ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنەيلى!
ئاددى قىلىپ مۇنداقلا ئېيتساق، بىر ئادەم تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ، قېرىغىچە بولغان بىر ئۆمۈر جەريانىدا، قانداق ئاساسى مەسىلىگە يۇلىقىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئىزچىل يۇلۇقۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە.ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ چەكلىك بولغان بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغىلى بۇلىدۇ؟ ئەمما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل بوشاشماستىن تىرىشىۋاتقىنى يەنىلا ئقتىساد ئىلمى. بۇچۈشەنچە ئىقتىساد ئىلمىگە قارتا ئەڭ ئۇمۇملاشقان چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك . ئەمما ئىقتىساد پىنى ھازىرقى زامان ئىلىم پىنى بۇلۇش سۈپىتى بېلەن بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ ئىشلىتىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز.
1776يىلى ئادام سىمىتنىڭ ‹دۆلەت بېيىش نەزىريىسى›‹国富论› ئىلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇزاق تەرەققىياتنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئىلىم مول ھەم چوڭقۇرلاشتى . بۇ دەسلەپتە بىر نەچچە تۈپ كۆچەت مايسا بولغان بولسا، ھازىر بىپايان چەكسىز ئورمانغا ئايلاندى . مۇشۇ ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۈتۈپ ، بۈگۈنگە كەلگەندە ئىقتىساد ئىلمى ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى . چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كېڭىيىپ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى . ئەگەر بۇ ئىلىمنى تۈرلەرگە ئايرىيدىغان بولساق ، بۇ ئىلىم نەچچە يۇز تۈرگە ئايرىلىدۇ . 1992-يىللىق نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئامىركىلىق جالى بېكىرسىن ‹ئىقتىساد ئىلمى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ %90 ھەركىتى بېلەن تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.› دىدى.
گەپ شۇنداق ئېيتىلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئەگەرمەلۇم بىر ئادەم مەلۇم شەيئى ياكى مەلۇم ھادىسىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بۇلۇپ ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئقتىساد مىخانىزىمىنى تەكشۇرمەكچى بولغاندا كۆپ ھاللاردا كەسپى كىتاپلاردىكى كۆپ مىقتاردىكى قائىدە ، گىرافىكلار ، سان -سىفىرلار ئالدىدا قانداق قىلىشنى بىلمەي قېلىپ بوشىشىپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بۇ ئىلىمگە بولغان قىززىقىش زور زەربىگە ئۇچىرايدۇ.
باشقا ھەرقانداق بىر ئىلىمگە ئوخشاش ، ئىقتىساد ئىلمىمۇ ئەڭ ئاساسى مەسىلە ، تىئورمىدىن باشلىنىپ ، لوگىكىلىق سېستىما ئىچىدە تەرەققى قىلىپ ، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ھەيۋەتلىك بىر قۇرلۇش بۇلۇپ چىقىدۇ . ئۇنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تەرتىپ بېلەن تەدرىجى ئىلگىرلەش كېرەك . ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىللىرىمىز ئاساسەن بۇنىڭغا ۋاقتى ۋە زىھنىنى ئاجىرتالمايدۇ .
لىكىن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋە ھادىسىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشقا ئامالسىزقالىمىز.
نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر تىپلىق تېلىفۇننىڭ پۇخرالار بېلەن ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى سېتىلىش باھا پەرقى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن قارا ئاشلىق ۋە ئاق ئاشلىق ئارىسىدابەزى چاغلاردا قۇناقنىڭ بازار باھاسى بۇغداينىڭكىدىن ئۆرە بۇلىدۇ؟
مەلۇم خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۈسۈپ كەتكەندە ، نىمە ئۈچۈن خەلق شۇ مەھسۇلاتنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ؟
بانكىغا پۇل قۇيسا ئۈسۈمى چىقىدىغان تۇرسا،لىكىن نىمە ئۈچۈن نەچچە يىلدىن كىيىن ھېساپتا زىيان چىقىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن تاماكا بېجىنى يۇقىرلاتقاندىن كىيىنمۇ، تاماكا چىكىشنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلغىلى بولمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمى ئاسپىرانتلىرى بىر نەچچىسى توپلىشىپ كوچىدا مايلامچىلىق قىلىدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى توختىماي ئۈسىدۇ؟ تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت ياراتقاندا يېڭى بىر باش ئاغرىقلىرىنى تاپامدۇ قانداق؟
نىمە ئۈچۈن مەھسۇلات خام ئەشيادىن ئەرزان بۇلىدۇ؟ بۇ خىل بازاردا رىقابەت ئەۋزەللىكى بارمۇ ياكى يۇشۇرۇن خەۋپ بارمۇ ؟
جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى دۇنيانى قاپلىسا ئىقتىسادشۇناسلار نىمە ئۈچۈن تەشۋىشكە قالىدۇ ؟
مانا بۇ ئەھۋاللارنى چۈشۈنۈشكە ، ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ.
بىراق ئاشۇ چۈشۈنۈكسىز ئىزاھات ، چوڭقۇر نەزىريەلەرگە ئۇچۇرغاندا ، بىز يەنە نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز.
بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ، پەقەت ‹كۈندە ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنۈش› ئارقىلىقلا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تاپالايمىز .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەردار566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-16 07:38 PM