|
|
|
|
مائارىپچىلار مۇنبىرىدىن خۇشخەۋەر
ئەسسالام ، ھۆرمەتلىك تورداش-قېرىنداشلار! ئەسسالام، ئانا دىيارىمىزدا، ئانا دىيارىمىزنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى ساماسىدا خۇددى بەيگىگە چۈشكەن دۇلدۇللاردەك بەس-بەستە پەرۋاز قىلىشىپ، ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق غايىنى ئاتەش-ھارارەتلىك دىللىرىغا پۈكۈپ، شان-زەپەرلەر ئالىمىدە نۇسرەت قۇچىۋاتقان مۇنبەرداش، پىكىرداش، مەسلەكداش، جاپاكەش قەلەمكەش ۋە جان كۆيەر مۆھتىرەم ئوقۇرمەنلەر! ئۇيغۇر تورچىلىقى تارىخىدىكى يەنە بىر پارلاق قۇياش، شانلىق ئابىدە سۈپىتىدە تورداشلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتقان مائارىپچىلار مۇنبىرىمىزدىن بارلىق تور ئەھلىگە سەمىمىي سالام! ھەممىڭلارنىڭ نورۇز ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن!...
بارلىقىنى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ ، ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى تۈرلۈك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن ئۆزئار تەجرىبە، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كەڭرى بولغان مۇنازىرە سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ئېچىلغان قانۇنلۇق، كەسپىي خاراكتېرلىك مۇنبەر ـــ مائارىپچىلار مۇنبىرى تور دۇنياسىغا كۆز ئاچتى! مائارىپچىلار مۇنبىرىمىز تېخى بۈگۈنلا دۇنيا تورچىلىقى ساھەسىدە رېئالىققا يېڭىدىن كۆز ئاچقان ، ھېچقانداق بىر تەجرىبە –ساۋاققا ئىگە بولمىغان، بىز ھەممىمىزنىڭ كۆيۈنۈپ ۋە پەرۋىشلەپ، ئۆز قاتارىمىزغا، تورچىلىق سەھەسىدە خېلىلا شۆھرەت قازانغان ئىلغار مۇنبەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرۈشىمىزگە تولىمۇ موھتاج بولۇپ تۇرىۋاتقان سەبىي بوۋاقتۇر. بۇ مۇنبەرنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە خاسلىققا ئىگە قىلىپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە، سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولالايدىغان دائىملىق يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلاندۇرۇش ــــ بىزنىڭ تۈپ مەقسىتىمىز. مۇنبىرىمىزدە ھەرقايسى جەھەتلەردىن خېلىلا كۆپ نۇقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا، بۇ جەھەتتە بارلىق تورداش، مۇنبەرداشلار ۋە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە قارىتا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى، مۇنبەرنى بىز بىلەن بىللە باشقۇرۇشىنى ھەمدە مەزمۇنى ساغلام، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور، تورداشلار ۋە بارلىق ئوقۇرمەنلەر چىن دىلىدىن سۆيۈپ، ئىخلاس بىلەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ھەر خىل ژانېردىكى ماقالە-ئەسەرلەر بىلەن مۇنبىرىمىزنى ھەر ۋاقىت تەمىنلەپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز! مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ــ مائارىپ ساھەسىدىكى ۋە باشقا ساھەلەردىكى سىرداش جان كۆيەر دوستلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ! مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ــــ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نىشانى! مۇنبىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى ـــ ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى! دوستلار، سىلەرگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلالايدىغان سەرخىل مەنىۋىي نېئمەتلىرىمىزنى كۆڭۈل سوۋغىتىمىز سۈپىتىدە گۈلدەستە قىلىپ ئېھتىرام بىلەن قوش قوللاپ تۇتىمىز! سىلەرنىڭ نادىر يازمىلىرىڭلار ۋە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!...
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
مائارىپچىلار مۇنبىرى
http://www.maaripqilar.com
http://www.maaripchilar.com
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-16 08:01 PM):
چچ توپىمىز : 208291867
مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ چچ نومۇرى : 1196015800
|
|
|
|
|
|