لۇمىڭشەننىڭ ھەيكىلى
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك)
موڭغۇللار ۋە يۈەن سۇلالىسىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشى جەريانىدا شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاۋۋال ئىتائەت قىلغان، مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە مەمۇرىي تۈزۈمىنى قوللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەرقايسى ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. بۇ كىشىلەر مۇڭغۇللار دۆلەت قۇرغان دەسلەپكى چاغلاردا ناھايىتى زور رول ئويناپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. «يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. قەبىلە-قوۋملار جەدىۋىلى» گە كىرگۈزۈلگەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەنسەپ تۇتقان ئۇيغۇرلار 29 بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئالىم، سىياسىيون، ئىقتىسادشۇناس، تەرجىمان، ئەدىب، تارىخشۇناس، رەسسام، مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئاگرونۇم لۇ مىڭشەنمۇ بار.
لۇ مىڭشەن ئۇيغۇر، دادىسىنىڭ تەخەللۇسى بولغان لۇ خېتىنى فامىلە قىلغان، ئىسمى تېيجۇ(تۆمۈر تۈۋرۈك)، تەخەللۇسى مىڭشەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخ»دا تەرجىمىھالى تۇرغۇزۇلمىغان. دادىسى كالناداس نۇرغۇن تىل بىلىدىغان مەشھۇر تەرجىمان بولۇپ، يۈەن شىزۇ قۇبلەيخان دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن خانبالىق(ھازىرقى بېيجىڭ) غا كەلگەن، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەچكە ئەتىۋارلىنىپ، ۋەلىئەھدىنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلىگەن. تۆت خاننىڭ دەۋرىدە مەنسەپ تۇتۇپ، دانىشمەن ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىمالىقىدىن باش ئەمرى زېمىنلىققا ئۆسكەن. لۇ مىڭشەن كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىپ، خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. جىڭجۇ (ھازىرقى خۇنەننىڭ چىڭشەن ناھىيىسى) ۋە ئەنفىڭ (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ تاۋشەن ناھىيىسى) ئىككى جاينىڭ دارۇغاچ (موڭغۇل تىلىدا ئەمەلدار دېگەن مەنىدە)لىقىنى ئۆتىگەن. كېيىن مەركەزگە يۆتكىلىپ تەپتىش بەگلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.
« تېرىچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كىتاب
قۇبلەي بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتكەن، شۇڭلاشقا ئەمىر ھەرەس تەسىسس قىلىپ يېزا ئىگىلىك، سۇ ئىنشائەت ئىشلىرىنى مەخسۇس باشقۇرغان، «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى» نى تۈزۈپ مەملىكەتكە تارقاتقان، يېزائىگىلىك تەرغىباتچى ئەمەلدارلىرىنى ھەر قايسى جايلارغا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەۋەتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان-قىلدۇرمىغانلىقىنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۆھپىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلغان. ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەچكە، شەخسىيلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوللانمىلىرى تۈزۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. كېيىنكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىك قوللانمىلىرى ئون نەچچە خىلغان يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋاڭ جېننىڭ «دېھقانچىلىققوللانمىسى» بولۇپ، 1313-يىلى بېسىلغان. لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ئۇ 1314-يىلى ئەنفىڭدا مەنسەپ تۇتۇۋاتقاندا تۇنجى قېتىم بېسىلغان ۋە 1330-يىلى «بىلىم يۇرتلىرىدا دەرسلىق قىلىش» ئۈچۈن قايتا بېسىلغان.
«تېرىچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» 12ئاي بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئايلارغا ماس كېىلىدىغان تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ۋە تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرنى چۈشەندۈرگەن. كىتاب ئىككى توم، جەمئىي 11مىڭدىن ئارتۇق خەتتىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، 280 خىل تېرىقچىلىق ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزمۇنى مول. ئالايلۇق، كىلىماتقا ئاساسەن زىرائەت تېرىش، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، زىرائەت، كۆكتات، قوغۇن-تاچۇز، مېۋە-چىۋىلەر، بامبۇك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، ئۈجمە ئۆستۈرۈش، پىلە قۇرتى بېقىش، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنيى بېقىش ۋە داۋالاش، ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل چىقىرىش، ئاسلىق ۋە ئۇرۇقنى ساقلاش، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كېيىم-كېچەكلەرنى ساقلاش دېگەندەك.
كىتاپتا بىرىنچىدىن، لۇمىڭشەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ :«تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئىشلىرىنى پۇختا قىلسا، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مول بولسا، ئاۋام پۇقرا ئىتائەتمەن، رايىش بولىدۇ، ىەلق ئىتائەتمەن، رايىش بولسا، ئەلدە ئۇزاققىچە ئەمىنلىك بولىدۇ» دېگەن. ئىككىنچىدىن، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىنغن. ئۈچىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدىيىسىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇنېۋېرسال پايدىلىنىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەنگەن. تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادچىللىق تەشەببۇس قىلىنىپ، قەھەتچىلىككە تەييارلىق قىلىش تەكىتلەنگەن. تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادچىللىق تەشەببۇس قىلىنىپ، قەھەتچىلىككە تەييارلىق قىلىش تەكىتلەنگەن. خۇددى ئۇ كىرىش سۆزدە ئېيتقاندەك: « ئۇشبۇ كىتابتا جاھاندىكى يەردىن پايدىلىنىشنىڭ جىمى پايدىلىرى، تېرىش، ئۆستۈرۈش، يېغىۋېلىش، ساقلاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن مۇپەسسەل شەرھلەنگەن.» ئەينى دەۋر شارائىتىدا بۇ كىتاپ دېھقانلار پايدىلىنىدىغان كىچىك يېزا ئىگىلىك قامۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، روشەن ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە، تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن لۇمىڭشەننىڭ ئاۋام پۇقرانىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر يەرلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
لۇ مىڭشەن بىر ئۇيغۇر ئاگرونوم بولۇش سۈپىتى بىلەن خەنزۇ ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ ۋە تارقىتىپلا قالماستىن، يەنە غەربىي شىمال رايونىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرنى خۇلاسىلەپ تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوللانمىلىرىغا يېڭى مەزمۇن قوشقان.
لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» غا تارىختىن بۇيان يوقىرى باھالار بېرىلگەن، ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «يۇڭلې قامۇسى» ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «تۆت خەزىنە قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن. كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۈزگەن «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى» ۋە ۋاڭ جېننىڭ «دېھقانچىلىق قوللانمىسى» بىلەن بىر قاتاردا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈچ چوڭ يېزا ئىگىلىك كىتابى دەپ قارىغان. جى شياۋلەنمۇ «تۆت خەزىنە قامۇسىنىڭ ئومۇمىي مۇندەرىجىسى» دە: «لۇ مىڭشەننىڭ بۇ كىتابى 12ئاي بويىچە سېستىمىلىق، ئاددىني، چۈشىنىشلىك يېزىلغان، ماتېرىيال مەنبەسى مول بولۇپ، ‹تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى› نىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلىغان. شۇڭا، ئەل ئىچىدە پايدىلىنىشقا تەۋسىيە قىلىش كېرەك» دېگەن. يەنە «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى» ۋە «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى»دىن ئىبارەت بۇ ئىككى كىتابنىڭ «بىرى زىرائەت تۈرلىرى، بىرى مەۋسۈم بويىچە يېزىلغان، ھەر ئىككىسىگە ئومۇملاشقان مەزمۇنلار ئېلىنغان» دېگەن. بۇنىڭدىن بۇ كىچىككىنە يېزا ئىگىلىك قوللانمىسىنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمى تارىخىدا ئۆزگىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
يۈەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى بىپايان، مىللەتلىرى كۆپ بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەننىڭ تارىخ –مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىشقا قاتناشتۇرغان. بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ھەر مىللەت خەلقى ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتكەن، مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەردىن نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىكى سەۋەب. ىۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ مېغىزلىق قىلىپ ئېيتقاندەك:« ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تارىخىغا تۆھپە قوشقان».
كىلىش مەنبەسى : جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا peyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-17 12:03 AM