مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5280|ئىنكاس: 33

شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 08:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ تىيەنجىن مۇسابىقىسىدە تەڭلەشمىدۇق، بىز ئۇتتۇق

2012- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدىن كىيىنكى ھاياجان شىنجاڭلىق پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا تېخى بىسىققىنى يوق. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا «ھەي... شۇ بىر نۇقتا توپنى ئۇرالىغان بولساق...» دېگەن ئارمان ۋە پۇشايمان بىلەن تولغان بىر جۈملە گەپ. كۆپ ساندىكى تاماشىبىنلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىز ئۇتىمىز دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن تۇرغان، كوماندىمىزدىن كۆپ ئۈمىتلەرنى كۈتكەنىدۇق،  كوماندا ئەزالىرىمىزدىمۇ چوقۇم ئۇتىمىز دېگەن ئىشەنچ بار بولغان بولغىيتى، ئەپسۇس تەڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنداقتا يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا بىز ئۇتتۇق دەپ ماۋزۇ قويۇپ قەلەم تەۋرىتىمەن، مېنىڭچە توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە تەڭلەشكەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇتتۇق.

1. تەڭلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلىبە. مۇسابىقە قائىسى بويىچە تەڭلىشىپ 1 نومۇر ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي رايۇندا 1- ئورۇنغا ئۆتتۈق. ئۇتتۇرغان بولساق 0 ئالاتتۇق. رەقىبىمىز 3 نومۇر ئالاتتى. ئەمدى ئىككى كوماندىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.

ئىككى كوماندىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق تاش ئالمىنىڭ قۇرۇلۇپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى، تيەنجىنلىكلەرنىڭ كوماندىسىنىڭ تارىخى بىزنىڭكىدىن ئۇزۇنراق، ئەزالارنىڭ يېشىغا قارىساق بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىمىز 20 ياش ئەتراپىدا، ئىرادە، بەدەن ساپاسى، چىدامچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە رەقىبىمىزدىن ئۈستۈن ئورۇندا بولسىمۇ، مۇسابىقە تەجىرىبىسى كەمچىل، مۇنداق چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالار كۆپ ئەمەس، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولىشى مۈمكىن، 20 نەچچە كۈندە ئىچكىرىدە ئىككى مەيدان ئوينىدى، تاماقتىن قىينالغانلىقى، بەدەن قۈۋىتىنىڭ خورىغانلىقى ئېنىق، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغان بولسىمۇ، بىر ۋاقلىقىغا ئۈچ ۋاقلىق  تاماق يىگىلى بولمايدۇ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاستا- ئاستا تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەن قۈۋىتى ئەسلىگە كېلىپ بولمىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەڭلىشىشنىڭ ئۆزىمۇغەلىبە.

2. ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەشنىڭ ئۆزىمۇ غەلىبە. شىئەن، شىنىڭدىكى مۇسابىقىدە شۇ يەردە ئوقۇۋتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويدى، ئەينى چاغدا شىئەندە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىنلا توپ مەيدانى شىئەنلىكلەرگە ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەستانىلار تارقاپ كەتمەي، شىنجاڭ- شەنشى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن 25 مىڭ ئادەملىك رىكورتنى ياراتقان،  ئەگەر مۇشۇنداق توغرا كېلىپ قېلىش بولمىسا، 25 مىڭ ئادەم كىرەرمىدى؟ 12- چىسلادىكى مۇسابىقىگە كەلسەك، دەسلەپ بىلەت ھەقسىز دېگەن گەپ بولدى، كىيىن 3500بىلەت ھەقسىز تارقىتىلدى، قالغانلار ھەقلىق كوردى. شۇنداقتىمۇ كۆرۈرمەنلەر 35مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، رىكورت يارىتىلدى. ھەقىقى ئالۋاستا مەيدان تەشكىللەندى، تاراتقۇلاردىن ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ھەيران قالدى. كۈلكىلىك يېرى شۇكى خەنزۇ تورلاردا «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئادەمنىڭ مۇنداق كۆپ بولىشى، مەيدان ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن» دەپ تەشۋىق قىلىندى، بىلەت 10~100يۈەنگىچە بولغاچقا، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە قاتناش قىستاڭ بولغاچقا ئېھتىمال قىسمەن ئادەملەر بارالمىغان بولىشى مۈمكىن، ئىچكىرىدە ناھىيە بىلەن ناھىيە شەھەر بىلەن شەھەرنىڭ ئارلىقى يېقىن، سىز ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بېرىپ بولغىچىلىك ئارىلىقتا، نەچچە ناھىيە شەھەرنى بېسىپ ئۆتىسىز، ئادەم زىچ، شەھەر- شەھەر، ناھىيە- ناھىيىدىن مەستانىلارنىڭ يىغىلىشىغا پايدىلىق. بىزدىچۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىچە. يەنىلا قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىن مەستانىلار كەپتۇ. ئارلىقىمىز يېقىن بولسا، ھەممە يەردىن مەستانىلار يىغىلىپ  ھازىرقىدىن بەكرەك ئوت چىقىرىۋىتەتتۇق.

12- چىسلادىكى مۇسابىقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش، شىنىڭدىكى مۇسابىقىدە لەنجۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يىنىدىن پۇل چىقىرىپ شىنىڭغا بېرىپ توپچىلىرىمىزغا مەدەت بەرگەنلىكىدەك ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىش. ئەينى ۋاقىتتا مەيدان كەيپىياتىنى، ھۇررا سادالىرىنى كۆرۈپ تاراتقۇلاردا «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ساھىپخان شىنجاڭمۇ چىڭخەيمۇ» دېگەن گەپلەر تارقالدى، لەنجۇدىكى بالىلارنىڭ بۇ روھى 12- چىسلادىكى مۇسابىقىگە بىر قوزغاتقۇچ بولدى. ئۇلارغا ئۆز نامىمىدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

3. تەشۋىقات جەھەتتە بىز ئۇتتۇق. رايۇنىمىز ئىچىدە: ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ، ياكى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ئوتتۇرىغا چقىپ گىزىت ياكى تاراتقۇلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلمىدى، پۇتبول كۇلۇبى توربىكىتى، ئۇررا كۇلۇبى تور بىكىتى  ۋە باشقا ئۇيغۇر تورلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ئالاھىدە تەشۋىقات مۇھىتى يارىتىپ بەردى، ئەلبەتتتە، كەڭ تورداشلارنىڭ تۆھپىسى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ. تورداشلار توردا، تىلىفونىدا، ئاغزىدا نۇرغۇن تەشۋىقات ئېلىپ باردى، تورداشلار بولمىسا، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايتى، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقمايتى، تاماشىبىنلار ئۆزلىرىدە بار سايمانلاردىن پايدىلىنىپ نەخ مەيداندىن ئالغان، تارتقان، يازغان ئۇچۇرلارنى كۆردۇق، ھۇررا ساداسىنى ئاڭلىدۇق، ھاياجانلاندۇق، قارىغاندا بىزدىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە تەشۋىقات قوشۇنى شەكىللىنىپتۇ. مەن ئۇچراتقان فىلىملەر ئىچىدە «چىمبۇلاق» تورىنىڭ بەك ياخشى ئىشلەپتۇ. رىياسەتچىرىلىنى ئىۋۇ شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسىنىڭكىدىن ئىقتىدارلىق كۆردۈم. چىمبۇلاقجانغا كۆپ تەشەككۈر، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، بەرىكەت  تىلەيمەن، ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۇنتۇلمايدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن دەل ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم ئاشتى.

رايۇنىمىز سىرتىدا: ئىچكىرىدىن نۇرغۇن مۇخبىر، ئىختىيارى مۇخبىر كېلىپ مۇسابىقە ئەھۋالىنى تارقاتتى. مەمەلىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇل قىزغىنلىقىنى كۆردى. نۇرغۇن ياخشى باھالارنى بەردى، سوخو تورى ئۇيۇشتۇرغان «سىز 2013-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىگە كىرەلەيدىغان ئەڭ ئۈمىتۋار ئىككى كوماندا قايسى دەپ قارايسىز» دېگەن تىمىدىكى ئەل رايىنى سىناشتا بۈگۈن (5- ئاينىڭ 15-كۈنى) سائەت 4تىكى نەتىجىدە شىنجاڭ تاشئالما 13505 ئاۋاز (34.29%) بىلەن 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ۋاقتىدا دەۋالاي، بۇ يەرگە كىرىپ سىزمۇ كۈچ چىقىرىپ قويۇڭ

http://sports.survey.sohu.com/poll/result.php?p

oll_id=60772

بىر قىمار شىركىتى 12- چىسلادىكى مۇسابىقىنى دو تىكىش تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپتۇ. بىر توردا مۇخبىر، ئۇيغۇرلاردا 1850- يىللاردا پۇتبۇل ئوينالغانلىقى، 1927- يىلى قەشقەردە (ئاتۇش كوماندىسى) خەلقئارالىق مۇسابىقە ئوينالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭ پۇتبولدا ئاق يەر ئەمەس، تارىخى ئۇزۇن، ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، ئادەملىرى پۇتبولغا ماس كېلىدۇ، جۇئىنلەي 1955- يىلى ۋاڭجىنغا ئېغىر تەنھەركەتنى شىنجاڭدا تەرەققى قىلدۇرۇشنى تاپىلىغان دېگەندەك ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ. ھازىرچە ئېكىساق كوماندىسى بىلەن  ئەنگىلىيە، شىۋىت كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنى خەنزۇلار ئارىسىدا بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىم بۇ مۇسابىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تەشۋىق قىلىنىپتۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش بىزگە پايدىلىق گەپلەر، ئىشلار خەنزۇچە تورلاردا كۆپ بولغاچقا ھەممىنى دەپ بولالمىدىم، بەڭدۇغا كىرىپ新疆海棠دەپ بېسىڭدە، ئۆزىڭىز كۆرۈۋىلىڭ، پايدىلىق گەپلەردىن ئىلھام ئېلىڭ، بەزى گەپلەر ئۇچرىسا، ئەدەپ بىلەن قايتىپ چىقىڭ. يۇقىرىقىلارنى ئەمەلىي ئىپادىمىزدىن باشقا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4. روھىمىز ئۆستى، ئىشەنچىمىز ئاشتى، ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنى، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى نامايەن قىلىپ قويدۇق، رەقىپلىرىمىز ۋەسۋەسىگە چۈشتى.

مەيلى كۆرۈرمەنلەر بولسۇن، مەيلى توپچىلار بولسۇن شىنجاڭنىڭ پۇتبول روھىنى نامايەن قىلىپ قويدۇق. توپچىلىرىمىز پۇلنى تاش ئالما چىقارغان بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ (قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك ۋە باشقا  قېرىنداشلار بۇ قاتاردا سىلەرمۇ بار، يېشىل مەيداندا سىلەرمۇ ئوينىدىڭلار، كۆردىڭلا، ئوخشاش تىلدا ھۇررا توۋلىدىڭلار، كۆڭلۈڭلەرگە كەپ كەتمىسۇن، بىزدە باشقا نەرسە بولمىغاندىكىن 22 ئادەم ئاشكارە ئېلىشىدىغان مۇشۇ توپتا بولسىمۇ كۆڭلۈمنى خوش ئەتكۈم كەپقالدى) بارلىقىنى بەخت ئىچىدە ھېس قىلدى، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، تاش ئالما بەرگەن پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلقى ئۈچۈن توپ تىپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، قەلبى ئىشەنچكە تولدى. تيەنجىن كوماندىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ توپ ئويناشنىڭ تەمىنى تېتىدى، قايتا كېلىدىغان پۇرسەت بولسا، ئۈرۈمچى دېسە يۈرىكى ئاغىدۇ. ئالدىمىزدا ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان باشقا كوماندىلار بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزدىن، ھازىرقى نومۇر ئەھۋالىمىزدىن، ھۇرراچىلىمىزنىڭ ھەيۋىسىدىن مۇھىمى يەنە بىر قېتىملىق ئالۋاستى مەيداندىن تەمتىرەپ يۈرگەن بولىشى، تاكتىكىسىنى تەڭشەۋاتقان بولىشى، روھى بىسىمنى يىنىكلىتىشنىڭ كويىدا بولىشى مۈمكىن. رەقىبلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ، روھى بېسىم پەيدا قىلدۇق، روھى جەھەتتە ئۇتتۇرۇش ئەڭ يامان ئۇتتۇرۇش، روھ يوق تەن- قۇرۇق ئىسكىلىت،  بۇ جەھەتتىمۇ بىز ئۇتتۇق

5. ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىدۇق، بىرىنچى: 2011-يىلى ھۆكۈمىتىمىز دىيارىمىزنى مەملىكەت بويىچە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايۇن قىلىپ بىكىتكەندىن بېرىقى نەتىجىمىزنى نامايەن قىلدۇق. ئىككىنچى: خەلقىمىزنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىنى، پۇتبول ئاممىۋى ئاساسىنى نامايەن قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭلىدە بۇ يەردە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرىمىز دەپ خاتا قىلماپتۇق، دېگەن توغرا قاراشنى تىكلىدۇق. 80- يىللاردا بالىلىرىمىز ئىچكىرىگە مۇسابىقىگە باراتتى، توپ كىرگۈزسىمۇ، ئۇتسىمۇ، شۇ چاغدىكى قائىدە بويىچە شەخسى تېخنىكا، ماھارەت، بەدەن ساپا دېگەندەك مۈجىمەل بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ شللىۋىتەتتى، قۇرۇق قايتاتتى، ئەينى چاغدا پۇتبول قىزغىنلىقمىزمۇ، ئومۇملىشىش دەرىجىسىمۇ خېلى  يۇقىرى ئىدى. بىر قېتىم ئىچكىرىگە خىزمەت بىلەن بېرىپ بىر ئۆلكىدە بىر مەكتەپنىڭ كەسپىي كوماندىسى بىلەن توپ ئوينايدىغان بولۇپ قالدۇق، بىز ھەر قايسى جايلاردىن بارغان بارغىچە تونۇشقان بالىلار ئىدۇق، كەسپى تەنھەركەتچى ئەمەس ئىدۇق، يامان ئەمەس ئوينىدۇق، ئۇتتۇردۇق، ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكىنى مۇسابىقىدىن كىيىن رىپىرلارنىڭ «گەرچە ئۇتتۇرغان بولساڭلارمۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبولنى چۈشەنگىنىگە رەھمەت» دېگەن تەشەككۈر سۆزى بولدى، ھازىرمۇ ئويلىسام ئاچچىغىم تۈۋىدىن تۇتىدۇ، شۇ چاغدا خەنزۇچىنىمۇ تولۇق سۆزلىيەلمەيتىم، بولمىسا يۈز يىل بۇرۇن سەن مايمۇن ئوينىتىپ يۈرگەندە بىز توپ تەپكەن، دېھقانلىرىمىزمۇ كۇلۇپ تەشكىللەپ خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن، پۇتبولنى كۆرسەڭ شاختا بولامدۇ، يەرگە تېرىمدۇ، قانداق يەيدۇ دەيدىغان ۋاقتىڭدا توپ تەپكەن بىز....دەپ ئىچىمنى بوشۇتىۋالاتتىم. دېمەك بۇ قېتىم بىر قىسىملارنىڭ كاللىسىدىكى خاتا قاراشلارنى يوقاتتۇق.

6. ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەتسىز سۆز ھەرىكەت، ئامانلىققا خىلاپ ۋەقە كۆرۈلمىدى، 5مىڭ يىللىق مەدىنىيىتى بار خەلقنىڭ قەدىمى ئاستانىسى بولمىش شىئەندە شىئەنلىكلەردەك تاماشىبىنىڭ 5000دىن ئاشمىسۇن دېگەن ئاقىۋەتكە قالمىدۇق. 100يىلدىن ئارتۇق پۇتبول تارخى بار خەلقنىڭ 100يىللىق پۇتبول ئەخلاقى بارلىقىنى نامايەن قىلدۇق. بۇ جەھەتتىمۇ بىز ئۇتتۇق.

7. تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىدۇق، توپچىلىرىمىز ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەرنى تونۇۋالدى. كەمچىلىكنى تونۇماسلىق خۇددى ئارقىسىدىن خەنجەر كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان دۈشمىنىنى بايقىمىغاندەك بىر ئىش. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق، بۇندىن كىيىن تەشۋىقاتنى قانداق قىلىش قانداق تەشكىللىنىش، قانداق فىلىمغا ئېلىپ يوللاش قاتارلىقلاردىمۇ تەجىرىبىگە ئىگە بولدۇق، ئى...شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى بولمىسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. ماۋزىدوڭنىڭ  سۆزى بويىچە «خەلق ھەقىقى قەھرىمان» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدۇق. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق

8. مەن نەخ مەيداندا يوق، فىلىمدە كۆردۈم،  مۇسابىقىدىكى ھۇررا ساداسى مېنى بەك ھاياجانغا سالدى، رەتلىك، ياڭراق چىن يۈرەكتىن چىققان ھۇررا ساداسى كۆك بۆرە توپىنىڭ ھۇۋلىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى، باشقىلارنىڭ پۇتبول ناخشىسى بولسىمۇ بىزنىڭ «ھۇررا» دېگەندەك ھەيۋەتلىك،  بىرلىككە كەلگەن سۆزىنى ئۇچراتمىدىم، بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇتتۇق.

خوش، يەنە نېمە ئۈچۈن تيەنجىن بىلەن تەڭلەشتۇق دەيمىز؟

مۆھتىرەم تورداشلار، بۇ پەقەت دىلكەشنىڭ شەخسى قارىشى، مەن كەسپىي پۇتبول ئوبزورچىسى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى قاراشلىرىم ئاشۇرۇۋىتىلگەندۇ، ھاياجاندا خاتا سۆزلىگەندۇرمەن، قاغىمۇ بىلىشىچە سايرايدۇ دېگەندەك بلىشىمچە قاقىلداپ باقتىم، ئىشائاللاھ، مەستانىلىرىمىزگە ئانچە- مۇنچە نەپ تەگەسە دېگەن ئۈمىتتىمەن.

ھۇررا، ھۇررا، ھۇررا!!! ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھۇررا!!!  

مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 09:26 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
erol + 50
Uyghun + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
shoruq + 50 كۆڭلۈمدىكى گەپ!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 159   باھا خاتىرىسى

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71953
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 09:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر، قەددىمىزنى رۇسلايلى ئۇيغۇرلار!!!

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر!!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36607
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 09:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس كۈرەلمىدۇقتە نەق مەيداندىن، جەريانمۇ بىر نەتىنجە. بىر تەجىرىبە، 35000ئادەم دېگەنمۇ ئاز نەتىنجە ئەمەس زادى. بىر تو پ ئۇرىۋەتكەن بولسىزە. ھىسيات جەھەتتىن ئۇتتۇق، نەتىنجە جەھەتتىن تەڭلەشتۇق.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11167
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار لېكىن مەيدان بىزنىڭ تۇرۇپ تەڭلەشتۇق دىگەن گەپ بىز ئۇتتۇردۇق دىگەن گەپ . . بۇ بىر ھەقىقەت .  چۈنكى قارشى تەرەپ تەڭلىشىپ بىر نۇمۇر ئالمىز دەپ مەقسەت قىلغان ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەھەلىسى بۇ ، چۇقۇم ئۇچ نۇمۇرنى تۇلۇق ئالىمىز دەپ مەيدىمىزگە ئۇرغان ، لېكىن ئۇلار مەقسىتىگە يەتتى ، بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق .
پۇتپۇل دىگەن تېخنىكا ، ۋە تەلەيگە باغلىق بىر نەرسە ، بىزدە شۇ كۇنى تەلەي قاچتى ، تەييار نۇقتا تۇپنى ئۇرالمىدۇق .
گەپنىڭ جىڭى بىز ئۇتتۇردۇق .

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13005
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11541 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياجانلانماڭلار قېرىنداشلار، ئۇتساق ئۇتتتۇق، دەيمىز، تەكلەشسەك تەڭلەشتۇق، ئۇتتارساق ئۇتتاردۇق. بۇنىڭغا ھاياجان قوشۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىپادسى ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ پەقەت  ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى، بۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىگە تاللىنىپ چىقسا،(ئاللاھ خالىسا) يەنە بۇنىڭدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بار. ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى خېلىلا يۇقىرى، ئوغلانلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇتتۇرساق ئارتۇق باھانە تاپمايلى، ئۇتالمىساق ئۆزىمىزگە قاملاشمىغان تەسەللىلەرنى بەرمەيلى، ئۇلار تەدرىجى تەرەققىي قىلسۇن، كۈنلەرنىڭ بېرىدە چوقۇم جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. مەيلى ئۇتتارسۇن، مەيلى ئۇتسۇن ئۇلار تىرىشسىلا بىز ئۇلارنى مەڭگۈ قوللايلى.

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
                                          فېتوفى

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2520 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسابىقىدە يىڭىش يىڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ،كىيىن چوقۇم يىڭەلەيدۇ،ئۇلارغا مەدەت بىرەيلى ئەڭ ياخشىسى تەنتەربىيە ئاسان كەسىپ ئەمەس مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرسى تاللىنىدىغان گەپ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر غەلبە ، بۇ قېتىم تەڭلەشسەك كىيىنكى قېتىم چۈقۈم ئۇتىمىز ، چۈنكى پۇتبۇل دىگەن ئۇيغۇردەك پاچىقىنىڭ تۈكى بار ئادەم تېپىدىغان نەرسە

aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78901
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:32:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئۇينىدى  مەنچە ئۇلار يەنە تىرىشىشقا  ،بىزنىڭ مەدەت بىرىشىمىزگە مۇھتاج .تىرىشىڭلار ئۇغلانلار  

ئالدىڭغا قارا !!!  ئۇغۇل بالىدەك ياشا!!!

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 12:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ غەيرەت...

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش