|
|
|
|
ئاڭلاش ۋە كۆرۈش جەھەتتىكى روشەن پەرق
ئاڭلاشلارغا قارىغاند،ا كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ زەڭ قويۇپ ئاڭلاش ئىقتىدارى بىلەن سىنچىلاپ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاياللارنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولىدىكەن .
نۇرغۇنلىغان كۆزىتىشلەردىن مەلۇمكى، ئاياللار باشقىلارنىڭ بىر قىلغان گەپ -سۆزلىرىنى بەكمۇ ياخشى ئەستە ساقلىۋالالايدىكەن، نۇرغۇن ئاياللار بىر يەرگە يىغىلىپ ھەممىسى بىرلا چاغدا ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشقاندا، كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىۋالىدىكەن. ئەرلەر بىر گەپنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاپ ئاڭلىمىسا، ئېسىدىن ئاسانلا چىقىپ كېتىدىكەن. ئاياللار يەنە ئۆيلەرگە ۋە ئىشخانىلارغا قويۇپ قويۇلغان ئورنى ئانچە ئېنىق بولمىغان نەرسە-كېرەكلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا بەكمۇ ماھىر كېلىدىكەن...
ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، ئايالىمنىڭ بەزى بۇيرۇقلىرىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمەن، يەنە كېلىپ قويغان-تۇتقان نەرسىلىرىمنى بەزىدە ئاسانلىقچە تاپالمايمۇ قدلىمەن...
ئۇنداق بولسا، تۆۋەندىكى كۈلكىلىك ئېتوت ھوزۇرۇڭلاردا بولغۇسى.
مەنبە:http://v.youku.com/v_show/id_XMzg2MzMxMDcy.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilxikarxad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 07:55 PM
|
|
|
|
|
|