مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4216|ئىنكاس: 30

موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توختا ئۇزەڭنىڭ ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45666
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1069 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى توغرىسىدا  


               ھەسەنجان قۇربان (تۈرك ئوغلى)


قىسقىچە مەزمۇنى:
10-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە بولغان دەۋر بولسا،ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان مەزگىلى،شۇنداقلا مۇشۇ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي بىرلىك ئاساسىدا ئۆز-ئارا سېڭىشكەن ۋە بۆلۈنگەن دەۋرى بولۇپ،شىنجاڭ رايونىدىمۇ ئۇيغۇرلار موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى بۇ رايونلاردا كەڭ تارقىتىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە قايتىدىن بىرلىككە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن.مەزكۇر ماقالىدە موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش سەۋەبى ۋە جەريانى، شۇنداقلا موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشىنىڭ كىيىنكى موغۇل جەمئىيتىگە،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى سۆزلىندۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي چاغاتاي خانلىقى      موغۇل     ئىسلاملىشىش       تەسىرى


1.موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش سەۋەبى
موغۇل−شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتنىڭ نامى.موغۇل سۆزى«mongol»سۆزىنىڭ ئەرەب،پارىس تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان.14-15-ئەسىرلەردىكى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ تاشكەنتنىڭ شەرقىي ۋە قومۇلنىڭ غەربىدە ياشايدىغان، يەنىلا ئوتلاق چارۋىچىلىق تۇرمۇش كەچۈردىغان بىر قىسىم تۈركىي تىللىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى ئاتىشى①. موغۇللار بولسا«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»②دىكى ھۆكۈمران مىللەت بولۇپ ،چىڭگىزخاننىڭ«ئالتۇن ئورۇق»لىرىدىن بىرى بولغان چاغاتايخان ئەۋلادلىرى ،يەنى شەرقىي ئولۇسنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان تۇغلۇق تېمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
موغۇللارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى«دوغلات قەبىلىسى»بولۇپ③،بۇ قەبىلە چىڭگىزخان دەۋرىدىلا كىشىلەرگە تونۇلغان.چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا،«دوغلات قەبىلىسى»مۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە غەربكە ئاتلانغان ۋە كىيىن غەربىي يۇرتتا قېلىپ قالغان.ئوزاق ئۆتمەي چىڭگىزخان زېمىنلىرىنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەندە،«دوغلات قەبىلىسى»چاغاتايخاننىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى قەبىلە بولغان.چاغاتايخان«دوغلات قەبىلىسى»نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ،«ماڭلايسۆيەر رايونى»نى دوغلات جەمەتىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن.بۇ توغۇرلۇق«تارىخى رەشىدىي»دە:«چاغاتايخان مەملىكەتلىرىنى تەقسىم قىلغاندا <ماڭلايسۆيەر>رايونىنى دوغلات قەبىلىسىدىن ئەمېر بولاجىنىڭ بوۋىسى ئورتو بۆرەگە بەرگەن ئىدى.<ماڭلايسۆيەر>دېگەن سۆز <ئاپتاپ يۈزلۈك>دېگەنلىك بولىدۇ.<ماڭلايسۆيەر>نىڭ چېگىرسى شەرق تەرەپتە كۆسەن(ھازىرقى كۇچا)دىن تارتىپ بۈگۈرگىچە ،غەرب تەرپى فەرغانىنىڭ يىراق ئاخىرقى ۋېلايىتى بولغان سام ،غەر ئىدى.بۇ چېگىرنىڭ ئىچىدىكى تامامىي ۋېلايەتلەر ئەمېر بولاجىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.ئۇ زامانلاردا بۇ چېگىرنىڭ ئىچىدە بىر قانچە شەھەر بار ئىدى.ئۇ شەھەرلەرنىڭ چوڭراقى كاشىغەر،خوتەن ،ياركەند ،ئۆزكەند④، كاسان⑤، ئاخسىكەت⑥، ئەندىجان⑦، ئاقسۇ ،ئاتباش⑧ ۋە كۆسەن ئىدى»دېيىلگەن⑨.شۇنداق قىلىپ بۇنچە كۆپ زېمىنغا ئىگە بولغان«دوغلات قەبىلىسى»كېيىنچە تەبئىيلا«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»دا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان.«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»نىڭ زېمىن تېرتورىيسى ئاساسلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.
بىرىنچى:موغۇلىستان(Moghulistan) رايونى. تېرتورىيىسى تەڭرىخان تېغىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىغىچە،بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى ئېلى دەرياسى،چۇ دەرياسى،ئىمىل دەرياسى،ئېرجىس دەرياسى،ئىسىقكۆل ئەتراپى ۋە شۇنداقلا جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى تاغلىق ۋە بىپايان يايلاق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.«موغۇلسىتان»پۈتكۈل شەرقىي ئۇلۇسنىڭ سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈردىغان ئاساسلىق رايونى .
ئىككىنچى:ئۇيغۇرسىتان(Uyghursitan)رايونى. بۇ ئەسىلدىكى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى شۇنداقلا تۇرپان ئويمانلىقى،قارا شەھەر ۋە كۆسەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى:ماڭلايسۆيەر رايونى.ئاساسەن تارىم بوستانلىقىدىكى كاشىغەر،يېڭسار،يەركەند، خوتەن،ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق«ئالتە شەھەر»دەپ ئاتالغان رايونلارنى ۋە پامىرنىڭ غەربىدىكى فەرغانە رايونىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.بۇ رايونلارغا«دوغلات قەبىلىسى»ئۇزاقتىن بويان ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ھۆكۇمرانلىق قىلىپ كەلگەن.⑩
«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»نىڭ پۈتكۈل تېرتورىيسىدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا،بۇ رايونلاردا دىنىي ئېتىقات بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن بولغان− بۇددا دىنى،خىرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى بۇ رايونلارغا كەڭ تارقالغان.تەڭرىخان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ غەربى قىسىمىغا ئىسلام دىنى،شەرقىي قىسىمىغا بولسا بۇددا دىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.تەڭرىخان تېغىنىڭ شىمالدىكى رايونلارغا بولسا نېستۇران دىنى ۋە شامان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان چارۋىچى قەبىللەر ئولتۇراقلاشقان.بولۇپمۇ ئىسلام دىنى 7-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلدا بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ،ئۈزلۈكسىز شەرققە قاراپ كېڭىيىپ 9-10-ئەسىردىلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان.بۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندا ئۇيغۇرلار تەرپىدىن قۇرۇلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ساتۇق بۇغراخان تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ،بۇ دىننى تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆسەندىن باشقا بوستانلىق رايونلارغا كەڭ تارقاتقان.موڭغۇللارنىڭ غەربى يۇرت ۋە ئوتتۇرائاسىيارايونىنى ئىستىلا قىلغان ۋاقتى دەل ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايونلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان،شۇنداقلا شىنجاڭدا كۆسەن ۋە ئېدىقۇتنى مەركەز قىلغان بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن كاشىغەرنى مەركەز قىلغان ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ تىركىشىپ تۇرغان مەزگىلىگە ئۇدۇل كەلگەن.بۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مەدەىنيەت قاتلىمىغا تەۋە بولمىغان موڭغۇللار ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن قايسىسىنى تاللاشتا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان.ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇددا مەدەنيىتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ئالدىدا كۈچ سىنىشقىدەك ھىچقانداق مادارى قالمىغان ئىدى.بىراق شۇنداق بولىشىغا قارىماي بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا«موغۇل خانلىقى»نى ئۆزىگە تارتىش مەقسىتىدە ھەر خىل تىركىشىش ھەتتا سۈركىلىشلەر بولۇپ تۇرغان.بىراق نەتىجە شۇ بولدىكى،موغۇللار يەنىلا يېڭىدىن بارلىققا كىلىپ گۈللىنىۋاتقان ئىسلام مەدەنىيىتىنى تاللىدى.
موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى تاللىشى ئالدى بىلەن قويۇق بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ موغۇللارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى تەرەققىيات ئېقىمىغا ئويغۇن بولۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتى تەبئىي ھالدا تەڭرىخاننىڭ شىمالىدىكى يايلاق رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.بولۇپمۇ«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»نىڭ سىياسى مەركىزى بولغان«ماڭلايسۆيەر»رايونى ئاساسلىق مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولغاچقا،بۇ يەرنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان«دوغلات قەبىلىسى»ئەزەلدىن تارتىپلا ئەتىراپىدىكى قويۇق بولغان ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ تەسىرىدە ياشاپ كەلگەن.ھەتتا«دوغلات قەبىلىسى»نىڭ بەزى بىر ئاقسۆڭەكلىرى تۇغلۇق تېمۇر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشىدىن خېلى بورۇنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان.بۇنىڭ دەلىلى«تارىخى رەشىدىي»دە قەيىت قىلىنغىنىدەك،مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ بوۋىسى ئەمېر تۆلەك ئۆزىنىڭ بۇندىن(يەنى تۇغلۇق تېمۇر ئىسلامغا كىرگەن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ)3يىل بۇرۇن ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى،لىكىن خاندىن قورقۇپ بۇنى خۇپىيانە تۇتقانلىقىنى ئېيتىدۇ⑪.بۇنىڭدىن خاننىڭ ئەتراپىدىكى بەزى موغۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ،بولۇپمۇ«دوغلات قەبىلىسى»نىڭ تۇغلۇق تېمۇر ئىسلامغا مۇشەررەپ بۇلىشىدىن خېلى بۇرۇنلا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ ھېمايە قىلغۇچىسى بولغان«دوغلات قەبىلىسى»نىڭ دىننىي خاھىشى مۇقەررەر ھالدا تۇغلۇق تېمۇرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇندىن قالسا تۇغلۇق تىمۈرنىڭ سىياسىي مەقسىتىنىمۇ ئۇنىڭ ئسلام دىنىغا كېرىشىدىكى سەۋەبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.چۈنكى موغۇللار باشقۇرۋاتقان بۇ رايوننىڭ كۆپلىگەن ئاھالىسى تەقۋادار مۇسۇلمان ئاھالىسى بولۇپ،موغۇللارغا ئوخشاش قەدىمكى ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان قوۋمنىڭ بۇ ئىسلام رايونىنى ئوزاق مۇددەت تىنىچ-ئامان باشقۇرۇپ تۇرۇشى ناھايتى قىيىن ئىدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ماۋارائۇنەھىر رايونى ئالىبۇرۇن ئىسلاملىشىپ ۋە تۈركلىشىپ بولغان«چاغاتاي»لارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ،ئەگەر موغۇللار بۇ رايونغا بولغان باشقۇرۇشنى قايتۇرۋالىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئۇلار(ماۋارائۇنەھىردىكى خەلقنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن ئوخشاش ئېتىقات بىرلىكىدە بولىشى كېرەك ئىدى.بۇ توغۇرلۇق گېروسىي:«ئىسلام دىنى ئونىڭغا(بۇ يەردە تۇغلۇق تېمۇرنى دېمەكچى)مەنىۋىي جەھەتتە شاتلىق ئاتا قىلغاندىن سىرىت،شەك-شۇبىھىسىزكى ئۇ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشنىڭ ماۋارائۇنەھىر رايونىنى ئېلىش جەريانىدا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى خىيالىدىن نېرى قىلمىدى»دېگەنتى⑫.ئەمىليەتتىمۇ تۇغلۇق تېمۇر بۇ ھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن ئويلاپ يەتكەن.ئۇندىن باشقا مۇسۇلمان دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭدا دىن تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى،بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تەسەۋۋۇپ ئېقىمىدىكى مەۋلانە ئەرشېدىننىڭ تۇغلۇق تېمۇرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۇغلۇق تېمۇرنىڭ ئىسلامغا كېرىش سەۋەبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
دېمەك،مانا مۇشۇنداق قويۇق بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ موغۇللارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئېدىلوگىيسىگە بولغان تەسىرى،شۇنداقلا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ سىياسى مۇدداسى مۇقەررەر ھالدا تۇغلۇق تېمۇر ۋە موغۇللارنى ئىسلاملىشىشقا مەجبۇرلىغان.مۇنداقچە ئېيتقاندا،موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى تەرەققىيات ئېقىمىغا ئويغۇن بولۇپ،بۇ شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى مۇقەررەرلىكنىڭ نەتىجىسى.
2.موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش جەريانى
موغۇللارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلدى.موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىدا،«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى» نىڭ تۇنجى خانى تۇغلۇق تېمۇر ئالاھىدە رول ئوينىدى.تۇغلۇق تېمۇرنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا«تارىخى رەشىدىي»دە ناھايتى ئېنىق يېزىلغان.
«تۇغلۇق تېمۇرنىڭ ئاتىسى ئېسان بۇغاخاننىڭ ئىككى خوتۇنى بار ئىدى.چوڭىنىڭ ئىسمى ساتلىمىش خاتون،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بولسا مەڭلىك خاتون ئىدى. ئېسان بۇغاخاننىڭ ھىچ پەرزەنتى يوق ئىدى.ساتلىمىش خاتون ھەرەملىرىنىڭ چوڭى ئىدى.بىر كۈنى ئىسان بۇغاخان بىر ئىشلار بىلەن بىر تەرەپكە كېتىپ قالدى.ساتىلمىش خاتون موغۇل خەلقىنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە، مەڭلىك خاتوننى شىراۋۇل دۇختەۋى ئاتلىق كىشىگە خوتونلىققا بېرىپ،ئۇلارنى بىر ياققا ماڭدۇرۋەتتى.ئىسان بۇغاخان لەشكىرى ئىشلاردىن يېنىپ كىلىپ مەڭلىك خاتوننى سورىدى. ساتلىمىش :<ئۇنى ئەرگە بېرىۋەتتىم >دېدى.خان:< ئۇ مەندىن ھامىلدار ئىدى> دېدى،لېكىن بۇنىڭدىن ئارتۇق ھېچنىمە دېيەلمىدى.چۈنكى ئۇلارنىڭ رەسىم-قائىدىسى شۇنداق ئىدى.ئۇزاق ئۆتمەي خان ئاغرىپ ئۆلدى ،موغۇل ئۇلۇسى ئىچىدە خان قالمىدى.شۇسەۋەبدىن موغۇل خەلقى ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى.دوغلات قەبىلىسىدىن ئەمىر بولاجى بىر خان پەيدا قىلىپ،مەملىكەتنىڭ قانۇن-تەرتىپىنى تۇرغۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى ۋە مۇشۇ غەرەز بىلەن تاشتۆمۈر ناملىق كىشىگە مەڭلىك خاتون ئەگەر ئوغۇل تۇغسا ئوغىرلاپ ئېلىپ كېلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.تاشتۆمۈر  موغۇلىستان ئەتراپىدا ئۇزاق مۇددەت يۈرۈپ، مەڭلىك خاتوننىڭ ئىسان بۇغاخاندىن ھامىلدار بولۇپ تۇغقان ئوغلىنى ئېلىپ قاچتى ۋە ئەمىر بولاجىنىڭ ھوزورىغا ئېلىپ باردى.بۇ ئوغرىلىنىپ كىلىنگەن بالا دەل تۇغلۇق تۆمۈر ئىدى.ئەمىر بولاجى تۇغلۇق تېمۇر پۈتكۈل موغۇلىستانغا خان قىلىپ تىكلىدى»⑬.
«تارىخى رەشىدىي»نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،تاشتۆمۈر تۇغلۇق تېمۇرنى 16 يېشىدا(مىلادىيە 1346-يىلى) ئىزدەپ تاپقان.ئەمىر بولاجى ئۇنى 18 يېشىدا(مىلادىيە 1348-يىلى) ئاقسۇدا«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»نىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزغان.
تۇغلۇق تېمۇر تەخىتكە چىققاندىن كىيىن،«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»دىكى موغۇل قەبىلىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى.چۈنكى موغۇللار تارىخىدىكى بۇ ھادىسە ئالدى بىلەن تۇغلۇق تېمۇرنىڭ ئۆزى باش بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرىشى، ئاندىن كېيىن بۇنى دۆلەتنىڭ بىر قارارى سۈپىتىدە يۈرگۈزگەنلىكىدىن باشلانغان. شۇ سەۋەبلىك، بۇ ۋەقە شىنجاڭدىكى موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بورۇلۇشقا ئايلانغانىدى.
تۇغلۇق تېمۇرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغۇرلۇق«تارىخى رەشىدىي»ۋە«شەجەرئىي تۈرك»قاتارلىق ئەسەرلەردە بىر مۇنچە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بار.مەسىلەن«تارىخى رەشىدىي»دە بۇ توغۇرلۇق:«بىر كۈنى تۇغلۇق تېمۇر شىكارغا چىقتى.شىكاردا كەتتىك شەھرىدىن⑭ كەلگەن شەيىخ جامالىدىن بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى ھەمدە شەيىخدىن: <سەن ياخشىمۇ ياكى بۇ ئىتمۇ؟>دەپ سورىدى.شەيىخ :<ئەگەر ئىمان مىنىڭ بىلەن ھەمرا بولسا،مەن ياخشىمەن.ئەگەر ئىمان مەن بىلەن ھەمراھ بولمىسا،ئىت ياخشىدۇر>دېدى.بۇ سۆزنى شاھ ئاڭلىغان ھامان ئوردىغا قايتتى ۋە ھېلىقى شەيىخنىڭ سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ شەيىخكە ئېيتتىكى:<مەن خان بولۇپ مۇستەقىل ئىش باشلىغىنىمدا،مىنىڭ ئالدىمغا چوقۇم كەلگەيسەن،مەن ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولغايمەن>دېدى. بۇ ۋەقەدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شەيىخ ئالەمدىن ئۆتتى.ھەزىرىتى شەيىخ ۋاپات بولۇش ئالدىدا،مەۋلانە ئەرشىدىن ئاتلىق ئوغلىغا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ«خان»بولسا مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى،ئەمما ئۆزىنىڭ ئۆمۈرىنىڭ بۇنىڭغا يار بەرمىگەنلىكىنى،تۇغلۇق تېمۇر «خان»بولغان چاغدا ئۇنىڭ خاننىڭ ئالدىغا بېرىشىنى ۋەسىيەت قىلدى.
  بۇ ۋەقەدىن نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە،تۇغلۇق تېمۇر خانلىق تەختتە ئولتۇردى.بۇ خەۋەر مەۋلانى ئەرشىدىنگە يەتتى ۋە شۇ ھامان ئاقسۇدىن موغۇلىستانغا باردى، خېلى تەسلىكتە خان بىلەن كۆرۈشۈپ،خانغا ئاتىسىدىن ئاڭلىغان ھىكايىلىرىنى باشتىن-ئاخىر بايان قىلدى.خان ناھايتى خوشال بولۇپ،چىن كۆڭلىدىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.ئاخىردا خان ئىمان-ئىسلامنى ئوردا ئىچىدە ئاشكارە قىلدى ۋە ئەتراپتىكى ئەمىرلەرنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئىمانغا دەۋەت قىلدى.شۇ كۈنى 60مىڭ كىشى⑮بىراقلا مۇسۇلمان بولدى.ئۇلار ھەممىسى چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ،خەتنە قىلدۇردى.ئىسلام نۇرى كۇپارلىق-قاراڭغۇلۇقنى يوقاتتى،چاغاتايخاننىڭ يۇرتىدا ئىسلام نۇرى يېيىلدى»دېيىلگەن⑯.
«تارىخى رەشىدىي»دېكى يۇقارقى بايانلاردىن،تۇغلۇق تېمۇرنىڭ 1347-يىلى يەنى 17 ياش ۋاقتىدا مەۋلانە شەيىخ جالالىدىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى،1353-يىلى يەنى 24 ياش ۋاقتىدا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز،بۇ چاغدا خانلىقنىڭ پايتەختى ئالمالىقتا ئىدى⑰.
شۇنداق قىلىپ بۇ چاغدا،«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»تەۋەسىدىكى موغۇللار ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمان بولغان.لىكىن ئۇلار ئىسلام شەرئىتىگە رىئايە قىلمايدىغان،بۇخارا ۋە سەمەرقەنتىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمايدىغان موڭغۇلچە شەكىلدە ئىسلاملاشقان،ھەتتا خېلى بىر ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى⑱.مەسىلەن«تارىخى رەشىدىي»دە:«دوستمۇھەممەتخاننىڭ ئاتىسىنىڭ خوتونلىرىدىن بىرىگە مايىل بولۇپ،مۇھاببەت ئىزار قىلىپ ئۇنى خوتۇنلىققا ئالماقچى بولدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالىرىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلدى.ئۇنىڭ ھوزۇرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى شەرىئەتكە خىلاپ دەپ ھىچقايسىسى رۇخسەت بەرمىدى.شۇڭا خان بۇ ئۆلىمالىرىدىن يەتتىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى ۋە ئۆگەي ئانىسىنى نىكاھىغا ئالدى.توي كېچىسى چۈشىدە ئاتىسى(ئېسان بۇغاخان)نى كۆردى.ئاتىسى دوستمۇھەممەتخانغا:<ھەي بەتبەخىت،بىزنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىمىز 100يىلدىن بىرى كۈچۈيۈپ كەلگەندى،سەن ئىسلامدىن يېنىپ كۇپار بولدۇڭ>دەپ ئۇنىڭ كۆكسىگە بىر تال ئوق ئاتتى»دېيىلگەن⑲.
موغۇللار ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى.بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب،موغۇللار ئەسىلدىلا ئوت-چۆپ قوغلىشىپ چارۋىچىلىق تۇرمۇش كەچۈردىغان مىللەت بولۇپ،يىل بويى كۆچۈپ يۈرۈپ موقىم ئولتۇراقلاشمىغاچقا،تەبىئي ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي-ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلالمىدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئىپتىدائىي ئۆرۈپ-ئادەت موغۇللارنىڭ تۇرمىشىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ،ئۇنى ئۆزگەرتىشكە دەرۋەقە ئۇزۇن جەريان كەتتى.خېلى بىر مەزگىلگىچە، موغۇللارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پىرىسىيە رايونلىرىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى.لىكىن شۇنداق بولسىمۇ موغۇل خانلىرى ئىسلام دىنىنى موغۇللار ئارىسىدا كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى.خېزىر خوجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان تەخىتتىكى ۋاقتىدا،ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن موغۇل ئۇلۇسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامغا مۇشەرەپ بولدى.ئۇ موغۇل ئەھلىگە ئىسلام ھۆكۈملىرىنى جارى قىلدۇرۇشتا ناھايتى قاتتىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.ھەتتا موغۇللاردىن بېشىغا دەستار كېيمىگەن كېشى كۆرۈلسە،ئۇنىڭ بېشىغا مېخ قاقتۇردى⑳.يۇنۇسخانمۇ پاك-دىيانەتلىك مۇسۇلمان بولۇپ،ياش ۋاقتىدا پىرىسىيەدە ئۇزۇن مەزگىل مۇسۇلمانلارنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئىدى.كىيىن ئۇ موغۇلسىتانغا قايتىپ كىلىپ خان بولغان چېغىدا،موغۇللارنىڭ ئىمانىنى تېخىمۇ كۇچەيتىش مەقسىتىدە،پۇقرالىرىنى باشلاپ شەھەردە ئولتۇراقلىشىشقا بىر قانچە نۆۋەت ئۇرۇنغان بولسىمۇ،موغۇللار شەھەردە تۇرۇشقا رازى بولماي ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى ھىچ قانداق ئۆنۈم بەرمىدى.چۈنكى يۇنۇسخان ئۆز پۇقرالىرى ھازىرقى تۇرمۇش شەكىلىنى ئۆزگەرتمىسە،ھەقىقىي مۇسۇلمان بۇلالمايدۇ دەپ قارايتى.لىكىن موغۇللار شەھەردە تۇرۇشنى يامان كۆرەتتى.شۇنداق بولغاچقا،موغۇللار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئىسلام دۇنياسى ئۇلارنى ھەقىقى مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلغۇچە بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى.پەقەت 15-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىلا،غەرب تەرەپتىكى قوشىنلىرى ئۇلارنى مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ،دېگەن پىكىرگە كەلدى_.

3.ئىسلاملىشىشنىڭ موغۇل جەمئىيتىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى
موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى شىنجاڭ تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ،كېيىنچە موغۇل جەمئىيتىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
1.موغۇللارنىڭ تۈركلىشىشىنى ئېلگىرى سۈردى
موغۇللارنىڭ كۆپ قىسىمى ئەڭ دەسلەپ تۇغلۇق تېمۇرنىڭ باش بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر قايسى خانلار تارىخى تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس ھالدا،خانلىقتا ئىسلام دىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ،15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»نى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پىرىسىيە رايوندىكى ئىسلام ئەللىرى«مۇسۇلمان ئەل»دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.موغۇللار گەرچە ئۆزىنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىمۇ،كىيىنكى دەۋېرگە كەلگەندە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا كۆچمەن تۇرمۇشتىن موقىم ئولتۇراقلىشىشقا ئۆزگەردى.بولۇپمۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق رول ئوينىدى. موغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققاندا مەدەنىيەت جەھەتتە گۆدەك بىر مىللەت بولۇپ، سىياسى، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار، مالىيە، دېپلۇماتىيە ، مەدنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋمىلەردىن ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ موغۇللارغا ئەل بولۇشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان نەچچە يۈزلىگەن زىيالىلار، قوماندانلار ، مەسلىھەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار،  دېپلۇماتلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە سەنئەتكارلارنىڭ موغۇللارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئىشلەشكە قوبۇل قىلىنىشى، موغۇللارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدا يەرلەشكەن موغۇللارنىڭ مۇقەررەر تاللىشى ئىدى.بۇنىڭ بىلەن موغۇللار شەھەر قەلئەلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىللە ئولتۇراقلىشىشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسىلدىكى موڭغۇل تىلىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىشكە ئۆزگەردى.موغۇللار ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىللە ئولتۇراقلىشىش ۋە ئوخشاش تىلدا ئالاقىلىشىش جەريانىدا،ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش،كۈلتۈر ۋە ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ،ئەڭ ئاخىردا ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا،موغۇللارنىڭ ئىسلاملىشىشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى دەۋردە ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ تۈركلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.چۈنكى ئۇلار ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئوخشاشلىق ئارقىلىقلا ئاللىبۇرۇن ئىسلاملىشىشىپ ،تۇرمۇش ئادىتىنى ئىسلام شەكىلىگە كەلتۈرۈپ بولغان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغاندىلا،ئاندىن ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا ئۇلارغا توسالغۇسىز ھالدا سېڭىپ كىتەلەيدۇ.شۇنداق قىلىپ موغۇللار يۇقىردىكى شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلاپ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قۇشۇلۇپ كەتتى. موغۇللارنىڭ ئۇيغۇر باشچىلىقىدىكى تۈركىي قەۋملارغا قوشۇلۇپ كېتىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سان جەھەتتىن كۆپىيىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەركىۋىگە سىڭىپ كەتكەن موغۇللارنىڭ سانى بىر مىليونغا يېقىن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھالەت ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىۋىدە موغۇل ئىرقىغا خاس بولغان خۇسۇسىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى.
2.ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە شەرت ھازىرلاپ بەردى
ئۇيغۇرلار تارىخدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان چوڭ مىللەت بولسىمۇ،كىيىنچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى تارىم بوستانلىقىدىكى كۈسەندىن باشقا رايونلاردا  كەڭ تارقىتىشى نەتىجىسىدە،ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇددىست ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلار دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن.ھەتتا شۇ دەۋردىكى داڭلىق تىلشۇناس«مەھمۇد كاشغىرى»مۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە،قۇچۇ،بېشبالىق ۋە چانبالىق قاتارلىق رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەشەددىي كاپىر دېگەن+.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى،دىنىي ئېتىقاتنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان مەدەنىيەت ۋە روھى ھالەت جەھەتتىكى پەرىقلەر ئۇيغۇرلارنى ئۇزاق مۇددەت ئايرىۋەتكەن. دېمەك،قاراخانىيلار سۇلالىسى گەرچە ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان بولسىمۇ،ئۇيغۇرلارنى بۆلۈنمە ھالەتكە قالدۇرۇپ قويغان .پەقەت موغۇللار كىيىنچە ئىسلام دىنىنى شىنجاڭ رايونىدا يەنە بىر نۆۋەت كەڭ تارقىتىش يولىدا،ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تارىخى ۋەزىپىنى ئورۇندىدى . بولۇپمۇ بۇ ۋەزىپىنى موغۇللار ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان.
تۇغلۇق تېمۇر ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن،ئەرشىدىن خوجىنىڭ ئىسلام دىنىنى كۇچا رايونىدا تارقىتىش پىكرىگە ماقۇل بولۇپ،ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ھەمدە ئەرشىدىن خوجا باشلىق  50 نەپەر دىن تارقاتقۇچىنى كۇچا رايونىغا ئەۋەتتى.ئۇلار كۇچا رايونىغا كەلگەندىن كىيىن كەڭ كۆلەملىك دىن تارقىتىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللاندى،نۇرغۇنلىغان مەسچىد ۋە مەدرىسلەرنى سالدۇردى.بۇنىڭ بىلەن كۇچا رايونىمۇ ئاستا-ئاستا ئىسلاملاشتى1.بۇ چاغدا ئىسلاملاشمىغان پەقەت قۇچۇ ۋە قۇمۇل رايونىلا قالغان ئىدى.
تۇرپان رايونى گەرچە نامدا«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»غا تەۋە بولسىمۇ،ئەمما«ئېدىقۇت خانلىقى»يەنىلا نىسپىي مۇستەقىللىق ھالەتتە بولۇپ،تۇرپان رايونىدا يەنىلا بۇددا دىنى ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى.1392-يىلى خېزىر خوجا ئۆزى بىۋاستە 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ تۇرپانغا يۈرۈش قىلدى ھەمدە 1393-يىلى تۇرپان رايونىنى ئىشغال قىلىپ 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە«ئېدىقۇت خانلىقى»نى يوقاتتى.خېزىر خوجا بۇ رايونلاردا بۇددىستلارنى مۇسۇلمان قىلىش ئۈچۈن بىر مۇنچە تەدبىرلەرنى قوللاندى ۋە 15-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كىيىن بۇ رايون تەدرىجىي ئىسلاملىشىپ بولدى ۋە كىيىنچە قۇمۇل رايونىمۇ ئىسلاملاشتى.بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دېنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى رايونلارغىمۇ يىتىپ بېرىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ،ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دېنى ئاستىدا ئۇيۇشتۇردى.
3.چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى
ئېدىقۇت ئۇيغۇرتىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئېدىقۇت خانلىقنىڭ ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەندىن كىيىن،ئۇنىڭدىن بۇرۇن قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىپ كەلگەن“خاقانىيە تىلى”بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.ئەسلىدە بۇ ئىككى تىل ئوتتۇرسىدا،ئۇنى قوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقادتا بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنىغا ئالاقىدار ئايرىم سۆز ۋە ئاتالغۇلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،فونتىكىلىق ۋە گېرامماتىكىلىق پەرىقلەر يوق دېگۈدەك ئىدى2.شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئجتىمائىي شارائىت بۇ ئىككى تىلنى ئوخشاش ۋاقىتتا قوللىنىپ كەلگەن،ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىغا ۋە بۇ ئىككى تىلنىڭ تەدىرىجىي قوشۇلۇپ كېتىشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى.مۇنداق يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك دەۋرى15-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى بولۇپ،بۇ دەۋردە ئېدىقۇت رايونىغا ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشى بۇ ئىككى تىلنىڭ تىخىمۇ بىر گەۋدىلىشىپ كېتىشىدە ئىجابىي رول ئوينىدى.شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ ئىككى تىلنىڭ بىر مەزگىل پاراللىل قوللىنىلىپ،ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ مېڭىشى ۋە ئەرەب-پارىس تىلى،پارىس ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرىنىڭ تەسىرىگە جىقراق يولۇقىشى نەتىجىسىدە«چاغاتاي تىلى»شەكىللەندى.
دېمەك،چاغاتاي تىلى يۇقىرقىدەك ئىسلام دىنى موغۇللار تەرىپىدىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ تارقالغان ۋە موغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پىرىسسىيەدىكى باشقا ئىسلام ئەللىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولغان ئىجتىمائىي شارائىتتا مەيدانغا كىلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ،14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان 600 يىللىق تارىخنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.مانا مۇشۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زامان ۋە ماكان ئىچىدە قوللىنىلغان يېزىق،ئەدەبىي تىلى«چاغاتاي تىلى»دەپ ئاتالغان بولسا،شۇ زامان شۇ ماكان تۇرمۇشىنى ئەنە شۇ«چاغاتاي تىلى»بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەدەبىيات«چاغاتاي ئەدەبىياتى»دەپ ئاتالدى.
4.شىنجاڭدىكى خوجىلارنىڭ تەسىرىنى زورايتتى
مەۋلانە ئەرشىدىن خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ،موغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن،كىيىنچە ئۆز جەمەتىنىڭ«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»دىكى دىنىي ئورنىغا ئاساس سالالىدى.تۇغلۇق تېمۇر«ئەرشىدىن جەمەتى»گە نورغۇن ئىمتىيازلارنى بىرىپ،كۇچا ۋە ئاقسۇنى ئەرشىدىن خوجا جەمەتىنىڭ دىنىي ۋەخپىسى قىلىپ بېكىتتى.ھەتتا تۇغلۇق تېمۇردىن كىيىنكى موغۇل خانلىرى تەخىتكە چىقىشىدا ئەرشىدىن جەمەتىنىڭ ماقۇللىغىنى سورايدىغان ۋە خوجىلارنى ئۆزلىرىنىڭ روھى ئۇستازى قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۇردى.بۇ ھال شىنجاڭدىكى خوجىلار تەسىرنىڭ چاغاتاي خانلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن گۈللەنگەنلىكى ۋە قۇدىرەت تاپقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
كىيىنكى خانلىقلارنىڭ خوجىلارغا بولغان بېقىنىشىنىڭ كۈچىيىشى،ئوتتۇرا ئاسىيا خوجىلىرىنىڭ كۆپلەپ شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىشىگە زور شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەردى.بۇنىڭ بىلەن خوجىلار كىيىنكى خانلىقلارنىڭ سىياسىي،ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ،ئۇيغۇر جەمئىيتىنى يەنە بىر قېتىم تەپرىقىچىلىق ۋە بۆلۈنمىچىلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

ئىزاھاتلار :
①«شىنجاڭ تارىخ لۇغىتى» ، خەنزۇچە ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1983-يىلى ،1-نەشىرى، 661-بەت.
②شەرقىي چاغاتاي خانلىقى¬¬¬____چېڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى چاغاتايخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان«چاغاتاي خانلىقى” 1347-يىلى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەرب-شەرق دەپ ئىككى ئۇلۇسقا بۆلۈنۈپ كەتتى.غەربىي ئۇلۇس موڭغۇللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋارائۇنەھىر رايونى(ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرسىدىكى كەڭ جاينىڭ ئاتىلىشى)نى مەركەز قىلغان بولۇپ،كىيىنچە ئاستا-ئاستا چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆزگەرتتى ھەم تۈركلىشىپ كەتتى.بۇلار ئۆزلىرىنى«چاغاتايلار»دەپ ئاتاپ،تارىختا«غەربىي چاغاتاي خانلىقى»دەپ ئاتالدى.موغۇللارئۇلارنى كەمسىتىپ«قارا ۋاناس»(قارا خەلق،ئاددىي پۇقرا)دەپ ئاتىغان.شەرقىيي ئۇلۇس موڭغۇللىرى ئۇزاق مەزگىل ئۆزلىرىنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتمەي،ئۆزىنى«موغۇللار»دەپ ئاتىدى.بۇ تارىختا«شەرقىي چاغاتاي خانلىقى»ياكى«موغۇلىستان خانلىقى»دەپ ئاتالدى.چاغاتايلار ئۇلارنى كەمسىتىپ«جەتە»دەپ ئاتىدى.
③موغۇللارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە تەسىرى زور بولغان«دوغلات قەبىلىسى»دىن باشقا يەنە،«جالايىر قەبىلىسى»،«بارلاس قەبىلىسى»،«گاۋچىن قەبىلىسى»ۋە«ئارلات قەبىلىسى»قاتارلىقلار بار ئىدى.
④ئۆزكەند−ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىدە.
⑤كاسان−ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىيي جەنۇبىدىكى قارشىنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كىلىدۇ.
⑥ئاخسىكەت−ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ نەمانگان ئوبلاستى تەۋەسىدە.
⑦ئەندىجان−ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھرى تەۋەسىدە.
⑧ئاتباش−ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى ئاتباش شەھرى تەۋەسىدە.
⑳⑲⑯⑬⑪⑨مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدىي» ،  ئۇيغۇرچە ،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،  2007-يىل ،1-نەشىرى ،  48-49،  57،  46-50،  53-58،  203،  152-بەتلەر.
1⑩لى جىنشىن:«شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»  ، خەنزۇچە ، دىن-مەدەنىيەت نەشىرىياتى ، 1999-يىل،1-نەشىرى ،  113،  150-151-بەتلەر.
⑱⑫گىروسىي(فىرانسىيە): «بوزقىر ئېمپىريىلىرى چېڭگىزخان» ، ئۇيغۇرچە ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-يىل ،1-نەشىرى ،  284-، 255-بەتلەر.
⑭كەتىك شەھىرى___كېتىك دەپمۇ ئاتىلدۇ.ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە.
⑮ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ«شەجەرئىي تۈرك»ناملىق كىتابىدا،160مىڭ موغۇل بىراقلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن دېيىلگەن.
⑰تۇغلۇق تېمۇرنىڭ خانلىقنىڭ پايتەخىتىنى ئاقسۇدىن ئالمالىققا كۈچۈرگەن ۋاقتى 1352-يىلىغا توغرا كىلىدۇ.
_ۋ.ۋ.بارتولد:«يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى» ، ئۇيغۇرچە ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،  2000-يىل ،1-نەشىرى ،   126-بەت.  
+مەھمۇد كاشغىرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى» ، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،  1981-يىل، 1-نەشىرى ،  1-توم  ، 152-بەت.
2«خەمىت تۆمۈر ئىلمى ماقالىلىرى» ، ئۇيغۇرچە ،  مىللەتلەر نەشىرىياتى.بېيجىڭ ، 2006-يىل ،1-نەشىرى ، 316-بەت.

پايدىلانمىلار:
1.«شىنجاڭ تارىخ لۇغىتى» ،خەنزۇچە ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،1983-يىل ،1-نەشىرى.
.2مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدىي» ،ئۇيغۇرچە،   شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 2007-يىل ،1-نەشىرى.
3.لىجىنشىن:«شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ،خەنزۇچە ،    دىن-مەدەنىيەت نەشىرىياتى ، 1999-يىل،1-نەشىرى.
4.گىروسىي(فىرانسىيە):«بوزقىر ئېمپىريىلىرى چېڭگىزخان» ،ئۇيغۇرچە،   شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 2003-يىل ،1-نەشىرى.
5.ئەبۇلغازى باھادىرخان:«شەجەرئىي تۈرك» ،ئۇيغۇرچە،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000-يىل،1-نەشىرى.
6.ۋ.ۋ.بارتولد:«يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى» ،ئۇيغۇرچە،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،  2000-يىل ،1-نەشىرى.
7.مەھمۇد كاشغىرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى» ،ئۇيغۇرچە،   شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  ،  1981-يىل ،1-نەشىرى.
8.«خەمىت تۆمۈر ئىلمى ماقالىلىرى»،ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشىرىياتى.بېيجىڭ،2006-يىل،1-نەشىرى.
9.تىيەن ۋېيجىياڭ:«يىپەك يولى ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقى» ،خەنزۇچە ،   شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1997-يىل ،1-نەشىرى.
10.مىن شيەنلىن: «موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچىرشىشى» ،خەنزۇچە،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1999-يىل ،1-نەشىرى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dakyanos + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3429
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتارىخ نى بۇرۇن ئۇقۇغان ئىدىم  يەنەبىر قېتىم  ئۇقۇ ۋالدىم ..تارىختا بىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلارمەۋجۇت  ،،تارىخ ..

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 01:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بىلىملىردىن ساۋاق بەرگىنڭزگەرەھمەت.

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 01:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بىلىملىردىن ساۋاق بەرگىنڭزگەرەھمەت.

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 01:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى:ئۇيغۇرسىتان(Uyghursitan)رايونى. بۇ ئەسىلدىكى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى شۇنداقلا تۇرپان ئويمانلىقى،قارا شەھەر ۋە كۆسەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى:ماڭلايسۆيەر رايونى.ئاساسەن تارىم بوستانلىقىدىكى كاشىغەر،يېڭسار،يەركەند، خوتەن،ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق«ئالتە شەھەر»دەپ ئاتالغان رايونلارنى ۋە پامىرنىڭ غەربىدىكى فەرغانە رايونىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.بۇ رايونلارغا«دوغلات قەبىلىسى»ئۇزاقتىن بويان ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ھۆكۇمرانلىق قىلىپ كەلگەن.⑩
.................
«ماڭلاي» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «جەنۇب » دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدىن موڭغۇلچىگە كىرگەن.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 03:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9775
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 4678 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 03:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي قېرىندىشىم، خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز ،ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتىنى خېلى ئەتىراپلىق يورۇتۇپ بېرىپسىز.

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4796
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 04:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخش يىزىلغان ماقالىكەن، نۇرغۇن مەن ئىلگىرى ھىس قىلمىغان ۋە ھىس قىلىپ ئۇچۇقلاشمىغان مەسىللەر سۆزلىنىپتۇ. مېنىڭ بىلىشىمگە مۇسۇلمانلاشقاندىن كىيىنكى مۇڭغۇللار مۇغۇل دەپ ئاتالغان شۇڭا مۇغۇللارنىڭ ئىسلاملىششى ئەمەس، مۇڭغۇللارنىڭ ئىسلاملىششى بۇلۇشى كېرەكمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم. مۇغۇل بولسا بىر خىل ئۈتكۈنچى ئاتالغۇ بۇلۇپ مۇڭغۇلدىن ئۇيغۇرلىششىقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقان ھالىتىنىڭ ئاتالمىسى. كىيىنچە پۈتكۈل ئىلى دىيارى، ئۇيغۇرىستان ۋە قەشقەرىيەدىكى دىنى ئىتىقاد سەۋەبىدىن بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇشتە راستىنلا رولى چوڭ بولغان. سۇتۇق بۇغراخاندىن كىيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىسلام دۇلقۇنى دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 04:18 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش