توي قىلمايلا ئانا بولغان قىز
(ئۇچقۇنى)
ياش تۆكىدۇ ئاينىڭ نۇرىدا،
توي قىلمايلا ئانا بولغان قىز.
يالتىرايدۇ قىسمەت قۇرىدا،
ئىپپىتىگە چۈشكەن قارا ئىز.
ئۆز-ئۆزىگە ياغدۇرۇپ نەپرەت،
سوغ نەزەردە باقار ھاياتقا.
ئىچ-ئىچىدىن تاشىدۇ ھەسرەت،
تىل ئاھانەت قېلىپ ئۇياتقا.
يۈرىكىدە ئاچچىق ئۆكۈنۈش،
كۆزلىرىدە ئازاپلىق يىغا.
ئەسلىمىسى قاباھەتلىك چۈش،
ئويغانماقتا كۆز ئېچىپ قىيا.
قىز قەلبىدە چاقنار ھەقىقەت،
گۈل توزىسا ھامان ئېچىلار.
ئەپسۇسكى شۇ قىزدىكى ئىپپەت،
ئۇ يوقالسا نەدىن تېپىلار.
مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012-يىلى 16-باھار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-16 11:08 PM