە بولۇپ ئۆتسەك تۇققانلار.
كۆن چۆشكەندە بىر تۇققاننىڭ بېشىغا،
قاراپ كۈلمەي ئۇنىڭ تۈككەن يېشىغا.
تەڭ چاپايلى داۋا ئىزلەپ يارسىغا،
جاپانى تەڭ يېڭىپ كەلسەك تۇققانلار.
تاڭ ئاتمايدۇ غىرىپلارغا ھەر كۈنى،
كۆندۈزدىمۇ كۆرەر زۇلمەت دەردىنى.
غىرىپ بولماس ئىدى بولسا تۇققىنى،
تۇققان دىگەن ئالتۇن بىلسەك تۇققانلار.
ماتەم ئەمەس كۈلگەندىمۇ ئىزلەشسەك،
ئايەم ئەمەس بولسا ھەر كۈن كۈرۈشسەك.
دىدارلاشساق قۇچاقلىشىپ سۈيۈشسەك،
قەدىرلەپ ھەم قەدىرلەنسەك تۇققانلار.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىېڭ
رۇستەم قاراسۇ..............ئاتۇش
بورتالائالاتاۋدا يېزىلدى