مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3031|ئىنكاس: 41

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 08:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال

ئابدۇقادىر جالالىدىن




ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن بەلكى، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، باللىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غورۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، باللىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋىي مەقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسنى قۇرۇۋاتقان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرىدىغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلسىنىڭ بەركىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن،مېھرى ئارقىلىق باللىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن،ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن،دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئائىلىگە،شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېتىقاد بېغىشلىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددىي باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۆكۈس قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالى قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايال.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يېغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى.


ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىپخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى، ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋىي كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ ھەقىقى جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.



مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى 2012-يىللىق 1-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 08:21 PM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12407
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7786 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!ھەقىقەتەن ياخشىكەن!



لىكىن تەكرار تىما بولۇپ قالمىغاندۇ؟

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېماكەن،رەھمەت

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بۇرۇن بىر كۆرگەندەك ...بىراق بۇ مۇنبەردە دەپ جەزىم قىلالمدىم
شۇنداق ئۆيدە ئولتۇردىغان ئاياللار بىلمسىز ئەمەس ،ئەكسچە ئۆزىنى ئائلسگە ئاتىغانلار بولسا كېرەك .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13950
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالىم ئۆيدە ئولتۇرسىدىكەن  دەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئاز ......... ئاللاھ ساقلىسۇن ئۇنداق ئەردىن .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق تىمىنى قانچە يوللىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، تىما ئىگىسىگە ئالاھىدە رەھمەت!

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3429
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:21:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشىكەن

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىقىنى ئائىلە  ئۈچۈن ئاتىغان ئاياللارنى بەك ياخشى شەرھىيلەپتۇ . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرى بىر - بىرىدىن ئىسىل ،

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2052 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aysiman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 09:19 PM
ئايالىم ئۆيدە ئولتۇرسىدىكەن  دەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئ ...

مەن شۇ  ئايالىم  ئۆيدە ئولتاسىكەن  دەيدىغاننىڭ  بىرسى ، لىكىن سىز  خۇدا  ساقلىسىۇن  دەپسىز ، مەن  خاتا چۈشىنۋالدىممۇ يا  بۇ  گىپىڭىشنى ؟

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 10:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aysiman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 09:19 PM
ئايالىم ئۆيدە ئولتۇرسىدىكەن  دەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئ ...

سىز ئاللاھ ساقلىسۇن دەپ  ئايالىم ئۆيدە ئولتۇرسۇن دەيدىغانلارنى دىمەكچىمۇ ياكى ئۆيدە ئولتۇرمىسۇن دەيدىغانلارنى دىمەكچىمۇ؟

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش