  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى كونا - يېڭى ، ياش - قېرى ، چىرايلىق - سەت ، تورداشلار ياخشىمۇ سىزلەر ، كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە سالام . 
خېلى زامانلار بوپتۇ ، بەزى ئىشلار سەۋەبى مۇنبەرگە كىرەلمىگىنى ، مانا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سىلەر بىلەن كۈرۈشۈشكە يەنە نىسىپ بولۇپتۇ . مۇنبەرگە قۇرۇق قول كىرمەي دەپ ، مۇنبەردىكى يېقىن دوستۇم شىرخانغا < شىرىنگۈلگە >   ئىككى شىڭگىل قۇشاق ئالغاچ كەلدىم ، قالغىنى باشقا تورداشلار يېزىپ چۈشۈرەرسىلەر ئاخىرىنى . 
 
 ئاق ئۆستەڭدىن سۇ كېلىپ ، بېسىپ كەتتى ھويلامنى . كىسەل چىرماپ كىتىپتۇ ، شىرخان دىگەن دوڭغاقنى .   بېسىپ كەتتى ئېتىزنى ، تاختاق بىلەن چىكەتكە . شىرخان تېخى كىچىككەن ، سېپ قۇيۇڭلار ئىمىزگە .   شىرخان تويغا بارماقچى ، بۇرۇت قويۇپ چاچ ياساپ . توينى مونۇپول قىلماقچى ، تاماق تالاپ ھەم قاساپ.    ئوغوللارنى تارتىدۇ ، ئۇسۇل بىلەن تاڭسىغا ، مەڭگۈ خۇتۇن تەگمىسۇن ، شىرخان دىگەن پاڭزىغا .   يول ماڭىدۇ دوڭغاسلاپ، شىرخان پۇتى مايماقكەن ، تىلى تۇتۇلۇپ گىپى يوق ، ئېغىر كىسەل تالغاقكەن .   ئېتىم چېپىپ ھارغاندا ، سۇ ئىچىدۇ ،چۆپ يەيدۇ . شىرخان دوستەك دائىما ، تەييار چۆپنى گۆش دەيدۇ .   باھار كىتىپ ، قىش كەلسە ، يامغۇر توختاپ، قار ياغار . ياغلىق چىگىپ شىرخان ، ئىنەك ئىزدەپ، سۈت ساغار .   شامال چىقسا لىڭشىيدۇ ، تام قوشنامنىڭ ئۆگزىسى . قولى ئەپلىك ، بەك چىۋەر ، شىرخان كىسەك ئوغرىسى .    شامال چىقسا ھەممە يەر ، تولۇپ كىتەر تۇزاڭغا .  مىنگىت بولغان شىرخان ، قاچان كىلەر زۇۋانغا .   ھويلامدىكى تىرەككە  قۇنىۋالدى جۈپ قاغا شىرخان كۆزى ئالغايكەن، قاراپ تۇرار بىر يانغا  .   سايراپ بىرەر بېغىمدا  بۇلبۇل بىلەن كەپتىرىم . يازاي قۇشاق كەلتۈرۈپ ، شىرخان مەشىق دەپتىرىم .   تومۇز ئىسسىق كەپ قالدى ، يىگۈم كىلەر ماروژنا . شىرخان نىسى تالونى ، چىگىرىسى يوق تاموژنا .   شىرخان سۇنجاڭ بۇلۇپتۇ  ، قۇرساق سېلىپ يارىشىپ ، گۇسۇر – گۇسۇر قىلىپتۇ ، ئۈچ – تۆت ئىت تالىشىپ .   قىزىلگۈلنى ئۇز دەيدۇ ،  بىللە ئىكەن تىكىنى ، چىرايىغا چىقمايدۇ ، بۇ شىرخاننىڭ يىگىنى .   بۇغداي تېرىسام ئېتىزغا ، ئۈنۈپ قاپتۇ تەرخەمەك ، موچەن دەيدۇ دوللارنى  ، شىرخان دىگەن بۇ ئەخمەق    قوللۇرۇمغا تاش ئېلىپ ، ئاتماق بولدۇم ئىتلارغا ، شىرخان دوستەك يۇيۇنماي ، كۆمۈلۈپ قاپتۇ پىتلارغا .   ئېتىزلىقنى ئارلىسام ، پۇتۇم پاتتى پاتقاققا ، شىرخان كۆمۈلۈپ كىتەرمۇ ؟ تاڭنۇر يازغان چاقچاققا .   مەنبە--- تاڭنۇر  
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |