ئۇخلاش ئالدىدا كومپيوتېر ئىشلىتىش سالامەتلىككە زىيانلىق
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيوتېر ئىشلەتكەندە ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇراسى كۈندۈزدە يۇقىرى، كەچتە تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇخلاش ئالدىدا كومپيوتېر ئىشلەتكەندە، نۇرلۇق ئېكران ۋە كومپيوتېرنى ئېچىش- ئېتىش جەريانىدىكى تەرتىپلەرنىڭ كۆز بىلەن نېرۋىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ چۈش كۆرۈشتەك ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
يۈرەك ۋە قان تومۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى يۈرەك سانجىپ ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا قىسمەن ئاياللاردا يۈرەك رېتىمى ئاستىلاش، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقتارى تۆۋەنلەش، يۈرەكنىڭ قىسقىراش ۋە كېڭىيىش تەرتىپى بۇزۇلۇش، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
كۆرۈش سەزگۈسىگە زىيان سالىدۇ. كۆز بەدەندىكى ئېلېكترونلۇق رادىئاتسىيىگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر ئەزا بولغاچقا، نىسبەتەن يۇقىرى ئېلېكترونلۇق رادىئاتسىيىگە بۇلغىنىشى كۆرۈش سەزگۈسىگىمۇ زىيان سالىدۇ. بۇ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ.
رادىئاتسىيە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. كومپيوتېرنىڭ رادىئاتسىيىسىدىن بۇلغىنىش ئادەم تېنىنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا، ئىممۇنىتېت كۈچىگە، كۆپىيىش ۋە مىتوبولىزىم ئىقتىدارىغا زىيان سالىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، ھېچبولمىغاندا راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
كۆپىيىش سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، ھامىلىدار ئاياللار بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ ياكى ھامىلە غەلىتە ھالاتتە تەرەقىي قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن كومپيوتېر ئىشلىتىشنى توختىتىش، ياتاق ئۆيگە كومپيوتېر، تېلېۋىزور ۋە يانفون قاتارلىق نەرسىلەرنى قويماسلىق، ئىنتايىن ساپ ئۇخلاش مۇھىتىنى يارىتىش ئەڭ ئاقىلانە تۇرمۇش ئۇسۇلى.
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
مەنبە :
http://uyghur.people.com.cn/156019/15224904.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-16 09:21 AM