نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش قىزىلمۇچنى يىگەنگە ئوخشايدۇ،ئادەمنىڭ ئۇنى يىمىگەن ۋاقتىدا يىگىسى كىلىدۇ،يەۋاتقاندا ئاچچىقنىڭ تەمىنى تېتىپ، يىگەنگە پۇشايمان قىلىدۇ،ھەمدە ئىككىنجىلەپ يىمەسلىككە قەسەم قىلىدۇ،بىراق بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە يىگۈسى كىلىدۇ،يىيىش،پۇشايمان قىلىش داۋاملىشىدۇ.كۈنلەر پۇشايمان بىلەن ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۈتىدۇ.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت خۇددى ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا ئوخشايدۇ، سىز ساقلىغاندا ئاپتۇبۇس دائىم ۋاقتىدا كەلمەيدۇ،ساقلىمىغاندا ئارقا-ئارقىدىن كىلىدۇ.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت پىژغىرىم ئىسسىقتا مىتروغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققانغا ئوخشايدۇ.سىز ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ھېرىپ ،ئەمدى بىر ئۇرۇن تېپىپ ئولتۇراي دىگەندە ، مىترونىڭ رادىيوسىدىن ئاخىرقى بىكەتكە يىتىپ كەلگەنلىكىڭىز ھەققىدە خەۋەر ئاڭلايسىز.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت ئىككى قولغا سائەت تاقىۋالغانغا ئوخشايدۇ،سىز زادى قايسى سائەتنىڭ توغرا ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئۈتۈپ كىتىسىز.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت يانفۇنغا ئوخشايدۇ، دائىم يېڭى تىلفۇن سېتىۋالغىڭىز كەلسىمۇ،كونىنى تاشلىۋىتىشكە كۈزىڭىز قىيىمايدۇ.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت خۇددى ۋ س د ئپىلاستىنكىسىغا ئوخشايدۇ ، ئۇغرى نەشىرى ئەسلى نەشىردىن بەكىرەك بازار تاپىدۇ.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت ئىنقىلابقا ئوخشايدۇ،بۇ‹‹ئىنقىلاب››تا مەغلۇبىيەت قانچە كۆپ بولسا ،تاكتىكا ، تەجرىبە شۇنچە كۈپىيدۇ، ئەمما ئاقىۋىتى يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت تىلۋۇزۇرغا ئوخشايدۇ،تىزگىنەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ ياخشى نۇمۇرلارنى تاللىماقچى بۇلىمىز.بىراق ياخشى نۇمۇر چىققان ۋاقىتتا سىز ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كىتىسىز ، ئەتىسى يەنە تىزگىنەكنى قۇلىڭىزغا ئالىسىز.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت ھەشەمەتلىك ئاشخانىدىكى خام تاماققا ئوخشايدۇ، ئۇ خۇددى ئاشۇ ھەشەمەتلىك ئاشخانىنىڭ بىزەكلىرىدەك سىزنى جەلىپ قىلىدۇ ،‹‹تاماق››نى يەپ چىققاندىن كىيىن، بىھۇدە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز.
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت خۇددى ئىسىل ھاراققا ئوخشايدۇ.سىز ھاراقنىڭ ئاچچىقلىقىنى ،مەسىت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىسىز . ئاندىن مەسىت بۇلۇپ قۇسىسىز .
مەنبە : ‹‹ئامانلىق››ژۇرنلى2012-يىلى4-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AYTURIK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-17 01:05 AM