مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2377|ئىنكاس: 24

گۈل چاي توزوتقان خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10645
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8109
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2067 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 01:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈل چاي توزوتقان خىياللار

كىلىياڭ مەشىرىپنىڭ يىقىنىقى زامانلاردا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ سەنئەت كىچىلىكىلىرىدە قويولىشى بىلەن شىنجاڭ تەۋەسىدە كىلىياڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭمۇ بارلىقى باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى. قانداقلا بولمسىۇن گۇما ناھىيسنىڭ 70كىلومىتىر نىرىسىگە جايلاشقان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، تۇپرىقى مۇنبەت يۇرتلارنىڭ بىرسى ئىدى.گەرچە پارلاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ ، جايلىشش ئورنىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە يىراقلىقى، شۇنداقلا بۇ ناھىينىڭمۇ شىنىجاڭدىكى جايلىشىشى چەت يىراق جايدا بولغانلىقى تۇپەيلىدىن، ئىقىتىسادى جەھەتتە ئەتراپىدىكى باشقا ناھىيلەردىن خىلى بەك ئارقىدا ئىدى. يىل بويى چىقىدىغان بۇراننىڭ كۆپلىكى، سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ يۇرتتا نورمال تىرىكىچىلىك قىلىش بىر كىرىزىس سۈپىتىدە گۇما خەلقىنىڭ ئالدىغا قويولغان بىر سۇئال ئىدى. قانداقلا بولمسۇن بۇ ناھىينىڭ بەزى يىزىلىرىدا ئىككى قىتىم مول ھوسول ئىلىش تۈگۈل، بەزى يىزىلىرىدا ئاران بىر قىتىم مۇل ھۆسول ئالماق تىخىمۇ تەس بولىۋاتاتتى. ھەتتا بەزى مىۋە چىۋىلەر پىشماي تۇرۇپلا ھاۋا سوۋوپ قىش كىرىپ ئاپئاق قارلار زىمىننى باساتتى. ناھايەت كىيلىياڭ يىزىسى تەبىئى شارائىتنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كىلماتىنىڭ سوغۇقلىقى، سۇ مەنبەسىنىڭ يىتەرسىز بولىشى سەۋەپلىك بۇ يۇرت ھايات ھەقىقەتلىرى توغرىسدا ئاچچىق كۈلىۋاتاتتى. پۇقرالىرى نامراتلىق ئازابىدا تولغۇنۇۋاتاتتى. يىغىسى بولغان بۇ ھاياتنىڭ كۈلكىسىمۇ بولغىنىدەك 2011-يىل كىلىياڭلىقلارنى تازا خۇشال قىلغان بىر يىل بولدى . چۈنكى بۇ يۇرتتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىنى كەلتۈرمەيدىغان بىر نەرسە مەيدانغا كەلگەن بولوپ، بۇ نەرسىنى كىشىلەر يەرلىك تىلدا «گۈل چاي » دەپ ئاتىدى. بۇ تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل گۈل تۈرىگە تەۋە ئۇسۇملۇك بولوپ،بۇ چاينى دەملەپ ئىچكەندىن كىيىن، قان بىسىمىنى چۈشۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. شۇنداقلا قاندىكى ماينى چىقىرىپ تاشلاش جەھەتتە ياخشى رولى بار ئىدى. بۇ چاينى دەملىگەندىن كىيىن رەڭگىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىقلىقى،ئات قىنىدەك قىزىللىقى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇراتتى. گەرچە بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇزۇندىن بىرى ئىزچىل قارشى ئىلىنىپ كىلىۋاتقان مەھسۇلات بولسىمۇ، بۇ يۇرتنىڭ تەبىئى جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ناچارلىقى، پۇقرالىرىنىڭ بىكىنمچىلىك ئىڭىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن «گۈل چاي»مۇ بىكىنمە ھالاتتە تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدى. بىر قىسىم ئويغاق كىشىلەر ۋە ياكى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ بۇ يۇرتقا دىققەت ئىتىۋارىنى بىرىشى بىلەن «گۈل چاي»نىڭ  تارىخى خاراكتىرلىك بۇ سىرى كەڭ جامەئەتچىلىككە ئاشكارلاندى. سودىدا يۇرىكى پىشقان، پايدا بىلەن زىيان ئوتتورىسىدا كەسكىن ھىساپ قىلالايدىغانلار بىر نەچچە كىچىنىڭ ئىچىدىدىلا مىلىيۇنىرلارغا ئايلاندى. ئۇلارلا ئەمەس ئۆمۈر تارىخىدا ئون مىڭ يۇەننى كۆرۈپ بىقىپ تۇتۇپ باقىمىغانلار بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا مىلىۇنىرلارغا ئايلانغانىدى. بۇ بىر ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. بۇ جەھەتتە بىز ئىشنەيلى ۋاياكى ئىشەنمەيلى، كلىياڭلىقلارنىڭ يانچىقى ھەقىقەتەن پۇلغا تولدى.سانتانا دىيشىنى بىلمەيدىغان بەزى دىھقانلار «ساتىنا»ماشىنا ئالىمىز دىيىشكىنىچە ماشىنا بازىرىغا قاراپ ئاقتى. كىلىياڭلىقلار ھاياتىدا تولىمۇ ئاز ئولتۇرالايدىغان بەزى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ھەيدەشنى بىلمىسمۇ، ئويىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويوپ شوپورلۇق مەكتەپتە ئوقوپ پىراۋا ئالماقچى بولوشتى.  گۇما ناھىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تاللا بازىرى يىزا بازارلارغا ناھىتى ئاز ئىلىكىتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلىپ بىرىپ ساتاتتى. ئاز ئىلىپ بىرىشىتىكى سەۋەپ، كىرىم چىقىمنى قامدىيالمايتى.  لىكىن بۇ قىتىم كىلىياڭ يىزىسىغا ئىلىپ بىرىلغان ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇنداق بولمىدى. ئەكىسچە بۇ تاللا بازىرى ئۇزۇندىن بىرى ئىسكىلاتلىرىدا بىسىلىپ قالغان ماللىرىنى ئاپىرىپ ساتقان بولسىمۇ پاك پاكىز تۈگەپ، دىھقانلارنىڭ ئالدىن پۇل تاپشۇرۇپ مال زاكاس قىلىشىتىن ئىبارەت كىلىياڭ يىزىسدا تارىختىن بىرى كۆرۈلۈپ باقىمىغان ئەھۋال كۈرۈلدى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر بازار كۈنى(كىلياڭدا دۇشەنبە كۈنلىكى بازار بولىدۇ) 100دىن ئارتۇق توڭلاتقۇ سىتىلغانمىش. بۇنى بىز بۇ يۇرتلارغا رىكورت دەپ ئاتايمىز.

ئىچكىرىدىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بۇ يۇرتقا كىرىشى كىلىياڭلىقلارنى ھەقىقەتەن باي قىلىۋاتتى.مۇنداقچە ئىتقاندا كىلىياڭلىقلارنىڭ بىشىغا ئامەت قۇشى قوندى. ياراتقان ئىگەم بۇ يۇرتلارنى بەكمۇ تەڭشەپ ياراتقان ئىدى. ئارانلا  بۇغداي قوناقتىن مول ھوسول ئالالايدىغان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا شۇنداق ماس كىلىدىغان گۈل چاينى يار يۆلەك قىلغان ئىدى. گۈل چاي ئىچىلغاندىن كىيىن  بۇ نەرسىنىڭ مو بىشى ساپ پايدىسى 100مىڭ يۇەندىن ئىشىپ كەتتى. باشقا يۇرتلاردا تىرىپ سىناپ باققانمۇ بولدى.  لىكىن سۈپىتى ھەقىقەتەن كىلىياڭنىڭكىگە يەتمىدى. كىلىياڭ گۈل چىينىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتتى. مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانلىرىنىڭ قىززىق نوقتا زىيارەت مەنبەسىگە  ئايلاندى. تاغدا ئۆسىدىغان بىزنىڭ زاغرا تىلىمىز بويىچە ئىتقاندا بۇ ئۆت چۈپ ھەقىقەت ئۆزىنىڭ سىھرى كارامىتى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ بىر يىلدا گۈل چاي تىرىمىغانلار ھەقىقەتەن ئارماندا قالدى. يۇرەكلىرى ئىچىشىىپ كەتتى. پىقىرمۇ بۇ جەھەتتە ئارماندا قالغانلارنىڭ بىرسى مەن. گۈل چاي تىرىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا گۇمان بىلەن قاراپ ئەرزان سىتىۋاتقانلار «مەن رازى»دىگەننى توختىماي دەپ نىرۋىسىدىن ئادىشىپ قالدى ۋە ياكى ئادىشىپ قالايلى دەپ قالغانلارمۇ كۆپ بولوشتى. خوش 2011-يىلى بەزەنلەرنى كۈلدۇرسە بەزەنلەرنى ئارمان بىلەن، يەنە بەزەنلەرنى ئازاپ بىلەن يولغا سىلىۋاتاتتى. ماشىنا ھەيدەش تىخنىسكىنىڭ توۋەن بولىشى سەۋەپلىك پوچىلىق قىلىپ ماشىنا سىتىۋىلىپ ئۇچقاندەك ھەيدەيدىغانلار قاتناش ۋەقەسىگ ئۈچراپ پۇلىنىمۇ خەجلەشكە ئۈلگۈرمەي خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. بەزەنلەر بۇ ئاماتلەرنىڭ ئۆزىگە بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويوپ خوتون ئۈستىگە خوتون ئىلىپ، سىرىق چاچلىق ، قىشقا يوپكا كىيكەن گۈزەل نازىنىلارنى بۇ يۇرتقا ئەكىلىشكە باشلىدى.كىلىياڭلىق ئاياللار جەينامازدىن چۈشمەي بەختىلىك ئائىلىسىنى بۇزغان گۈل چاينى قارغىماقتا ئىدى. ھاراق تاماكا تاپماق ئىنتايىن تەس بۇ يۇرتتا ئەيشى ئىشرەت كەيپى ساپا كۆپىىيپ قىلىشقا باشلاۋاتاتتى. بۇ ئامەتنىڭ يىنىدا يەنە بىر ئاپەتمۇ تۇراتتى. بىز ئەنە شۇنداق سىناق ئالدىدا تۇرۇپ 2011-يىلىنى ئۈزۈتۇپ باھارنى كۈتىۋالدۇق. قىززىق ئىشلار تىخىمۇ يۈز بىرىشكە باشلىدى.2011-يىلنى گۈل چاي تىرىماي خاتالىق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر بۇ 2012-يىلىنى بۇنداق ئۆتكۈزىۋەتكۈسى كەلمىدى. ئۇلارمۇ تىرىپ مىلىيۇنىر بولغۇسى كەلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر قىسمى مەككار، ھارامتاماق ، ساختىپەزلەر باي بولوشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغان ئىدى. گۈل چاي تىرىش ئۈچۈن گۈل چاي ئۇرۇقى لازىم بولاتتى.  گۈل چاي ئادەتتە 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ ئىچىلىشقا باشلايدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە(ھاۋاسى ئىسسىق بەزى جايلاردا ئىككى كۈندە)بىر قىتىم گۈل چاي يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق يىغىۋىلىنىدۇ .بىر مو يەرنىڭ گۈل چىينى يىغىۋىلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 5-8گىچە ئەمگەك كۈچى كىتىدۇ. بۇ تاكى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە گۈل چايدىن مول ھوسول ئىلىنىدۇ. 9-ئايدىن كىين ئۇرۇققا تاشلىۋىتىلىدۇ. 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا ۋەياكى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇرۇق يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ بىر تىخنىكىلىق تەلەپ. لىكىىن بەزەنلەر تاكى 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىغىچە گۈل چاي يىغىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. بۇنداق كىىين قالغان گۈل چايلارنىڭ ئۇرۇققا سالغاندا بىر بولسا سوغۇقتا ئۇششۈپ كىتىش ۋەياكى ئۇرۇق تولوق پىشماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. گۈل چاي بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار ئۈنچىلىك كۆپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۈششۈپ كەتكەن ئۇرۇقمۇ ۋەياكى خام ئۇرۇقمۇ بىلىش دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش. 2012-يىلى يىڭى يىل كىرىشى بىلەن گۈل چاي ئۇرۇق بازىرى قىززىپ كەتتى. ھەر كىلوسى 1500يۇەندىن 4000يۇەنگىچە سىتىلدى. گۈل چاي ئۇرۇقى بىلەن ئىچكىرىدە ئۈستۈرۈلىدىغان بىر مەنزىرە گۈلى(白雪菊)نىڭ ئۇرۇقى بەكمۇ ئوخشاش چىقىپ قالدى. بىرقىسىم ساختىپەر، ئالدامچىلار ئىچكىرىدىن بۇ خىل مەنزىرە گۈلىنىڭ ھەر كىلوسىنى 20يۇەندىن ئىلىپ گۇمىغا ئەكىلىپلا ھەقىقى گۈل چاينىڭ شادىسىغا ئارلاشتۇرۇپ ھەقىقى كىلىياڭ گۈل چاي ئۇرۇقى دەپ ساتتى. شۇ ۋاقىتتا گۈل چاي شادىسىمۇ قاتتىق پۇل بولوپ كەتتى. بىر كىچىك بىر يۇرتتىن شۇنچىلىك كۆپ گۈل چاي ئۇرۇقى سىتلدى.بۇ قانداقمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغسۇن.

4-ئايداباشلىرىدا، ئوتتورلىرىدا، ئاخىرلىرىدا تىرىلىدىغان بۇ گۈل چاي ھىكايسىى داۋام ئەتمەكتە ئىدى. گۈل چاينىڭ نامىنى چىقارغان،10نەچچە يىللاردىن بىرى گۈل چاي سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلۋاتقان ئۈستاز كىلىياڭ توققوز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىسى نۆرەخمەت ئالىم مۇنداق دەيدۇ:«گۇما ناھىيسىدە مىنىڭ پەرىزىمچە 10توننىغا يىقىن گۈل چاي ئۇرۇقى چىقىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى. لىكىن ھازىر 100تونندىن ئارتۇق گۈل چاي ئۇرۇقى سىتىلىپ بولغان بولىشى مومكىن».بۇ گۈل چاي مۇتەخەسسىسى ئىنىقلا قىلىپ ٪90 گۈل چايدىن مول ھوسول ئالغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇرىۋاتاتتى.  ئويوننىڭ قىزىقى 5-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىدى.قىممەت باھادا سىتىۋالغان بۇ بايلىق ئىلاھى ئۈنمىدى. يۇقىرى باھادا سىتىۋالغان يەرلەردە ئوت-چوپتىن باشقا ھىچنىمە كۈرۈنمىدى. بەزەنلەرنىڭ مىلىيۇنىرغا ئايلىنىش چۈشى بىردەمدىلا بەربات بولوپ، بىر مۇنچە زىياننى يۈكلىۋالدى. زىيانغا چىدىمىغانلار ئۇرۇق ساتقۇچىلارنى ئىزدەپ تازا بىر دىيشمەكچى بولوپ ئۆيىگە بارغاندا، بۇ مەككار، ساختىپەزلەريوغان قۇلپىنى ئىشىككە سىلىپ قويوپ بىر مۇنچەپۇلنى ئىلىپ ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى. بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ھەل بولمدى. قانداق قىلىش كىرەك؟بەزەنلەر گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىدىن ئۆمىدىنى ئۈزۈپ يەرلەرنى ئاغدۇرۇپ قۇناق تىرىپ بولغان ئىدى. يەنە بەزەنلەر بولسا تەن بەرمەي، مايسا كۆچۈرۈش ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋاتاتاتتى. گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر خۇدادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ.

گۈل چاي بىزلەرگە ئامەت ئىلىپ كىلەمدۇ ۋەياكى ئاپەت ئىلىپ كىلەمدۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. بۇندىن كىين گۈل چاينىڭ تەقدىر ئىستقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ گۈل چاي مەسىلىسىدە سوغوققانلىق بىلەن ئىش تۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ جەھەتتە سەمىمى مەسلىھەت بىرىشنى خالايمەن.

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرۇم ؛18935794111

(ئەسكەرتىش :ئالاھىدە غەرىزىم يوق، باشقىچە چۈشەنمەڭ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 02:20 PM  


سىز 365 كۈن ياشىدى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3275
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 02:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈل چاي دەپ ئاڭلىغان يۇرۇتىكىلەر تىرىيىمىز دەپ ئۇرۇقىنى ئىزدەۋاتقان، پايدىسنىڭ مۇنچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3372
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 02:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئاچ كۆز بۇلۇپ كەتسە مۇشۇنداق  خاپىلىق چىقىدۇ شۇ     شۇڭا ھەممە ئادەم  شۇكۇر قانائەتچان بۇلۇشنى ئۇگنىش كىرەك!~~~~~~~~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78878
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 02:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئون مو يەرگە تېرىغان خېلى ياخشى ئۈندى قارىغىاندا خۇدامۇ  بەندىىنىڭ نىيىتىگە بىقىپ بىرىدىغان ئوخشىمامدا

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 03:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011-يىلى بەزەنلەرنى كۈلدۇرسە بەزەنلەرنى ئارمان بىلەن، يەنە بەزەنلەرنى ئازاپ بىلەن يولغا سىلىۋاتاتتى. ماشىنا ھەيدەش تىخنىسكىنىڭ توۋەن بولىشى سەۋەپلىك پوچىلىق قىلىپ ماشىنا سىتىۋىلىپ ئۇچقاندەك ھەيدەيدىغانلار قاتناش ۋەقەسىگ ئۈچراپ پۇلىنىمۇ خەجلەشكە ئۈلگۈرمەي خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. بەزەنلەر بۇ ئاماتلەرنىڭ ئۆزىگە بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويوپ خوتون ئۈستىگە خوتون ئىلىپ، سىرىق چاچلىق ، قىشقا يوپكا كىيكەن گۈزەل نازىنىلارنى بۇ يۇرتقا ئەكىلىشكە باشلىدى.كىلىياڭلىق ئاياللار جەينامازدىن چۈشمەي بەختىلىك ئائىلىسىنى بۇزغان گۈل چاينى قارغىماقتا ئىدى. ھاراق تاماكا تاپماق ئىنتايىن تەس بۇ يۇرتتا ئەيشى ئىشرەت كەيپى ساپا كۆپىىيپ قىلىشقا باشلاۋاتاتتى. بۇ ئامەتنىڭ يىنىدا يەنە بىر ئاپەتمۇ تۇراتتى.
____________________________________________________________________
توقلىقتىن شوخلۇق چىقىدۇ دىگەندەك ئىش بولدىمۇ نىمە بەزەنلەرگە.....،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 03:07 PM  


ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

<<ئانا &am

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12705
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5503 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 03:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىرىپ ئەكەلگەن ئۇرىقىنى كىلياڭدا بىر ساۋاقدىشىم بار شۇ تەمىنلەپ بەرگەن تېرسام ئۇندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13125
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 03:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق  ـ  گەپكە  كەلسەك  ،  ھەققىي  ،  سۈپەتلىك  ،  ئىشىەنچىلىك  ئۇرۇق  تېرىپ  
ياخشى  پەرۋىش  قىلسا  ،  مۇ  بېشىدىن  نەچچە  پۇل  كىرىم  قىلغىلى  بولىدۇ ؟
ھوسۇل  يېغۋېلىنسا   سېتىۋىلىندىغان   سودىگەرلەر  بارمۇ  ؟

ئۇيغۇردا   ناخشا ـ ئۇسۇلچى ، سازچى تۇلا ،
يەھۇدىيلاردا ئالىم ، كەشىپياتچى ، تىجارەتچى تۇلا .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35039
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6678 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 03:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قزىقىپ قالدىم جۇمۇ گۈلچايغا

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئۈلۈمدىن باشقىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5791
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9404
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1450 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 04:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىززىقمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3968
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 06:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ گۈلچاي قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتتىغۇ؟ ئۇرۇقىنى 2000كوي ئەتراپىدا ئاپتۇ ،ئاپام بىر قوشنىمىزنىڭ تېرىغانلىقىنى ،بىراق ئۈنمىگەنلىكىنى دەپ بەردى،قارىغاندا ساختا ئۇرۇق ئېلىپ قاپتىمۇ نېمە؟

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش