مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 953|ئىنكاس: 10

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مەسلىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 04:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مەسلىھەت   
سودا دېڭىزى پايانسىز، سودا پۇرسىتى چەكسىز. قانداق قىلغاندا ئەگرى يولنى ئاز مېڭىپ، تېز سۈرئەتتە ئىگىلىك تىكلەپ بايلىق يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ، نۇرغۇن كىشى ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تېما.
بىرىنچى، پۇل تاپقىلى بولىدىغان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور كەسىپنى تاللاڭ.
ئىككىنچى، پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغان، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ھەم سىزگە ئېھتىياجلىق جايغا بېرىڭ. سىزنى ئەڭ ئوڭاي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان جايغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەڭ.
ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، زېرەك ھەم قابىل، تەپەككۇرى جانلىق، ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قىزغىنلىق ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈڭ. بۇرۇقتۇرما ۋە مەغلۇبىيەت پۇرىقى بىلەن تولغان مۇھىتتىن ۋە پاسسىپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.
تۆتىنچى، پۈتۈن روھىڭىزنى بازار كەيپىياتى بىلەن تەدرىجىي جىپسىلاشتۇرۇپ، ياخشى كىرىزىس ئېڭى، ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭ.
بەشىنچى، مەلۇم بىر جايدا تەرەققىي قىلالماي بىر ئىزدا تۇرۇپ قالغاندا، داۋاملىق شۇ يەردە تۇرىۋەرمەي باشقا جايلارغا بېرىپ ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.
ئالتىنچى، ھەممە ئىشقا ئېسىلىپ بېقىپ، ئاخىرىدا ھېچقايسىسىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتماي، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇشۇ نىشاننى بويلاپ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىگە قەدەم قويغىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى، كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدار، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى، مەلۇم جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىق، ئادەت، نوپۇز، ئەنئەنىۋى قاراش، باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكى ۋە ئاددىي تۇرمۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ نەزەر دائىرىنى چەكلەپ، پۇت - قولنى چۈشەپ قويۇشىدىن ۋە سەزگۈرلۈك، جانلىقلىقنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سەككىزىنچى، تەتۈر يۆنىلىشتە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، قارشىسىدىن چىقىپ چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئىجادىي پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
توققۇزىنچى، تارىخىي بۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، مۇھىم ۋەقەلەر، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقى، پەن - تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ھەر قايسى قاتلام، گۇرۇھ ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال شەكلى، ئىچكى ئېھتىياجى ھەم ئارزۇسى بىلەن غايىسى ئاساسىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن كەسىپ ۋە بازارنى ئىزدەشكە، بايقاشقا شۇنداقلا ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ماھىر بولۇپ، كىشىلەرنى قولايلىق، مەنپەئەت، قىممەت ۋە ھۇزۇر بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئونىنچى، پايدا ئالىدىغان يەردە قاتتىق قول، چاققان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پايدىنى زورايتىش كېرەك. ئۆز مەھسۇلاتى ۋە كوللېكتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ماركىسى ۋە مۇلازىمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تونۇتۇش كېرەك.
ئون بىرىنچى، ئەرزىمەس ئىشلار، ئائىلىدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان شەخسىي ھېسسىيات قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بېكىتكەن يېتەكچى پىرىنسىپ ، كۈرەش نىشانى ۋە باشقا ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش لازىم.
ئون ئىككىنچى، قايسىلا جايغا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن، ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، پەرقلەرنى، كەمچىلىكلەر ۋە باشقىلار بايقىمىغان ئېھتىياجنى بايقاش، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىش، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماھىرلىق بىلەن پۇل تېپىش كېرەك.
ئون ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتتە، قورقۇنچلۇق نەرسە يوق، قورقۇنچلۇق بولغىنى ھەممىلا نەرسىدىن قورقۇپ يۈرۈش، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ گەپنىڭ چوڭىنى قىلىش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش ياكى بولمىسا باھانە - سەۋەب ئىزدەش، ئۆز - ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىش. كۆز ئالدىڭىزدىكى رېئال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاۋۋال قول سېلىپ ئىشلەڭ، شۇندىلا پارلاق كەلگۈسى سىزنىڭ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئون تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆلەڭگىسىگە مەپتۇن بولۇپ، بىلىپ - بىلمەي ئۆتمۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەر بىلەن بۈگۈنگە باھا بېرىشكە ۋە ئۇنى ھەرىكەت مىزانى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنيا ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالىغان ۋاقتىمىزدىلا، پۇرسەتنى ھەممىنىڭ ئالدىدا بايقىيالايمىز ۋە ئۇنى تۇتالايمىز.
ئون بەشىنچى، بۇ دۇنيادا ھەممىگە قادىر ئىنسان يوق، مەيلى سىز قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭلا كۈچىگە تايانسىڭىز، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق، بىز نۇرغۇن نەرسىگە ئېھتىياجلىق، ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزاق. سىز زور مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ساھىبى بولالىغىنىڭىزدىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق
مەنبە:ئۆزۆم يىغىپ ساقلىۋالغان ماتىرياللار دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 05:00 PM  


ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 09:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 09:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 09:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ سودا،كارخانا زاۋۇت توغىرسىدا ئىزدىنىدىغانلار ئازمۇ نىمە ؟ ئەجەپ غېرىپسىنىپ قاپتۇ ما تىما..........پۇل بىلەن خوشۇڭلار بارمۇ دەپ تىما قويغان بولسا

نەسىىھەت ئاچچىق،مىۋىسى تاتلىق،قېنى مەرھەمەت
http://www.awlat.net/?p=2858

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10841
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 09:32 PM
مۇشۇ سودا،كارخانا زاۋۇت توغىرسىدا ئىزدىنىدىغانلار ئا ...

چۈنكى قۇرۇق گەپكە ھىچكىم قىزىقمايدۇ ، بۇ گەپلەر ئېغىزدا دېمەككە توغرا ، لېكىن ھەممە ئادەم ۋاقتى كەلگەندەئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئىش قىلىدۇ .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 08:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 09:22 PM
توۋا ماۋۇ مۇنبەرگە نىمە بولدىكىنە؟چۈشنىڭ بىرسىگە يىڭى ...

بۇنىڭدىن رەنجىمەڭ قېرىندىشىم ،مەيخانە ،قىمارخانە بوش قالسا بولمايدۇ .ئىقتىسادئېڭىمىزبەك ‹‹يۇقىرى ››خەق ئەمەسمۇ بىز .بىر كىچىدىلا باي بوپ كەتسەك دەيمىز .راھەت -پاراغەتكە بىرىلىمىز .جاپا مۇشەققەتتتىن قاچىمىز ،بىر بىرسىمىزگە ياردەم بېرىشتىن قورقىمىز .ئويلانمايمىز ،تىرىشمايمىز ،قىلاي دىسەك ئىش تولا ،مەنمۇ بىر ئىزدەنگۈچى ئىش ئۇرنۇمدىن قالدۇرۇلغىنىمغا خۇشالمەن بولمىسا باشلىقنىڭ ،ئايلىقنىڭ قۇلى بولۇپ كېتەركەنمەن ،مانا ھازىر (ئاللاغا مىڭ شۇكرى)ئەركىن پىكىر قىلالايمەن .ئۆزۇم كىسىپ پىچىمەن .باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش كۆرمەيمەن ،بارىدىغان يېرىمگە قوپۇپلا بارالايمەن ، بۇمۇ قىسمەن ئەھۋالدۇ .ئوڭشىلىپ كېتەر ...

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 08:53:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 09:32 PM
مۇشۇ سودا،كارخانا زاۋۇت توغىرسىدا ئىزدىنىدىغانلار ئا ...

رەنجىمەڭ .قېرىندىشىم .چۈنكى بۇ جاپالىق ئىشلەشكە .تىرىشىشقا ئۇندەيدىغان تېما ئەمەسمۇ ؟قاۋاققا .قىمارغا .باشقا نامۇۋاپىق ئىشلارغا ئىشلەتكەن پۇللىرىنى ساۋابلىق ئشلارغا ،تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ئشلارغا مەبلەغ سېلىپ ئائىلىسىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرشتۈرەي دىيىشنى،ئېشىنالسا ئاجىز قېرىداشلىرىمغا يۈلەك بولاي دىيىشنى   ئويلىمايدىغان سۆلەتۋاز قىرىنداشلىرىمىز خېلى بار
   ھېلىقىدەك تېما بولغان بولسا ۋاي ئىنكاس دىگگەننى تېمىنى قۇلۇپلاپمۇ توسۇپ قالغىلىمۇ بولمايتتى

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 12:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۇنىRE: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مەسلىھەت

Jim يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 08:53 AM
رەنجىمەڭ .قېرىندىشىم .چۈنكى بۇ جاپالىق ئىشلەشكە .تىرى ...

شۇنى دەيمەن، بىرەرسىنىڭ غەيۋىتى بولسا ھەممىمىز ئولىشىدىكەنمىز شۇ يەرگە،ئەقىل يوق،ئەخلاق  يوق، مىھىر مۇھەببەت يوق دەپ سۆكۈشنىلا بىلىمىز ئۆزىمىزنى، ھەي........ئاللاھ بىزگە سەۋىر تاقەت ،چىدام غەيرەت ئاتا قىلسۇن ،ئامىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 12:17 PM  


نەسىىھەت ئاچچىق،مىۋىسى تاتلىق،قېنى مەرھەمەت
http://www.awlat.net/?p=2858

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3372
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 01:58:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14415
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4020 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس تىمىدىن بىر يوللاپسىز تەشەككۇر!
بەشىنجى قويڭلغان پىكرىڭىز تولىمۇ ياقتى ماڭا، دىمىسىمۇ بىر ئىزدا تۇرۇۋەرمەي سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كىرەك...
بىراق ئاتا-ئانىمىز ئۇنىمايدىكەن، رازىلىق بەرمەيدىكەن..
‹‹ ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى توت›› دەيدىغان گەپ بار دەيدىكەن..
رازىقى بەرمىسە بىزدە ئامال يوق...
بىر كەسىپنى قلىۋەرسەك،  باشقا ئىشلارگە قىزىقىدىغان گەپ، باشقا ئىشلارنى قىلىپ يۇرت كرۇپ كاللىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىڭىمىزنى مۇستەھكەم قىلايلى دىسەك، قوللايدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق....
ئورۇشتىمۇ ئارقا سەپنىڭ تەمىناتى ياخشى بولمىسا، ئۇرۇشتا غەلبە قازانغىلى بولماي، قىرىلىپ كىتىدىغان گەپ..
شۇنىڭغا ئوخشاش، قوللاپ قۇۋۋەتلەش بولمىسا، جەمىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان گەپ ..
قانداق قىلىشىم كىرەك..
ھەجەپ كاللام قاتتى....
دوسلىرىم -سىلەر ئوبدانراق ، ئاقىلانە بىر مەسلىھەت بىرىڭلارچۇ... خۇش بولاي؟

قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش