sabinur يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:14 PM
ئىگىلىىك تىكلەش ئۈچۈن ماڭغانلار ما تىمىغا قاراپ قويۇڭ ...
مۇھىمى ـ نەزەرىيە ئەمەس ، ئەمەلىيەت ! بازار ــ جەڭ مەيدانىدۇر .
ئۇرۇش تېخنىكىسى بولمىغان جەڭچىنى ، جەڭگە قاتناشتۇرسا ئاسانلا ئوق يەپ
ئۆلىدۇ.
تاماق ئېتىشكە دائىر بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ قويۇپلا ، ئۆزىمىزنى
ئۇستا ئاشپەز بولۇپ كەتتىم دەپ قارىساق ئاقىلانىلىق بولمايدۇ . قانداق بولغىننى
ئېتىپ باقساق ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ . بىر ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇپ قويۇپلا
ئىگلىك تىكلەشكە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولدۇم دەپ قارىساق ، ئەمەلىيەت
جەريانىدا كىتابتىكى بىلىملەرنىڭ بىرەرىنى ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىمىزنى ياكى
ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا بىز بىلىدىغان نەرسە بولۇپ چىققانلىقىنى بايقايمىز .
تىجارەت قىلىشتا ھەممە نەرسىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىمەن دېيىش تازا مۇۋاپىق
ئەمەس. چۈنكى ، ھېچكىم سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئۆزىڭىزدەك كۆڭۈل قۇيۇپ ،
مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلمايدۇ . ھېچكىم سىزگە ۋاكالىتەن ئۇتۇق قازنىشىپ
بەرمەيدۇ . بەلكىم بۇنداق قىلىپ ۋاقىتلىق جانباققىلى بولار ؟ ئەمما ، كۆپىنچە
خىزمەتچىلەر ساپا ـ كەسپىي بىلىم جەھەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان رەھبەرگە
ئەگىشىپ خىزمەت قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ . خالىسىمۇ پۈتۈن كۈچى
بىلەن بارلىقىنى سىزنىڭ ئىگلىكىڭىزگە تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كۈچ چىقرىشنى
خالىمايدۇ . سىز خىزمەتچىنىڭ ۋاقتىنى سېتىۋېلىپ باشقۇرالايسىز . ئەمما ئۇنىڭ
كەسىپكە بولغان مۇھەبببەت قىزغىنلىقىنى سېتۋالالمايسىز .
ئۆزىدە ئىشەنىچ ، كەسىپكە بولغان قىزغىنلىق ، چۈشەنىچ بىلىم ، رەھبەرلىك
ھەمكارلىق مەسئۇلىيەتچانلىق ، ئىېرادە ، تېرىشچانلىق ، ئىزدىنىش، توغرا نۇپۇز ـ
ھوقۇق تىكلەپ قول ئاستىدىكىلەرنى توغرا يىتەكلەپ ، ئىلھاملاندۇرالايدىغان ھاكازالار...
روھى بولۇش شەرىت...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 12:31 AM