مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 9

پۇل بولمىسا روزغارچىلىق قىلغىلى بولمامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69210
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 10:24:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلدار بولمىغاچقا روزغارچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق دەپ ئويلامسىز؟ ياكى روزغارچىلىق مۇرەككەپ ئىش دەپ قاراپ، روزغارچىلىق پىلانىڭىزنى تۈزمەمسىز؟ ھەممە كىشى باي بولۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن، ھەممە كىشىدە توغرا روزغارچىلىق ئىدىيەسىنىڭ بولۇشى ناتايىن، بەزىلەر ھەتتا خاتا قاراش شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ.

  بانكا خادىمى روزغارچىلىق جەريانىدىكى بەش خاتا قاراشنى كۆرسىتىپ، توغرا روزغارچىلىق ئىدىيەسى تىكلەشنى تەۋسىيە قىلدى.

  بىرىنچى، پۇل بولمىسا روزغارچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراش

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: پۇلى يوق كىشىلەر روزغارچىلىقنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، چىقىمىنى تېجەشتىن باشلىشى كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ مائاشى تۆۋەن بولۇپ، ئايلىق كىرىمى تۇرمۇشىغا ئارانلا يېتىدۇ، بۇنداق كىشىلەر قوشۇمچە كىرىم قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپ، لېكىن، ئۇلاردا ئۇزاق مەزگىللىك پىلان كەمچىل، ئۇلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئىشلارنى پىلانلاش قاتارلىقلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر يىراق كەلگۈسى پىلانى تۈزۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىستېمالىنى ئازايتىشى، ئاشقان مەبلەغنى روزغارچىلىققا ئىشلىتىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، روزغارچىلىقنى مەبلەغ سالغان بىلەن باراۋەر دەپ قاراش

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: كەڭ مەنىدىكى روزغارچىلىق مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەبلەغ سېلىش پىلانى روزغارچىلىق پىلانىنىڭ بىر تەرىپى. روزغارچىلىق ئادەتتە بىر قاتار پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق روزغارچىلىق نىشانىغا يېتىشتۇر، مەبلەغ سېلىشتا بايلىقنىڭ تېز ئېشىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەخسلەرنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، باج، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە سەل قارىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، روزغارچلىقنى ئاۋارىچىلىك، خەتەرلىك دەپ قاراش

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھازىر روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ بارا - بارا ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ سېلىنما تۈرلىرىمۇ كۈنسېرى كۆپەيدى، ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن روزغارچىلىق ھەقىقەتەن مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا خىزمىتى ئالدىراش كىشىلەر ئامال بار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى، ئۆزىنىڭ خەۋپكە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى مۆلچەرلەپ، ئاندىن روزغارچىلىققا مەبلەغ سېلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۇلدارلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن دەپ قاراش

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: روزغارچىلىق بىر خىل ھەرىكەت ئادىتى ۋە ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدىغان ئاڭ، پۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھازىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەمىنلەيدىغان روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئوخشىمىغان كىرىمدىكى خېرىدارلارغا قارىتىلغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ ئىنچىكە تەقسىملەندى، شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.شۇڭا، روزغارچىلىق ھەممە كىشى قىلالايدىغان ئىش.

  بەشىنچى، چوڭ ياشلىقلار روزغارچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك دەپ قاراش مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەممە ئىشنى بالدۇر باشلاش كېرەك، روزغارچىلىقنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ قانچە بالدۇر باشلىسا كېيىنكى تۇرمۇش شۇنچە ئازادىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

  مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48606
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:50:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى ئۇقۇمما بۇ ؟چۇشەنمىدىم.نىمۇ روزغارچىلىق دىگەن .ئالدى كەينىنى ئۇقۇپ ھىس قىلىپ باقساممۇ تازا ئاڭقىرالمىدىم.بىلدىغانلار يىشىپ بەرسەڭلار بۇلاركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48606
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:52:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايچەك فونت دىگەندەك گەپ ئوخشىمامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3372
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:07:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇزىغارچىلىق  دىگەن  نىمە گەپ  ئەمدى `؟؟

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2069 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:11:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزىغارچىلىق دېگىنىڭىز خەنزۇچىدىكى 理财   دېگەن شۇما ؟ بىر ئويلىسام توغرا كېلىدىكەن ، يەنە بىر ئويلىسام ئانچە ئۇدۇل كېلىپمۇ كەتمەيدىغاندەك ......

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13532
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 01:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئاتالغۇنى تازا ئاڭقىرالمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10841
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 01:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزغارچىلىق دېگەن شۇ تىجارەتچىلىك

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 02:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىجارەتچىلىك كەن!

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3455
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 04:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر ئىككىنجى ئۈچۈنچى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى خىلى بولدى.ئىشلەۋاتقانلارمۇ قۇش بىسلىق بوپ ئىشلەۋاتىدۇ.


ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4755 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 05:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزىغارچىلىق دىگەن جان بېقىش دىگەن گەپ يولداشلار! بۇ تولۇق ئۇيغۇرچە گەپقۇ!
روزىغارچىلىق- جېنىنى جان ئېتىش، تۇرمۇش كۆچۈرۈش، مەنىسى بەك كەڭ!
بىراق تېمىدىكى مەنىسى سەل ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ قانداق، باشقىچە بىر مەنىنى ئىپادىلەپ، تورداشلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار پېشقەدەم تېلشۇناسلاردىن سوراپ بېقىڭلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 05:13 PM  


بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش