ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئارىمىزدا ھەرخىل گازلىق ۋە گازسىز ئىچىملىكنى تازا ئىچىدىغان تورداشلار خېلى بارغۇ دەيمەن ... ئەمسە تۆۋەندىكى فىلىمنى ئوبدان كۆرۈپ بېقىڭ، ئىچىملىكنى قانداق ياسايدىكەن؟
-----------------
ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى دەرس ۋاقتىدا نەق مەيداندىلا بىر تەجىربىسىدە ئىچىملىك ياساپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ بەردى ۋە بۇنداق ئىچىملىكنىڭ تەركىبىنىڭ ئادەتتە سۇ دىن باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاتالمىش ئاپلىسىن،بانان سۈيى بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي تېتىتقۇ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلار...
بۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خەنزۇچە بىلىدىغانلار
بۇيەرنى بېسىپ بۇ بەتكە چۈشكەن خەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ. نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟؟؟
ئەزىز قېرىندىشىم. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھىساپلايدىغان بارلىق كىشىلەر چوقۇم يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى چوقۇم ئوبدان بىلىسىز. شۇغىنىسى ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن بىر كۈنى ئاشۇ ناكەس شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى تۈپەيلى نەپسىڭىزنى يىغالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ۋە ئاۋۇ ئىنكاستىن ئېتقادى يوق خەنلەرنىڭ جېنىدا دەۋاتقان سۆزلىرى بىلەن ئۆز ئەقلىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىز...
ئەلۋەتتە بۇ يەردە مەن مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ھالال-ھاراملىقىغا ھۆكۈم چىقارماقچى ئەمەس،بەلكى مۇشۇنداق سالامەتلىككە زىيانلىق ، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىۋاتىمەن... قالغىنىغا ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان،رەھىملىك ئاللاھتىن ھەربىرىمىزنىڭ نەپسىمىزنى ھارامدىن ساقلىشىنى تىلەيمەن... ئامىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا samsaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-16 09:55 PM