ماركىلىق كومپيۇتېر بولسا بىرەر ماركا تەرپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ ، زاۋۇتتا قۇراشتۇردۇ، ئىچكى زاپچاسلار ئادەتتىكى كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ماركىلىق
كومپيۇتېرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، سېتىشتىن كىيىنكى كاپالىتى زەنجىرسىمان ھالەتتە. ماركىلىق كومپيۇتېر كومپيۇتېرلارنىڭ ئىكران، مائوس ، كۇنۇپكا تاختىسى ، سىرىتقى
قېپى ئىنتايىن ياخشى ھەم چىدامچانلىققا ئىگە ئۇنىڭدىن باشقا توك مەنبەسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ شۇڭا بەك مۇقىم ئىشلەيدۇ. كىيىكى مۇلازىمىتىنى بەزىلەر ئائىللەرگىچە
بېرىپ ئوڭشاپ بىرىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئەملىيەتتە بولسا بىر قىتىم ئائىللەرگىچە بېرىش ھەققى 50 يۇەن ھەق ئالىدۇ.
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاجىزلىقى
ماركىلىق كومپيۇتېر ئاساسلىق ئىدارە ئورگانلارغا ماس ھالدا ئىشلەنگەن بولۇپ ، پەقەت تېشى پال پال ئىچى غال غال دىيىشكە بولىدۇ. سىرىتقى ئۈسكۈنلىرى كۆركەم
چىدامچانلىقى ياخشى ئەمما ئىچكى قىسمى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ . ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنلەر
ئەسلىدىنلا چىدامچانلىقى ياخشى چىقىدۇ. ئادەتتە ئاساسىي تاختىنى مىسالغا ئالساق ، ئاساسىي تاختىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي ئۈزەك ( 主芯片 ) ئاساسي تاختا تاللاش
ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئاساسىي تاختىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاساسي ئۈزەكنىڭ ماركىسى intel بولۇپ باشقا ئۈزەكلەردىن خېلىلا قىممەت چىقىدۇ . بۇرۇن ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسي
تاختىسىنىڭ ئاساسي ئۈزەك ئەڭ ناچار ماركىلارنى ئىشلىتەتتى ، ھازىر ھەممىسى ئاساسەن intel ئىشلىتىدۇ . ئەممە ئەرزان تىپتىكى ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە ياكى خاتىرە كومپيۇتېر
بولسۇن يەنىلا كۈپۈنچىسى intel ماركىلىق ئۈزەك ئەمەس . بۇ ئۈزەك ماركىسى ھەرگىزمۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ماركىسى ئەمەس . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ
ماركىسى intel , AMD دىن ئىبارەت 2 خىللا بولىدۇ . ئاساسي ئۈزەكنىڭ ماركىسى intel , nvidia , via , sis , ATI , uli قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئادەتتە intel ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا ئاساسي ئۈزەك ماركىسى intel بولسا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
ADM ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا ئاساسي ئۈزەك ماركىسى nvidia ,ati ,via بۇلار بولسا بولىدۇ.
قالغان ماركىدىكى ئۈزەكلەرنىڭ ناچارلىقىدىن ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ . مەسىلەن 945 غا توغرا كەلگۈدەك ئاساسىي تاختا بولسا ، ئاساسىي ئۈزەك intel بولسا بازار
باھاسى 400 يۇەن بولىدۇ . ئەگەر SIS بولسا 280 ئەتراپىدا بولىدۇ . بۇنىڭدىكى باھا پەرقى ھەرگىزمۇ ماركا پەرقى ئەمەس .
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
ئەدەتتە ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ باھاسى قۇراشتۇرما كومپيۇتېرغا قارغاندا خېلىلا قىممەت بولىدۇ. بۇنىڭدىكى باھا پەرقى ھەرگىزمۇ مالنىڭ ياخشى بولىشى ئەمەس ھەم كۆپ پايدا
ئالغانلىقمۇ ئەمەس ، پەقەت زاۋۇتتىن سىزنىڭ قۇلىڭىزغا تەككۈچە نۇرغۇن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەم ماركا ھوقۇقى، ھازىر تېخنىكىنىڭ كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى
كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالدى ، ماركىلىق كومپيۇتېرلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئىدارە ئورگان ۋە خىزمەتچىلەرگە تاينىپ قالدى.
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ كىيىنكى ئاۋارچىلىقى
ئادەتتە كومپيۇتېر سېتىۋالغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى كىيىنلىكنى ئويلىمايدۇ. كومپيۇتېر ئادەتتىكى ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنلىرىگە ئوخشىمايدۇ . بۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز.
ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز قاتتىق دېتاللاردىن چاتاق چىقىپ قالسا ( كاپالىتى توشقاندىن كىيىن ) سايمانلىرنى تاپماق تەس . ئادەتتە ئاساسىي تاختا بۇزۇلسا ، ئاساسىي
تاختىنىڭ ئۆزنىلا ئالماشتۇرالماي قالسىز كۈپۈنچىسى ، ئاساسىي تاختا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ تەڭلا ئالمىشىپ كىتىدۇ ، ئېغىرراق بولسا تېخى توك مەنبەسى
سىرىتقى قاپنىمۇ ساقلاپ قالاممايسىز. چۇنكى ماركىلىق كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرغاندا ئۆزىگە لايىقلا چىقىردۇ.
بىز مۇشۇ سودىنى قىلۋاتقان ئادەملەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەن بىر ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسى بۇزۇلۇپ قالغان بۇ توك مەنبەسىنى تاپالمىدۇق ، سەۋەبى ئىكراننى
بىۋاستە توك مەنبەسىگە چاتىدىكەن . بۇنداق توك مەنبەسىنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس. دىمەك ئەگەر تاپالمىسىڭىز توك مەنبەسى بىلەن ئىكراننى ئالماشتۇرماي نىمە ئامال..
قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى
قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنى ئادەتتە خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن قۇراشتۇرمىز. باھاسى جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ . ماسلىشىشچانلىققا كەلسەك ھازىرقىدەك
تەرەققى قىلغان جەمىيەتتە ماسلىشالماسلىقتىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق . كۈپۈنچى كىشىلەر قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالغاندا باھاسىنى ئاساس قىلىپ ئەڭ ئەرزاننى ئالىدۇ .
2000 يۇەننىڭ ئاستىدا ئېلىۋىلىپ قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ناچار دەيدۇ، ئادەتتە 5000 يۇەنلىق قۇراشتۇرما كومپيۇتېر بولسا مۇشۇ خىلغا ئوخشاش ماركىلىق كومپيۇتېرنى لاپ گەپ
ئەمەس 8000 غىمۇ ئالاممايسىز . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، قاتتىق دېسكا ئوخشاش بولغان بىلەن ئاساسىي تاختا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . كۆرسىتىش كارتىسى
1G بولغان بىلەن ئىقتىدارى قەتتى ئوخشىمايدۇ . 5000 يۇەنلىق قۇراشتۇرما كومپيۇتېرغا ئادەتتە 1300 يۇەن ئەتراپىدا كۆرسىتىش كارتىسى 1000 يۇەن ئەتراپىدا ئاساسىي
تاختا ئىشلىتىدۇ. ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئايرىم كۆرسىتىش كارتىسى پەقەت ئاتالمىش 1G خالاس.
قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ intel ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تاللىسىڭىز ، سىز كومپيۇتېرنى ئېلىپ 10 يىلدىن كىيىن قايسى قاتتىق دېتال چاتاق بولسا پەقەت شۇنىلا
ئالماشتۇرسىز . قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ كونا زاپچاسلىرى ئىنتايىن كۆپ ھەم ئەرزان .
تېمىنى يازغۇچى : مەمەتجان ئەلخۇش كومپيۇتېر شىركىتى تەمىللدى:
www.alhuxpc.com
تەنىھا ئاشىق بىلوگى