مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9984|ئىنكاس: 98

يېڭى بۇرۇت ماجراسى(مەمتىمىن ھوشۇرغا)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27359
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 07:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى بۇرۇت ماجراسى

(ھېكايە)


ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق،تېرىك مەنىۋىي بايلىقىمىز بولغان يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تەنلىرىڭىز سالامەت تۇرىۋاتقاندۇ؟سالامەتلا بولسىڭىز،شۇ بىزنىڭ زور بەختىمىز.گەپنىڭ پوسكاللىسىغىلا كېلەي ھە؟
ئەي،ھۆرمەتلىك يازغۇچى ئەپەندىم.ئەينى ۋاقىتتا نېمىشقىمۇ ئىلھامىڭىز بۇرۇتنى تارتىپ قالغان بولغىيدى؟ئاڭلىسام سىزنىڭ بىر قەلىمىڭىز بار ئىكەن،سىز ئۇخلاپ قالسىڭىزمۇ يېزىۋېرىمىش.بىز دىخان خەقنىلا يازىدۇ دىسە ئۇ قەلەم،ئالامەت.ئەگەر ئۇ قەلىمىڭىز بولمىغاندا بىر كىتابنى ئوپمۇئوخشاش نەچچە ئونمىڭ پارچە قىلىپ قاچاندىمۇ يېزىپ بولاتتىڭىز ھە؟خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى،سىز بىر نەرسە يېزىپ،بىزدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تەشنالىقىنى قاندۇرمىغىلى.بەلكىم ھېلىقى سىز ئۇخلىغاندىمۇ ئىشلەيدىغان قەلىمىڭىزنىڭ باتارىيسى تۈگەپ قېلىپ شۇنداق بولدىمىكىن-تاڭ؟ياقەي،مېنىڭچە جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم،قىلما دىگەننى قىلىدىغان،ئاچچىق كىنايىلىرىڭىزنى"قىلىدىغان قىلىق ئوخشايدۇ"دەپ ئۆزىگە يېڭىلىق قىلىۋالغان كىشىلىرىمىز سىزنى يېزىشتىن توختىتىپ ئويلاندۇرۇپ قويغاندۇر.سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ ئىس-پىسى يەتكەنلا يەردە شۇنداق كىشىلەر "ئىنقىلاب"نى باشلايدىغۇ زادى.ھەي،نادانلىق.ئاڭلىسام سىز "قىرلىق ئىستاكان"نى يازغاندىن بېرى يۇقارقى يېزىدا ھاراقلا ئەمەس،چاي ئىچسىمۇ قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىدىغان،ھەتتا ئىتىغىمۇ "قىرلىق تەڭنە"دە تاماق بېرىدىغانلار ئاۋۇپ قاپتۇمىش."داپ"دېگەن ئەسىرىڭىزكىنو بولۇپ شۇنداقلا تارقىلىۋىدى،ھەممە دېگۈدەك خۇشاللىقىدا چالا-بۇلا كۆرۈپلا"داپ"سودىسىغا تۇتۇش قىلىشىپ،يېزىمىزدىكى ئات-ئۇلاغلار قەتلىئامغا دۇچار بولۇشۇپ تېرىسىدىن داپ كېرىلىپ ئەينى چاغدا داپ ئالىمىز دېگەن شەلىكلەر داپنى ئالماي، ھەممىسى دېگۈدەك زىيىنىغا سېتىلىپ،پايدا قىپ قالارمىكىن دەپ بەزىلەرنىڭ قىلمىغان ئامالى قالماي،ھەتتا داپ كەرمىگەن توخۇ-مۈشۈكلەرنىڭ تېرىسىمۇ قالمىغانىدى.نېمە ئامال دەيسىز،ئاڭلىسام شەلىكلەر ئۆزىنىڭ دېپىدىن بەكرەك،"خەقنىڭ دېپى"غائۇسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمىش،شۇڭا ئالغۇسى كەلمىگەندۇر بەلكىم.كونىلار "ئۆتمەس ماتا،زورلاپ ساتا"دەپتىكەن،داپ ماتا بوپ قالغان چېغى،بىكارغا بېرەي دېسىمۇ ئالمىغانلارنى كۆرگەنلەر بارمىش بىزنىڭ يېزىدا."چار خوراز"نى يېزىۋېدىڭىز،شەھەردىن "خوراز تۇخۇمى"ئىزدەيدىغانلار يېزىمىزنى ئاۋات قىلىۋەتتى دەڭە.ھاھاھا،ئاڭلىسام دۆڭ ئۆستەڭدىكى قۇربان سۆگەتنىڭ ئوغلى شۇنداق تۇخۇمدىن بىرنى بىلمەي كۈچلەندۈرىدۇ دەپ ئاللىقانداق قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى بىلەن خام ئىچىپ قويۇپ يېزىدىكى ياش يىگىتلەرگە قاش ئاتىدىغان بولۇپ قاپتۇدەك.ساق ۋاقتىدا يېزىنىڭ قىزلىرىغا تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىپ سېسىق نامى  پۇر كەتكەن ھاڭگا ئىدى بولمىسا.نېمە قىلاركىن شەلىكلەر شۇنداق تۇخۇمنى تالىشىپ؟يا ھېلىقى چەتەلنىڭ كىنولىرىدەك خەقنى قەسلەمدۇ قانداق..."ساراڭ"نى يېزىۋېدىڭىز،بار ئەسكىلىكنى قىلىپ،خەقنى قاقتى-سوقتى قىلىشىپ،ۋاقتى كەلگەندە "ساراڭ"دەپ دىئاگنوزنى كۆتۈرىۋېلىپ،بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ساقىيىۋالىدىغان"ساراڭ"لار بىزنىڭ يېزىمىزدىلا كۆرۈنگەنىدى.بىزنىڭ يېزىدىكى دوختۇرلار ھەتتا بۇ كېسەلگە"ئۆتكەل سارىڭى"دەپ يېڭى ئىسىملارنىمۇ قويۇپ بولۇشقانىدى."ئاشخانىدا"دىگەن ئەسىرىڭىز يېزىغا تارقىلىۋېدى،ئاشخانا ئېچىشقانلار"باشلىق تۈگۈل،شودۈيجاڭنىڭ جەمەتىگىمۇ تاماق ھەقسىز بولاپ كېتىپ قالدى!ئۇخەق ئۆزىنى سوراشمايدىكەن،تاس قالىدۇ بالامنىڭ سىنىپ باشلىقىمۇ بىكارلىق تاماق يەپ چىكەتكىلى!"دەپ قاقشاپ كېتىشكەنىدى."بۇرۇت ماجراسى"نى يازغانىدىڭىز،"ئاللا كارامەت،نېمە ئىشلار چىقار؟"دەپ قالغانىدىم.شۇ بۇرۇت يېزىلغاندىن بېرى بىلىشىمچە يىراق-يېقىن يېزىلاردا بىرەر قېتىمدىن بۇرۇت ئىنقىلابى قوزغىلىپ،بىزنىڭ يېزا جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.پالانى يېزىدا بۇرۇتى بارنى ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىپتۇ دېسە،پۇستانى يېزىدا بۇرۇت قويغاننى قويغا دۈم باغلاپ جاڭگالغا چاپتۇرىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىشىپ،شۆلگەيلىرىمىزنى ئاقتۇرۇپ ياقىلىرىمىزنى چىشلىشىپ"خۇدا ساقلىسۇن!ياقىمز يۆل بولسىمۇ بولسۇن،شۇ بالا بىزگە كەلمىسۇن!توۋا..."دېيىشىپ كەتكەنىدۇق.كىم بىلسۇن يېزىمىزغا يېڭىدىن باشلىق بولغان قادىروف(قا شۇجى دىسەك ئۇنىمايدۇ،ئاڭلىساق قادىروفنىڭ شەھەردە تۇرىۋاتقان تۇغقانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەپتىكەن،شۇڭا بىزمۇ ئۇنى تۇغقانلىرى قاتارىدا ھۆرمەتلەپ شۇنداق چاقىرىشىمىز كېرەكمىش.)پۈتكۈل ناھىيەگە پۇر كەتكەن"قادىروف ئىسلاھاتى"نى باشلاپ كەتتى.قادىروفنىڭ يېڭىلا كەلگەن ۋاقىتلىرىدا شۇنداق يوغان،كېلىشكەن يۆگىمەچ شاپ بۇرۇتى بار بولۇپ،ئاڭلىساق بىر قېتىم قادىروفنىڭ ئۆيىگە ئايدىڭدا بىر ئوغرى چۈشۈپتىمىش،شەپىنى ئاڭلىغان قادىروف كالتەكنى تۇتۇپ ئوغرىنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تازا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالاي دەپ تۇرىشىغا ،كەينىدىن كېلىۋاتقان سايىنى كۆرگەن ئوغرى قادىروفنىڭ شاپ بۇرۇتىنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ رىۋايەتلەردىكى مۈڭگۈزلۈك شەيتانمىكىن دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلغان پېتى قورقۇپ كېتىپ كالتەكمۇ تەگمەستىلا  ھۇشىدىن كېتىۋاپتىكەنتۇق...ئالامەت بۇرۇت ئىدى دېمىسىمۇ.ھەتتا ئىچكىردىن كېلىپ بىزگە باشلىق بولغان ۋاڭ شۇجىمۇ ئۇنىڭ بۇرۇتىغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.قادىروف بار يىغىنلاردا ۋاڭ شۇجى پات-پاتلا  شاپ بۇرۇتنى تىلغا ئېلىپ  :
-بۇ كادېلوفۇنىڭ بۇرۇتىدەك كېلىشىكەن بۇرۇتې يوك...پاھ...پاھ...پاھ-دەپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدىغان.
-ھې ھې ھې،-قادىروف سەت ھېجىيىپلا تۇراتتى،-رەھمەت،رەھمەت...مەن تېخى كەستۈرىۋېتەيمىكىن دېگەن... مۇشۇ سىياسەتتە بۇرۇت قويساق تازا بولماسمىكىن...ھې ھې...
-كەسسەك بومايدۇ!-ۋاڭ شۇجى ئاچچىقلايتتى،-چىم دەيدا بۇرۇت سىياسىگە تاكىشىدۇ دەپ...كاستېلو،سدالىننىڭمۇ ساكال بۇرۇتى با جۇما!ياراشسا كەسمەيدۇ!كەسە بومايدۇ...
-خوش،خوش شۇجى،كەسمەي،سىلىگىلا يارىسا شۇنداق ئاسرايمەنكى بۇ بۇرۇتنى...-قادىروف قىلغىلى قىلىق تاپالماي،بوۋاقلاردەك تىپىرلاپ كېتەتتى ياكى بېلىنى يۇقارقى ئۆستەڭدىكى قېرى مەجنۇنتالدەك ئېگىپ شاپ بۇرۇتىنى يەرگە سۇۋايتتى.  
ھە راست،يازغۇچى ئەپەندىم"كىمكىن بۇ مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان؟" دەپ قالدىڭىز ھەقاچان.مەن شۇ بىر ئادەتتىكى،قاپقارا دېھقان مەن.بەلكىم دىيارىمىزدىكى ھەممىدىن بىلىمسىز،ئەقىلسىز،قارا قورساقلا بىر دېھقان.ھازىر ھەممە دېھقانلار قايسى نەرسىنى قانداق تېرىسا مەھسۇلاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىشىدۇ.مېنى دەمسىز؟مەن شۇ ئۆتكەن يىلى بۇغداي ساتقان پۇلۇمغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىق قىلىمەن،"يازغۇچى" دېھقان مەن،ھې ھې ھې ھې...دېھقانچىلىققا خوتۇن-بالام بار شۇ،يېتىشىدۇ!پىشىدۇ،چېنىقىدۇ بالا-چاقام.ئاڭلىسام شەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى ئورۇقلايمەن دەپ يۈگرەپ-چېپىشىپ،ئەرلىرى گۆشۈمنى چىڭىتىمەن دەپ ئەسكى تۆمۈر-تەسەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرىشىدىكەن.مانا خوتۇن-بالامچۇ،خۇدانىڭ كۈنىدە كەتمەن چېپىپ،خوتۇن جىندەك،بالىلار بەردەم،قورسىقى تويماي يۈرىشىدۇ.دېقان بولماقمۇ ئاسان دېيىشىدۇ بەزىلەر. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆتكەللىرى بولىدىكەن،مۇنبەت يەر-زېمىننىڭ تەشتەككە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك. تېرىمىسا تېخى،ئورىمىسا تېخى،ساتمىسا تېخى،مەجبۇرىي ،ھېلىقى شەلىكلەرنىڭ گېپى بويىچە"داجې قىلغان" ئوغۇت ئالمىسا تېخى،ئۆينى باقمىسا تېخى.ئەمدى قوشۇلۇپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىنى تېرىپ،سېتىلماي قەرزگە بوغۇلمىسا تېخى.ھەممە ئادەم ئوپمۇ ئوخشاش دۇتارنى كۆتۈرىۋېلىپ چالسا مۇڭى بولامدۇ دەيسىز...ئەينى ۋاقىتتا دادام مېنى ساپالىق بىر دېھقان بولامدىكىن دەپ شەدە ئوقىتىپ قوياپتىكەن.نەدىكىنى،ساپالىق دېھقان ئەمەس،غەمكىن خىيالغا پېتىپ،ئۈستەل ئالدىدا يۇمشاق چۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان سافالىق دېھقان بولدۇم مانا.تېخى شۇ سافانىمۇ نەچچە يىل بۇرۇن ئۆيلەپ قويغان چوڭ ئوغلۇم دېھقانچىلىقتىن قىلغان كىرىمىغا ئۆتكەن يىل دادام ئىككىمىزگە بىر جۈپ ئېپ بەرگەن،ۋاپالىق گۇي بولدى بۇ!خەق بىلىمىنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىكەن،مەندە شۇنىڭغىمۇ ئىشلەتكىدەك بىلىم يوق،مۇشۇنداق توختىماي بىر نەرسىلەرنى يازىمەن.مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى ئاۋام ئارىلاپ كۆرگىنىنى،بىلگىنىنى يازسا،مەن ئېتىز ئارىلاپ ئىلھامىم نېمىنى تارتسا شۇنى يازىمەن.بەلكىم يازغۇچىمىزنىڭ بۇرۇت ئىلھامىمۇ شۇنداق كەلگەن چېغى.يازغۇچىمىز ھەقچان چەكمەيدۇ ھە؟لېكىن مەن بىرنەرسە يازغۇچە ئولتۇرۇپ ئالامەت چېكىۋېتىمەن جۇمۇڭ موخۇركا دىگەننى.چەكمىگەنغۇ ياخشىتى،لېكىن بۇ يېزىمىزنىڭ تاماكىسى شەلىكلەرنىڭ قەغەزگە تاماكىدىن باشقا مازنىمۇ ئوراپ چېكىدىغان تاماكىسىدىن ياخشى.تاشلاي دەيمەن،لېكىن چەكمىسەم ئىلھام كەلمەمدۇ تاڭ،ھېچنىمە يازالمايمەن.يېقىندىن بېرى مەھەللىمىزدىكى تاماكىپۇرۇش  كېرەم قاشاڭ تاماكىسىغا توپىنى جىق ئارىلاشتۇرىۋېتىپ چەككۈسىز قىلىۋەتتى،ئاڭلىسام چەتئەللىكلەر تاماكىنى زىيانلىق دېيىشىپ،ۋايساپ تۇرۇپ چېكىشىدىكەن،ھەقچان يا پۇلىغا چىداشماي،يا چەككەنگە چىداشماي ۋايسىشىدىغاندۇ ھە؟بىز مانا قاقشىماي چېكىمىز،ئەركەكنىڭ ئىشىمۇ ئۇ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ قاقشايدىغان،توۋا.زېرىككىچە چېكەي ئەمدى.بەلكىم يەنە ۋاڭ شۇجىدەك خەلقپەرۋەر باشلىقتىن بىرى كېلىپ،ئۆز ئالدىغان قانۇن چىقىرىۋالىدىغانلار يوق بولغاندا تاشلارمەن...ۋاقتىڭىزنى بەك ئېلىۋەتمىگەندىمەن ھە يازغۇچى ئەپەندىم؟كىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بولسىڭىز ساۋاب بوپ قالار.قىرلىق ئىستاكاندا بىردىن تىكلىۋېلىپ ئولتۇرغان بولساققۇ،ئايىماي سۆزلەيتتىم.لېكىن ئېغىزىمىزغا ھەرگىز ئالمايلى ئاشۇ نەرسىنى.ھەر ئىككىلىمىزگە ئۇسلۇب كېرەك ئەمەسقۇ؟سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز خەلققە ئايان،سىزگە ئۇسلۇب كەتمەس...ئەمما،نەق مېنىڭ يۈرىكىمدىكىنىلا يازىسىز جۇما!ھە،مېنىڭ ئۇسلۇبۇم مانا ھېچ بولمىغاندا خوتۇن بالامغا ئايان،كەتمەننى داتلاشتۇرۇپ قويۇپ مۇشۇنداق "ئەسەر يازىدىغان دېھقان" مەن.
ئەمدى،گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەكچۇ ئەپەندىم،ئۆتكەندە قايسى بىر گېزىتتىن ياپونىيەلىكلەرنى "يېڭى بىر خىل كېسەل تېپىپ چىقىپتۇ"دەپ كۆردۈم.ئۇ كېسەلنى"سەنئەت كېسىلى"دەيدىكەن.قانداق كېسەلكەن دېسىڭىز،مەيلى سەنئەت،ئەدەبىيات، ۋەياكى باشقا تۈردىكى خىلمۇخىل ئەسەرلەر ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئىشلەنگەن بولسا قاراڭ،ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن،تاماشىبىن،ئاڭلىغۇچى،ئىشقىلىپ ئىستىمال قىلغۇچىدا بىر خىل ھاياجان تۇيغۇسىنى قوزغاپ،ھۇشىدىن كېتىش،يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش،ئەقلىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.سىزنىڭ بۇرۇت ماجرايىڭىز دەل مۇشۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى دەيمەن...بۇگەپلەرنى قويۇپ تۇراي،ئەمدى ھېكايىنى مەندىن ئاڭلاڭ،ئەگەر يېقىپ قالسا...ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىلا ئېلان قىلىۋېتەرسىز ھە؟ھاھاھا...
ۋاڭ شۇجى كېتىپ بىرقانچەكۈندىن كېيىنلا"قادىروف ئىسلاھاتى"باشلاندى.قادىروفنىڭ ئۆيىگە ئېسىۋالغان"پېتىر1-نىڭ ساقىلىنى كەستۈرىشى"ناملىق چارپادىشاھ پېتىر1-نىڭ ئۆز ساقال-بۇرۇتىنى كەستۈرۈپ،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ،كىم ساقال-بۇرۇت قويسا باج تۆلەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن،قادىروف يېزا بازىرىدىكى پۇيىنخانىدا رەڭسىز باستۇرىۋالغان ھەجىۋىي رەسىم ئېلىپ كېلىنىپ يېزا ئىشخانىسىغا ئېسىلدى،شۇنداقلا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى يىغىنغا پۈتۈن يېزا،كەنت،دادۈي-شودۈي رەھبەرلىرى،  ئاقساقاللىرى،ئىمام-مەزىنلىرى توۋلانغاندىن باشقا،ئالاھىدە شەھەردىن بىر ساتىراچ ئۇستام چاقىرتىلىپ قادىروف خەلقىئالەم ئالدىدا ئۆز بۇرۇتىنى كەستۈرۈپ ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باشلىدى.يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوروسىدا ئۆتكۈزۈلگەن "بۇرۇت كېسىش مۇراسىمى"دىن كېيىن قادىروفنى كۈندە يېزىنىڭ ھەرقايسى كەنت-مەھەللىلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى.ئاڭلىسام خەلق ئارسىغا چوڭقۇر شۇڭغۇپ چۆكۈپ،ئۆز ئىسلاھاتىنى مەركەزنىڭ پەرمانلىرىغا ماسلاشتۇرغان ئاساستا خەلقنىڭ ئىددىيسىگە سىڭدۈرىۋاتقۇدەكمىش.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قادىروف بارغان ھەربىر كەنت-مەھەللىدە"نۇتۇق"سۆزلەپ،نەگىلا بارسا قولتۇقىغا قىستۇرىۋالىدىغان "بۇرۇت ماجراسى"ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىكى شۇناملىق ھېكايىدىن نەقىل قىلىپ"بۇرۇتنىڭ خەلقنى بالايىئاپەتكە باشلايدىغانلىقى"توغرىسىدا تەلىم-تەربىيە بېرىۋېتىپتۇدەك...
تۈنۈگۈن قاق چۈشتە ئاران تەسلىكتە خوتۇن-بالىلارنى قوناقلىققا چىقىرىۋېتىپ ئىلھام ئىزدەپ ئولتۇرغاندا"گوم!گوم!"قىلىپ قاتتىق ئۇرۇلغان چوڭ دەرۋازىنىڭ ئاۋازىدىن  ئەمدىلا كېلەي دىگەن ئىلھام قاياقلارغىدۇر يول ئالدى.كېيىن ئويلىسام ئۇدۇل جەھەننەمگىلا كەتكەن چېغى،شۇ ئىلھام تا ھازىرغىچە كەپ باققىنى يوق..."گوم!گوم!"...
-ۋاي مانا!چىم سەن؟!چوڭ دادىسىنىڭ دەرۋازىسىنى قاققاندەك قېقىپ...-غودۇرىغىنىمچە ئىشكنى ئاچتىم.
-سالامۇلەيكۇم!ئىمىناجىكا...ھې ھې ھې،چوڭ دادامنىڭ ئىشكىنى بۇندا قاقمايمەن،شۇ سىلىنى ئۆز كۆرەپ شۇ...
-سىلىمىتىڭلا قادىروف،چىرىڭلا ئۆيگە،بىر چىرىپ بەسىلە،-ئۆيگە باشلىغاچ دېيىشىمنىڭ زۆرۆرىيتى بولمىغان سەۋەبلەرنى سۆزلەپ،-مەن تېخى ياندىكى ناۋايخانىنىڭ قۇلاق كەستىلىرىمىكىن دەپتىمەن،تۇربىسىنى بۇزىۋېلىپ كەچكىچە خەقنىڭ ئۆيىگە سۇغا چىگەن شاۋۇچى گۇيلا...ئىمىناخۇن يا ئىمىنجىنكا دېسىلە،مەن ھاجىم بولاش تۈگۈل ئاۋۇ شەگە چىگەندىمۇ ھېيتگاھقا ساناقلىق 4 قېتىم جۈمەگە باغان...
-ھې ھې ھې،چاقچاققىمۇ ئۇستا جۇما سىلە،-دەپ ئوڭ-سولغا ئېغاڭشىپ قويۇپ رۇس ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن سۆزلىدى،-كېلىشتىن مەقسەت ئەمدى،بايا ئېتىزلىرىغا باغانتىم...
-چايغا كەسىلە...ھە،باغانتىلە...
-باسام خوتۇن بالىلىرى ئىشلەۋېتىپتۇ...
-نەگە؟!قوناقلىققا با دېسەم نەگە كېتىشتى...
-چىك...ئاي...ئىمناجىكا،ئوخشاش ئېتىز دەيمىز بىز كادىرلاقوناقلىقمۇ،ئېتىزلىقمۇ،ئۇ مۇھىم ئەمەس...
-ھە،مېغىزىنى دىسىلە،ئېتىزىم ماقۇل...نىمە بوپتۇ؟
-بىزنىڭ يېڭى ئىسلاھاتتىن خەۋەلىرى با ھەقاچان؟
-قادىروف ئىسلاھاتىدىنما؟بوممامتىكى!
-ساقال-بۇرۇتنى كەستۈرۈپ زامانىۋىلىشىشقا زاكون چىقارغانتۇق،سىلى بىلىلابىزنىڭلا يېزا ئەمەس،يەنە ئەتراپتىكى بېقىندى كەنت-مەھەللىلەرگىچە ئومۇملاشقان ...لېكىن...سىلىنىڭ ئائىلىدىن مەسىلە چىقىپتۇ...
-توۋا بى دىسىلە ئۇكام،توۋا دىسىلە!مەركەزنىڭ قانۇنىغا چىپپىدە ماسلاشتۇردۇم دەپ بىر قائىدە چىقارغانتىلە،ئۇنىسى ماڭا قۇلقىمدىن قانچىسى بارلىقىدەك ئېپئېنىق!شۇ سىلىگە تەتۈر ماڭمايلى دەپ قايلىسىلا ئۇكام،خوتۇندىن باشقا ھەممەيلەن چاچ-پاچنى چۈشۈرۈپ كوزىدەكلا بولدۇق.تېخى ئاۋۇ چوڭ بالام سىلىنىڭ نەخمەيدان نۇتۇقنى ئاڭلاپتىكەن،تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ،ئۇدۇل ئۆيگە كەلگەن پېتى كىچىك بالامنى سىياسەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ،قاش-كىرپىكتىن تارتىپ يوق قىلىپ تۇزلۇق قاپاققىلا ئوخشىتىپ قوياپتۇ قايلىسىلابولسامۇكاپاتلىسىاڭلار بولىتى بىزنىڭ ئائىلىنى 2 مو يەر بىلەن...-يوق يەردىن پۇتاق چىقىرالايدىغان بۇ ئادەمنى يېزىدىكى ھەممە كىشى ئوبدانلا بىلەتتى.
-ھې ھې ھې ھې،ئۇ ئادەمدىكى گەپ ئەمەس ئىمىناجىكا،شۇ قوناقلىققا بادىم دېدىمغۇ؟
-دىسىلە ئايىغىنى ھە...
-شۇ قوناقلىرىنىڭ ھەممىسدە ساقال تۇرىدۇ...
-ئاللا كارامەت!نىم دىمەكچى؟!-بۇ يولسىزلىققا پەقەتلا چىدىمىدىم،دېھقان بولغىنىم بىلەن دەپ ئۆتتۈمغۇ،ئوقۇغان دېھقان مەن،-ھەممە ئىش يولىدا بولغىنى ياخشىمىكىن!قوناق دىگەننىڭ باغۇ،شۇندا كۇڭزىدەك ساقىلى بوممىسا ،سىلىگە ئوخشاش ئىككى يىل باشلىق بولاپ سەمىرىپ ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىنىڭ ئىچىنى تازلايدىغانغا دورا يوق بولاپ قالىدۇ.ئېۋۇ،يېزا بازىرىدىكى تەۋەككۇلاخۇن تىۋىپتىن سوراپ باقسىلا،قوناق ساقىلى سىلىدەك سېمىز خەقنىڭ مېيىنى كېسىمىش...
-نېمانداق قىلىلا ئىمىنجىنىكا؟!!ئەدەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دەپتىكەن جۇما؟!نېمە گەپ قىممىسام،قىلسىلىرىمۇ قىلىلا،قىممىسىلىرىمۇ قىلىلا!قانۇن بۇ!ژۇلاملا،ژۇلماملا يېڭى تۈزۈمدە ساقال-بۇرۇتنى يوق قىلىمىز.مەيلى ئەدەم بولامۇ،قوناقمۇ،مۈشۈك،ئۆچكىمۇ!
-ئىۋۇ ئىشكنىڭ ئالدىدىكى ئېرىقتا كاسىلىرىنى ژۇيۇپ كەسىلە!دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىنىڭ نەرىدە بۇندا زاكون با؟!!،-ئۆتكەن يىلى دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن گۇڭشىدا ئېچىلغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە قانۇن توغرىلىق ئاز تولا بىرنەرسە ئۆگىنىۋالغانىدىم.مانا مۇشۇنداق چاغدا ئەسقېتىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ.
شۇكۈنى قادىروف ئورنىدىن ياۋا ئېشەكتەك چىچاڭشىپ،سەكرەپ تۇرۇپ چىقىپ كەتكەنچە بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە ئۆتۈپمۇ باقمىدى.ئاڭلىسام باشقا مەھەللىدىكىلەر بۇ ئالەمىي يارلىققا بويسۇنۇپتىمىش.بەلكىم قادىروفنىڭ كۈندە يىلىمدەك چاپلىشىۋېلىپ،تولا ۋالاقلاشلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلايلى دىگەندۇر.خەقلەر ئۆزىنىڭ بۇرۇت-ساقىلىنى،ئات-ئېشەكلىرىنىڭ يايلا-قۇيرۇقلىرىنى كەستۈرۈپ،زادى تۈكلۈك نەرسىنىڭ ھەممىنى قىرقىتىپلا قۇتۇلۇپتىمىش.
قىش كېلىپ،دەل-دەرەخلەردىن تارتىپ ئېتىز-قىشلاققىچە تازلىشىپ ھەممە ئەركىن-ئازادە بولۇپ قېلىشقانىدى.قادىروفنىڭمۇ زۇۋانى خېلى تۇتۇلۇپ،يولسىز تەلەپلىرىگە ئۇچرىماي كەلگەنىدۇق.ئەتىيازمۇ جىممىدە مېڭىپ يازمۇ جىممىدە كىرەي دىگەندە قادىروف يېزىلىق ھۆكۈمەتكە پۈتۈن يېزىنىڭ كىچىك-چوڭ،پىششىق-توڭلىرىنى يىغىنغا چاقىرتىپتۇ.باردۇق،بارماسلىققا كىمنىڭ ئامالى دەيسىز؟بارمىساق قاراپ تۇرۇپ توكنى كېسىۋەتكەن،سۇنى توختاتقان،چاي ئىچمىسەك تېخى،باللا تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىسە تېخى...سەۋىتنىڭ پايتەختىدە مىترودا دەيدۇ،مىترو دىگەن رەخنىڭ ئىسمى بولىدىغان...ئشقىلىپ يەرئاستى ئايدۇرۇمدا،پويىزىدا دەمدۇ،بومبا پارتىلىتىپدۇدەك.بۇنى قادىروفنىڭ شەھەردىكى سەۋىتلىك تۇغقانلىرى دەپ بېرىپتۇ،ئۇلارنىڭ باللىرى سەۋىتتە ئوقىيدىكەن،ھازىر روس ساقچىلار قارا چاچلىقلاردىن گۇمان قىلىپ،نەدە قارا چاچلىق،ساقال-بۇرۇت قويىۋالغانلارنى كۆرسىلا توساپ،سەت قاراپ،تەكشۈرۈپ يۈرىيدىكەنمىش."قادىروف ئىسلاھاتى"دىن  كېلىپ چىققان بۇرۇت ماجراسى ئەمدىلا خېلى بېسىقىۋىدى، بۇ ئىش بىلەن تەڭلا قادىروف يەنە جىددىي ھالەتكە ئۆتتى.چاچ،ساقال-بۇرۇت،ھەممە نەرسە تەڭلا چۈشۈرۈلدى.ئاياللارغا  چاچ بويايدىغان بوياقلار بۇيرۇپ سېتىلدى.ئەلۋەتتە،ھەممىسى شەھەردىن كەلتۈرۈلگەن"داجې"قىلغان بوياقلارمىش.قادىروفنىڭ دېيىشىچە بىزنىڭ چېچىمىزمۇ قارا ئىكەن،بىزمۇ شۇ خەققە ئوخشاپ قالىدىكەنمىز.بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدىكەن.بوپتۇ...دېھقان خەق بولغاندىن كېيىن ئاخىرغىچە باشلىقنىڭ گېپىنى  ئاڭلايلى دېيىشتۇق.ئاڭلىسامغۇ شەھەر جىمجىتمىش،چۈنكى ئۇ يەر بىلەن بۇيەرنىڭ ئارىلىقى خېلى باركەن،مۇناسىۋىتىمۇ يوقكەن.شۇ دادام كۆرمىگەن،ئانام كۆرمىگەن چەت بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە يۈز بەرگەن شۇ ۋەقەنىڭ بىز دىخان خەقلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باركىنتاڭ،ئىشقىلىپ قادىروف يېزىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغىمۇ قاتتىق كۆڭۈل بۆلدى.ھەر دوقمۇشتا تۆتتىن دېھقان قاراۋۇللار ئېشەك ھارۋىسىدىن تارتىپ ھارۋىنى سۆرەۋاتقان ئېشەكنىڭ كاسىسىغىچە قايرىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشتۇق.قادىروفنىڭ دېيىشىچە زوراۋانلار ھەر ئاماللار بىلەن ئەسكىلىكنى قىلالايدىكەنمىش.شەھەردىن يېزا تەرەپكە ئۆتكەنلەر بولسا يېزىمىزغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارايتتى.يېزىدىكىلەر سىرىتتىكىلەر بىرەر بۇرۇتلۇقنى كۆرۈپ قالسا ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغاندەك ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كېتىشەتتى.بوپتۇ،كۆنۈپمۇ قالدۇق،كۆنمەي ئامال يوق.قادىروفنىڭ دېيىشىچە"بۇرۇت ماجراسى"نىڭ ئاستىغا نۇرغۇن شەكشۈبھىسىز،ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك توغرا بېشارەتلەر يوشۇرۇنغان ئىمىش.غەرىبلىكلەر ئىنجىلنى دەل مۇشۇنداق چۈشىنىپ،گەپنىڭ تېگىدىكى گەپلەرنىڭ ماھىيتىنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلالاپتىكەنمىش.ئەگەر بىزمۇ ئاز-تولا كاللا ئىشلىتىپ بىرقانچە يىل بۇرۇت تەتقىقاتىغا كىرىشسەكلا،يېزىمىزنى بېيىتقىلى،بىزنىڭ مۇشۇ قارا سەھرادىمۇ يېڭى ئەۋلاد ئالىملارنى تەربىيلەپ چىققىلى بولارمىش.ئاڭلىسام غەربتە بىر نوبىل دەيدىغان مۇكاپات باركەن.ئۇ مۇكاپاتنى دەل مۇشۇنداق ئۆزگىچە،ئالاھىدە،ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان تەتقىقاتلارنىڭ  ئىگىلىرىگە بېرەرمىش.يېزىدىكىلەر:
-تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن.بوپتۇلا،كىم بىزنى باشلىق بولغۇدەك تېرىشمىسۇن دەپتىكەن.باشلىق بولالمىغاندىن كېيىن،باشلىق بولغاننىڭ گېپىنى بولسىمۇ ئاڭلايلى،- دېيىشىپ جىملا بولۇشتۇق.مەن ئازراق قارشى چىقسام،خەق ماڭا سەت قارىشىدىكەن،تىللىشىدىكەن.مەنمۇ غىت قىسىپ،ھىكايەمنى خاتىرجەم يېزىپ،مۇشۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىدا تېنچ-ئامان ياشاپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدىم.شۇنداقتىمۇ ئىچىمگە بىر نەرسە پاتماي قاينايدۇ،دەۋالاي.
مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى،سىزنىڭ ھېكايىڭىزنىڭ تەسىرىدە يېزىمىزدا دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھ،ھايۋانات،ئىنسان،ھەممىسىدە دېگۈدەك،تۈك ئىسىملىك نەرسە قالمىدى.قادىروفنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن ئامالسىز"بۇرۇت"دىگەن سۆزنى ئەسلى لۇغەت مەنىسىدە ئەمەس،ھازىرقىدەك"كېرەكسىز،قالدۇرۇشقا بولمايدىغان تۈك"دەپ ئىستىمال قىپ كەتتۇق.قادىروف سىزنىڭ بېشارەتلىرىڭىزنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچراپ يېزىمىزنى باشقا بىر پېلانتقا ئايلاندۇرۇپلا قويدى...ئالدىنقى كۈنى چۈشۈمدە خوتۇن گېلىمغا پىچاق تەڭلەپ "ئېرىنى ئۆلتۈرمىگەننى  ھاشارغا چىقىرىدىكەن،بوغۇزلىمىغاننى تېرىك كۆمىدىكەن!كەچۈرسىلە"دەپ بىردەم يىغلاپ،بىردەم قوغلاپ يۈرگىدەكمىش.قوشنىلار"ياتسىلا ئىمىناخۇن!خوتۇننىڭ پىچىقىغا باش ئەگمىسەك سەت تۇرامىكى!ئەر كىشىدەك قىلىق قىسىلا!"دەپ ۋارقىرايمىش.قادىروف مەھەللىنىڭ كەينىدىكى دۆڭلۈكنىڭ چوققىسىغا چىقىۋېلىپ،ئوڭ قولىدىكى بىر تۇتام بۇرۇتنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىپ،سول قولىدا بېلىنى تېرىۋېلىپ"ئىنقىلاب"دەپ ۋارقىرايمىش...ئويلىساملا سۈر باسىدۇ.ئېتىزغا ماڭغۇچە سايەمدىن،تاماق يېگۈچە قاچا سۇنغان خوتۇندىن،ھەتتا ئۆينىڭ كەينىگە ھاجەتكە ئۆتكەندىمۇ ئۆزۈمنىڭ قويغان يېلىدىن ھۈركۈپ شۇ ئېسىمگە كېلىپ قارا تەرلەپ قالىمەن.تېخى بۈگۈن ئەتىگەن كۆرگەن گېزىتتە دېيىشىچە سەۋىتتە"تاقىرباشلارپارتىيسى"ئىش تېرىپتىمىش.تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.ئەتىگەن ھاشارغا ماڭغۇچە قادىروف ھەممىمىزگە ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق قاراپ كەتتى،قولىدىكى گېزىتنى كۆرۈپ "ئاپلا"دەپلا قالدىم.نېمىشقا دەمسىز؟ھەممىزمى تۈكسىز،تاقىر تۇرساق...ئالدىمىزدا يەنە نېمە قىسمەتلەر باركىن؟
ئەينى ۋاقىتتا"جان ماجراسى"دەپلا يازغان بولسىڭىزچۇ مەمتىمىن  ئەپەندىم؟!!!سىزگە دۆڭگىمەي كىمگە دۆڭگەيتتىم؟!شۇ بىزخەق قىلىدىغان بار ئەسكىلىك،يامان قىلىقلارنى قىلىپ بولۇپ"شەيتان ئازدۇرۇپتۇ"دەپ شەيتانغا دۆڭگەيدىغان خەق بولغاندىكىن...
2010-يىلى24-ماي،ۋلادىمىر.

قەيەرگىلا يۆتكىسىڭىز ئىككى ئېغىزلا بولغان ئاپتۇر نامى"ئۇيغۇرشاھ"دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ!تەشەككۈر!  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 07:58 PM  


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qartekin + 100
katran + 101 ماختاشقا تېگىشلىك
atlancaravan + 100 بەك ئىسل ئەسەر بوپتۇ،.
Dakyanos + 157 ئىسىل!
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
biparwa0997 + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
YAZR + 99 ئوغۇلبالىدەك تېما !!!
ئايچىن + 100 ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1257   باھا خاتىرىسى

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1359
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 09:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھا ، ۋاي نىمانچە قىززىقارلىق بۇ ئەسەر !
قىززىقارلىق  ئەمما ئاچچىق كىنايە يۇشۇرۇنغان... ،  ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكە بولسون!!

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3938
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5325
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 09:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس، ئۇزاق بوپ كەتتى ، مەمتىمىن كامنىڭ يىڭى ئەسىرنى ئوقۇپ باقمىغىلى!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1689
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17835
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 09:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كىنو  قىلىپ  ئىشلىسە  دەھشەت قىزىقارلىق  چىققۇدەك

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2104
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 863 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 09:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل چىقىپتۇ بۇ ئەسىرىڭىز...

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77785
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2012-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ناھايىتى ئۆتكۈركەن .مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ،ئېسىل يېزىپسىز .مەمتىمىن ھوشۇردەكلا .  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،خۇدايىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق كىنايە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74207
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇنبەرلەردە ئىنكاسنى بەك ئاز يازاتتىم . مۇشۇ  تېمىڭىزنى كۆرۈپ بىر ئىنكاس يېزىپ قويغۇم كەلدى.  ئىسىل يېزىپسىز. ئەكىس ئەتتۇرمەكچى بولغان مەزمۇننى خېلى جايىدا بەدئى دىت بىلەن ئىپادىلەپسىز .

   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

سۇ‹‹ھۈممە››

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي  ئاللا بۇنداق ئەسەردىن  يەنە بىرنى كۈرۈشكە نىسىپ بولغۇنىدىن  بەكلا  خوشال بولدۇم،راسلا  تالانتىڭىز باكەن جۇمۇ،مەمتىمىنكام كۈرۈپ قاسىمۇ بىرۋاخ لەغمەنگە تەكلىپ قىپ،راسا بىر پاراڭلاشقۇدەك

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1935
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19633
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7470 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز ئۇيغۇرشاھ...يىزىقچىلىققا ئۇسلۇب كەتمەيدۇ،دەيسىزيۇ ماۋۇ ئۇسلۇبىڭىز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنى ئىسىمگە سىلىپ قويدى.

دىمىسىمۇ مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ يىڭى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، سىغىنىپ قالساق بۇرۇنقى يىزىپ قويغان، ئەمما، ھازىر خىلى-خىلى يازغۇچىلار يىزىپمۇ يىتىشىپ بولالمايدىغان ئىسىل ئەسەرلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئىغىزلىرىمىزنى تاتلىق قىلىشىپ يۇردۇق...

بولسا مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكا قەلەمنى قايتا قولىغا ئالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟

مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ قەلىمىنىڭ توختاپ قىلىشىغا مىنىڭچە ئىلھام سەۋەب بولالماسمىكىن دەيمەن، ئەجىبا باشقا سەۋەبلىرىمۇ بارمىدۇ؟؟؟

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش