ئامېرىكىلىق بىر سودىگەر ئۈچ ئوغلىغا باھاسى يۈز دوللارلىق <<ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى>>دېگەن كىتابنى ، 1000 دوللار قىمىتىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى ۋە 500 دوللار پۇلنى مىراس قالدۇرۇپتۇ .
چوڭ ئوغۇل كىتابنى ، ئوتتۇرانچى ئوغۇل يۈك ئاپتوموبىلىنى ، كەنجى ئوغۇل 500 دوللارنى ئاپتۇ .
بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئۈچ قېرىنداش بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى ، تاپقان پۇللىرى توغرىلىق پاراڭلىشىپتۇ . ئاۋۋال چوڭ ئوغۇل گەپ باشلاپ :
- مەن يېرىم يىلدا ھېلىقى <<ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى>> دېگەن كىتابنى ئۇقۇپ ، ئىقتىساد ئىلىمنى تەتقىق قىلدىم ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۇنىۋېرستېتلاردا نۇتۇق سۆزلەپ ، 5000 دوللار كىرىم قىلدىم ، -دەپتۇ.
ئارقىدىن ئوتتۇرانچى ئوغۇل مەغرۇر ھالدا :
- مەن بۇ بىر يىلدا ، ھېلىقى ئاپتوموبىل بىلەن يۈك تۇشۇپ ، بەكلا جاپا تارتتىم . لېكىن تارتقان جاپايىمغا يارىشا 20 مىڭ دوللار كىرىم قىلدىم ،- دەپتۇ .
نۆۋەت كەنجى ئوغۇلغا كەلگەندە ئۇ :
- ئەسلىدە مېنىڭ ئەينى چاغدا ئاپتوموبىلنى بەكلا ئالغۇم بار ئىدى . بىراق ئۇنى ئوتتۇرانچى ئاكام تاللىۋالدى.مەن 500 دوللارنى ئالغاندىن كىيىن ، كونا ئاپتوموبىللار بازىرىغا بېرىپ بىرىنى 100 دوللاردىن 400 دوللارغا كونا يۈك ئاپتوموبىلىدىن تۆتنى سېتىۋالدىم . 80 دوللارغا ئاپتوموبىللارنى ئازراق رېمونت قىلدۇردۇم ، قالغان 20 دوللارغا مەخسۇس كونا كىتابلارنى ساتىدىغان دۇكاندىن چوڭ ئاكام تاللىۋالغان <<ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى>> دىگەن كىتابتىن بىرنى سېتىۋالدىم-دە، سېتىۋالغان ئاپتوموبىللىرىمغا شوپۇر ياللاپ ، ئۇلارنى ئوزۇن يوللۇق يۈك تۇشۇشقا سالدىم ، ئۆزۈم مال ، يۈك ئۇقۇشۇشقا مەسئۇل بولدۇم ، بىكار قالساملا كىتاب كۆرۈپ ئۈگەندىم ، كىتابتىكى نەزەرىيەلەرنى يۈك ترانسپورت كەسپىگە جانلىق تەتبىقلىدىم . بۇنىڭ بىلەن بۇ كەسىپتە ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنىمۇ بىلىۋېلىپ ، كىرىمىمنى كۆپەيتىشكە باشلىدىم . تاپقان پۇلۇمغا يەنە كونا يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ يۈك تۇشۇش مىقدارىنى ئاشۇردۇم . ھازىرقى ئومۇمىي مەبلىغىم 1 مىلىيۇن دوللاردىن كەم ئەمەس..،- دەپتۇ ...
كەنجى ئوغۇل چەكلىك مەبلەغنى تېز كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەن ، كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىنى تىجارەت ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلىغان. ئۇ شۇ مەزگىلدىكى يۈك ترانسپورت بازىرىنىڭ ياخشىلىقىنى توغرا پەرەز قىلىپ ، دەسمايىسىنى ئاۋۇتقان .
ئېستىمال ئېھتىياجىمىزنىڭ ئېشىشى ، مال باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى ھەممىمىزدە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئويغاتماقتا . لېكىن شۇنچە كۆپ توي-تۈكۈن ، مېھمان كۈتۈش ، باشقا تۈرلۈك خىراجەتلەر ، مۇھىمى ، ئائىلىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈندىلىك چىقىملىرىدىن تېجەپ قېلىپ ئايمۇ ئاي بانكىغا قويۇپ يىغقان پۇللىرىمقىزنى بىرەر ئىشقا دەسمايە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز - يۇ ، بىرەرسىنىڭ پاي بازىرىدا پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى ، نەچچە ئونمىڭ يۈەنگە فوند سېتىۋېلىپ ، نەچچە ئايدىلا نۇرغۇن پايدا ئالغانلىقىنى ئاڭلىساق ئولتۇرالماي قالىمىز-دە ، ئەتىسلا بىزنىڭمۇ پاي ، فوند سېتىۋالغۇمىز كېلىدۇ . نەچچە كۈن ئۆتمەيلا پاينىڭ باھاسى چۈشۈپ ، فوندنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ پايچىلار ، فوند سېتىۋالغانلارنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق :<<ئالماي تۇرغىنىم ياخشى بوپتىكەن...>>دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز . بەزلىرىمىز توختىماي لاتارىيە سېتىۋېلىپ ، بىر كۈندىلا مىليونېر بولۇش چۈشىنى كۆرىمىز . باشقا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىشنى ، ھېچ بولمىغاندا بىرەرسى بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئويلايمىز ، مەبلەغ سالماقچى بولغان ئىشنى باشلىماقچىمۇ بولىمىز ، لېكىن پۇل چېكىنى قويغان يەردىن تېپىپ بانكىغا بارغۇچە :<<ھەي، بۇ ئىشنىغۇ قىلارمەن ، ناۋادا ئەپلەشتۈرەلمەي قالسام قانداق قىلىمەن ، يا مەن ئىلگىرى سودا قىلىپ باقمىغان تۇرسام...- بولدىلا،سىڭگەن نېنىمنى يەپ ، مۇشۇ كۈنۈمگە شۈكرى قىلاي ...>> دەپ باشتىكى پىلانىمىزدىن يېنىۋالىمىز . ھازىر بىز بازار ئىگىلكى دەۋىردە ياشاۋاتىمىز ، ھەممىمىز پۇلىمىزنىڭ كۆپ بولىشىنى ، ئازادە ئۆيلىرىمىز ، پىكاپلىرىمىز بولۇشىنى ، باللىرىمىزنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىمىز ، لېكىن پۇل تېپىش ھەققىدە ئىزدەنمەيمىز . بىزدىكى كەمچىللىك دەل مۇشۇ يەردە مەنبە :
ئۇيغۇر ئىقدىساد تورىدىن ئېلىندى