ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان چېچىنىيە ياشلىرى
روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چېچىنىيە رايۇنى 20 يىلغا يېقىن كۈلپەتلىك ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى.بۇ مەزگىلدە 200 مىڭغا يېقىن چېچىنىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.Itum-Kale تاغلىق رايۇنى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاسىي ئارمىيەنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
چېچىنىيەنىڭ سېرجىن يۇرت كەنتىدىكى 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە دەرىسىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى باشلىرىغا ياغلىق ئارتىۋالغان.ئۇلار تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىش مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىگە ماس كەلمەيدۇ،قىز ئوقۇغۇچىلار ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك،-دېدى.
چېچىنىيەنىڭ سېرجىن يۇرت كەنتىدە 15 ياشلىق Khedi Konchieva يىگىتى بىلەن مۇھەببەتلەشمەكتە.چېچىنىيەدە ئاشىق-مەشۇقلار چوقۇم ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇھەببەتلىشىشى كېرەك شۇنداقلا ئولتۇرغاندا چوقۇم بەلگىلىك ئارلىق ساقلىشى كېرەك،ھەر قانداق بەدەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ھەممىسى تويدىن ئىلگىرى چەكلىنىدۇ،-دەپ بەلگىلەنگەن.قاراڭ ئۇ ئىككىسىنىڭ قالدۇرغان ئارلىقىغا...
چېچنىيە ياشلىرى ناخشا-ئۇسۇلغا ھېرىسمەن بولۇپ،بۇنداق پائالىيەتلەر چېچنىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.سۈرەتتە ئىككى ئاشىق-مەشۇق پائالىيەتتە ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئوينىماقتا.
چېچنىيەنىڭ مەركىزى لوسنى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 مىنۇتلۇق ماشىنا مۇساپىسى كېلىدىغان سېرجىن يۇرت كەنتىدىكى 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 9-يىللىقىدىكى دەرىستە ئايال ئوقۇغۇچىلار باشلىرىغا ياغلىق سېلىپ دەرىس ئاڭلىماقتا.
سېرجىن يۇرت كەنتىدە بىر چېچىنىيەلىك قىزچاق پۈتۈن ئىشقى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇماقتا. چېچنىيەدە ياشلار ئادەتتە پەننى تەلىم بىلەن دىنىي تەلىمنى تەڭ ئېلىپ ماڭىدۇ.
سېرجىن يۇرت كەنتى،جۇمە ناماز ۋاقتى،بىر چېچىنلىك قىزچاق مەسچىتكە بارىدىغان يولىدا كېتىپ بارماقتا.
ياۋرۇپا قىتئەسى بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان چېچىنىيە مەسچىتى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا مەكتەپتىن قايتقان چېچنىيەلىك قىز ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرماقتا.
چېچىنىيە شائىرى Ruslan Akhtkhanov نىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرماقتا.رۇسلان روسىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن تېرورىزىم ئۈنسۈرى دەپ قارىلىپ موسكىۋادا ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئويۇن قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان چېچىنىيە سەنئەتكارلىرى ئارقا سەھنىدە تەييارلىق قىلماقتا.بۈگۈنكى چېچىنىيەدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا بولسۇن ئاياللار چوقۇم ياغلىق ئارتىشى شەرت.
مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/05/68248.shtml