مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 653|ئىنكاس: 6

قانداق كارخانىچىلار تېخىمۇ زور ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 05:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  قانداق كارخانىچلار تېخىمۇ زور ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ؟

  دىيارىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى مىللىي كارخانىلىرىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكە باشلىدى.
بازار - رەھىمسىز. بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانى كەسكىن بازار رىقابىتى، شاللاش ۋە تاللاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. مانا مۇشۇنداق رىقابەت ئىچىدە باشقۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولمىغان، تەجرىبىسىز باشقۇرغۇچىلار ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ شاللىنىپ كېتىشى مۇقەررەر. يېقىنقى ئىشەنچلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 2.5 ياش ئىكەن.
رىقابەت ئاخىرقى ھېسابتا ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا رايونىمىز مىللىي كارخانىلىرى ئىچىدىمۇ «ئىخلاس»، «ئارمان»، «ئامىنە»، «گۈليۈرەك»كە ئوخشاش بىر قىسىم «سەركە» كارخانىلار يېتىشىپ چىقتى. بەلكىم بۇ كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ئەندىزىلىرىگە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17- ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ «ئىخلاس» كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روزاخۇن ئاتۇشنى زىيارەت قىلدىم.

«ئىگىلىك يارىتىشتا جاپاغا چىداش روھىي ھەممىدىن مۇھىم»

روزاخۇن ئاتۇش مېنىڭ ئىگىلىك يارىتىش يولىغا ماڭغۇچىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-- مېنىڭچە ئىگىلىك ياراتقۇچىدا ئالدى بىلەن جاپادىن قورۇقماسلىق روھىي بولۇشى كېرەك. تۈركىيە «ئۈلكەر» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى سەبرى ئۈلكەرنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇ كىشى بۇ يىل 86ياشقا كىرىپتۇ. 70 ياشقا كىرگۈچە كۈنىگە 17سائەتتىن ئىشلىگەنىكەن. ئۇ بىر ماقالىسىدە «مەن يەكشەنبە كۈنىدىن باشقا كۈندە دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن» دەپ يېزىپتۇ. دېگەندەك ئۇ تاكى 80 يېشىغىچە كۈنىگە 12سائەتتىن ئۆز قارىمىقىدىكى زاۋۇتلىرىغا بېرىپ، ئىشچىلار بىلەن بىرگە ئىشلىگەنىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى جاپادىن قورۇقماسلىق روھىي بىلەن مۇجەسسەملەشكەن، ئەلۋەتتە.
يەنە بىرى، ئىگىلىك ياراتقۇچى تۈرلۈك ئىشلاردا دۇرۇس بولۇشى كېرەك. چۈنكى كارخانىچى تىجارەتتە دۇرۇس، سەمىمىي بولمىغاندا، ئىشلىرى ھامانى بەربات بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئىگىلىك ياراتقۇچىدا تەۋەككۇلچىلىك روھىي ۋە يېتەرلىك ئىقتىسادىي ئاساس بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىككى ئامىل بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان. بۇ خىل ئامىللار بولمىغان كارخانىچى ھەرگىزمۇ رىقابەت يولىغا كىرەلمەيدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئىگىلىك ياراتقۇچى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە يول يارىتىشى كېرەك. چۈنكى ئۇتۇق قازانغان بىر كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
بەشىنچىدىن، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە توغرا قارىشى، توغرا رىقابەت ئېڭى بولۇشى، بەل قويۇۋەتمەي ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. شۇندىلا كارخانىچىلىرىمىز ھازىرقىدەك كەسكىن بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ھەمدە تېنىمسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ.

ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قانداق قوزغاش كېرەك؟

دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەمسۆھبەت بولۇش داۋامىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى سۇسلىقى، ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى، ۋاقتى كەلگەندە گەپ - سۆزسىزلا ئىشنى تاشلاپ كېتىپ قىلىشى قاتارلىقلار ھازىرقى كارخانا ئىگىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىكەن. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلىگە قارىتا روزاخۇن ئاتۇش مۇنداق دېدى:
-- بۇ نۆۋەتتە ھەممە كارخانىچىلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلە. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇنقىدەك بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى يوقالغاندىن كېيىن، شىركەتلەردىن ئىش ئورنى ئىزدەيدىغان سىتودېنتلىرىمىزمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. بىراق ئۇلار شىركەتلەرنى »شەخسىي ئورۇن، خۇجايىن مېنى بىر تىللاپلا ھەيدىۋېتەلەيدۇ» دەپ قاراپ، خىزمەتتە ئاكتىپ بولمايدىغان، ئاكتىپ ئىشلىگەنلىرىمۇ، ئاز - تۇلا تەجرىبە، يول تېپىۋالغاندىن كېيىنلا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈسى كېلىپ، كېتىپ قالىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە ۋاقىتلىق چىقىش يولى تاپالمايلا كېلىپ قالغانلار، ئۇلار ھەرگىزمۇ «ياخشى ئىشلەي، ئەگەر بەختكە قارشى خۇجايىنىم قەدرىمنى قىلماي بۇ يەردىن كېتىپ قالسام، ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىم بىلەن تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى تاپالايمەن» دېگەننى ئويلىمايدۇ. «ئۈلكەر» گۇرۇھىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۈلكەر»دە بىر ئۆمۈر جان تىكىپ ئىشلىگەنلەر بار، بىراق بىزدىكى خىزمەتچىلەردىن كارخانىلىمىزدا بىر ئۆمۈر ئىشلەشنى خىيال قىلىدىغانلا يوق دىيەرلىك.
بىز كارخانىچىلار ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇرغۇن پىكىر ئالماشتۇردۇق. ئاخىرقى يەكۈندە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مال باھاسى ئۆرلىدى، شۇڭا كارخانىلارمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا مائاش ئۆستۈرۈشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىنى بېكىتىشى، ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىزمەتتە ئۇلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان، ھاقارەت خاراكتېردىكى گەپ - سۆزلەردىن قاتتىق ساقلىنىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغدىشى كېرەك، شۇندىلا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە سەمىمىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن ئورتاق قاراشقا كەلدۇق ۋە بۇنى شىركىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.
ئائىلىۋىي كارخانا شەكلىدىن زامانىۋىي شىركەتكە تەرەققىي قىلىش يولى

دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ھەممىسىلا ئائىلىۋىي كارخانا شەكلىدىن باشلانغان. كېيىنچە شىركەت ئىقتىسادىي ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ قىلىپلىشىشى نەتىجىسىدە، بىرقەدەر زامانىۋىي شىركەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان. مەن روزاخۇن ئاتۇشتىن «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ بۇ مۇساپىنى قانداق باسقانلىقى توغرىسىدا سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنداق دېدى:
-- ئېيتقىنىڭىزدەك شىركىتىمىز 2001- يىلى تاللا بازىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تىپىك ئائىلىۋىي شىركەت ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتچىلىرىمىزمۇ كۆپ ئەمەس، باشقۇرۇش ھالقىلىرىمىزمۇ ئاددىي، ھەممە ئىشلارغا ئۆزىمىزلا چاپاتتۇق. كېيىنچە چەتئەللەر بىلەن سودا ھەمكارلىقىدا بولدۇق، ئۇلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىنى ئۈگەندۇق، قوبۇل قىلدۇق. نۆۋەتتە شىركىتىمىز پەلەمپەي شەكىللىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، تۈرلۈك ھالقىلار قىلىپلاشتى، مۇكەممەللەشتى. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەسئۇللىرى ئورنىتىلىپ، ۋەزىپىلەر قاتلاممۇ قاتلام تەقسىم قىلىندى.
دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن داڭلىق شىركەتلەر ئائىلىۋىي شىركەتلەردىن تەرەققىي قىلىپ، دۇنياۋىي شىركەتلەرگە ئايلانغان، شۇڭا بۇ يولنى ھەرگىزمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ، مۇھىمى شىركەتنى ئىلغار باشقۇرۇش ئوسۇللىرى بىلەن تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنياۋىي ئۇتۇق قازانغان شىركەتلەر قاتارىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش.
دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنى چەتئەللەردىكى كارخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا، تەجرىبە ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى جەھەتتىن بىرقەدەر ئارقىدا تۇرىدۇ. شۇنداقلا يەنە يېتىشكەن كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرىمىزمۇ يېتەرسىز، بار دېگەندىمۇ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ ياكى شەخىسلەرگە ئىشلەشنى خالىمايدۇ.
»ئۈلكەر «گۇرۇھىنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى ئۇلار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى يىلدا بىر قېتىم تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ. خىزمەتچىلىرىگە ۋەزىپە دائىرىسى بەلگىلەپ بېرىپ، ياخشى ئىشلىگەنلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ قالىدۇ، ئىشلىيەلمىگەنلىرىنى ۋاقتىدا شاللايدۇ. شۇڭا ھازىرقى مىللىي كارخانىلىرىمىزمۇ يۇقىرىقىدەك خەلقئاراغا يۈزلەنگەن دۇنياۋىي كارخانىلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئائىلىۋىيلىكتىن دۇنياۋىيلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى كېرەك.

مىللىي كارخانىلىرىمىز توغرىسىدا قىسقىچە تەھلىل

رايونىمىز ئىقتىسادىي مۇھىتىغا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. روزاخۇن ئاتۇش بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-- يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بېرى دىيارىمىزدىمۇ مىللىي كارخانىلار بەس - بەستە باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بەزىلىرىدە گەرچە يېرىم يولدا ۋەيران بولىدىغان، سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، يۈزلىنىش ۋە تەرەققىيات ياخشى كېتىۋاتىدۇ. شۇنداقلا رايونىمىز ئىقتىسادىدىمۇ ئوينىغان رولى زور بولماقتا.
چەتئەللەردە نۇرغۇن زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا دىيارىمىز سانائىتىنىڭ ناھايىتى ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بوشلۇق بار. بىراق ھازىرقى مىللىي كارخانىلىرىمىزدا ئاساسلىقى يېمەك - ئىچمەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا مەركەزلىشىۋېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭسىزمۇ ئېچىشىمىزنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن تۈرلەر بار.
ئىشقىلىپ قايسىلا ئىشنى قىلمايلى، مۇھىمى سودىدا سەمىمىي بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىماي، ئىشەنچلىك ماركا يارىتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا، شۇ تىجارەتچى ئاخىرقى ھېسابتا غەلبە قازانغۇچىدۇر.
مىللىي كارخانىلىرىمىزدا ئۆز - ئارا ئىتتىپاقلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، سودىدا ھەمكارلىشىش بىرقەدەر كەمچىل. كونىلاردا « بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ» دەيدىغان گەپ بار، بىر - بىرىمىزگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆز ئارا قوللىشىمىز، بولسا ئايدا بىرەر قېتىم كارخانىچىلار، كارخانا قورۇش يولىغا ماڭغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر يىغىلىشىپ، دىيارىمىز مىللىي كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بارساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى.
دەرۋەقە، روزاخۇن ئاتۇشنىڭ رېئال، قىسقا مۇھاكىمىلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەر كارخانىچىلار ۋە كارخانا قۇرۇش يولىغا ماڭغان «ئەزىمەت»لىرىمىزگە ئاز تۇلا نەپ ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس. ئاخىرىدا دىيارىمىزدىكى بارلىق كارخانا ئىگىلىرى، تىجارەتچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.


مەنبە :«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 05:05 PM  


ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5629
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 09:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارخانلار ئۈچۈن ئىناۋەت ئەڭ مۇھىم بولسا كېرەك .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4010
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فورمات ئاداش ماڭا ساجىيە تورىنىڭ ئادرىسى بەك لازىم بۇلۇپ قالدى.ھەممىڭلارنى ئاۋارە قىلدىم .ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4250
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھېس قىلغان يەنە تولۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك ئۈچ نۇقتا، مەيلى كىچىك  تىجارەت بولسۇن، ياكى دۇنياغا يۈزلەنگەن چوڭ كارخانا بولسۇن ئۇچۇرغا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە بۈگۈن ئەتىۋاربولغان، بازارلىق تاۋارنىڭ ئەتىلا  تۆكمە بولۇپ، باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىشى مۇمكىن. بۈگۈن ئامباردا توپا بېسىپ ياتقان تاۋارنىڭ ئەتىلا ئالقىشقا ئېرىشىپ، تىجارەتچىگە بايلىق يارتىىپ بېرىشى مۇمكىن.
يەنە بىرى، يېڭىدىن بازار ئېچىش، باشقىلار قىلمىغاننى قىلىش كېرەك. ھەممە ئادەم بىر ئىشقا توپلىشىۋالغاندىن كۆرە، سەزگۈرلۈك بىلەن بازار كۆزىتىپ، يېڭى يول ئىزدەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ يەنىلا ئۇچۇرغا تايىنىدۇ.
  ئاخىرىقى بىرى، چوقۇم خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش كېرەك. نۇرغۇن تىجارەتچى-كارخانىچىلار خېرىدار يېرىم خۇدا، دەپ كېتىشىدۇ، بىراق كۆپ ھاللارداد بۇ پەقەت ئېغىزدىلا، شۇئار تەرىقىسدە دېيلىدۇ. ئەگەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى ئۆزى سېتىۋاتقان تاۋارلارنى ھەقىقى تۈردە خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ماسلاشتۇرسا، ئەلۋەتتە، تىزلا ئىشەنچكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكلى بولىدۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 10:46 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10841
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 10:21 PM
مەن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقىلى شۇنچە يىل بو ...

مەن دەل مۇشۇنداق مەسلىھەتكە موھتاج ، مېنىڭچىمۇ ئۇنداق باي بولۇش بۇنداق ئېگىلىك تىكلەش قاتارلىق قۇرۇق گەپلەرنى جىق ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق ، ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلغانلار ياكى ئاشۇنداق كىتاپلارنى يازغانلار ئەمىلىيەتتە ئۆزى ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان نامرات بولۇشى مومكىن ، بۇنداق مەسلىھەتلەرنى كىتاپتىن ئەمەس بەلكى ئۆز ئەتراپىدىكى غەلبە قازانغانلاردىن  ۋە موھىتتىن ئىزدەش كېرەك .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14019
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 08:34:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   1. قول ئاستىدىكى ئادەملەرنى كەسپى جەھەتتىن ياخشى تەربىلەش.
    2. قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ھىسيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇش.
   3. قول ئاستىدىكىلەرنى كۆپ ئىشلەتسىمۇ ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى كۆپ بىرىش.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش