” سابىق كاپىتان پوستتا تۇرغان جاي ” نىڭ ھېكايىسى
ئابلەت ئابدۇللا
مۇھەررىردىن : ھازىرغا قەدەر ئارىمىزدا ھېچقانداق شائىر ئۆز شىئېرلىرىنىڭ توغۇلۇشى توغرىسىدا ھېكايە قىلىپ بەرمىگەنىدى. باشقىلار ئويلىمىغان، قىلمىغان ئىزگۈ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ھېرىسمەن شائىر يازغۇچى ئابلەت ئابدۇللا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر قىسىم شىئېرلىرىنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى. ” ھەر بىر شىئېرىمنىڭ پىروتوتىپى، ۋەقە، ھېكايىسى بار. ئەگەر مەن بۇ شىئېرلىرىمنى ھېكايىلەشتۈرسەم، جەزمەن ئۇ مېنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپەم ھەققىدىكى قىزىقارلىق رومان بولغان بولاتتى ” دەيدۇ شائىر. شۇنداق ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۇشبۇ يازمىلاردا روياپقا چىقتى…
بۇ ۋەقە 1947 – يىلى ئالتايدا بولغان:
بىرىنچى باب
ـ سالام، ھۆرمەتلىك كوماندىر!
راپورت ( دوكلات ) بېرىشكە رۇخسەت قىلىڭ!
ـ مىللى ئارمىيەنىڭ ئۇستاپىدىن
1984 – يىل، ياز ئاخىرى، غۇلجا
كۈن چۈشتىن قىيىلغان، شۇنداقتىمۇ ئوچۇق كۆك ئاسماندا ئۇنىڭ ھارارىتى ئانچە پەسەيمىگەن. ئىككى قاسنىقى ئېگىز سۇۋادان، ھەشتىرخان تېرەكلىرى بىلەن قاپلانغان غۇلجىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋات كوچىسى ـ ” ئازاد يول” قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بۇ ئىلى – ئۈرۈمچى تاشيولىنىڭ شەھەر ئىچى تەۋەسى بولۇپ، ئىلى قاتناش باش بىكىتىمۇ مۇشۇ چوڭ يولغا جايلاشقانىدى. ماشىنىلار، ئادەملەر، ھارۋىلار يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا جايلاشقان ئىدارە – جەمئىيەت، مەكتەپلەر، ماگىزىنلار، كىنو – تىياتىرخانىلار، ئاشخانىلار، ئۇششاق ئېلىپ – ساتارلار، يايمىچىلار، باققاللار، مۇزدۇزلار… بۇ كوچىغا جوشقۇن ھاياتىي كۈچ بېرىپ، ئۇنى ئاۋات قىلىپ تۇراتتى. يول ياقىسىدىكى دەل – دەرەخلەرنىڭ سالقىن سايىسى كىشىلەرنى شېرىن سۆھبەتتە ئارام ئالدۇراتتى…
يېنىمدا قازاقىستانلىق مېھمىنىم ـ ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيەسىنىڭ سابىق كاپىتانى نىزاموف قاسىمجان ئاكا. ئۇ ئۇستىخانلىق، ئېگىزگە مايىل ئوتتۇرا بويلۇق، سوزۇنچاق، ئاق يۈزلىرىنىڭ گۆشلىرىئازراق تارتىلىپ قالغان، قاڭشارلىق، گۆشلۈك بۇرۇن، سارغۇچ كۆزلىرى ئەتراپىنى ئۇششاق قورۇق باسقان، قىسقا قاشلىرى ئۆسكىلەڭ ئادەم. ئۇ ئامىش ياشلارغا تاقاپ قالغان بولسىمۇ، ھەركىتىدىن، مېڭىش – تۇرۇشىدىن، گەپ – سۆزلىرىدىن يەنىلا ياش، جەڭچى ۋاقىتلىرىدىكى بىر خىل ئادەتلەنگەن روھنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى ئاۋايلاپ دەسسەپ، سەل ئاقساقلاپ، ھەممە نەرسىگە زەن سىلىپ ماڭاتتى. بەزىدە دەم تۇرۇۋىلىپ، ئويلىنىپ قالاتتى. ئۇنىڭ خىيالىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئىھتىمال، ئۇ ياشلىقى ئۆتكەن، ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ ئوتلىرى غۇلجا كوچىلىرىنى قاپلىغان ئاشۇ جەڭگىۋار يىللارنى ئويلاۋاتقاندۇ!…
كوچا ئايلىنىپ، ئازاد يول 7 – يان كوچا دوقمۇشىغا كىلىپ قالدۇق. بۇ دوقمۇشنىڭ غەرپ بۈرجىكىدە قاچان ياسالغانلىقى نامەلۇم، ئەمما ھازىرغىچە ئۆز پىتىنى يوقاتمىغان، كۆك خىش بىلەن كۆتۈرۈلۈپ سىلىنغان ھەيۋەتلىك بىر بىنا بار ئىدى. بۇ ھازىر “ ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ” نىڭ خىزمەت ئورگىنى ئىدى. بىنانىڭ چوڭ دەرۋازىسى 7 – يان كوچىدا، ئۇنىڭ ئاساسى چوڭ خىزمەت زالىغا كىرىدىغان ھاۋارەڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن. قوش قاناتلىق ئىشىكى يولىمىز ئۈستىدە ئىلى قاتناش بېكىتىگە يانچە قاراپ تۇراتتى. ياۋرۇپاچە ئۇسلۇبىدا، كۆك خىش بىلەن چىرايلىق ئاركا قىلىپ ياسالغان بۇ ئىشىكنىڭ ئاستىدا بىر قانچە تار پەلەمپەيلەر بار ئىدى.
نىزاموف ئاكا بۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى توختاتتى ۋە بىنا تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن – ئۇزۇن قاراپ تۇردى. ئاندىن نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك، شۇ تاپتا باشقا دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك، بىردىنلا يىشىغا ماس كەلمىگەن چەبدەس ھەرىكەت بىلەن پەلەمپەي يىنىدا غەربكە قاراپ تىك تۇردى. شۇ خۇددى پوستتا تۇرغان جەڭچىدەك خىيالىدىكى قورالىنى مەھكەم تۇتۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆزىنى بىر نوقتىدىن ئۈزمەي تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدىم ۋە نېمىشقىدۇر شۇ چاغدا ” بۇ ئادەمگە نېمە بولغاندۇ، كاللىسى سەل چاتاقمۇ قانداق؟!… ” دېگەن مەۋھۇم خىيال ئۇچقۇنى كاللامدا لىپلا قىلىپ يېنىپ ئۆچتى.
ئۇنىڭغا قىزىقىش ئىچىدە بىردەم قاراپ تۇردۇم، ئەمما ئۇ قوزغىلىدىغاندەك ئەمەس، ئاشۇ ھالەتتە قېتىۋىلىپ، تىك تۇرغىنى تۇرغان.
ـ نىزاموف ئاكا! ـ يولدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ ” غەلىتە ” تۇرقىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاستا توۋلىدىم.
ئۇ يەنىلا زۇۋانسىز، يەنىلا پوستتا. مەن كۈلۈپ كەتتىم ۋە ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ، يېڭىدىن تارتتىم:
ـ ھوي، سابىق كاپىتان، نېمە بولدىڭىز ؟
ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ، ئەندىككەندەك بولۇپ، قەددىنى روسلىدى -دە، ماڭا چاس بەردى. ئۇ گويا شۇ تاپتا راستتىنلا پوستتا تۇرۇۋاتقان جەڭگىۋار ھالەتتىكى جەڭچى ئىدى. چاس بىلەن تەڭلا ئۇنىڭ راپورتى ئاڭلاندى:
ـ سالام ھۆرمەتلىك كوماندىر! راپورت بېرىشكە رۇخسەت قىلىڭ!…
ئاندىن ئۇ ئۆزىنى قويۇۋەتتى – دە، كۈلۈمسىرىدى. مەنمۇ چاقچاق قىلىپ : ” راھەت ” ـ دېدىم. كۈلۈشتۇق. نىزاموف ئاكا ماڭا بۇرۇلۇپ:
ـ ھەي ئۇكام، سىز بىلمەيسىزدە – دە، بۇ قانداق يەر؟!… سىز ئۇ چاغلاردا تۇغۇلمىغان. بۇ بىزنىڭ باش ئىشتاب ئىدى. غۇلجىدا ئىنقىلاب باشلانغاندا ئابدۇكىرىم ئابباسۇف، رەھىمجان سابىر ھاجىيوف، ئالىكساندىروف، ماناپ بىكېتمىروف، ماژاروف، قاسىمجان قەمبىرىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، ئىنقىلابقا قوماندانلىق قىلغان. بىز ئۇلارنى قوغدايتتۇق. مەن مۇشۇ يەردە پوستتا تۇراتتىم، نەق مۇشۇ يەر دەڭا، ـ ئۇ ئاقساق پۇتى بىلەن يەرنى تىپىپ قويدى، ـ نەق ھازىرقى ھالەتتە… بۇ يەرنى كۆرۈپ، شۇ چاغلىرىم كىينەپ كەتتى. ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم ئۇكا، تۇتالمىدىم… ھەي، سىز بىلمەيسىز – دە بۇنى!… توختاڭ، مۇشۇ يەرنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنى ئېلىۋالاي جۇمۇڭ، ۋەتەننىڭ توپىسى – دە بۇ!…
ئۇ ئاقساق پۇتىنىڭ كاشىلا قىلىۋاتقىنىغا قارىماي، تەستە ئېڭىشىپ، نەق ئايىغى ئاستىدىكى يەرنى تىرنىقى بىلەن كولاپ، بىر چىمدىم توپىسىنى ئالدى – دە، ئۇنى قولياغلىققا تۈگۈۋالدى. ئەنە شۇ چاغدا، ئۇنىڭ مەندىن قاچۇرۋاتقان كۆز چاناقلىرىدا، نەق ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا يوشۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ياش تامچىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم…مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلدى، نى – نى جەڭلەردە يىغلىمىغان سابىق كاپىتان جەڭچى ۋاقىتلىرىدا ئۆزى پوستتا تۇرغان يەرنى كۆرگەندە چىدىيالمايۋاتاتتى.
ئېھ، سابىق كاپىتان، سابىق كاپىتان!…
قوش قاناتلىق ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ قىرىدا قاتار سۇۋادان تېرەكلەر بار ئىدى. تېرەكلەر ئارىسىدىكى يىشىل چىملىق ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. غەربكە قاراپ ئىقىۋاتقان سۇ ئېرىق ئىچىگە ساڭگىلاپ قالغان ئوت – چۆپلەر ئارىسىدىن يېنىك شىۋىرلاپ ئۆتۈۋاتاتتى.
نىزاموف ئاكىنىڭ روھى ئېزىلگەن، كۆزلىرى مۇڭلانغان، كۆزى ئەتراپىدىكى قورۇقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى. ئۇ خۇددى ئېغىر يۈك ئاستىدىكى ئادەمدەك بوش ئاۋازدا :
ـ مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرايلى! ـ دېدى.
ئولتۇردۇق. ئۇ ئالدىرىماي كاستىيۇمنىڭ يانچۇقىدىن سىگارتنى ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن بىر تالنى سۇغۇرۋىلىپ، چاقمىقىنى چېقىپ تۇتاشتۇردى – دە، قاتتىق بىرنى شورىدى. ئاغزىدىن چىققان ئاقۇچ تۈتۈن دەرەخ بويلاپ يوقىرى ئۆرلىدى. ئۇنىڭ ھەممە دەرت – ھەسرىتى، گويا ئاشۇ تۈتۈن بىلەن بىللە ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكەندەك يېنىكلەپ، ھېكايىسىنى باشلىدى.
بۇ ئۇنىڭ 1947 – يىلى سېنتەبىر، ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئالتايدا بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ئىكەن. بىز ئوقۇرمەنلەرگە ھېكايىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىۋىلىشى ئۈچۈن ئالتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىدىن قىسقىچە راپورت بېرىمىز:
1946 – ، 1947 – يىللىرى ئاجايىپ گۈزەل ئالتۇن تاغلىرى، گۈپۈلدەپ بېلىق پۇراپ تۇردىغان دەريا ـ ئېقىنلىرى، قاناس، ئۇلۇڭگۈردەك تەبئىي مەنزىرىلىك كۆللىرى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئالتۇن، بېرىللىي، كولۇمبنىت، ئىپودىمان، چىرىمتال ۋە ۋولفىرام قاتارلىق كەم ئۇچىرايدىغان بىباھا قىممەتلىك مېتاللىرى بىلەن چۆچەكلەردىكى سىرلىق خەزىنىگە ئوخشايدىغان ئالتاي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە كۆيگەنىدى. ” سۇ بويىدا ” رومانىدىكى سۇڭ جياڭدەك تاغ – تۇراغا چىقىۋالغان ئوسمان ئىسلام 20 – ئەسىرنى قەدىمكى سۇڭ زامانىسىدەك چاغلاپ، بۇ ئالتۇن ماكاننىڭ ” پادىشاھى ” بولۇشنى خىيال قىلغانىدى.
ئۇ 1947 – يىلى 8 – ئاي ئاخىرلىرىدا گومىنداڭ قوراللاندۇرغان 1600 دەك قۇيرۇچۇق ( ئوسماننىڭ ئەگەشكۈچىسى ) لىرىنى باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنى تىزگىنلەپ تۇرۋاتقان جايلاردىكى قىسىملىرىغا ئومۇميۈزلۈك ھوجۇم باشلىدى. دەستلەپتە مىللى ئارمىيىنىڭ گېنېرال مايۇرى دەلىلقان سۈگۈربايوف، پولكوۋنىك بەدەلقان سۈگۈربايوفلار باشچىلىقىدىكى 1800 كىشىلىك سارسۈمبە ئاتلىق ئەسكەرلەر 3 – پولكى قوغداۋاتقان سارتوقاي، چاغانغول، چىڭگىل، كۆكتوقاي ۋە بۇرۇلتوقاي قاتارلىق جايلارنى تېزلا ئىشىغال قىلدى.
ئوسمان قىسىملىرى تاغ ئادەملىرى بولغاچقا، ئات مىنىشكە ئۇستا ۋە تاغ ئۇرۇشىغا ماھىر، مەرگەن ئىدى. ئۇلار پىرە چاقىرىپ، ئالا – تاغىل ۋارقىرىشىپ، ئاسماندىن چۈشكەندەك تۇيۇقسىز پەيدا بولاتتى – دە، ھەش – پەش دېگۈچە جىندەك غايىب بولاتتى. ئۇلار چارۋۇچى ئاممىنى ئالداپ، قورقۇتۇپ، ئالدىغا سېلىپ، كۆچۈپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلاتتى. ئۇلار مۇشۇ تاكتىكىسى بىلەن مىللى ئارمىيەنىڭ جايلاردىكى تارقاق، تەمىنات، ئۇچۇر – ئالاقە يەتكۈزۈش قىيىن بولغان قىسىملىرىنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىتىۋەتتى.
ئوسمان قىسىملىرى 1947 – يىلى 16 – سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بازىرى ـ سارسۈمبىنى، 17 – سېنتەبىر كۈنى پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتىنى تىزگىنلىۋالدى ۋە ھەممە يەردە بۇلاڭ – تالاڭچىلىق قىلدى.
بۇ ئۇرۇشتا ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، قورشاۋدا قالغان، ئەسكەرلىرى تىرە – پىرەڭ بولۇپ، پېتراپ كەتكەن قاسىمجان ئاكا تۇرۇۋاتقان 1500 كىشىلىك قوبۇقسار ئاتلىق ئەسكەرلەر 2 – پولكى بولدى. دەسلەپتە بۇ پولكنىڭ قوشتولغايدىكى بىر ئىسكاردونى ئوسمان قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ 37 جەڭچىسى قۇربان بولۇپ كەتتى. ئاندىن مۇئاۋىن پولك كوماندىرى مايۇر ئىبراھىمباي باشچىلىقىدىكى ئۈچ ئىسكاردون قارا چۆل ئۇرۇشىدا يىڭىلىپ، 10 – سېنتەبىر كۈنى تاشقى مۇڭغۇليىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ پولكنىڭ ياردەمگە ماڭغان پولك كوماندىرى پولكوۋنىك نۇسۇپقان كۈنباي باشلىغان ئۈچ ئىسكاردون سارسۈمبىنىڭ ئۇيالى دېگەن يىرىدە ئوسمان قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قىلىپ پەقەت: ” نۇسۇپقان ئون نەچچە جەڭچى بىلەن مۇھاسىرنى بۆسۈپ چىقىپ، سارسۈمبىگە قىچىپ كەلدى. مىللى ئارمىيە قىسىملىرى كەينى – كەينىدىن مەغلۇپ بولىۋەردى. “
پولك كوماندىرى نۇسۇپقان كۈنباي سارسۈمبىگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشتاب باشلىقى مايۇر سالاھىدىن سىدىقوف مۇۋەققەت پولك كوماندىرى بولدى. ئۇ پولك ئىشتابىدىكى ئىككى يۈز نەپەردەك كوماندىر – جەڭچىنى باشلاپ، ساربۇلاققا ياردەمگە كېتىۋاتقاندا ئالتاي لاگىرىدا ( قانداغاتايدا )ئوسمان قىسىملىرىنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇمۇ كوماندىر نۇسۇپقانغا ئوخشاشلا تەقدىر – قىسمەتكە دۇچ كەلدى. مايۇر سالاھىدىن ئون سەككىز نەپەر جەڭچى بىلەن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، قۇرۇق تاغقا ئۆزىنى ئاتتى. پولكنىڭ ئوق – دورا، ئوزۇق – تۈلۈكى ھەتتا پولك بايرىقى ئوسمان قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى…
ئاشۇ ئەجەللىك مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققان ئون سەككىز نەپەر جەڭچىنىڭ بىرى ـ ماڭا ھېكايە سۆزلەپ بىرىۋاتقان مۇشۇ سابىق كاپىتان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسى ماڭا ” مەشھۇر چەت ئەل پوۋېستلىرى ” ناملىق كىتابتىكى سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ب. ئا. لاۋرېنىپنىڭ ” قىرىق بىرىنچى ” سىنى ئېسىمگە سالاتتى. بۇ پوۋېستتا ياش سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كولچاك كازاك قىسىملىرىغا قارشى پىداكارانە كۈرىشى تەسۋىرلەنگەنىدى.
1919 – يىلى فېۋرالدا ياش سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ 144 نەپەر كوماندىر جەڭچىسى قاراقۇرۇم چۆلىدە كازاك قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغاندا: ” ئەجەللىك قورشاۋ ئىچىدىن پەقەت قىزىل كومىسسسار يېپىشكوپ، يىگىرمە ئۈچ نەپەر جەڭچى ۋە ماليوتكىلا بۆسۈپ چىققانىدى. ” بۇ بىر توقۇلما ھېكايە، ئەمما سابىق كاپىتاننىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەقىقىي ۋەقە ئىدى.
داۋامى يوللىنىدۇ...
مەنبە :
تۇرمۇش خاتىرىسى