مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12000|ئىنكاس: 77

ئۈرۈمچى ئەيدىزگە يۇقۇملانغۇچىلار سانى بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22425
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1337088220.jpg



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىمىزدىكى چوڭ-كىچىك قېرىنداشلار! كەمىنە ئاسماندىن ھەربىرىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھەربىرىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەيدىز ۋىرۇسى نۆۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولىۋاتقان دۈشمەنلىرىدىن بىرى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ،  ئەدەب-ئەخلاق مىزانلىرى شۇنداقلا كۈچلۈك ئېتىقادى ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرى ، شۆھرەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئالەمگە تەرىپلىنىپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى ، جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشى ، مەدەنىيەتنىڭ يىمىرىلىشى ، ئەخلاقنىڭ يوقلىشقا قاراپ مېڭىشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بىزگە بىر قاتار ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تۆۋەندە مەن بايا توردىن كۆرگەن بىر خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم:

14-ماي ئۈرۈمچىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي خۇلاسە چىقىرىلغان. يېغىندا تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇلتۇر31-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمئىي ئىستاتىستىكا قىلغان مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 10536، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 997 ئىكەن. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. زەھەر چېكىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان.  

زەھەر چەككۈچىلەر، ئەر ھەمجىنىسلار قاتارلىق ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش خىزمەت دائىرىسىنىڭ كەڭ بولماسلىقى، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولۇشتەك ئەھۋاللار ئېغىر. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا يامرىماقتا.

يېغىندا يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خاۋ جىڭگۇڭ بۇ يىل يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىۋىي سورۇنلار ۋە مەھەللىلەردە تەشۋىقات مائارىپىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل بولغان ئەيدىزنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورىنى قۇرۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەلۇمات تورى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورتاق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


يۇقارقىي خەۋەردە كۆرسىتىلگەن سانلارغا نەزەر سالساق ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ ، پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  10536 بولغان ، بۇ سىتاستىكا ئىچىگە كىرمىگەن يەنە نەچچە يۈز ، نەچچە مىڭ يېڭى يۇقۇملانغۇچى بار بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ، ئون يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئەيدىز ۋىرۇسىنى زەھەر چەككۈچىلەر ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ يۇقىدىكەن دىگەنلەرنىلا ئاڭلايتۇق ، كىيىنلەردە جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ پالانچى مەھەللىدىكى پالانچى بىر قىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ دىگەنلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ۋەياكى شۇ مەزمۇنلاردىكى ماقالە ياكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلايتۇق. ئەمدىلىكتە ئەر ھەمجىنىسلار ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلارنىڭمۇ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ، كىممۇ ئاشۇ ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلار يوق دىيەلىسۇن،خۇددىي ئالدىنقى بىر ھەپتىلەردە ھەممىمىزنىڭ نەزىرىنى تارتقان تېمىدىكى ھاجەتخانا تېمىغا يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەردىن ئۇيغۇر ھەمجىنىسلارنىڭ يوق ئەمەسلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى مىللىتىمىز ئۆز مەدەنىيىتى ھەمدە ئېتىقادىدىن يېراقلاشقانسىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولماقتا. شۇڭا توردا مۇشۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەن ھەربىر ئۇيغۇرغا ئۆز مەدەنىيىتىمىز ، ئېتىقادىمىزدىن يېراقلاشماسلىقىمىزنى ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشنى ، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇشىنى ، ئەرلىرىمىزنىڭ ۋىجدانلىق،غورۇرلۇق،مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى سورايمەن!
خەۋەرنىڭ ئاخىرىدىكى ‹ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا يامرىماقتا› دەپ ئالاھىدە تەكىتلىشى ھەرقانداق بىر كىشىگە بىرىلگەن سىگنالدۇر!


ئەيدىز كېسىلىنىڭ خىتابى:


ئەيدىز كېسىلى ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدىكى لىكسىيەلەردىن تاللانما:




خەۋەرنىڭ مەنبەسى: http://www.yarp.net.cn/uighur/co ... /content_207311.htm

ئۇيغۇرلار سالونى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى سالونىمىزدىن كۆرۈڭ. سالون ئۈندىدار نومۇرى: uyghurz
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز بۇمۇ بىر جازادۇر!ھەممىمىز ئاگاھ بولايلى،ياخشىلارنىڭ يامانلار بىلەن بىر سەپكە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلايلى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز، ئازغۇن يوللارغا ماڭغۇچىلارغا ئەۋەتىلگەن بالا، ئەيدىز يۇقتۇرىدىغان قىلمىشلارنى  «سوتسىيالىستىك ئەخلاققا خىلاپ»، «ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراش بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنداق قىلىش خاتا»، «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرساق يۇقمايدۇ»...... دەپ ھەرقانچە كاپشىپ، تەشۋىق ۋاراقلىرىنى بويانغا ئېسىپ، تەشۋىقات دوسكىسى دىگەننى يوغان ياساپ «دوققىدە» ئۈسسۈپ سالغۇدەك يەرلەرگە ئېسىۋەتسىمۇ، دوقمۇش دوقمۇشتا يېڭى شىپىرىس ساتىدىغان نۇقتا تەسىس قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مىھمانخانىنڭ ياتاقلىرىغا گاندۇن تىزىپ قويسىمۇ ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئەكىسچە بارغانسېرى ئەدەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ رولى، بىر ئېغىز« بۇنداق قىلساق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەرمەندە بولىمىز، خار زەبۇن بولوپ ئۆتۈپ، دوزاخقا كىرىمىز» دىگەن سۆزچىلىك تەسىر قىلالمايدۇ. بۇنداق كېسەلنى داۋالىيالىغىلى بولمىغان بىلەن يۇقۇم يوللىرىنى ئۈزۈل كېسىل توسقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىر دىنبىر يولى دىنىي ئەقىدە، دىنى ئەقىدىلەر بىلەنلا كىشىلەرنى ئاسان قايىل قىلىپ، يامان يولدىن، ئازغۇن يولدىن توسۇپ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.
بىر تەرەپتىن «ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيدىز يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دەپ كارناي يىرتىلغىچە توۋلاپ، بىر تەرەپتىن پاھىشخانىلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مىھمانخانا ياتاقلىرىغا گاندون قويۇپ قويۇپ(ياتاقتىكى گاندۇننىڭ باھاسى 10يۈەن) ئەيدىزنى تۈگىتىمەن دېيىش خۇددى يانتاق تېرىپ ئەتىرگۈل ئېچىلىشىنى كۈتكەندەكلا ئىش.
ئۆزىمىزنى، ئائىلە تاۋاباتلىرمىزنى ياخشى، ئىمانلىق قىلىپ تەربىيەلىسەكلا، ئىنشائاللا، ئۇ كېسەل بىزگە يۇقمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 11:11 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 33 ماختاشقا تېگىشلىك ال.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11441
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:15:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدا ئۈرۈمچى 2-ئورۇندا تۇرسا قەيەر بىرىنجىدۇ ؟ ھەيران قالارلىق ئىشتە بۇ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايسى كۈنى خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتىڭى بىراك-ئوباما ئېنىق قىلىپ ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىنى ئېتراپ قىلغاندىن كىيىن ھەمجىنىسلارنى ئۇچۇق ھالدا قانۇنلاشتۇرغان بىردىن-بىر زۇڭتۇڭ بۇلۇپ قالدى دىگەن.بۇخەۋەر سىنا تورىدا كەڭ تارقالغاندىن كىيىن،مەن بۇ ئىشقا نارازى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ سىنا مىكرو بىلوگوۇمغا يوللۇدۇم،ئەنە شۇئارلىقتا بىر ئۇيغۇر قىز قېرىندىشىمىز ماڭغا سۆز قالدۇرۇپ،ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ئۇقىزنىڭ دىيىشىچە ئۆزى ئۇنداق ئەمەس ئىكەن،لېكىن شۇنداق يېقىن دوستى ئاشۇنداق ئىكەن،مەن كۆپ سۆزلىگەن بولساممۇ ئۇقىز قەتتى سۆز يىمىدى،ئەڭ ئاخىرىدا ماڭغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقنى ھەم مىنىكى پىكىرىمنى قوللايدىغانلىقىنى لېكىن ئۆزىنىڭ پىكىردىن ۋازكەچمەيدىغانلىقنى ئېنىق بىلدۈردىمىنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى ئۇقىزنىڭ مىنى ھاياتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىكەنسىز ،ھەرقانداق كىشى ئاشۇنداق بۇلمەندەپ بۇلۋالمايدۇ،ئۇ ئىشتىن قول ئۈزمەن دەپ ئۆزنى قېينىغاندىن ھاياتنى قەدىرلەپ ياخشى ئۆتكەن ياخشى دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇردى.مەنمۇ قايتا سۆز قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ئويلاپ ئارتۇق سۆز قىلماي قويدۇم.
ھەي ئۇيغۇر قانداق بۇلۇپ كېتىپ بارمىز،بىز قەيەرگە قاراپ كېتىپ بارمىز؟؟؟

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايسى كۈنى خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتىڭى بىراك-ئوباما ئېنىق قىلىپ ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىنى ئېتراپ قىلغاندىن كىيىن ھەمجىنىسلارنى ئۇچۇق ھالدا قانۇنلاشتۇرغان بىردىن-بىر زۇڭتۇڭ بۇلۇپ قالدى دىگەن.بۇخەۋەر سىنا تورىدا كەڭ تارقالغاندىن كىيىن،مەن بۇ ئىشقا نارازى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ سىنا مىكرو بىلوگوۇمغا يوللۇدۇم،ئەنە شۇئارلىقتا بىر ئۇيغۇر قىز قېرىندىشىمىز ماڭغا سۆز قالدۇرۇپ،ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ئۇقىزنىڭ دىيىشىچە ئۆزى ئۇنداق ئەمەس ئىكەن،لېكىن شۇنداق يېقىن دوستى ئاشۇنداق ئىكەن،مەن كۆپ سۆزلىگەن بولساممۇ ئۇقىز قەتتى سۆز يىمىدى،ئەڭ ئاخىرىدا ماڭغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقنى ھەم مىنىكى پىكىرىمنى قوللايدىغانلىقىنى لېكىن ئۆزىنىڭ پىكىردىن ۋازكەچمەيدىغانلىقنى ئېنىق بىلدۈردىمىنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى ئۇقىزنىڭ مىنى ھاياتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىكەنسىز ،ھەرقانداق كىشى ئاشۇنداق بۇلمەندەپ بۇلۋالمايدۇ،ئۇ ئىشتىن قول ئۈزمەن دەپ ئۆزنى قېينىغاندىن ھاياتنى قەدىرلەپ ياخشى ئۆتكەن ياخشى دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇردى.مەنمۇ قايتا سۆز قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ئويلاپ ئارتۇق سۆز قىلماي قويدۇم.
ھەي ئۇيغۇر قانداق بۇلۇپ كېتىپ بارمىز،بىز قەيەرگە قاراپ كېتىپ بارمىز؟؟؟

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:20:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Abdul يوللىغان ۋاقتى  2012-5-15 11:15 PM
شىنجاڭدا ئۈرۈمچى 2-ئورۇندا تۇرسا قەيەر بىرىنجىدۇ ؟ ھەي ...

غۇلجىغۇ دەيمەن،ئاندىن ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر دىگەندەك!يىقىندا بىرسى قەشقەردە بىرىنجى تارقىلىش نىسبىتى دەپ قورقۇتىۋەتتى راس شۇنداقمىدۇ ئىنىق ئۇقمايمەن سىزگە دەپ بەرگىنىم بۇرۇنقى سىتاستىكىسى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسەن غۇلجا،ئۈرۈمچى،قارماي،قەشقەر ئەمدى كورلا قۇشۇلدى.بۇ چۇڭ شەھەرلەرنىڭ تەسىرىدە ئەتىراپتىكى ناھىيەلەردىمۇ بار بىرەر يۈزدىن .بۈگۈردىمۇ يۈز نەچچە كىسەل بايقىلىپتىمىش.
ئىچكىرىدىن قۇمۇلغا،ئاندىن شىنجاڭغا تارقالدى.قەشقەر تەرپتىكىلەر پاكىستانلىقلاردىن ھەزەر ئەيلىشى كىرەك.ئۇلاردىمۇ بۇ كىسەلنى يۇق دىگىلى بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 11:32 PM  


ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەپ- ئەخلاقتىن ، دىندىن ياتلاشتۇق ، لىكىن ئەيدىزگە يېقىنلاشتۇق ، ھۆكۈمەتنىڭ پاھىشىخانىلارنى ئەركىن قۇيۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بۇ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش