مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20690|ئىنكاس: 134

ئالۋاستى ھەمراھ (ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80086
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 06:09:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

鬼伴侣.jpg

ئالۋاستى ھەمراھ

ئا.قويچى

ئەسكەرتىش:
1. ئەسەر مەزمۇنى قورقۇنچلۇق بولۇپ قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە باشقا ئۇقۇشقا ماس كەلمەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇقىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز ، كىچىدە يالغۇز ئۇقۇشقا ھەرگىز بولمەيدۇ،يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئاپتۇر مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.
2.ئەسەر ھوقوقى ئاپتۇرغا ۋە مىسرانىم تورىغا تەۋە ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆچۇرۇپ تاقىتىشىغا قەددى رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
3.شارائىتى بارلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەزكۇر ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ چىقىشىنى قارشى ئالىمەن ھەمدە ئاۋازغا ئالغۇچىنى 50-100يۇەنگىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمەن. ئاۋازغا ئىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم مەن بىلەن كۆرۇشۇڭ ،سۇپەتلىك ئىلىنمىغان ئاۋاز ئەسىرى مۇكاپات بىلەن ئالاقىسىز.

(1)



كەچقۇرۇن ئادىل ئائىلىسىدىكى 4جان كىشى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۆي خىزمەتچىسى نۇرنىسا تەييارلىغان چۆچۈرىنى ئىچىۋاتاتتى.
توساتتىن ئوغلى ئالىم ئەمدىلا ئېغزىغا سالغان چۆچۈرىنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىپ ،نارازى بولغان ھالدا:"دادا،بۇ چۆچۈرىنى كىم تۈگدى؟ قارا ،ئىچىدىن چوڭلا بىر سۆڭەك چىقىۋاتىدۇ."
ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ئېغىزىدىكى چۆچۈرىنى چىقىرىپ ئۈستەلگە قويدى.
-:ئاپا...ئالىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان گۈلمىرە تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسىغا ئۆزىنى ئاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرگىنى ئالىمنىڭ ئېغزىدىن چىققان قان تېمىپ تۇرغان بارماق پارچىسى ئىدى.
-:بۈگۈن چۆچۈرىنى سىز تۈگىدىڭىزمۇ؟ئادىل قورقۇپ ھاڭۋېقىپ قالغان نۇرنىسادىن سورىدى.
-:ياق،ياق،چۆچۈرىنى ئايگۈل ئاچام تۈگكەن.دېدى ،نۇرنىسا دۇدۇقلاپ.
-:ئايگۈل ،ئايگۈل! ئادىل تازىلىق ئۆيىدىكى ئايالىنى چاقىردى.ئەمما بىرنەچچە قېتىم چاقىرغان بولسىمۇ ھېچقانداق سادا بولمىدى.ئەجەبلەنگەن ئادىل ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيى ئالدىغا كېلىپ
تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى مۇشتلاپ تۇرۇپ تولىدى:" ئايگۈل ،ئايگۈل نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ ساڭا نېمە بولدى؟"
قورقۇپ كەتكەن ئالىم بىلەن گۈلمىرەمۇ مېھمانخانىدىن چىقىپ دادىسىغا يېپىشقىنىچە تىتىشىپ تۇرۇشاتتى.
نامەلۇم بىر شۇملۇقنى كۆڭلى تۇيغان ئادىل تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ تەپتى.دەل ئادىلنىڭ پۇتى ئىشىككە تەككەن ۋاقىتتا تازىلىق ئۆيىدىن بىر ئايالنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يارغۇدەك قورقۇنچلۇق چېقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.ئاۋاز بارغانچە كۈچىيىپ پۈتۈن ئۆينى قاپلىدى.قورقۇپ خۇدىنى يوقاتقان بۇ 4كىشى قۇلاقلىرىنى ئەتكىنىچە سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈشتى.


2457331_195638343000_2.jpg



بىراق سىرتقا تۇتاشقان چوڭ ئىشىك مەھكەم ئېتىلگەن ئىدى.ئادىل ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىدى.ئادىل قورقۇپ ئىشىككە تەلۋىلەرچە ئۈسۈشكە باشلىدى.
دەل مۇشۇ چاغدا. ئارقا تەرەپتىن ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركۈندۈرىدىغان كونا پاتېفوننىڭ ئاۋازىدەك بوغۇق ئاۋازدا بىرىنىڭ"جىنىڭنى ئالىمەن!!!"دەپ توۋلىدى ئاڭلاندى.
ئۇلار 4كىشى تىترەشكىنىچە ئاستا ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى.ئۇلار كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن تامامەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتى.
يۈزى تامدەك ئاق ،ئۇزۇن ،قويۇق قارا چاچ بىر ئايال تازىلىق ئۆيىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئۇزۇن تىرناقلىرى تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە سانجىلىپ تۇراتتى.
ئايال ئاستا مېڭىپ ئۇلارغا يېقىنلاشتى. تۇيۇقسىز ئۆينىڭ چىراغلىرى ئۆچتى،گۆرىستانىڭ جىمجىتلىقى بۇ ئۆينى ئىسكەنجىگە ئالدى...
بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەر ھەپتە ئاخىردىكى ئارام كۈنىنىڭ شادلىقى ئىچىدە مەست بولۇشقان بولۇپ ھېچكىممۇ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىرىغى تۇيۇقسىز
ئۇچۇپ قالغىنىغا دىققەت قىلمىدى.ھەمدە بۇنىڭ بۇ شەھەر گە يېقىنلىشىۋاتقان قانداقتۇر بىر شۇملۇقنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.


(2)


قۇياش ئاۋات شەھەرنىڭ ئېگىز بىنالىرىغا ئاستا-ئاستا يامىشىپ چىقىپ شەھەر خەلقىنىڭ تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئالدىراش باشلانغان بۇ يېڭى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى ھارغىنلىق بىلەن يورۇتۇشقا باشلىدى.
قاسىم ئەتىگەندە كېلىپ دۇكان ئالدىدا خوجايىن ئادىلنى ساقلىدى.لېكىن خىلى ئۇزۇن ساقلىسىمۇ ئادىلنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى.قاسىم ئامالسىز ئادىلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
قاسىم ئادىلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.بىراق ئۆيدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.قاسىم ئىشىك قوڭغۇرىقى بۇزۇلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى
ۋە ئىشىكنى يېنىك مۇشتلاپ توۋلىدى:
-:ئادىلكا،ئادىلكا سىلە ئۆيدىما؟مەن قاسىم.بىراق ئۆي ئىچىدىن يەنە ھېچقانداق شەپە بولمىدى.قاسىم ئامالسىز يەنىلا دۇكانغا بېرىپ ساقلاش قارارىغا كەلدى.بىراق ئۇ ئەمدىلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشىلىشىگە ئىشىك ئىچىلدى.
قاسىم قايتىپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ،ئۆي ئىچىدىن ئادەمنىڭ تىنى شۈركۈندۈرىدىغان سوغۇق شامالغا قوشۇلۇپ چىرىگەن جەسەتنىڭ پۇرىقى قاسىمنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى.
قاسىم ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا ئىشىك يەنە ئۆزلۈكىدىن يېپىلدى.ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ چىراغ يىقىلمىغان ئىدى.بارلىق دېرىزە پەردىلىرى مەھكەم تارتىلغان ئىدى.
قاسىمنى تېخىمۇ ھەيران قىلغىنى بۇ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنىدىن باشقا 4كىشى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشاتتى.ھېچكىم قاسىمغا قاراپمۇ قويمىدى.
-:خىلى ساقلىسام دۇكانغا كەلمىدىڭ ،شۇڭا ئاچقۇچقا كەلدىم ئادىلكا.دېدى قاسىم قورۇنۇپراق .ئادىل قاسىمغا قاراپمۇ قويماستىن ئاستا قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە يېقىن قويۇلغان كىيىم ئاسقۇغا ئېسىلغان ئاچقۇچنى كۆرسەتتى.
قاسىم ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئاچقۇچقا قول ئۇزاتتى .دەل مۇشۇ چاغدا ئادىل ئائىلىسىدىكى 4كىشى بىرلا ۋاقىتتا پۇتىنى رىتىملىق يەرگە ئۇرۇپ ،چىشلىرىنى كاسىلدىتىشنى باشلىدى.قاسىم چۆچۈپ ئارقىغا قارىدى.
:ئادىلكا ،ساڭا نېمە بولدى ؟ مىجەزىڭ يوقمۇ؟ سورىدى قاسىم .ئادىل ماشىنا ئادەمدەك بېشىنى ئاستا بۇراپ قاسىمغا قارىدى.قاسىمنىڭ كۆزى ئادىلنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى.ئادىلنىڭ كۆزى ئاقسۇنىڭ
پاختىسىدەك ئاق ئىدى ،كۆز قارىچۇقى بولسا كىچىكلەپ كۆرۈنمەس بولۇپ قالغان ئىدى.
يوقال!!! ئادىل تۇيۇقسىز جىنىنىڭ بارىچە قاسىمغا قاراپ ۋارقىرىدى.
نېمە بولغىنى تولۇق بىلمەي ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ،جىمجىتلىق نەچچە سېكۇنت داۋام ئەتتى.ئاندىن قاسىم ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئىشىككە قاراپ ئۆزىنى ئاتتى.
قاسىم ئادىلنىڭ ئۆيىدىن چىقىپلا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلدى.چۈنكى ئۇ ئېنىقلا ئەتىگەن سائەت 9ئەتراپىدا ئادىلنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئىدى ،ئالدىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋاقتىمۇ 10مىنۇتقا يەتمەيدۇ،لېكىن ئۇ بىنادىن ئايرىلىپ سىرتقا چىققاندا ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ تۇرۇشاتتى.تۇيۇقسىز ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە ئىشلار قاسىمنى گاڭگىرىتىپ قويغانتى.قاسىم ھازىر زادى كېچە ياكى كۈندۈز ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ ئايالىغا تېلېفون قىلدى،ئۇنىڭ تېلېفون تۇتقان قوللىرى توختىماي تىترەيتتى.
-:ۋاي،خوتۇن ھازىر كېچىمۇ يا كۈندۈزمۇ ؟
-: ۋۇ بېشىنى يەيدىغان ساراڭ ،ئاز ئىچسەڭ بولمامدۇ شۇ نىجىسنى ؟كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئايرىيالمايدىغان جىنىڭغا؟
-: ۋاي خوتۇن بولدى قىل ،بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ...
-: ۋۇي...قاچاندىن بىرى قورقىدىغان بولۇپ قالدىلا ؟تولا ئويۇن قويماي ئىتتىك ئۆيگە كەلسىلە سائەت 12بولاي دېدى،لالما ئىتتىك لاغايلاپ يۈرۈۋەرمەيلى ...
ئايالى تېلېفوندا يەنە بىرنېمىلەرنى دېدى .بىراق بۇ سۆزلەر قاسىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.قاسىم تۇرغان جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز ئۇزۇن تىرناقلىرى قان رەڭدە بويالغان بىر جۈپ قول ئارقا تەرەپتىن قاسىمنىڭ بوينىغا گىرە سالدى.نازۇك بارماقلار قاسىمنىڭ بوينىغا تېگىشى بىلەن قاسىمنىڭ تىنى جالاقلاپ تىترەشكە باشلىدى. قاسىمنىڭ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلدى.


(3)


شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەتىگەندىلا بۇ قورقۇنچلۇق قاتىللىق خەۋەر تاپتى. شەھەرنىڭ ئاۋات كۆچىلىرىنىڭ بىرىدىن 25ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى. جەسەت پارچىلىنىپ ، چىرايى بۇزۇلغان بولۇپ ،قاتىلنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانخور ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى .شەھەر خەلقىنىڭ ئەمىنلىكىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن قاتىلنى قانۇن تورىدىن بىر كۈنمۇ قاچۇرۇشقا بولمايتتى. ئىدارە باشلىق دېلوغا قاراپ چىققاندىن كىيىن تىزدىن ئالاھىدە ئەترەت قۇرۇپ چىقىپ دېلو پاش قىلىشنى باشلىۋەتتى.
ئالاھىدە ئەترەتكە ماھىر رازۋېدچىك مەسۇت مەسئۇل بولدى.مەسۇت ياش كېلىشكەن ،تەمكىن يىگىت ئىدى.خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغىنى بىلەن كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ رەھبەرلىك ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ياراملىق خەلق ساقچىسى ئىدى.
مەسۇتنىڭ ياردەمچىسى بولسا يېڭىلا ئۇنۋىرسېتنى پۈتتۈرگەن جىنايەت پسىخولوگى مۇتەخەسسىسى رەنا بولۇپ، رەنا زېرەك ،قورقۇمسىز ،تىرىشچان قىز ئىدى،ئەلۋەتتە ئىسمىغا لايىق گۈزەل رەنا ئىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن شۇ ئېنىق بولدىكى ئۆلگۈچى قاسىم، ئەر، 25ياش، سودىگەر ئادىلنىڭ دۇكىنى ئاچىدۇ،ئەتىگەن دۇكان ئاچىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ كەچ قايتمىغان ،دۇكان تولۇق بىر كۈن ئېچىلمىغان . دېدى مەسۇت قولىدىكى ماتېرىياللارنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ
-:رەنا ،بېرىپ ئادىلنى كۆرۈپ كەلسەك ،ھازىرغا قەدەر قاسىمنىڭ ئۆلۈمىگە كېلىپمۇ قويمىدى.بۇ نورمال ئەمەس .
ئۇلار ئادىلنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە بىنا ئالدىدا بىر بوۋاي سايىداپ ئولتۇراتتى. مەسۇت ئاۋۋال بوۋايغا سالام قىلىپ ئاندىن ئەدەپ بىلەن بوۋايدىن سورىدى.
-:بوۋا ،ئادىل ئۆمەرنى تونۇمدىلا؟
-:تونۇيمەن ،ئۇ مىنىڭ قوشنام .
-:تۈنۈگۈندىن بۇيان ئۇنى ئۇچراتقىلىمۇ ؟
-:ياق ،لېكىن ئۇ لار بۇرۇنلا چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ ئارام ئالدىغۇ دەيمەن ،مەن پەستە بىر نەچچە ھەمراھىم بىلەن شاھمات ئويناۋاتقان ،تېخى 7بولمايلا چىراغلىرىنى ئۇچۇرۇشتى.ئۇندىن كىيىن سىرتقا چىققىنى بىلمەيمەن.
رەنا بىلەن مەسۇت بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ بىناغا كىرىپ كېتىشتى. ئادىلنىڭ ئۆيى 6-قەۋەتتە ئىدى.نېمىشقىدۇر يۇقىرىغا چىققانچە كارىدۇر قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى،
4-قەۋەتكە چىققاندا ئۇلار ئامالسىز قولچىرىغى تىقىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق ئۇلار قانچە قىلىپمۇ 4-،5-قەۋەت ئارىسىدىكى پەلەمپەينى مېڭىپ تۈگىتەلمەيۋاتاتتى.ئۇلار ماڭغانچە پەلەمپەي ئۇزىرايتى،ئاخىر پەلەمپەي ئۇزىرىپ كۆز يەتكۈسىز سىزىققا ئايلاندى. تۇيۇقسىز رەنانىڭ قەدىمى توختىدى.
-:نېمە بولدى؟ سورىدى مەسۇت ھاسىراپ تۇرۇپ .
-:ئۇ ئۆيدە ئادەم قالمىدى. رەنانىڭ ئاۋازى قورقۇنچتىن تىترەيتتى.  
.نېمە؟چۈشىنەلمەي سورىدى مەسۇت.
-:ئۇ ئۆيدە ئادەم قالمىدى،يۈرۈڭ ،تىز ،كېتەيلى. رەنا شۇنداق دېگىنىچە مەسۇتنىڭ قولىدىن سۆرەپ تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈردى.
رەنا بەكلا كۈچەپ تارتقاچ مەسۇت يېقىپ چۈشكىلى تاس قالدى،مەسۇت تىزلا ئۆزىنى ئوڭلاپ رەناغا ئەگىشىپ بىنادىن چىقتى.ئىككىيلەن ماشىنىغا چىقىپ ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا 6-قەۋەتنىڭ بالكونىدا بىر ئادەم پەيدا بولدى.ئۇ ئۇزاققىچە مەسۇتنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقىدىن قاراپ تۇردى.بىردىنلا چاقماق چىقىلدى.قۇلاقنى يارغۇدەك گۈلدۈرماما ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كەلگەن يورۇقلۇق ئۇنىڭ چىرايىنى يورۇتۇپ ئۆتتى.ئۇ دەل ئادىل ئىدى. ئۇنىڭ قانسىراپ تامدەك ئاقارغان چىرايى بىلەن بويۇندىن چىقىپ ئۇدۇل ئىككى كۆزىنىڭ ئاستىدىن ئىككى كۆزىگە قاراپ لوقۇلداپ قان ئېقىۋاتقان ئىككى تال قىپقىزىل قان تومۇرى ئۇنىڭ چىرايىنى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانتى.


(4)


مەسۇت ماشىنىنى يۇقىرى سۈرەتتە ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ،يىپىدىكى ياردەمچىسى رەناغا قارىدى.رەنا توختىماستىن تىترەۋاتاتتى،پېشانىسىدىن ئاققان تامچە-تامچە تەر ئۇنى گويا ئەمدىلا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىن چىققاندەك كېلىپ قويغانتى.
-:سىزگە زادى نېمە بولدى؟ بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتقان بولسا دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟سورىدى مەسۇت.
-:ياق ،مەن ياخشى ،كەچۈرۈڭ بايا راستلا بىر ئاز قورقۇپ كەتتىم .دېدى رەنا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ . سىز ئالۋاستىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ئالۋاستىدىن قورقامسىز؟
-:ئالۋاستى؟؟؟ تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن چۆچۈپ رەناغا قارىدى.
سالامەتمۇ يا سىز؟ بۇ كېچىدە ئالۋاستى ،جىن دەپ جۆيلۈگىلى تۇردىڭىزغۇ؟
-: كەچۈرۈڭ مەسۇت ،مەن سىزگە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەۋاتىمەن . بۇ دېلو ئادەتتىكى قاتىللىق ئەمەس.
-:شۇنداقمۇ؟ قىنى ئەمسە ئويلىغىنىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
-:ئادىلنىڭ ئۆيىدە ئاللىقاچان ئادەم قالمىدى.بىراق،رەنا بىرئاز توختىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.لېكىن ئۇ ئۆي ھەرگىز مۇ قورۇق ئەمەس.
-:ئەجەبا ئۆيدە باشقا بىر نەرسە بار مۇ؟
-:ئالۋاستى،ئۆيدە ئالۋاستى بار.
-:نېمە دەيدىغاندۇ بۇ قىز ؟نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسىز ؟بىز ساقچىلار سۆزىمىزگە ھەقىقىي پاكىتنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك.
-:ئەگەر خالىسىڭىز سىزگە كىچىك چىغىمدىكى بىر ھېكايەمنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي. رەنا كۆزلىرىنى يۇمۇپ بالىلىقىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئەسلەشكە باشلىدى.
" جىر... " قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلار سىنىپلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ يۈگۈرۈشكىنىچە تەرەپ-تەرەپكە قاراپ كېتىشىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇچىسىغا چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەك بېشىغا چىمەن دوپپا كىيگەن ئوماققىنە رەنا ئېغىزىدا بۈگۈن يېڭى ئۆگەنگەن ناخشىنى غىڭشىغاچ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋەتتى. يول بويىدىكى دوغاپ خانىنىڭ قارلەيلىسى ماركىلىق تېلېۋىزورىدىن رەنا ناھايىتى ئامراق فىلىمىنىڭ مۇقەددىمە مۇزىكىسى چېقىۋاتاتتى.رەنا قەدىمىنى تىزلىتىپ جىنىنىڭ بارىچە ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى.رەنا قورۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پەلەمپەيدە ئاپئاق كۆڭلەك كىيگەن بىر قىز تال-تال ئۆرۈمە چاچلىرىنى ئويناپ تۇرغىنىنى كۆردى.رەنا بىر قاراپلا ئۇنىڭ 3ئاي بۇرۇن بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن ،كىچىكىدىن رەنا بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان گۆھەر ئىدى.رەنا گۆھەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.رەنا يۈگۈرۈپ بېرىپ گۆھەرنىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ تارتىپ ئۆزىگە قاراتتى.بىراق گۆھەر ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغان ئاشۇ پەيتتە رەنا قورققىنىدىن ھوشىدىن كەتتى. چۈنكى گۆھەرنىڭ كۆزلىرى ئورنىدا قاپقارا چۇڭقۇر ئىككى كامار تۇراتتى.
رەنا ئىككىنچى كۈنى ھوشىغا كەلدى،دادىسى بىلەن ئاپىسى ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى .ئاپىسى ئۇنىڭغا پەلەمپەيدە ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى ،قوشنىسى مەريەمخاننىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكەلگىنىنى ،كېچىچە قىزىتىپ جۆيلۈپ چىققانلىقىنى ئېتىپ ،ئۇنىدىن نېمە ئىش بولغىنى سورىدى.
-:مەن پەلەمپەيدە گۆھەرنى كۆردۈم ،رەنانىڭ گېپى ئېغىزىدىن چىقىپ بولغۇچە ئاپىسى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى ئۇرۇۋەتتى. بۇ ئازدەك دەپ قاتتىق تەنبىھ بەردى.
رەنا كىيىن بىلدىكى ئەسلىدى گۆھەر بىر ئاي ئىلگىرى يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن .گۆھەرنىڭ ئۆلۈمى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ قىزىنىڭ جەسەتنى كۆرگەن ھەرقانداق بىرىكىشى قورققىنىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىكەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ رەنا گۆھەر ۋە باشقا بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن نەچچە كىشىنى كۆردى ،ھەتتا ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى .پەقەت ئانىسىدىن قورقۇپ بۇنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.
مەسۇت رەنانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن جىن –ئالۋاستى دېگەنگە ئىشەنمەمتى.لېكىن نېمىشقىدۇر ئىچىدە پەيدا بولغان ئاللىقانداق قورقۇنچتىن تەرلەشكە باشلىدى.
-:ھازىر مۇشۇ كېچىدە مۇشۇنداق غەلىتە پاراڭنى قىلغاندىكىن يا سىز ساراڭ يا ئاڭلاپ ئولتۇرغان مەن ساراڭ .
-:مەن ئۇنۋىرسىتتا دوكتورلۇق ئۇنۋان ماقالەمنىڭ تېمىسى (چوڭ مىڭىنىڭ ئالدامچىلىقى ) مەن بۇتېمىدا كۆپ ئىزدەندىم .ھەمدە دۇنيادا ھەقىقەتنىمۇ ئىنسانلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخلۇقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىنسانلاردىمۇ بەزى ئوخشىماسلىقلار بار ،بەزى ئىنسانلار باشقىلار كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەننى كۆرىدۇ،قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىيالايدۇ.
-: بولدى قىلىڭە رەنا ،نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز،سىلەر دوكتورلار نەدىمۇ قاملاشمىغان بىرنەرسىلەرنى تەتقىق قىلىپ يەردە پۇتى،ئاسماندا ئۇچى يوق بىر يەكۈنلەرنى چىقىرىشقا ئامراق ئىكەنسىلەر،ساقچىلار تۇيغۇ سۆزلىمەيدۇ پاكىت سۆزلەيدۇ.دېدى مەسۇت رەنانىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىپ .
-:تېلېفونىڭىز سايراۋاتىدۇ.دېدى،رەنا تۇيۇقسىزلا.
-:نېمە ،نەدىكىنى ؟ مەسۇت تېلېفوننى چىقىرىپ قارىدى،تېلېفون جىمجىت ئىدى.
مەسۇت رەناغا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تازا بىر ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇپ تەمشىلىۋېدى ،تۇيۇقسىز تېلېفوندىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ <مەشرەپ> دېگەن ناخشىسى ئاڭلاندى.
مەسۇت ئالاقزادىلىك ئىچىدە تېلېفوننى ئاچتى.تېلېفون ئۇنىڭ يېقىن دوستى مۇراتتىن كەلگەن ئىدى.
-:ۋاي ،قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ؟ مەسۇت قارشى تەرەپتىن جاۋاب كۈتۈپ بىرئاز ساقلىغان بولسىمۇ قارشى تەرەپتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.بىردىنلا تېلېفوندىن بىر ئەرنىڭ ئېغىر تىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-:ۋاي مۇرات ،ۋاي.... مەسۇت جىددىيلەشكىنىدىن ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.بىردەقىقە تىمتاسلىقتىن كىيىن تۇيۇقسىز تېلېفوندىن بىر ئايالنىڭ قۇلاقنى يىرتقۇدەك چىرقىراپ تولىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قورقۇپ كەتكەن مەسۇت تېلېفوننى ماشىنىنىڭ سىرتىغا چۆرۈۋەتتى.
-:مانا بۇ پاكىت ساقچى ئەپەندىم .دېدى رەنا قورققىنىدىن جالاقلاپ تىترەۋاتقان مەسۇتقا قاراپ .


(5)


رەنا بىلەن مەسۇتنىڭ سۆھبىتى داۋام ئېتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا <ئادەم قالمىغان > <جىن-ئالۋاستىغا تولغان > بۇ ئۆيدە يۈزلىرى تامدەك ئاقارغان گۈلمىرە بىلەن نۇرنىسا بىر- بىرىگە تىكىلىپ ئولتۇرۇشاتتى.ئالىم قولىدا بىر تال پىچاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ توختىماستىن تاماق ئۈستىلىنى ئايلىنىۋاتاتتى،ئالىمنىڭ قارىچۇقى كىچىكلەپ كۆرۈنمەيلا قالغان  كۆزلىرى يوغىناپ پۇلتىيىپ چىققان بولۇپ ،ئىككى تال كەپتەر تۇخۇمىغا ئوخشاپ قالغانىدى.ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئاللىقانداق جىددىيلىك ۋە تەقەززالىق چىقىپ تۇراتتى.
ئادىل بولسا تازىلىق ئۆيىدە قانغا مىلەنگەن ئايگۈلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئايگۈلنىڭ بەدىنىدىن قان تامچىلاپ  تۇرغان تېرە پارچىلىرىنى ياۋۇزلۇق بىلەن  يۇلۇپ ئىلىپ پۇرلاپ ئېغىزىغا تىقىپ ئاجايىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى.تۇيۇقسىز كارىدوردا ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى .ئادىل تىۋىشنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.قورقۇنچتىن ئادىلنىڭ كۆزلىرى چوڭىيىپ چىشلىرى توختىماي كاسىلدايتى.
ئاۋاز بارغانچە يېقىنلاشتى ،ئادىل ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كەلدى.ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان 4كىشى قورقۇنچ ۋە تەقەززالىق ئىچىدە تام سائىتىگە تىكىلىپ ئولتۇرۇشاتتى.
< چېك،چېك چىك،داڭ ...داڭ...داڭ...>تام سائىتى كېچە 12گە داڭ ئۇردى. سائەتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ كارىدوردىكى ئاياق تىۋىشى تىنچىدى.ھەممەيلەن ئېغىر تىنىشىپ ئادىلغا قارىدى.ئالدىنىڭ قورقۇنچتىن پۈرلەشكەن چىرايى ئاستا بوشىشىپ قورقۇنچ ئورنىنى مۇغەمبەرلىك ئارىلاش كۈلكە ئالدى.
ئادىل ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى،ئارقىدىن نۇرنىسا ،گۈلمىرە،ئالىم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشىكتىن چىقتى.سىرتتا قاتتىق قار يىغىۋاتاتتى،ئۇلار بىر –بىرىگە ئەگىشىپ بىرقاتار بولۇپ يولچىراقلىرى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان ئاسفالت يولغا چىقتى.
تۇيۇقسىز قارشى تەرەپتىن قار ئۇچقۇنلىرىنى يىرىپ ئۆتۈپ قىزىل رەڭلىك تاكسى ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلدى. ئادىل قەدىمىنى توختىتىپ تاكسىغا قاراپ قولنى كۆتۈردى.تاكسى شوپۇرى ئېھتىيات بىلەن ماشىنى يول ياقىسىدا توختىتىپ بېشىنى چىقىرىپ ئادىلدىن سورىدى.
-ئۇستام نەگە بارىسىلەر؟
-ھەزرەتكە.ھەزرەت شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى،شوپۇر بۇ 4 كىشىنىڭ يىرىم كېچىدە نېمە ئۈچۈن سەھەر سىرتىدىكى كونا قەبرىستانلىققا بارماقچى بولغىنىغا ھەيران بولۇپ ئۇلارغا قارىدى.كىشىنى ئەجەپلەندۇردىغىنى يەرنى قىلىن قار قاپلىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدا بىرتالمۇ ئاياق ئىزى كۆرۈنمەيتتى.4كىشى قارتار تىزىلىپ شوپۇرغا تىكىلىپ تۇراتتى، ئاجىز يولچىراقلىرى ئاستىدا تاشلىنىپ تۇرغان كۆلەڭگىلىرى بولسا ئېچىرقاپ كەتكەن يىرتقۇچتەك تېپىرلاپ توختىمامتى. تەجرىبىلىك تاكسى شوپۇرى بۇلاردا مەسىلە بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ،
-:كەچۈرۈڭ ،يول يىراقكەن ماشىنىدا يېتەرلىك گاز قالمىدى. دېدى.ئەمما ئادىل گويا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك شوپۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇردى.
شوپۇر ئامالسىز ماشىنى قوزغىدى ،ماشىنا ئىچىنى گۆردەك مۇدھىش پۇراق قاپلىدى.شوپۇر ئىچىدىكى قورقۇنچنى ئازايتىش ۋە  ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن گەپ باشلىدى،
-:<باي بولاي دېسەڭ مازارغا بار، گاداي بولاي دېسەڭ بازارغا > دەپتىكەن ،كېچە بولسىمۇ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ئۆتەي دەپلا دە؟  شوپۇر جاۋاب كۈتۈپ ئادىلغا قارىدى ئەمما ئەمما ئادىل ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن ئۇدۇلغا قاراپ ئولتۇراتتى. شوپۇر ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئارقىدا ئولتۇرغان بالىلارغا قارىدى،ئارقىدا ئولتۇرغان 7-8ياشلاردىكى ئوغۇل بالا بارماقلىرىنى چوكامۇز يېگەندەك كاراسلىتىپ يەۋاتاتتى. شوپۇر كۆرئالدىدىكى مەنزىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ ماشىنىنىڭ تورمۇزىغا قاتتىق دەسسىدى.ماشىنا قاردا تىيىلىپ يول ياقىسىدىكى گۈللۈككە سوقۇلدى. شوپۇر مۇشۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ قاچماقچى بولۇپ ئىشىكنى ئىچىشكە تەمشەلدى،بىراق ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرى ۋە ئىشىك قۇلۇپى تەڭلا تاقالدى،ماشىنا ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى سۈرەتتە غۇيۇلداپ يۈرۈپ كەتتى. شوپۇر قورققىنىدىن جاقىلداپ تىترەيتتى،شۇنداقتىمۇ ھاياتقا بولغان قىيالماسلىق سەۋەبلىك ئۇنىڭ كاللىسى ناھايىتى سەگەك ئىدى. شوپۇر تېلېفونىنى چىقىرىپ قارىدى ،ئەمما تېلېفوندا سىگنال يوق بولۇپ چىقتى،باشقا شوپۇرلاردىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ماشىنىدىكى ئاپپاراتنى قولىغا ئالدى ،ئاپپاراتتىن بۇزۇق رادىئودەك گاژ-گاژ قىلغاندەك ئاۋاز چىققاندا ئۈمىدسىزلەنگەن شوپۇر ئاستا كۆزىنى يۇمدى.
ماشىنا قەبرىستانلىقتا توختىدى،ئادىل قورقۇپ ھوشىدىن كەتكەن شوپۇرنى سىلكىپ ئويغاتتى،شوپۇر كۆزىنى ئىچىپ ئۆزىگە تىكىپ تۇرغان ئادىلغا قاراپ قورقۇپ يەنە ھوشىدىن كەتتى،ئادىل شوپۇرنىڭ مەيدىسىگە كۈچەپ بىر مۇش ئۇردى، شۇتاپتا ئادىلنىڭ چىرايى شۇنچىلىك قورقۇنچ ئىدىكى شوپۇر قايتا ھوشىدىن كەتمەسلىكى ئۈچۈن شوپۇر كۆزىنى ئىچىپلا يەنەيۇمۋالدى،ئۆمرىدە ئىككى ھېيت نامىزىدىن باشقا نامازغا بېشى بارمىغان شوپۇر يادىغا كەلگەن بارلىق سۈرىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
-: ئورنۇڭدا جىم ئولتۇرۇپ بىزنى ساقلا. دېدى  ئادىل قوپال تەلەپپۇزدا،ئاندىن باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قەبرىستانلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئادىل ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن ماشىنىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاندى.شوپۇر ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ھەرتەرەپكە ئۇراتتى،يۈزلىرىنى تاتلاپ ،چاچلىرىنى يۇلۇپ ھۆركىرەپ يىغلايتى.
بىر ھارادىن كىيىن 4كىشى قەبرىستانلىقتىن قايتىپ چىقتى،ئادىل دولىسىدا ئاپئاق كېپەنلەنگەن بىر جەسەتنى كۆتۇرۋالغانتى.ئۇلار قايتىدىن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى.ماشىنا يەنە ئۆزلۈكىدىن قوزغالدى.شوپۇرنىڭ روھى ھالىتى بايىقىدىن 180گرادۇس ئۆزگەردى،قولىنى رولغا قويۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماشىنىنىڭ ھەيدەشكە باشلىدى.ماشىنىنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئۇنىڭ كۆزىمۇ ئادىلنىڭكىدەك پولتايغان ،كۆزقارچۇقى كىچىكلەپ كۆرۈنمەي قالغانتى.
ماشىنا ئادىلنىڭ ئۆيى ئالدىدا توختىدى،ئادىل كېپەننى  كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشتى. شوپۇر خوجايىنىدىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان قۇلدەك ئىتائەت بىلەن ئادىلغا قارىدى. ئادىل پەلەمپەيگە چىقىپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ شوپۇرغا قاراپ قوپال تەلەپپۇزدا ،
-: يوقال! دېدى. شوپۇرنىڭ يۈزىدە رازىمەنلىك ۋە شاتلىق ئەكس ئەتتى،ئارقىدىن ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپ بۇتۇن سۈرەتتە يۈرۈپ كەتتى.ماشىنا شەھەرنىڭ ئاۋات كۆچىلىرىدىن ئايرىلىپ شەھەر سىرتىغا قاراپ ماڭدى،ماشىنا شەھەر سىرتىدىكى  دەريانىڭ چوڭ كۆرىكىگە كەلگەندە شوپۇر ماشىنىنىڭ رولىنى كۈچەپ سولغا بۇرىدى،ماشىنا ساداقتىن چىققان ئوقتەك دەرياغا قاراپ شۇڭغۇدى.
ئادىل ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن جەسەتنى تاماق ئۈستىلىگە قويدى،باشقىلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك  پىچاقلارنى ئىلىپ ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە كۈچۈكلىرىدەك ئۈستەل ئۇستىدىكى جەسەتكە قاراپ ئولتۇرۇشاتتى.ئادىل قايچا بىلەن  كېپەننى كېسىپ جەسەتنى كېپەندىن چىقاردى.جەسەت قاسىمنىڭ ئىدى.
ئادىل قولىدىكى قايچىنى قاسىمنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ قاسىمنىڭ تىلىنى كېسىپ چىقاردى ئاندىن ئېغىزىغا سېلىپ چايناشقا باشلىدى.ئاللىقاچان تاقەتسىزلەنگەن بالىلار پىچاقلىرىنى جەسەتكە تىقىپ جەسەتنى پارچىلاشقا باشلىدى.
تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كىيىن بۇ قورقۇنچلۇق تاماق ئۈستەلگە تۈۋلەنگەن ئاپئاق سۆڭەكلەر بىلەن ئاخىرلاشتى. بالىلار  ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئادىلنىڭ ئالدىغا كەلدى.بىرىنچى بولۇپ ئالىم قولىدىكى پىچاقنى ئادىلنىڭ قورسىقىغا تىقىپ ئادىلنىڭ قارنىنى يىرىۋەتتى،ئادىلنىڭ ئۈچەيلىرى پەسكە ساڭگىلاپ ئېقىشقا باشلىدى،گۈلمىرە تاقەتسىزلەندى بولغاي يۈگۈرۈپ كېلىپ قولىنى ئادىلنىڭ قورسىقىغا تىقىپ ئادىلنىڭ ئىچ-قارنىنى كۈچەپ تارتىپ يەرگە تاشلىدى. ئادىل يەردىكى گىلەمگە يىقىلدى.نۇرنىسا كېلىپ ئادىلنىڭ قورسىقىغا بېشىنى تىقىپ ئىچىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقتى. ئاندىن قايتتى بېشىنى ئادىلنىڭ قورسىقىغا تىقتى،بۇۋاقىتتا ئادىلنىڭ بەدىنى يۇمشاپ بىر تال گۆش تاغارغا ئايلاندى، نۇرنىسا،ئالىم ،گۈلمىرە ئارقا ئارقىدىن بۇ <گۆش تاغار> نىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. <گۆش تاغار> توختىماي لۆمۈلدەيتتى.
تەخمىنەن 10مىنۇتتىن كىيىن پاڭ قىلىپ  <گۆش تاغار> يىرىلدى،قان  يىرىڭ ئارىلاشقان بىر سۇيۇقلۇق تاملارغا چېچىلدى،ئۆينى ئاجايىپ  بەتبۇي بۇراق قاپلىدى. بەدەن قۇرلىشى ناھايىتى قاملاشقان، 20ياشلار ئەتراپىدىكى ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز ئانىدىن تۇغما ھالدا قان-يىرىڭلار ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقتى. قىزچاق ئەتراپقا قارىۋېتىپ ،ئارقىدىن بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرغان تورسىمان شىلىمشىق قان تومۇرلارنى كۈچەپ يۇلۇپ يەرگە تاشلىدى.
مۇنچىدىن سۇنىڭ شارقىراپ ئاققان ئاۋازى ئاڭلاندى،مۇنچىدىكى تام ئەينىكىدىن كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان ئاجايىپ نازۇك بىر بەدەن ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

7f4d28bejw1drcfu4v3etj.jpg




قىزچاق مۇنچىدىن چىقىپ ئايگۈلنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ،كىيىم ئىشكاپىدىن ئايگۈلنىڭ ئەڭ يېڭى بىرقۇر كىيىمىنى ئىلىپ ئالماشتۇردى. گىرىم ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئايگۈلنىڭ قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىدا قېتىرقىنىپ گىرىم قىلدى.قىزچاق گىرىم ئەينىكىدىن ئۆزىنىڭ ھۆسنىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز ئەينەكتىكى قىزنىڭ كۆزى سىرتقا پۇلتىيىپ چىقىشقا باشلىدى.قىزچاق قورقۇپ چىقىرىۋەتتى ،ئارقىدىن ئۇزۇن بارماقلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆزىگە تىقىپ كۆز قارىچۇقىنى يۇلۇپ چىقىرىپ ئالىقىنىغا قويدى، قىزچاقنىڭ ئالىقىنىدىكى كۆزقارچۇقى قىزچاققا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .بۇ كۆزلەردىن چاقناپ تۇرغان قورقۇنچلۇق مۇدھىش نۇر قىزنىڭ تىنىنى تېشىپ ئۆتۈپ  يۈرىكىنى تىترىتىۋەتتى ،بەرداشلىق بېرەلمىگەن قىز ئالىقىنىدىكى كۆز قارىچۇقىنى ئېغىزىغا سېلىپ يەۋەتتى.


( 6)

مەسۇت چىلىق –چىلىق تەرلىگەن ھالدا چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.ئۇ بىر قىزچاقنىڭ ئادەمنىڭ تىنىنى تېتىتىدىغان قورقۇنچلۇق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.
مەسۇت تۈنۈگۈن رەنانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن ،ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى. ئالۋاستى...ئەرۋاھ...دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتى.تاڭ ئاتاي دېگەندە ئاران ئۇخلىۋىدى كۆپ ئۆتمەي قورقۇنچلۇق چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.
مەسۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن چاقماق بىلەن  تاماكىسىنى  چىقىرىپ بىر تال تالنى تۇتاشتۇردى.
ئىدارىمۇ قىزىق ،قانداقچە بۇنداق ساراڭ قىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىدۇ دەيمەن. دېدى مەسۇت ئۆز-ئۆزىگە .ئەزەلدىن ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان مەسۇت ئاسانلىقچە ئەمدىلا ئۇنۋىرسىتنى پۇتۇرگەن قىزنىڭ ئالدىدا دۇنيادا بار-يوقلۇقى ئېنىق بولمىغان ئەمما يامغۇردەك ئوقلاردىن قورقمىغان مەسۇتنى قورقۇتقان جىن –ئالۋاستىلارنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى.
مەسۇت تاماكىسىنى كۈچەپ –كۈچەپ شورىماقتا ئىدى.تۇيۇقسىز تېلېفونى سايرىدى.
-:ۋاي،كىمۇ؟سورىدى مەسۇت قوپال تەلەپپۇزدا. چۈنكى كىممۇ ئەتىگەن سائەت 5تە باشقىلارنىڭ تېلېفون قىلىشىنى خالايدۇ.تىخمۇ مۇھىمى تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئۇنى قىرقىتىۋەتتى.
- :مەن ،مەن قەيسەر.قانداق ئەھۋالىڭ؟
-: ماڭا قارا  قەيسەر ،ئادەم ئۆلمىگەندۇ ،بۇنداق ئەتىگەندە تېلېفون قىلغۇدەك ؟
-:توۋا ئاداش قانداق ئۇقتۇڭ؟ ساقچى دېگەن ساقچىدە.
-: قەيسەر ،ماڭا ئەتىگەندە بۇنداق چاقچاق قىلما ،بىكار بىر تال ئوق بىلەن بېشىڭدىن گۈل ئېچىلدۇرۇۋاتىمەن .
شۇنداق قىل ئاداش ،مەنمۇ بېرىپ نۇرغا ھەمراھ بولاي.
-: ئا؟؟؟ نۇرغا بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟
-: سەل تۇرۇپ ئىدارىگە بارغاندا بىلەرسەن .نۇر ئۆلتۈردى.
-:نېمە دەيدىغانسەن ؟ راستمۇ يا ؟
-:...
-:قەيسەر گەپ قىل دەيمەن ،ئاناڭنى... نېمىشقا گەپ قىلمايسەن ؟
< دۇ...دۇ...دۇ...> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى.مەسۇت دەرھال قارشى تەرەپكە تېلېفون قايتۇردى،بىراق نومۇر قۇرۇق نومۇر بولۇپ چىقتى.قايتا-قايتا نەچچە قېتىم ئۇرۋىدى نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ چىقتى. مەسۇت تاماكىسىنى كۈچەپ كۈچەپ شوراشقا باشلىدى. تاماكا تۇتقان قولى تىترەۋاتاتتى.تاماكىنىڭ ئۇچىدىكى چوغ لاپ-لاپ قىلىپ يېنىپ مەسۇتنىڭ مۇرەككەپ ھېسسىياتلار تەسىرىدە قارىداپ كەتكەن يۈزىنى يورۇتتى.مەسۇتنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ بۇرجەكلىرىدە ياش لىغىلدايتتى. مەسۇت تاماكىسىنى كۈچەپ كۈچەپ شوراشقا باشلىدى. بىردىنلا مەسۇت ئېغىزىدىكى تاماكىنىڭ ئىچىگە ئەمەس سىرتىغا قاراپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى، ئۇ قانچە كۈچەپ شورىغانچە  تاماكىنىڭ قىسقارتماستىن ئەكسىچە ئۇزراۋاتقىنى ھېس قىلدى.قاتتىق ئىككىنى كۆچۈپ شورىۋېدى تاماكا يەنە ئۇزۇرىدى.مەسۇت تاماكىسىنى كۈچەپ يەرگە تاشلاپ كۈچۈك دەسسەپ ئۆچۈردى.ئاندىن ئاستا ئاللىقاچان ئاللىقاچان ئۆتى ئۆچكەن تاماكىنى قولىغا ئىلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.تاماكا نورمال تاماكىنىڭ 1.5ھەسسچىلىك كېلەتتى.دەل شۇچاغدا ئاللىقاچان ئوتى ئۆچكەن تاماكا لاپپىدە قىلىپ ياندى،ئارقىدىن پۇرقىراپ تۇتۇن چىقىرىپ كۆيۈشكە باشلىدى ،كۆيگەنچە ئۇزىرايتى. مەسۇت ئەمدى قورققىنىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى.ئالاقزادىلىك ئىچىدە كىيىملىرىنى كىيىپ يۈزىنىمۇ يۇماستىن ئۇدۇل رەنانىڭ ئۆيىگە  قاراپ يۈرۈپ كەتتى.چۈنكى  بۇلارنى پەقەت رەنا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتى.
مەسۇت ناھايىتى تىزلا رەنانىڭ ئۆيىگە كەلدى . مەسۇت كىيىملىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى چەكمەكچى بولۇپ قولىنى كۆتۇرۋىدى،ئىشىك ئىچىلدى،ئىشىكنى ئاچقان دەل رەنا ئىدى.
-: قىنى ئۆيگە كىرىڭ،سىزنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم .دېدى رەنا .مەسۇتنىڭ يۈزى ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچتىن تاتىرىپ كەتتى.
-: نېمە ؟ مىنىڭ كۈلىدىغانلىقىمنى بىلەمتىڭىز؟ قانداق بىلدىڭىز؟
-:چۈنكى سىز كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان بىرنەرسىنى كۆرۈپ قالدىڭىز ،ئەلۋەتتە بۇشەھەردە ھازىرچە پەقەت مەن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيمەن .
-: مىنىڭ نېمە كۆرگىنىمنى سىز قانداق بىلدىڭىز ؟ مەسۇت ئىختىيارسىز تەرلەشكە باشلىدى.
-: چۈنكى مەنمۇ سىز بىلەن تەڭلا ئۇ نەرسىلەرنى كۆردۈم .كېلىڭ .ئالدى بىلەن بىردەم ئولتۇرۇۋېلىڭ مەن سىزگە بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرەي. مەسۇت سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ رەنانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى .
-: ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر نورمال ھادىسە ، بىراق بىزنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەنلا خالاس. بىز كۆرۈۋاتقان بۇدۇنيا بولسا ھەقىقىي دۇنيانىڭ پەقەتلا كىچىك بىر قىسمى ،تىخمۇ چوڭ ،چەكىسز بولغان ھەقىقىي دۇنيانى كۆرۈشكە ئىنسانلارنىڭ كۆزى ئامالسىز.سەۋەبى بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىز بىزنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈشىمىزنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە سىرلىق،ئىنسانلار بۇتۇن ھاياتىدا چوڭ مېڭىسىنىڭ پەقەت 1% گە يەتمىگەن قىسمىنىلا ئىشلىتەلەيدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا قالغان 99%نىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغىنىنى بىلەيدۇ. چوڭ مېڭە ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر قوبۇللاش ۋە دەسلەپكى بىرتەرەپ قىلىش ئاپپاراتى.چوڭ مىڭىنىڭ بىر سېكۇنتقا قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىنى بىز ھەرگىرمۇ ھېس قىلىپ بولالمايمىز .چوڭ مېڭە پەقەت بىزگە بىرگە كېرەكلىك دەپ قارىغان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىلا ئەۋەتىپ بېرىدۇ ،شۇ ئارقىلىق بىر دە كۆرۈش ،پۇراش، ئاڭلاش ،ھېسسىيات ۋە باشقا تۇيغۇلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ،بەزىدە چوڭ مىڭىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ ،مەسىلەن ،ھاراق ،دورا ،كېسەللىك ياكى ھارغىنلىقنىڭ تەسىرىدە ،بىرقىسىم بىنورمال ئۇچۇرلارنى بىرگە يوللاپ بېرىپ بىزدە خاتا تۇيغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-:سىز ئالۋاستى مەۋجۇت بولمىغان نەرسە ،ئۇپەقەت چوڭ مىڭىنىڭ خاتالىقى دېمەكچىمۇ؟ سورىدى مەسۇت.
-: ياق ،ئالۋاستى ۋەباشقا نۇرغۇن مەخلۇقلار مەۋجۇت ،ئۇلار بىرنىڭ ئەتراپىمىزدا ،ھەتتا بىزدىن كۆپ ۋە بىزدىن كۈچلۈك .ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ كۆزىدىكى دۇنيا ئوخشاش بولمايدۇ،مەسىلەن پاشا ئۇنىڭ كۆزى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئىپتىدائىي ،شۇڭا پاشىنىڭ دۇنياسى پەقەت رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىدىنلا ئىبارەت .ئەمما ئاتنىڭ كۆزى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئىلغار بولۇپ ،بەزىدە ئوتلاۋاتقان ئات تۇيۇقسىزلا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ بىر نەرسىنى تىڭشايدۇ،بەزىدە ئۇخلاۋاتقان ئات تۇيۇقسىز كۆزىنى ئىچىپ قورقۇپ ئۇيال بۇياققا قارايدۇ.بەزىدە چىپىپ كېتىۋاتقان ئات ئىزىدا توختىۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمايدۇ.بۇ ئاتنىڭ بىر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە،بىز ئۇلارنى كۆرمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى ،ئەمما چوڭ مىڭىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك بىز ئۇنى كۆرۈپ قالدۇق .لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىز نېمە ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزدى؟ بۇ ئالۋاستى نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟ بىر بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم .
مەسۇتنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىۋاتتى،مەسۇت سافاغا جۆيىلۇپ كۆزىنى يۇمۇپ لوقۇلداپ ئاغرىۋاتقان چېكىسىنى ئۇلاشقا باشلىدى.كۆپ ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتى.
چىك،چىك ،چىك ،داڭ...داڭ...داڭ... سائەتنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ مەسۇت چۆچۈپ ئويغاندى، رەنا ئۆيدە كۆرۈنمەيتتى ،مەسۇت ئۇياق- بۇياققاقاراپ  رەنانى ئىزدىدى،تاپالمىدى،مەسۇت ئىختىيارسىز تىترەشكە باشلىدى.<بۇ ئۆيدىن تىز ئايرىلىش كېرەك > دەيتتى ئۆز-ئۆزىگە.ئەمما مەسۇت ئۆيدىن ئايرىلماقچى بولۇپ ئىشىكنى ئاچقاندا كۆزئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.چۈنكى ئۆينىڭ ئىشىكى پەلەمپەيگە ئەمەس تاملىرى قان بىلەن بويالغان مۇنچىغا تۇتاشقان بولۇپ ،مۇنچىدا پۈتۈن بەدىنىدىن قان تامچىلاپ تۇرغان بىر قىز بەدىنىدىكى قان داغلىرىنى يۇيۋاتتى.مۇنچىنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز گۇم قىلىپ يېپىلدى، قىزچاق ئاستا ئارقىغا بۇرۇلۇپ مەسۇتقا قاراپ يېقىنلاشنى ،مەسۇت قورقۇپ يىپىدىكى تاپانچىسىنى چىقىرىپ قىزچاققا قاراپ ۋارقىرىدى.
-:يېقىنلاشما  ! يېقىنلاشما! بولمىسا ئوق چىقىرىمەن .قىزچاق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي داۋاملىق مەسۇتقا قاراپ يېقىنلاشتى.

2531170_003606118373_2.jpg



پاڭ...پاڭ..پاڭ... مەسۇت ئارقا ئارقىدىن ئۇچ پاي ئوق ئۈزدى،ئوق قىزچاقنىڭ پېشانىسىنىڭ ئوتتۇرىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى،ئەمما قىزچاق ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملىق مەسۇتقا قاراپ يېقىنلاشتى،مەسۇت ئارقىغا چېكىنىپ تامغا يۆلىنىپ قالدى،قىزچاق بىردىنلا ئېغىزىنى ئاچتى،مەسۇت قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە ئىختىيارسىز قىز تەرەپكە سۈرۈلدى،قىزچاق ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، مەسۇتنىڭ بەدىنىگە قىزچاقىنىڭ قولى تېگىشى بىلەن پۇرقىراپ ئىس چىقىشقا باشلىدى.قاتتىق كۆيۈك ئازابىدىن مەسۇتنىڭ چىرايلىرى پۈرلىشىپ كەتتى. بىردىنلا قىزچاقنىڭ ئېغىزىدىن قاپقارا ئىس چىقىشقا باشلىدى،مەسۇت قىزنىڭ قوچىقىدا بىچارىلەرچە تىترەيتتى،قىزچاقنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىس ئۇدۇل مەسۇتنىڭ ئېغىزىدىن كىرىشكە باشلىدى.بۇ قورقۇنچلۇق ھال 5مىنۇتتەك داۋام قىلدى. ئاخىرى قىزچاقنىڭ  بەدىنى لايدەك بوشىشىپ يەرگە يىقىلىپ ئاندىن قان-يىرىڭ ئارىلاش بىر خىل سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ مۇچىغا بىسلىغان چاقچۇق خىشنىڭ كاۋاكلىرىنى بويلاپ ئەۋرەز قۇدۇقىغا ئېقىپ كەتتى.

  
(7)


مەسۇت بىلەن ئايشەم مەھەللىنىڭ ئارقىسىدىكى تۆپىلىكتە خوشلاشتى،مەسۇت ئايشەمگە ئېسىلىپ تازا يىغلىدى.
مەسۇت مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى يىلى ئىزچىل ئايشەم بىلەن خەت-ئالاقە قىلىپ تۇردى.ئايشەم  ھەر شەنبە كەنت بېشىدىكى كىچىك دۇكاندا مەسۇتنىڭ تېلېفونىنى ساقلايتتى. مەسۇتمۇ دىيشىپ قويغان ۋاقىتتا ئايشەمگە تېلېفون قىلاتتى. كەنت بېشىدىكى بۇ دۇكان مەھەللىنىڭ بىردىن –بىر كۆڭۈل ئىچىش سۆرىنى بولغاچ پۈتۈن كەنتتىكى بىكارتەلەپ گەپ تاپارمەنلەر نىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلىشىپ قارتا ئويناتتى ،جاھاننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشاتتى. ئايشەمنىڭ ھەرھەپتىدە بۇيەرگە كېلىپ بىر ئوغۇل بىلەن كۆرشىشى تىزلا مەھەللىدى سۆز-چۆچەك بولۇپ تارقىلىشقا باشلىدى،شۇسەۋەپلىك ئايشەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئىككى ئاكىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچۇردى. لېكىن ھەرقىتىم تېلېفوندا مەسۇتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىلىرى،ئاكىسىنىڭ تاياقلىرى ئىلىپ كەلگەن ئازابلار ئۇنىڭ ئىسىدىن تولۇق كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئايشەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتتى ،ئايشەم ئىككى ئاكىسىنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.ئىككى ئاكىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئىلىشنى شۇنىڭدەك ئايشەمنىڭ ئۈستىدە تارقىلىپ يۈرگەن سۆز-چۆچەكلەرنى ئېغىر ئالدى.كۆپ ئۆتمەي ئۇلار ئايشەمدىن 10چوڭ بىر قىمارۋازغا ياتلىق قىلماقچى بولدى. ئايشەم ئۆيدىن قېچىپ مەسۇتنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.
بۇ ۋاقىتتا مەسۇت ئايشەمنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەيدىغان بولۇپ قالغانتى،
ئايشەم مەسۇتنىڭ سۆزى بۇيۇنچە مەسۇتنىڭ ئۇگنىشى ئالدىراش دەپ بىلەتتى. ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا ئايشەمنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئاۋات شەھەرنىڭ شاۋقۇنىدىن ئەمەس بەلكى بۇ شەھەردە سۆيگىنى مەسۇت بارئىدى ،بىر ئازدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتى.ئايشەم ئۆيدىن قېچىپ چىققاچقا يېنىدا كۆپ پۇل يوق ئىدى،شۇنداقتىمۇ مەسۇتنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول بېرىشنى خالىماي ئاپتوبۇس كۇچادا توختىغاندا يېنىدا بار پۇلنىڭ ھەممىسىگە ئىككى قۇتا ھەسەل بىلەن بىر يەشىك نەشپۈت سېتىۋالدى. ئايشەم كونۋېرتتىكى ئادرېس بويىچە مەسۇتنىڭ مەكتىپىگە قاراپ ماڭدى.ماشىنىدا ئولتۇرغۇدەك پۇلى بولمىغاچ  مېڭىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى .ساددا قىز دەسلەپ شەھەرنىڭ مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ ھارغىنى تۇيمىدى.كىيىن بارا-بارا ئۈرۈمچىنىڭ ئويلىغىنىدىن چوڭلۇقىنى ھېس قىلدى،مېڭىپ ،مېڭىپ ماڭالماي قالدى،لېكىن بىردەممۇ توختاشقا رايى قويمىدى.چۈنكى مەسۇت ،مەسۇتنى تېزرەك كۆرگۈسى كەلدى.
كەچقۇرۇن  پۇتلىرى تىلىپ ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك بولغادا ئاخىرى مەسۇتنىڭ مەكتىپىگە يىتىپ كەلدى. ئەمما مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرەلمىدى،ئامالسىز مەكتەپ ئىشىكىدە تۇرۇپ كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتقان قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىن مەسۇتنى ئىزدىدى.
<كەچ قويغان  خۇدا ئاچ قويماپتۇ > دېگەندەك كېچە 10دىن ئاشقاندا توڭۇپ تىترەپ تۇرغان ئايشەم بىر توپ باللار ئارىسىدىن مەسۇتنى كۆردى.
-مەسۇتقارى،مەسۇرقارى.... ئايشەم مەسۇتقا قاراپ  جىنىڭ بارىچە توۋلىدى.مەسۇت ئايشەمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئايشەمنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇنىڭ يۈزىدە ئايشەم كۈتكىنىدەك شاتلىقنى كۆرەلمىدى.
ئىككىيلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ قىسقىچە پاراڭلاشتى،ئايشەم يۇرتتىكى ئەھۋالىنى ،ئۆزىنىڭ مەسۇتقا بولغان سىغىنىشىنى ۋە ئۈمىدىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.مەسۇت باشتىن ئاخىرى گەپ قىلماي ئايشەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.مەسۇت ئايشەمنى ئۈرۈمچىدە 3كۈن ئايلاندۇردى،3-كۈنى ئۆزىنىڭ باشقا قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكىنى ،ئايشەمنىڭ  يەنىلا يۇرتقا قايتىپ كەتسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتى.
ئايشەم ئۆيدىن قېچىپ چىققان كۈنىدىن باشلاپ يۇرتقا قايتىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.قايتىشقىمۇ ئامال يوق ئىدى،چۈنكى يۇرۇتتا ئۆيىدىن باشقا ئەر ئۈچۈن قاچقان قىزغا بىرىلدىغان جازا ئېنىق ئىدى.
ئىچى كۈچلۈك ئايشەم كۆزئالدىدىكى ۋاپاسىزغا ئارتۇق يېلىنىپ يالۋۇرغۇسى كەلمىدى.ئۈن-تىنسىز مەسۇتتىن ئايرىلىپ كېتىپ قالدى.
ئايشەم مەسۇتتىن ئايرىلىپ كۆزىدىن ياش قۇرمىدى،ئۇنىڭ يىغلىغۇسى يوق ئىدى،بولۇپمۇ يىغلاشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن يىغلىغۇسى يوق ئىدى.بىراق ئۇ يىغىسى توختىتالمىدى.
ئايشەم ئۈرۈمچىدە قىلىشنى قارار قىلدى ،بىر تەرەپتىن يۇرتقا قايتىشقا ھەقىقەتەن ئامال قالمىدى،يەنە بىر تەرەپتىن مەسۇت بىر كۈنى كەينىگە قايتىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىدى بار ئىدى.
ئايشەم ئۈرۈمچىدىن ئىش ئىزدەشكە باشلىدى.مېڭىپ مېڭىپ ئادىلنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ قالدى.ئادىل دەسلەپ ئۇنىڭغا <ئالاھىدە غەمخورلۇق >  قىلدى،ساددا قىز ئۇنىڭ بۇ غەمخورلۇقى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىپلاس غەرىزىنى كۆرۈپ يىتەلمىدى.
ئايشەم ئادىلنىڭ ئۆيىنىڭ يەرئاستى ئۆيىگە ئورۇنلاشتى.ئىش جاپالىق پۇل ئاز بولسىمۇ ئايشەم ۋايسىمىدى،قىزنىڭ ياۋاش ساددىلىقىنى كۆرۈپ ئادىل قىزغا نىيىتىنى بۇزدى.بىر كۈنى ئادىلنىڭ ئايالى ئايگۈل ئادىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيۇنچە ئايشەمنى ئۆي تاشلاشقا بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزى بىر مېھماندارچىلىققا كېتىپ قالدى.
كۆپ ئۆتمەي ئۆيگە ئادىل بىلەن قاسىم يىتىپ كەلدى.بۇ چاغدا ئايشەم تازىلىق ئۆيىنى تازىلاۋاتاتتى.ئادىل ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى تاقىدى ئاندىن ئۇدۇل تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈردى.
ئايشەم پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.ئادىلنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىدى.
-: قاسىم ،بولا ،ئاناڭنى ... تازىمۇ كۈچلۈك نىمىكەن بۇ . قاسىم يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايشەمنىڭ ئىككى قولىنى مەھكەم تۈتىۋالدى.ئايشەم قارشىلىقنى توختاتمىدى. توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىپ تېپىچەكلەيتتى. ئايشەم ئادىلنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ بىرنى تەپتى.ئادىل ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتتى.
-:ئاناڭنى ،بېشىغا ئۇر بېشىغا...ئادىل قولىغا ھاراق بوتۇلكىسىنى ئىلىپ ئايشەمنى ئۇرۇشقا تەييارلانغان قاسىمغا ۋارقىرىدى.ئايشەم ھوشسىزلىنىپ يىقىلدى.ئادىل بىلەن قاسىم پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھايۋانىي ئەپتىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى.


3488461_092617835962_2.jpg


ئادىل بىلەن قاسىم ئايشەمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كېلىشتى.ئايشەمنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىدىغان بىرەر كىشىسى بولمىغاچ ئادىل بىلەن قاسىم قانۇن تورى سىرتىدا قىلىۋەردى.

(8)


مەسۇت ئا...دەپ ۋاقىرغىنچە ئويغاندى.
-:نېمە بولدىڭىز ؟ يەنە قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەن ئوخشىمامسىز؟ تونۇش ئاۋاز مەسۇتنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى.مەسۇت كۆزىنى  ئىچىشكە تىرىشتى ئەمما ئاچالمىدى.
-:مەن قەيەردە ؟سىز كىمۇ ؟
-:مەن رەنا ،سىز دوختۇرخانىدا .سىز بۇنداق ھوشسىز ياتقىلى ئۇچ كۈن بولدى. مەسۇت كۆزىنى توختىماستىن ئۇلاشقا باشلىدى،ئۇلىغانچە ئۇنىڭ كۆزئالدى روشەنلىشىشكە باشلىدى،ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى دوختۇرخانا بولماستىن تاملىرى قانغا تولغان تازىلىق ئۆيى ئىدى.تۇيۇقسىز بىرجۇپ قول مەسۇتنىڭ قولىنى كۈچەپ تارتىپ ئۇنىڭ كۆزىدىن ئايرىدى،يەنە بىر جۈپ قول بولسا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تىلىنى تارتىپ چىقىپ ئۇزۇنلا بىرتال يىڭنىنى مەسۇتنىڭ تىلىغا سانجىدى.مەسۇتنىڭ كۆزلىرى پىيالىدەك يوغىناپ چاناقلىرىدىن چىقىپ كېتەيلا دېگەندە كاللىسى قايتا سەگەكلەشتى.
-:بىلەمسىز بايا سىز يەنە ئۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدىڭىز ،ئالۋاستى سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋاپتۇ.دېدى رەنا قولىدا چوڭ بىرتال يىڭنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ . مەسۇت نېمىلەرنىدۇر رەناغا ئېيتماقچى بولۇپ تىللىرىنى ھەرىكەتلەندۈردى ئەمما ئىششىپ ئېغىزىغا پاتماي قالغان تىلىدىن ئىنسان ئۇققۇدەك بىرەر تاۋۇش چىقمايتتى.رەنا مەسۇتقا ئىشارەت قىلىپ سۆزلەشتىن توختاتتى.
- قارىغاندا بۇ ئالۋاستى ئادەتتىكى ئالۋاستى ئەمەس ،ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىز ئالۋاستىنى كۆرەلمەيمىز ،مەن ھەمدە ئۇقتۇمكى چوڭ مىڭىمىز بىزنى قوغداش ئۈچۈنلا جىن-ئالۋاستىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بىزگە كۆرسەتمەيدىكەن.چۈنكى ئۇ ئۇچۇرلار بىزنىڭ روھىمىزغا ۋە جىسمىمىزغا زىيانلىق .
ئەمەلىيەتتە بىر ئالۋاستىنى كۆرمىسەكلا ئۇ ئالۋاستى قانچىلىك كۈچلۈك بۆلىشىدىن قەددى نەزەر ئۇ بىزگە زىيانكەشلىك قىلالمايدىكەن .ئەمما جىن –ئالۋاستىلار <ئىچىدەجىن بار> كىشىلەرگە ئاسانلا زىيان كەشلىك قىلالايدۇ.چۈنكى ئىنسانلار ئۆزى زىيان كەشلىك قىلغان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدۇ،ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئالۋاستى بولسا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئۇنى دائىما كۆرۈپ تۇرىدۇ.ئالۋاستىمۇ ئۇنىڭغا ئاسانلا قەست قىلالايدۇ.
ئەمدى بۇ دېلوغا كەلسەك ئالۋاستى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ،قاسىم ،ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى ،قارىغاندا ئۇنىڭ كېيىنكى نىشانى سىز .
ئەجەبا ئادىل بىلەن ئاراڭلاردا بىرەر مۇناسىۋەت بارمۇ؟
مەسۇتنىڭ كۆزىدىن ياش لىغىرلىدى.چۈنكى ئۇ ئايشەمنىڭ ئادىلنىڭ ئۆيىدە ئائىلە خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگىنىنى كىيىن ئىزدەپ بارغىنىدا ئادىلنىڭ ئۇنىڭغا قوپال قىلىپ <يۇرتىغا كەتتى> دېگىنىنى ،كىيىن شەھەر سىرتىدىكى توقايلىقتىن ئىگىسىز بىر جەسەتنىڭ بايقالغىنىنى بىلەتتى. مەسۇت يىغلاپ تۇرۇپ بۇلارنى رەناغا سۆزلەپ بەردى .
-:ئۇنداقتا ئۇ نېمىشقا بۇرۇنلا كېلىپ ئۆچ ئالمايدۇ ؟سورىدى رەنا
-: چۈنكى مەن ئۇ ئەڭ چىدىمايدىغان بىر ئىشنى قىلىپ سالدىم .دېدى مەسۇت ھۆركىرەپ يىغلاپ تۇرۇپ .
-:نېمە ئىش ؟سورىدى رەنا قىزىقىپ
-:دەسلەپكى قىزدوستۇمنى پەقەتلا ئۈرۈمچىدە قىلىپ خىزمەت تېپىشىمغا ياردىمى بولارمىكىن دەپ ئارىلاشتىم ،ئۇنىڭ دادىسى نازىر ئىدى.كىيىن ئۆزكۇچۇمگە تايىنىپ خىزمەت تاپتىم ،ئۇ قىزدىنمۇ ئايرىلدىم ،قەلبىمدە ئايشەم ياشايتى،ئەمما پات يېقىندا مەن  قەلبىمدىكى ئايشەمنى ئۆلتۈردۈم .
-: چۈشىنەلمىدىم ،ئېنىقراق سۆزلەڭ .
-: تېخىچە بىلمىدىڭىزما ؟ مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم رەنا .مەسۇت شۇنداق دەپلا رەنانىڭ قولىغا ئېسىلدى.
-:چۈشەندىم ،ئەمدى ھەممىنى چۈشەندىم ،ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى سىز ئەمەس مەن مەسۇت ،چۈنكى مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرەتتىم.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس. رەنا قولىنى ئاستا مەسۇتنىڭ قولىدىن ئاجرىتىپ ئورنىدىن تۇردى. مەسۇت،ئايشەم سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ ،ھېچكىم سىزنى ئۇنىڭدىن تارتىپ ئالالمايدۇ.مەن كېتىشىم كېرەك ،بۇ ھاياتىمنى ساقلاپ قىلىشىم ئۈچۈن بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك چارە. رەنا شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىنى ئىلىپ كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ئۈرۈمچىنىڭ شىۋىرغاننىڭ سوغۇقىدىن مەڭزىدە قېتىپ قالدى.


(9)


مەسۇت كېسەل خانىنىڭ كارىۋىتىدا كۆزىنى چەكچەيتىپ تورۇسقا قاراپ ياتتى.ئۇنىڭ قايسى دۇنيانى كۆرۈۋاتقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىر توپ خىزمەت داشلىرى ئۇنى يوقلاپ كەلدى ،مەسۇت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن رەنانى ئىزدىمىدى.چۈنكى باشقىلار چەتكە بىلىم ئاشۇرغىلى چىقىپ كەتتى دەپ بىلىدىغان رەنا ئاللىقاچان ئايشەمنىڭ ئولجىسىغا ئايلانغان ئىدى.
تۇيۇقسىز رەنانىڭ مەسۇتقا قىلغان ئاخىرقى سۆزى مەسۇتنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى
: -ئايشەم سىز گە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ ... مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ... مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ...


تۈگىدى.
2012-05-17
شىئەن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 05:52 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-27 12:32 PM):
بىلوگ:http://gurpa.sourceforge.net/ تىخىمۇ ئىسىل ئەسەرلەر بۇيەردە!!!
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مەلىكە + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4648 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:10:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن ئېلىپ كىيىن ئوقۇي!!!

خۇشال ياشاش كېرەك!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36595
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:16:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببىتىگە يۈزسىزلىك قىلغانلار قورقۇۋاتامسىلەر ۋاقىت ئىسراپچىلقى( شەخسى قاراش) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 10:17 AM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62511
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:48:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ..قەلىمىڭىز كۈچلۈك ئىكەن،ئەتتىگەندە قورقۇپ ئولتۇرۇپ تازا ئوقۇدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79956
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:53:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ نىمىدىگەن ياخشى يېزىلغان سىنارىيە بۇ````

ھوللىۋوتقا قورقۇنۇشلۇك كىنو قىلىپ ئىشلىسەك بۇلغۇدەك بۇنى````

مەسلەن،،


                        ئالۋاستى ھەمرا

ئامرىكىدا ئىشلەنگەن ..
دۇنيادىكى 10قۇرقۇنۇشلۇق فىلىمىننىڭ بىرى ``
رىجىسور  : ئالىكساندىر
سىنارىسىت قويچى ( ئۇيغۈر )
مۇشۇنداق بولسا ھە```بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىز سىنارىستىنى يېزىپتۇ دەپ كەتسەك```

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48606
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:09:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇشلۇق كىنونى تولا كۆرۇپ قوقماس بوپ قالغان ئوخشايمەن .ئەمما جىن چېپىلىپ قۇيۇشتىن اللە ئۆزى ساقلىسۇن.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2520 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:30:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس بەك قورقۇنۇچلۇقكەن بىراق مەن ئالۋاستىدىن ئەمەس پەقەت ئىگەمدىن قورقىمەن!ئىگىسىدىن قورققان كىشىنى ئۇ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ! مەنچە جىنلار ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ،بولۇپمۇ تەقۋادارلارغا! قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خىلى كۈچلۈككەن ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 11:37 AM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79166
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:52:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىنىڭ كىنۇ سىنايىرىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ........

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27312
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8380 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 12:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ياخشى يىزىلىپتۇ...بىراق بىر يەرنى چۈشەنمىدىم، ئادىلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ بىر چىرايلىق قىز پەيدا بولغان ئىدى، بۇ قىزنىڭ ۋەقەلىكى، كىملىكى بايان قىلىنمىدىغۇ؟ ياكى مەن چۈشەنمىدىممۇ؟

رەنا قىزنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى يازغان بولسىڭىز تىخىمۇ تولۇق بولار ئىكەن....قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر...

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 12:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، كەچتە يالغۇز ئوقۇغان بولسام ھوشۇمدىن كېتەركەنمەن! بەك تەستە ئوقۇدۇم، سىزنىڭ تەسسەۋۇر قابىلىيىتىڭىز بەك ياخشى ئىكەن، ئادەم تاماقنى ياخشى يەپ، ياخشى كۈتۈنۈپ، بەدەن ساغلام بولسا، مىنىڭچە ئۇلار زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ.
مەلۈم بىر تورداشنىڭ مۇنداق دىگىنىنى ئوقۇغان ئىدىم:
ئادەتتە جىنلار ھەقىقەتەن ئارىمىزدا مەۋجۈت بولۇپ، ئۇلارنى ئادەتتىكى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىكەنمىز، بىراق تاساددىپى ھالدا ئۇنى كۆرۈش بەختى نىسىپ بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇرۋالساق، ئۇ بەك ئاجىزلىشىپ كېتدىكەن، بىزنىڭ كۆز نۇرىمىزنىڭ كۈچىدە ئۇ زادىلا مىدىرلىيالمايدىكەن، چۈنكى جىنلار بەك ئاجىز بولۇپ، ئونى بىر بولىسىمۇ ئىنسانلارغا كۈچى يەتمەيدىكەن، بىز قانچە قورۇقساق، ئۇ شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدىكەن، ئەكسىچە بىز قانچە قورۇقماي، كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرىۋالساق ئۇ بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدىكەن.
بۇ گەپنى بىر جىن بىلەن مۇناسىۋىتى ئادەم شۇ مۇنبەردىشىمىزغا دەپ بېرىپتىكەن، بۇ راس جۇمۇڭلار، ھەرگىز قورۇقماڭلار!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش