مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4117|ئىنكاس: 36

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەر

يۈسۈپجان ياسىن

1- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى

بۇ، 610- يىلى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسلامىيەتنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدىن 750- يىلى ئۈمەۋىلەرنىڭ يىقىلىشىغىچە بولغان بىر يېرىم ئەسىرلىك مەزگىلدۇر. بۇ باسقۇچتا ئىسلامىيەت ئاۋۋال ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، كېيىن تۆت خەلىپە دەۋرىدە كۆپۈنچىسى تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىشغالىيەت ئارقىلىق سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق، شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئاق دېڭىز بويلىرى، ئىران ۋە خوراسان توپراقلىرىغا يېيىلدى. بۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى. ئەسلى دىنىدە قالغانلارمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇنىي مۇختارىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە(661-750)مۇ ماۋرەئۈننەھرى، سىندى دەرياسى بويلىرى ۋە ئەندۈلۈس ئىسلام دائىرىسىگە كىردى. ئىسلام دۇنياسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرپتە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە، شىمالدا كاۋكازدىن جەنۇپتا ھىندىستانغىچە كېڭەيدى.

بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ ئەسلى قوغدىغۇچىلىرى ئەرەبلەر بولدى. ئۇزۇنغا بارماي بەربەرىلەر، پارسلار ۋە تۈركلەر ئىسلامىيەت بىلەن تۇنۇشتى، ئىسلامىيەت بۇلارنىڭ ئارىسىدا تىز يېيىلدى. مەدەنىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا بۇ دەۋردە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قىممەت ھۆكۈملىرى ھاياتقا سېڭىپ كىرىپ، تەپەككۇر ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۆزگىرىش ياسىدى. ئىلىم ساھەسىدە دىنىي ئىلىملەرنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭى تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، يېزىق ئومۇملاشتۇرۇلدى، تۈرلۈك ساھەلەردە قۇرۇملار(مۇئەسسىسەلەر) تەشكىل قىلىندى. بولۇپمۇ ئەرەبلەر ئۆزى ئۇچراشقان قەدىمكى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنى چۈشىنىشكە تىرىشتى. شەھەرلىشىش تىز ئەمەلگە ئاشقان بۇ دەۋردە ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسەن مەدىنە، بەسرە، كۇفە، قاھىرە ۋە شامدا بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.

دېمەك ، 610- يىلىدىن 750- يىلىغىچە بولغان 140 يىللىق   مەزگىل ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەبلەر دەۋرى››دۇر. بۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىخ سۈرۈشكە يەنى شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرىدۇر.

2- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەلگەن دەۋرى

بۇ دەۋر ئىككى باسقۇچقا ئايرىلىدۇ. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەلجۇق تۈركلىرى ئىسلام دۇنياسىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىق بىرىنجى باسقۇچنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ھەسسە قوشتى. بۇ باسقۇچتا مۇسۇلمانلار پەرقلىق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتىن ئالغان ئامىللارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلدى. بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى شەرقتە بۇخارادىن غەرپتە قۇرتۇباغا قەدەر كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەندۈلۈستە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى.

دېمەك، بۇ دەۋرنىڭ 750 - يىلىدىن 1055-يىلىغىچە بولغان    1- باسقۇچى ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەب، پارس ۋە تۈركلەر دەۋرى››دۇر.

بۇ دەۋرنىڭ 2- باسقۇچى 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەلجۇق تۈركلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا ئالغان ۋاقىتتىن تاكى 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئەڭ چوڭ ھەسسە قوشقان مىللەت ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە كۈلتۈرەل يىتەكچىسىگە ئايلانغان تۈركلەردۇر. تۈركلەر بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم ۋە سانئەت پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۈچۈن ئازادە ۋە راھەت مۇھىت ياراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى مەدرىسە قاتارلىق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە بولغان بىلىم يۇرتلىرىنى قۇردى. بۇ باسقۇچتا بۇخارا، سەمەرقەند، قەشقەر، ھېرات، مەرۋ، ئىستانبۇل، كونيا، بۇرسا قاتارلىق تۈرك شەھەرلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بۇ ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۈركلەر دەۋرى››دۇر.

3- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرى

ئىسلام دۇنياسىنىڭ يىتەكچىسى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 1699- يىلى ئىمزانغان   كارلوفچا كېلىشىمى ئارقىلىق   ياۋروپادا ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بىرىپ قويغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. 18- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان بۇ باسقۇچ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرىدۇ.

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا   كۆرۈلگەن ئاجىزلىق، ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر مۇنداق:

1- ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت سىستېمىسى جانلىق – ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇتۇلمىدى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتلارغا لايىق شەرھىيلەنمىدى.

2- ئىلمىي پائالىيەتلەر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەشغۇل بولىدىغان ساھەسىگە ئايلانمىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىلىم ھاۋزىسى شەكىللەنمىدى.

3- مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەت كۈچەيدى.

4- يېڭى بايقاشلار نەتىجىسىدە سودا يولى قۇرۇغلۇقتىن جەنۇبىي دېڭىزغا يۆتكەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى شەرق – غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولى بولۇشتىن قالدى.

5- غەرپ تەرەققىي قىلغان تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.

6- ئىسلام دۇنياسى تېخنولوگىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى كېچىكىپ چۈشەندى. باشقىچە ئېيتقاندا، تېخنولوگىيەدە ئارقىدا قالدى.

7- رۆنىسانىس، دىنىي ئىسلاھات، تەپەككۇر ئىنقىلاۋى، مەرىپەتچىلىك ۋە سانائەت ئىنقىلاۋى ئارقىلىق تىز ئۆزگەرگەن ۋە بۇرۇلۇش ياسىغان غەرپ بىلەن رىقابەتلىشەلمىدى.

8- ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرى مۇستەملىكە ئاستىدا قالدى.

9- دىندارلار گۇرۇھى ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇرغۇن ھالەتتە قېلىشىدا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىدى. دۇنياۋىي مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئىمانسىزلىق، دەھرىيلىك ۋە دىنسىزلىق بىلەن ئەيىپلەپ جەمئىيەتنى غەپلەتكە باشلىدى. مەسىلەن، ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ غەرپنىڭ تېخنولوگىيەسىنى ئۈگىنىش تەشەببۇسىغا 200 يىل توسقۇنلۇق قىلدى.

مانا بۇ ئامىللار ئىسلام مەدەنىيىتىنى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى ھەتتا بىر قېتىملىق مەۋجۇتلۇق كۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.

ئىسلام مەدەنىيىتى بۈگۈنگىچە بولغان 14- ئەسىرلىك تارىخىدا ئەھلى سەلپ يۈرۈشى، موڭغۇل ئىستىلاسى ۋە ئېمپېرىيالىزمدىن ئىبارەت سىرتتىن كەلگەن ئۈچ چوڭ ھوجۇمغا دۇچ كەلدى.

1- ئەھلى سەلپ يۈرۈشى : ئىسلامىيەت ئەھلى سەلپكە قەدەر داۋاملىق كېڭەيدى. ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۈلەملىك ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىر ھۇجۇمدۇر. ئەھلى سەلپ ھەم ئىسلام دۇنياسىغا ھەم خىرىستىئانلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئەھلى سەلپكە قاتناشقان خىرىستىئانلار ياۋايى ۋە قالاق دەپ ئويلىغان بىر دۇنيادا ئىلغار بىر مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ قاتتىق ھەيران قالدى.

2- موڭغۇل ئىستىلاسى : ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان ۋە چىكىنىشكە سەۋەپ بولغان بىر ئېقىمدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان، كەلگۈسىنى نەزەرگە ئالمىغان ۋە مەدەنىيلەشتۈرۈشتىن بىشارەت بەرمىگەن بۇ ئىككى چوڭ ھۇجۇم ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن غالىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئوسمان ئېمپېرىيەسى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن غالىپ كەلگەن بىر سىنتېزدۇر.

3- ئېمپېرىيالىزم : مۇسۇلمانلار يېقىنقى دەۋرگە كەلگەندە مۇستەملىكىچىلىك - ئىمپېرىيالىزم پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ۋە زەئىپلىشىشكە دۇچ كەلدى. بۇ ھەرىكەت ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە زىھنىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغاچقا ئۇنىڭ تەسىرى ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلماقتا. بۇ ئۈچ ۋەقە ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتى بىر قاراشقا دۇنيا بىلەن يۈزلەشتى، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنىمۇ داۋام قىلدۇردى.

تارىخ 20- ئەسەرگە كىرگەندىن كېيىن مۇسۇلمان ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ مىللىي زىددىيەت ئاشكارىلاندى. ياۋروپا ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى قارام مىللەتلەر ئارىسىدا مىللەتچىلىك ئېقىمىنى تارقىتىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى پارچىلىدى. ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمۇ 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ۋە پارسلارنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ۋەيران بولدى. پارس ۋە ئەرەب مىللەتچىلىكى بىر مۇنچە مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سىياسەت ۋە قانۇن بىلەن دىن ۋە مەدەنىيتنىڭ پەرقى ۋە مۇناىسىۋىتىنى، ئۆز دۆلىتى بىلەن غەرپنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلالمىدى. زاماننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيتىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدى. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا مىللەتچىلىك يولىغا ماڭغان تۈركلەر مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىچىدە پەرقلىق بىر ھالەتنى ياراتتى. بۇ دۆلەت سىياسەت بىلەن دىننى ئايرىپ، ۋىجدان ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، پۇخرالارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغدىغاچقا، مىللەت ئەزالىرىنىڭ جىسمى، روھى ۋە زىھنىدىن بۈيۈك بىر ماددىي ۋە مەنىۋىي قۇدرەتنى مەيدانغا كەلتۈردى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. تۈركىيە شەخسلەرنىڭ ئىمانى، ۋىجدانى ، قەدرى ۋە تەپەككۇر ئەكىنلىكىنى قوغداش ئارقىلىق، ئائىلە مۇقەددەس، جەمئىيەت تەرتىۋى مۇقىم، مىللەت، ۋەتەن ۋە دۆلەت ئېڭى يۈكسەك بولۇشتەك جەمئىيەتنى يارىتىپ، يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانماقتا. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قارىغاندىمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ قورغىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇنداق بىر قۇۋۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۈركلەرنىڭ مەنىۋىي داھىسى بولغان زىيا گۆكئالىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تۈركىيە قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ قۇماندانى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن تۈرك مىللىتىنىڭ شۇئارىغا ئايلاندۇرۇلغان ‹‹تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق ۋە زامانىۋىيلاشماق››(‹‹تۈرك مىللىتىدىنمەن، ئىسلام ئۈممىتىدىنمەن ، غەرپ مەدەنىيىتىدىنمەن››) تىن ئىبارەت ئۈچ سۆزلۈك مىللىي غايىنىڭ مەنبەلىك رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 04:48 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 01:19:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ئىسلام دىننى ئاجىز ھالەتتە دۇنياغا كەلدى ھەم كۈچەيدى .ھازىر ئىلگىركى ئاجىز ھالىتىگە قايتىپ كەلدى لىكىن ئۇيەنە سەلتەنەت ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.

خۇرلۇققابۇيسۇنغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6358
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9047
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 02:47:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ جاۋابى ئەرەپ يازغۇچىسى:مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ (رەكائىزۇل ئىيمان)(ئىماننىڭ ئاساسلىرى )دىگەن كىتابىدا تەپسىلى يېزىقلىق  :ئۇيغۇرچىسنى تاپالىساڭلار تەپسىلى كۆرۇپ باقساڭلار بۇلىدۇ.............. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Daㄒ╅→ToLa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 02:47 AM  


دوستۇم چىكىنمەي ئاداققەچەئالغا!يۇلۇڭ تولغان تىكەن چىغانغا!قارماي سەن ئۇياق-بۇياقلارغا!تىۋىن پەقەت بۇيۇك ئاللاغا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5328
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 07:06:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇ تىمىدا بىر نەرسە يوللىغانىدىم...
                                 مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى

مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان ئۇلارغا ھەرساھە ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى پەرز قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇلا ئۈچۈن تۈرلۈك كەشىپىياتلاردىن يىپ ئۇچى بەرگەن تۇرسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەرەققىياتتا ۋە ئىلىم ـ پەندە باشقىلاردىن ئارقىدا قالىدۇ؟

قۇرئاندا، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەق ـ ھوقۇقلارنىڭ قانۇن ـ پرېنسىپلىرى ئەڭ ئادالەتلىك ۋە مۇكەممەل دەرىجىدە بېكىتىلگەن تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى «ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەملىكەتلەرمىز» دەپ سانايدىغان بەزى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى بۇ ھەق ـ ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشتا نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپالىقلاردىن ئارقىدا تۇرىدۇ؟

بۇلارنىڭ جاۋابى مۇنداق:
دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى ئاۋۋالقى ئەسىرلەردىكى پىرئەۋنىيلەر، ناپاليونلار، ھۇنلار، ئاندىن يۇنانلىقلار(گىرىكلەر)، ئاندىن رىملىقلار بەرپا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ياراتقان. ئۇچىنچى قەۋىتىنى بولسا، ھازىرقى ياۋرۇپالىقلار بەرپا قىلغان بولدى. بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەدەنىيەتلەرگە يات ئەمەسمىز، بەلكى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا بولۇشىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە زور ھەسسىسى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلاردىن بىيرۇنىي،  خارەزمىي، فارابىي، ئىبنى رۇشدى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى سىنا ۋە باشقا سان ـ ساناقسىز ئالىملارنىڭ ھەر بىرى، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، خېمىيە، ئاسترونومىيە، فېزىكا، بىئولوگىيە ۋە بۇلاردىن باشقىمۇ تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەلىرىدە ئەڭ ئاۋۋال پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى تۇرغۇزغانلار ئېدى. ھازىرمۇ ياۋروپانىڭ ئاتاغلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئىبنى سىنانىڭ «مېدىتسىنادا ئاساس» ناملىق قەدىمىي ئەسىرى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا. قىسقىسى، ئاتا ـ بوۋىلىمىز تەبىئەتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلغان. بىز يېراققا بارماي تۇرۇپ، ناھايىتى ئاددىغىنە بىر مىسالنى ئالايلى: « ئەينەكمۇ ئۆز دەۋرىدە قالتىس مۆجىزىلىك ئۇچۇر بولغانىدى. ئۇلار ئەينەكنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قېلىپلا ئولتۇرمىغان، بەلكى ئۇنى مەلۇم بىر ئەخلاقىي، غايىۋى دىتنىڭ مۇجەسسىمىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كۆز ئالدىدا نەق بولمىغان يېراق دۇنيانىڭ ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ كۆزىتىدىغان «جاھاننامە ئەينىكى» گە ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدۇرالىغان. روشەنكى، ئەينەك بىلەن  «جاھاننامە ئەينىكى» ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بار. ئەينەك كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىگە نەق نەرسىلەرنى كۆرسەتسە، «جاھاننامە ئەينىكى» يېراق ئەللەرنىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەينەكتەك روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇمۇ بىر كەشىپىيات ئېدى. ئەمما بۇ ـ تەسەۋۋۇردىكى كەشىپىيات، لېكىن تەسەۋۋۇردىكى كەشىپىيات بولمىسا ئەمەلىيەتتىكى ماددىي كەشىپىيات دەلىللىرىمۇ بولمايدۇ. ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەينەكتىن ئىلھاملىنىپ، «جاھاننامە ئەينىكى»نى قىياس قىلغان. بۇ ئۇلۇغۋار قىياس مەيدانغا كېلىپ تۆت ـ بەش ئەسىردىن كېيىن، «تېلېۋىزىيە» دېگەن نەرسە ياسالدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق قىياسلىرى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمىغان. ئۇنى غەربلىكلەر ياساپ چىققاندىن كېيىن ئەقلىمىز بىر مەزگىل ئالاقزادە بولۇپ، تۆت ــ بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى بوۋىلىرىمىزنىڭ خىيال ياقىدىكى كەشىپىياتنى ھۇرۇن بىر ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالدۇق.(”ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى“ دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

دۇنيادا سائەت دەيدىغان نەرسە ئىجاد قىلىنمىغان زامانلاردا، دەسلەپ قىلىپ مۇسۇلمانلار قۇم سائىتىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى فرانسىيە پادىشاھسىگە بىر قۇم سائىتى سوۋغا قىلىنغاندا، ئۇلار مېڭېۋاتقان بۇ قۇم سائىتىگە ھەيران قالغانلىقتىن «بۇنىڭ ئىچىدە شەيتان بار ئوخشايدۇ» دېگەنىكەن. بۇ ۋەقەلىكتىن بىر قانچە يۈز يىل كېيىن، غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «تېلېۋىزىيە» مىسىرغا دەسلەپ يېتىپ كەلگىنىدە، مۇسۇلمانلار بۇ ئاجايىپ نەرسىگە ھەيران قالغانلىقتىن، «بۇنىڭ ئىچىدە شەيتان بار ئوخشايدۇ» دېيىشكەنىكەن.

مۇسۇلمانلار 14ـ ئەسىردىلا قەغەز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باغداتنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپە، ئەدەبىيات، ئىسلامىيات ۋە باشقىمۇ  ئەسەرلىرىنى  قەغەزگە بېسىپ چىقارغان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى غەربلىكلەر ئەسەرلىرىنى تېرىلەرگە، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا يازغانىكەن. تەرەققىيات نۆۋىتى ئالماشقاندىن كېيىن، ھازىرقى زامان تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقىمۇ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ياۋروپالىقلاردىن يېرىم ئەسىر كىچىكىپ يېتىپ كەلدى.

قارىمامسىز! دۇنيا قانداق ئۆزگەرگەن ۋە مەدەنىيەت، پەن ـ تېخنىكا نۆۋىتى قانداق ئالماشقان؟
بۇنىڭدا دىنىمىزنىڭ بېرەر كەمچىلىكى بارمۇ؟  تەبىئىيكى، ياق!
ئۇنداقتا كەمچىلىك كىمدە؟
ئۆزىمىزدە!
بۇرۇنقىلار ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغان ۋە قۇرئاننىڭ كۆرسەتكەن داغدام  يولىدا ئىزچىل  يۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكلىرىنى تاپقان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار ئۈچ قىتئەدە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىيەلىگەن. ئۇلار شۇ زامانلارنىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن، پەن ـ تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئاساس سالغۇچىلىرى بولۇپ ياشىغان.  پەقەت 16ـ ئەسىردىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بۆلۈنۈشى، قۇرئاننىڭ روھىدىن ئاستا ـ ئاستا ئۇزاقلىشىپ ھەر تۈرلۈك خۇراپاتلارنى «دىن» دەپ قوبۇل قىلىشى، تەركىدۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىپ تەۋەككەلچىلىك بىلەن ئۆمۈر سۈرىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى تەرەققىيات نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەلتەنەتتىن، كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن ۋە خەلقئارالىق ئېتىباردىن ئايرىلىپ قېلىپ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال  ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، ئاندىن ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىگە زىيانكەشلىك قىلغان بولدى.

ئەمدى، قۇرئاندا، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەق ـ ھوقۇقلارنىڭ قانۇن ـ پرېنسىپلىرى ئەڭ ئادالەتلىك ۋە مۇكەممەل دەرىجىدە بېكىتىلگەن تۇرۇپ،  ئۆزلىرىنى «ئىسلام دىنىنى تەتبىق قىلىدىغان مەملىكەتلەرمىز» دەپ سانايدىغان بەزى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى بۇ ھەق ـ ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشتا ۋە باشقا جەھەتلەردە نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپالىقلاردىن ئارقىدا تۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، شۈبھىسىزكى، ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرى، خۇسۇسەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىرقچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان دۆلەتلەر بولۇپ، ھەممىسى «بىزنىڭ ئاساسلىق دەستۇرىمىز قۇرئان» دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ؟ ھەيھات! كاشكى شۇنداق بولسا ئېدى. بۇلار راستىنلا قۇرئانغا ئەمەل قىلغان بولسا، قۇرئاننىڭ پرېنسىپلىرىنى تەتبىق قىلىشتا، «مۆمىنلەر ئۆز ئارا قېرىنداشلاردۇر» نى «ئەرەبلەر ھەممىدىن ئۈستۈندۇر»غا، «مۆمىنلەر ئۆز ئارا كۆيۈمچاندۇر»نى «ئۆز ئارا قاتتىقتۇر، »غا، «سىلەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىسىلەر»نى «ئامېرىكىغا غالچىلىق قىلساڭلار ھاكىمىيىتىڭلارنى ساقلاپ قالالايسىلەر»گە ئۆزگەرتىپ ئىش كۆرمىگەن بولار ئېدى. سادداممۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى مۇجاھىد دەپ ئېلان قىلغان ۋە بايرىقىغا «ئاللاھۇ ئەكبەر»نى يېزىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ساددامنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمسىز؟ ساددام ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ساداقەتمەن كۈچۈكلىرىدىن بىرى ئېدى. بېراق زامان ئۆزگەردى. ئامېرىكا ساددامدىن بېھاجەت بولۇش دەۋرىگە يەتتى.ساددام  ئامېرىكىنىڭ غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش يولىدا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلماقچى بولغان سان ـ ساناقسىز بىگۇناھ ئالىملارنى، زىيالىيلارنى «تېررورىست» قالپىقى بىلەن قىرغىن قىلغان، ھەتتا سەبىيلەرنىڭمۇ خۇنىغا بوغۇلغان، بىگۇناھ كۇرد خەلقىنى خېمىيەۋىي قۇراللار بىلەن قەتلىئام قىلغان، ئىراندا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقسارايدىكى خوجايىنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، بىگۇناھ ئىران خەلقىنى سەككىز يىل قىرغان، بۇرۇندا ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ئىستېلا قىلغىنىنىڭ سىرتىدا، لېۋان، مىسىر ۋە سۈرىيىنىڭ توپراقلىرىنى بېسىۋالغان ۋە ئەرەبلەرنى تەھدىد ئاستىغا ئالغان ۋاقىتلاردىمۇ،  دۈشمەنگە قارشى بېرەر پاي ئوق چىقارمىغان، كېيىنچە، بېشىغا كۈن كەلگەندە پۇرسەتپەرەسلىك بىلەن ئىسرائىلىيەگە بىر قانچە باشقۇرۇلغۇچى بومبىنى ئېتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىششىنى مەقسەت قىلغان، ئىسلام شۇئارىنى ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتى ئۈچۈن قالقان قىلماقچى بولغان مەككار، نىجىس ئادەمدۇر. ئۇنىڭ زالىم ھاكىمىيىتىمۇ ئۆز خوجايىنلىرى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىندى. ئەنە شۇنداق چېكىدىن ئاشقان زالىمنى ئۇنىڭدىن ۋەھشىرەك يەنە بىر زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالاش ئاللاھنىڭ كائىناتتا بېكىتكەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ ھازىرقى ھاكىممۇتلەقلىرىمۇ، ساددامدىن ئانچە ياخشىمۇ ئەمەس. بۇلار ساددامنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ تەختىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەدەپ ئۆز خەلقىنى  باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ زىيىنىغا مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرىنى ياۋرۇپا مەملىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا مەسىلىنىڭ تۈگىنى نەدە ئىكەنلىكىنى ئۇبدان چۈشىنىمىز.
ئۇلاردا (ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە) ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ ــ قۇۋىتىگە ئىشىنىش روھى بولسا، بۇلاردا (ئىسلام مەملىكەتلىرىدە) ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ ـ قۇۋىتىدىن شۇبھىلىنىش پاسسىپلىقى بار.
ئۇلاردا ئۆزى پىچىپ، ئۆزى تىكىش روھى بولسا، بۇلاردا  باشقىلار پىچىپ بەرگەننى تىكىش روھى بار.
ئۇلاردا دېموكراتىيە بولسا، بۇلاردا دىكتاتۇر بار.
ئۇلاردا ئەركىن سايلام بولسا، بۇلاردا ساختا سايلام ياكى تەخت مىراسخورلىقى بار.
ئۇلاردا ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش بولسا، بۇلاردا چوڭ ھاكىممۇتلەققە ـ ئاقسارايدا ئولتۇرۇپ ئىش باشقۇرىدىغان ھاكىممۇتلەققە بېقىنىش بار.
ئۇلاردا تىرىشچانلىق بولسا، بۇلاردا ھورۇنلۇق بار.
ئۇلاردا بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق روھى بولسا، بۇلاردا بۈگۈنكى ئىشنى كېلىدىغان يەنە بىر  يىلغىچە كېچىكتۈرۈش پاسسىپلىقى بار.
ئۇلاردا ئىنتىزامچانلىق بولسا، بۇلاردا بىپەرۋالىق بار.
ئۇلاردا ئىنسانىيەتچىلىك بولسا، بۇلاردا  تارمىللەتچىلىك بار.
ئۇلاردا ئىجاد ۋە كەشىپ  قىلىش روھى بولسا، بۇلاردا تەييارغا ھەييار بولۇش پاسسىپلىقى بار.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بۇلار قانداقمۇ ئۇلارغا يېتەلىسۇن؟ قانداقمۇ ئارقىدا قالمىسۇن؟
يوقىرىقى سېلىشتۇرمىلارغا قارىسىڭىز بۇ ئىككى پىرقىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى ـ گويا ياۋرۇپالىقلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆزلىرىگە دەستۇر قىلغان، مۇسۇلمانلارنى بولسا، تاش دەۋرىدە ياشاۋاتقاندەك كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتىمۇ، بىزدە ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇق جازىسى بىلەن مۇسۇلمانلىقنىڭ نامىلا قالغان، ئۇنىڭ روھىنى ياۋروپالىقلار ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. ئەجەپلىنەرلىك ھە…!

مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن ئەرەبلەر ئۆزلىرىنى خورلۇقتىن ئەزىزلىققا، نامراتلىقتىن بايلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئېرىشتۈرگەن مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ قەدرىنى بىلمىدى. ھەدەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەبىيەتلىك جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى. ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلىك بىر مىللەت قاتارىغا كۆتۈرگەن ئۇلۇغۋار ۋەھىينىڭ روھىغا خىيانەت قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززىتىنىڭ پەقەت ئىسلام دىنى سايىسىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ئىسلامدىن ئايرىلىپلا قالغان كۈنى ھۆرمىتىدىن ۋە ئىززىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئونۇتتى. نەتىجىدە، ھازىرقى كىرىزسقا مۇپتىلا بولدى.

نۆۋەتتىكى بۇ كرىزىستىن چىقىشنىڭ بىرلا چارىسى دىننىڭ ئەسلىگە قايتىش ـ سىيىاسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە قۇرئان ۋە ھەدسىنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ: «بۇ ئۇممەتنىڭ ئەھۋالى پەقەت بۇرۇنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزەلگەن نەرسە(يەنى ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىش) بىلەنلا تۈزىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قاراپ مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىچىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى توغرىمۇ؟ ئۈمىدسىزلىنىش خاتادۇر ھەمدە چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ بۇدىننى تا قىيامەتكىچە چوقۇم داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىغا ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە مۇسۇلمان بولغانلارنى دۇنيادا ئەزىز قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى  ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەن. تارىخىمىز بۇنىڭغا يېتەرلىك شاھىد بولالايدۇ. بىزمۇ ساھابىلار(ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار)دەك بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلاردىن كېيىنكىلەرچىلىك ھەقىقىي رەۋىشتە مۇسۇلمان بولۇپ كۆرەيلى قېنى، ئاللاھنىڭ ياردىمى، نۇسرىتى ۋە پۈتۈن ۋەدىلىرىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى شۇۋاقىتتا بىلىمىز ۋە كۆرىمىز. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ دىننى ئۆزى بىلەن قوشقاندا ئاران 4 كىشى بىلەن باشلىغانىدى. ھەتتا بىر كۈنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە تۇرغىنىدا  مۇشرىك ئەرەبلەر ئۇنىڭ بېشىغا بىر تۆگىنىڭ ئىچ قېرىنلىرىنى ئارتىپ  قويۇپ تاماششا كۆرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدىن بۇ نىجاسەتنى ئېلىۋېتىشقا ئۇنىڭ قىزىدىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان جۈرئەت قىلالمىغانىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلار شۇ دەۋرلەردە شۇنچىلىك كۈچسىز ۋە زەئىپ ھەم نامرات ئېدى. بۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرغاننىڭ سىرتىدا، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېمپىراتورلۇقلاردىن رىم ۋە پارس ئېمپىراتورلۇقلىرىنى تارمار  قىلغانلىقىدىكى پەۋقۇلئاددە كۈچ ـ قۇۋۋەت نەدىن كەلگەن؟ تەبىئىيكى، ئاللاھتىن كەلگەن! ئاللاھ شۇنداق چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىكى، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ، ئۇنىڭ ياردىمىگە يۈرەكتىن ئىشىنىپ ئۇنىڭ يولىدا ئىزچىل يۈرگەن كىشىنى ھېچ ۋاقىتتا ئۈمىدسىز قويمايدۇ ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىرىگە ئۆزى بېۋاسىتە كېپىللىك قىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ۋە كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ئەمەل قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ تۈگىمەس ياردىمىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ئۆلگىلىك كىشىلىرىمىزدۇر.

ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بۇ ھالىغا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەب بولغانمۇ؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالمىغانلىقى سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن ئىسلام دىنى بىزاردۇر، ئەلۋەتتە.

بۇ ئەھۋالدا، سىز ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن نېمىنى كۈتىسىز؟  ھازىر بۇ مەملىكەتلەرنى  مۇسۇلمانلىقتا بىزگە ئۆلگە بولىدۇ، دەپ ئويلامسىز؟ ئەگەر بۇلار مۇسۇلمانلىقتا ئۆلگىلىك مەملىكەتلەر بولغان بولسا ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنگە قالماس ئېدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچىنچى قىبلىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ بۆشۈگى بولغان مەسچىدى ئەقسامۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىدا قالماس ئېدى. چۈنكى ھەقىقىي «ئىسلام دۆلىتى» ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرغان ۋە كېيىنىكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىمۇ ھۆكۈم سۈرگەندەك، دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مىللەت، ئىرق ئايرىمايدىغان ۋە ھەممىسىگە بىردەك ھامىي بولالايدىغان بولىدۇ.

تارىخلاردىن مەلۇمكى، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدە، بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ قۇستېنتىنىيە(ھازىرقى ئىستانبۇل) دىكى بىزانس ئېمپىراتورلىقى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلىق خەۋىرى كەلگەن ھامان، خەلىپە ئۆمەر ئېمپىراتورغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازىدۇ: «ئايالنى ھازىرلا قويۇۋەت! ئەگەر شۇنداق قىلمايدىغان بولساڭ، ساڭا شۇنداق بىر قوشۇن ئەۋەتىمەنكى، ئۇنىڭ بېشى سېنىڭدە، ئاخىرى مېنىڭدە بولىدۇ». بۇ تەھدىدتىن چۇچۇغان بىزانس ئېمپىراتورى ئايالنى تۈرمىدىن بوشىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ ۋە ئالى ئېھتىرام بىلەن ئۇنى مەخسۇس قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا خەلىپە ئۆمەرگە تاپشۇرىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق. بۇ نېمە دېگەن جۈرئەت ـ ھە! شۇ ۋاقىتتىكى بىزانس ئېمپىراتورلىقىمۇ ھېچ بولمىغاندا، ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يەللىسىگە مىنىۋالغان زوراۋان دۆلەتلەردەك كۈچلۈك ئېدى. ئەمما گەپ ماددىي كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئەمەس، بەلكى ئىمانىي قۇۋۋەتتە. ماددىي قۇۋۋەتمۇ ئىماننىڭ قۇۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن بولغان نېسىۋىسى ئۇنىڭ ئىماندىن بولغان نېسىۋىسىگە قاراپ بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلاردا ئىمان ئاجىز بولغانلىقتىن، جۈرئەتمۇ كەم، ھەتتا يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەلەستىن مەسىلىسى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ھەل بولغىنى يوق. چۈنكى بۇ مەسىلە جۈرئەتنى ئەمەس، بەلكى پۇل ـ مال كەتسىمۇ جان كەتمەيدىغان سۈنئىي دەۋالار ۋە ئايىغى چىقمايدىغان سۈلھى ـ سالالارنى دو تىكىش بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ھەقىقەتپەرۋەر، ئوت يۈرەك غەييۇرانلارمۇ ئاز ئەمەس. بىراق ھاكىمىيەت بېشىدىكى قورچاق ھاكىممۇتلەقلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئولتۇرغانلىقتىن، تەختتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى تۈپەيلى مۇستەملىكىچى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خاھىشلىرىنى ئورۇنلىماقتا ۋە ئۆز خەلقىدىن چىققان ئىقتىدارلىق سىياسىيونلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ئالىملارنى كۆزدىن يوق قىلىپ تۇرماقتا.

دېمەك: ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلىقتا كىشىلەرگە ئۆلگە بولالايدىغان بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى يوقتۇر.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىز باشقىلاردىن كۈتكەننىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ كېلەچىكىنى ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم ئەمەسمۇ؟! قولىمىزدا ئۆلمەس دەستۇرىمىز ــ قۇرئان بىلەن ھەدىس بار. بۇلارنى تەتبىق قىلىدىغانلار مەن، سىز ۋە ئۇ. ئەڭ ئاۋۋال بىز  دىنىمىزنىڭ چىن روھىنى ئۆزىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنى دۇنيادا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. «مۇسۇلمانلار ئۇنداق، مۇسۇلمانلار مۇنداق» دەپ ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، مەن بىلەن سىز توغرىسىنى قىلايلى! چۈنكى «مۇسۇلمان» دېگەن سۆز بىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەنبە:ياخشىلار بىلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 09:41 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
خەلىفە + 20 بەكلا ياخشى تەھلىل بو.
ataman0 + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kurax114 + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5328
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 07:09:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتچىلىك ، يۇرتۋازلىق ، ھاسەتخورلۇق تۈپەيلى نىمىلەردىن ئايرىلىپ قالمىدۇق دەيسىلەر؟؟؟ يەنە تىخى ھازىرغىچە دىن بىلەن مىللەتنى ئايرىيمىز دەپ جار سېلىپ يۈرىشىدۇ بەزىلەر... مىللەت ھامىنى دىننىڭ ئىچىدىكى بىر  ئۇقۇم...خۇددى بەدىنىڭىزنىڭ تۈزۈلىشى بولغان بىر قلىڭىز ياكى بىر پۇتىڭىز دىگەندەك...

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:19:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
samsaq يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 07:09 AM
مىللەتچىلىك ، يۇرتۋازلىق ، ھاسەتخورلۇق تۈپەيلى نىمىلە ...

قوللايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:41:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە بىر تورداش « ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلەيدىغان پەرەڭلەر يەنى ياۋرۇپالىقلار چىگرا ۋە پۇللىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى ، نىمىشقا بىر تىلدا سۆزلەيدىغان ئەرەپلەر تارىختىن بىرى پېتىشالماي ھەتتا ساھابىلەرمۇ ئىچكى ئۇرۇش قىلىدۇ؟ تىلى بىر ، تۇرۇپ نىمىشقا 22ئەرەپ دۆلىتىدە ياشايدۇ ؟» دەپ سورىغانلىقتىن تىل ھاقارەتكە كۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
شۇڭا بۇنداق سۇئاللارنى سورايدىغانلار سوراپلا قېچىڭلار، بولمىسا چاتاق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:43:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
samsaq يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 07:09 AM
مىللەتچىلىك ، يۇرتۋازلىق ، ھاسەتخورلۇق تۈپەيلى نىمىلە ...

كۈلكىلىك گەپ قىلماڭ ئۇكام، سىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ، مۇسۇلمانلىق ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىچىدىكى ئۇقۇم، شۇنداقلا قايسى دىنغا ياكى قايسى مەزھەپكە كىرىش ، كىرمەسلىك ئىختىيارلىق. ئۇنداق بولمىسا سىزدەك مىللەت دىگەن دىننى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ دەپ تۇرىۋالساق ئاتىزىمچى ياكى باشقا قاراشتىكى مىللەتداشلىرىمىز ئۇيغۇر بولماي قالىدۇ.

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5213
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 10:31:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بۇ ھالىغا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەب بولغانمۇ؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالمىغانلىقى سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن ئىسلام دىنى بىزاردۇر، ئەلۋەتتە.
بۇ سۆزنى مەنمۇ قوللايمەن

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5213
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 10:40:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 09:43 AM
كۈلكىلىك گەپ قىلماڭ ئۇكام، سىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ، م ...


سامساقنىڭ ئىنكاسىنى تولۇق چۈشنىپ يەنە قايتا بىر ئوقۇپ چىقىڭ ، بۇ تىمىدا ھىچقاچان  بولمىسا سىزدەك مىللەت دىگەن دىننى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ دەپ تۇرىۋالساق ئاتىزىمچى ياكى باشقا قاراشتىكى مىللەتداشلىرىمىز ئۇيغۇر بولماي قالىدۇ. دىگەن مەزمۇندا گەپ  يوق ئۆزىڭىزگە ئىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، خاتىرجەم بولۇڭ قايسى ئۇيغۇر قانداق سىز دىگەندەك قايسى دىنغا ، قايسى مەزھەپكە كىرسە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاتاۋىرمىز ، بۇيەردە مىللەتچىلىك ، يۇرتۋازلىقنى تۈگتىلى دەۋاتسا ئۇنچىللىك چىگۇڭ يىغىپ ئىنكاس يىزىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ataman0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 10:44 AM  


ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش