كىنو چولپىنى شارۇلخان بۇ يىل رامىزاندا مەككىگە بىرىپ ئۆمرە ھەج قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ .
نور ئىسلام تورى ، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۇنى خەۋرى
يىقىندا ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچى بار 50 ئادەمنىڭ بىرى ، ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى شارۇلخان بۇ يىل رامىزاندا مەككىگە بىرىپ ئۆمرە ھەج پەرىزىنى ئادا قىلىشقا تەييارلىق قىلۋاتقانلىىقنى ، شۇنداقلا ئۈزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلۋاتقانلىقىنى ، ھەر قانداق ئۇرۇندا ئۈزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى .
ئۆتكەن يىلى ، ئۇنىڭ نۇرغۇن دوسلىرى ئۇنى بىرلكىتە مەككىگە بىرىپ ئۆمرە ھەج قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن بارالمىغاندى .
شارۇلخانننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇ ئۆزى سەمىمىيلىك بىلەن زاكات تاپشۇرۇپ،پەرىزنى ئادا قىلپ كەلگەن . ئۇ كىنو-تىلۋىزىيە كەسپى ۋە باشقا ئىقىتىسادى تورلەردىن ئىرىشكەن پايدىسدىن كەمبەغەل يوقسۇللارغا ياردەم قىلىپ كەلگەن .
يىقنىقى بىر يىڭى كىنو تۇنۇشتۇرۇش يىغىنىدا ، ئۇ ؛ مەن مۇسۇلمان ، مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى ، مەن پەقەت ھاياتلا بۇلىدىكەنمەن ئىسلامنى مۇھاپىزەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ، مەن بىر ئوتتۇرا ھال مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلغان ، مىنىڭ دادام مەن بىلەن مىنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭللىرىمنى بىقىش مەقسىتىدە يەر ئىجارەئىلىپ دىققانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . مەن ئۇنىڭ خىزمەتىنى قىزغىن سۈيۈش ۋە ئىشنى جان كۆيدۈرۈپ قىلىش ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدىم ، شۇ سەۋەبتىن مەن ھەر كۈنى 18 سائەتتىن 20 سائەتكىچە خىزمەت قىلدىم ؛ دىدى.
ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ كىنوسىنىڭ سېتىلغان بىلىتىنىڭ كۆپلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.ئۇ ئىشلىگەن <<منىڭ ئىسمم خان>> دىگەن كىنو ئامرىكىدا ئەڭ مۇۋاپىقيەت قازانغان 10 كىنونىڭ ئىچىدە 2-رەتكە تىزىلدى .
11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ، شارۇلخان مۇۋاپقيەت قازانغان يەردە ئۈزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن غەرب دۇنياسىدا مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىنى قۇغدىدى.
مەنبە
http://www.norislam.com/?viewnews-14738
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 11:47 AM