مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1464|ئىنكاس: 4

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەرىپىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 03:28:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەرىپىدە


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم كۆرۈنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررىس.زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم 1910يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغ ئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دىن مىللەتنىڭ پىداكارى، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر ،مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر ئابدۇۋارس ئەزىزنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخان ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى.زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام سۇلتانەم مەدرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ساۋاتىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراخمان خەلپىتىم ئىدى.ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر توغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرەب تىلى گىرامماتكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ، سۇلتانەم مەدرىسىدە يەنە ھابىل ھاجىمدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ، تۆرگۆل قورغانبۇيىلىق ئالىم شەمسىددىن داموللام ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت، پاساھەت، مەنتەقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ، 18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن. ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپۇردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. كېيىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھىرىدە قۇرۇلغان جامەئىي ئىسلامىيە ئىنستىتۇتىدا بىر يىل يەنە بىلىم ئاشۇرغان. بەدىرۇل ئالەم، شىببىي رەھمەت ئۇسانىي، ئەنۋەر شاھ قاتارلىق مۇدەررسلەر ئۇنىڭغا مەنتەقە، پەلسەپە، پەلەكىيان، «تەسرىخ» (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن.شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارىلئۇلۇمغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقئارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى: تەپسىر، پەلسەپە، مەنتەقە، ئاقائىد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار. ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانىي، ھۈسەيىن ئەھمەد مەدەنىي بولغان. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام مەكتەپنى «مەۋلەۋى»لىك ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، كېيىنكى مۇدەررسلىكتە «فازىل»لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ، «ئەللامە» لىكتىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئۇنۋان ئىدى.ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئىي ئەئىزەم مەدرىسىدە «ئۈچ-تۆت يىل فقىھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررىس ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان.1942-، 1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى كۈچەيگەن تىنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن. سۇ ئاپىتى خانەۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توقۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق مەدرىسە بوغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تاقىۋىتىلگىچە قەشقەر دۆڭ مەسچىتتىكى مەدرىسىدە مۇدەررىس ھەم مەسچىت ئىمامى بولغان. بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ، يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سەلەي داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا، قارا شەھەردىن بارات داموللاھاجى، بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللاھاجىملار بار ئىدى.ئۇ، سۆلچىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يىل دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە دىھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇ، غۇلجا، ئارا تۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇغقان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا تەركىي ماكان بولۇپ يۈرگەن.پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن ئۇ يېڭى ھايات پەسلىگە قەدەم قويۇپ، قايتىدىن مۇدەررسلىك ھاياتىنى باشلىدى.1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان «مۇئىتەمەر ئالەمى ئىسلامى» (دۇنيا ئىسلام يىغىنى)غا ئىلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، كازافىنىڭ قوبۇل كۆرۈشىگە نائىل بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن. پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىگى، يۇگوسلاۋىيە، شۋېتسارىيە، غەربى گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردە بولغان. 1984-يىلى ھەج قىلغان.①

1989-يىل، ئاتۇش- باغئېرىق

بۇ ئەسەر يالقۇن روزى نەشىرگەتەييارلىغان «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
ناملىق كىتابدىن ئىلىندى.شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى.157-بەتتىن159بەتكىچە

①بەلگىسى قويۇلغان يەر نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ ئىزاھاتى بولۇپ مۇنداق يېزىلغان:
  ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ماقالىنى 1989-يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ يازغان ھەم ‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلىمى ژورنىلى›نىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلدۇرغان.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قىتىمقى سۆھبىتى شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانكى،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 30-40يىللىق دۇنيا قارشىغا قايتا نەزەر سالغان.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71953
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ماقالىنى 1989-يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ يازغان ھەم ‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلىمى ژورنىلى›نىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلدۇرغان.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قىتىمقى سۆھبىتى شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانكى،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 30-40يىللىق دۇنيا قارشىغا قايتا نەزەر سالغان.

ماۋۇ جۈمىلىلەردىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولىۋاتىمەن، لېكىن ئىپادىلەپ بىرەلمەيۋاتىمەن. مەرھۇم ئالىمىمىزنى قەۋمىمىزدىن چىققان جىبران دەپ بىلىمەن.

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72710
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3304
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىبران دىگەننىڭ مەنىسىنى ئىزاھلىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن

shirmat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 04:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 05:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە قاراڭغۇ دىللارنىڭ يۇرۇشى ئۈچۈن خالىس خىزمەتلەرنى قىلغان شۇ ئالىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىگىنى خەيىرىلىك قىلسۇن ،

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش