|
|
|
|
ئۇزۇن بۇلۇپ قالدى ، بىرەر سودا پىلانى ۋە پۇل تېپىش يوللىرىنى تۇۇشتۇرمىغىلى . بۈگۈنكى تىمىمىزدا چوڭ شەھەرلەردىكى سودا پۇرسەتلىرىدىن بىر ئىككىنى تۇنۇشتۇراي .
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئەتراپىمىز پۇل تېپىش پۇرسەتلىرى بېلەن لىق تولغان . ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ھېس قىلىش ۋە شۇ ھېس قىلغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۈتۈش ئەڭ مۇھىم .
شۇ سودا پۇرسەتلىرىدىن بىرى :
1. شەھەر ئىچى تېز يوللانمىسى ؛بۇ ساھە تېخى ئېچىلمىغان ساھە ، لىكىن چوڭ شەھەرلەردە بۇ خىل مۇلازىمەتكە ئىھتىياج خېلىلا كۈچىيىپ قالدى . شەھەرلەرنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھەم خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇخىل مۇلاىمەتكە بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى روشەن كۈرۈنۈشكە باشلىدى .
ئالايلۇق : شەھەرنىڭ يەنە بىر چىتىدىكى تاماقخانىدىن تاماق ئەكەلدۈرۈش ، شەھەرنىڭ يەنە بىر چىتىدىكى دۇكاندىن بىرەر مەھسۇلاتنى بۇيرۇتۇپ ئەكىلىش ، شىركەتلەر ۋە ئىدارە ئورگانلار ئارا ھۆججەت ئالاقە ئەۋەتىش ، سوغات بۇيۇم يەتكۈزۈش ……………………………….قاتارلىقلار .
دىگەندە نۇرغۇن ئىھتىياجلار بار .
2. بالىلارنى ۋاكالىتەن مەكتەپلەردىن ياكى تورسولاردىن ئەكىلىش مۇلازىمىتى .بۇ ئىشمۇ ھازىر بىر ئۆيدىكى ئەر-ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ بىر باش قېتىنچىلىقى بۇلۇپ قالغان ھەمدە شۇ كىشىلەر ئارسىدا مۇشۇخىل مۇلازىمەتكە ئىھتىياج كۆپىيىۋاتقان بىر ئىش .
ىىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بېلەن بالىلارنى مەكتەپتىن ياكى تورسودىن قۇيۇپ بىرىش ۋاقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، ياكى كەچتە ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەيدىغان ئىشلارنىڭ چىقىپ قېىشى قاتارلىق ئىشلار دەل مۇشۇ خىل مۇلازىمەت ئىھتىياجىنى پەيدا قىلغان .
3. ھاراق ئىچكەنلەرگە ۋاكالىتەن ماشىنا ھەيدەپ بىرىش .قاتناش قائىدىسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىقلىشىغا ئەگىشىپ ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى بىرمەزگىل تۇتۇپ تۇرىدىغان قائىدىنىڭ چىقىشى دەل مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى پەيدا قىلدى .
نۇرغۇن كىشىلەر رىستۇران ياكى تاماقخانىلارغا ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ ، ئۇ يەرلەردە ھاراق ئىچىپ ئاخىردا ماشىنىسىنى ھەيدىيەلمەيدۇ ، ياكى ماشىنىسىنى تاشلاپ كىتىپ قالالمايدۇ . مانا مۇشۇ چاغدا سىزگە ئىھتىياجى چۈشىدۇ .
شۇڭا ، ھەرخىل رېستۇران ، مىھمانخانىلارغا ۋە ئاشخانىلارغا ئىسىم كارتىنى ياكى تەشۋىق ۋارىقىنى قۇيۇپ قۇيۇپ مۇشۇنداق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئىزدەيدىغانلارغا ئۈزۈنىڭ ئۇچۇرىنى قالدۇرۇش ئارقىلىق بۇ بازارنى ئېچىش كېرەك .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
بۇيازما باي دادام تور خاتىرىسىنىڭئىگىلىك تىكلەشسەھىپىسىدىن كۈچۈرۈلدى .
|
|
|
|
|
|