|
|
|
|
ئوتتۇرا ياشلىقلاردا نىمە تۈگىمىگەن ھاراق جىدىلى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە تۇرمۇش ساپارىمىزنىڭ ئۆسۈشى ،مىللەت سۆيەر ،ئەخلاق سۆيەر كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەدەت بىرىشى ،مۇھىمنىڭ موھىمى يىراقنى كۆزلىگەن،ھاراق مەدىنىيىتىگە ھۆ دىگەن ،رېستۇران خۇجايىنلىرىمىزنىڭ ئاۋاز قوشىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ تەۋەسىدە ھاراق قۇيۇشقا يول قويمايدىغان رېستۇرانلار كۈندىن- كۈنگە كۆپەيدى .دۇنياغا قارايدىغان بولساق قايسى رايون نامرات ۋە قالاق بولسا شۇ رايوندا ئىچەرمەنلىك ئەۋىج ئالغانلىقىنى بايقايمىز ،قايسى رايون تەرەققىي قىلسا شۇ رايوندىكى كىشىلەر سۈپەتلىك تۇرمۇشقا شۇنچە ئېتىبار بىرىپ،ھاراقنى ئاز ئىچىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز .مانا تۇرمىشىمىز ياخشىلىنىپ ھاراققا ياق دەيدىغان ھالەتكە يەتتۇق .ئەسلىدىمىغۇ دىنى ئەنئەنىمىز ۋە مىللى ئۆرۈپ ئادىتىمىز بويىچە ھىندىئانلارنى تۈگەشتۈرگەن بۇ ھەلەققە يېقىن كەلمەسلىكىمىز كىرەكتى .ھاراق ئۇيغۇرغا ئاز بولمىغان دەرت ئەلەمنى ،ئەخلاقى پاساتچىلىقنى،روھىي يوقىتىشلارنى ۋە مىللەت ئىچىدىكى زىديەتلەرگە سەۋەپ بولمىدى ،شۇڭا بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەممىمىز يىللاردىن بۇيان ئويلاندۇق ،ئىزدەندۇق ،مانا ھازىرئۇيغاندۇق ،ھاراق تاشلاش ھازىر ياشلىرىمىزدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغىلى تۇردى .
مىسالەن :مەن تۇرىۋاتقان قومۇل رايونىدا يېقىندا ،بارلىق توي رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلماسلىقتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى .بۇ ھادىسە ھەرگىز مەلۇم بىر كىشىلەرنىڭ پىلانلىق قىلغان سۈنئىي ھادىسە ئەمەسلىكى ئەقىللىك كىشىلەرگە ئايان .بۇ ھادىسە شۇنداق تەبىئىي پەيدا بولدى .چۈنكى مەيلى مەرىكە ئىگىسى بولغاي ،مەيلى رېستۇران خۇجايىنلىرى بولغاي ھاراقتىن زىرىكتى .كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىچە بولسا ھاراقنى مەرىكىلىرىگە قەتئىي يولاتماسلىقنى ئويلاپ تۇرۋاتاتتى .لېكىن ئاز بىر قىسىم روھىي مەغلۇب كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلىقى ،باتنىشى ،سېسق گەپلەر بىلەن كەلتۈرۈشلىرى ئارقىسىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئارزۇيى يىللاردىن بۇيان ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتاتتى .مانا ھازىر قومۇلدىكى بارلىق رېستۇرانلىرىدا تەبىئىيلار ھاراق ئىچىلمەسلىك ھادىسىسى شەكىللەندى .بۇ ھادىسە ھەرگىز رېستۇران خۇجايىنلىرى مەسلىھەتلىشىۋالغان ئىش ئەمەسلىكى بىزگە ئايان بولىۋاتىدۇ .بەلكى يوقىردا دىيىلگەندەك تۇرمۇش ساپارىمىزنىڭ ئۆسىشى ۋە ئەخلاق قارىشىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن تەبىئىي شەكىللەندى .ئاللاھنىڭ بىزگە بۇ نىئمەتنى ئاتا قىلغانلىقىغا شۇكرى ھەمدۇسانە ئېيتايلى .
لېكىن مانا مۇشۇ تەستە كەلگەن ۋەزىيەتنى كۆزگە ئىلىمايدىغان بەزى كىشىلەر ،ئۆز شەيتانى نەپسىنى دەپ، رېستۇران ئىگىلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ،ھاراق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى كەمسىتدىغان، ھەتتا مىنىرال سۇ بوتولكىسىغا ھاراق قۇيۇپ ئەكىرىپ ،بىر چىرايلىق پاكىز مەرىكىنى بۇلغايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىۋاتىدۇ .شۇنى بايقايمىزكى بۇ ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ياشلىق ئىچەرمەنلەر كۆپساندا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .
يېقىندا مەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم .بۇ توي ئىۋىرغول رېستۇرانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئېۋىرغول رېستۇرانى قومۇلدا ھەممىدىن بالدۇر ھاراققا چەك قويغان پاكىز رېستۇران بولۇپ قالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .شۇ كۈنكى تويدىمۇ توي ئىگىسى ھاراق يولاتمىدى .مېنىڭ بىلەن جوزىداشلار ئاساسەن تونۇش كىشىلەر بولغاچقا، ئۆز- ئارا گۇڭۇر- مۇڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىدۇق .پاراڭ تېمىسى رېستۇرانلاردىكى بۇ ياخشىلىنىش ئۈستىدە بولىۋاتاتتى .بىردەمدىن كېيىن مەدەنىيەت ساھەسىدە خېلى نام ئابرويى بار ،قومۇل ناخشا -ئۇسسولى ،رەسساملىق،خەتتاتلىق سەنئىتىگە تۆھپە قوشىۋاتقان مەلۇم بىر ئىسىل زادىمىز كىرىپ كەلدى .ھەممىمىز بۇ كىشىنى تونۇغاچقا ئۇنىڭغا ھۆرمەت سالاملىرىمىزنى بىلدۈردۇق .
مەن بۇ كىشىنى سىرتتىن تونۇپ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئاپىرىن ئېيتقان ئىدىم .لېكىن بۈگۈنكى غەشلىككە بۇ كىشىنىڭ سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم ھەم بۇ كىشى بىلەن بۇنداق يېقىن ئارلىقتا سۆھبەتلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم .
تاماقلار تارتىلىپ ھەممە مەززە بىلەن غىزالىنىۋاتقان بەھۇزور كەيپىياتنى بۇ كىشى بۇزدى .
--چۈشتىلا دىدىم بۇ گۇيغا ،ھاراق قۇي، ھاراق قۇي دەپ .ھاراق قۇيمىسا توينىڭ كۆركى نەدە قالىدۇ .ئەتە مانا شىكەر شەنبە ،بۈگۈن كەچ بىر پەيزە قىلساق،قېنىپ ئۇخلىساق ئەتە ۋاخچە تۇرۇپ ئۇيقىنى قاندۇرساق بەلەن بولمامدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ ھە ئاداش .
دەپ ئۇددۇلىدىكى بىر ئەمەلدارغا سۆز تاشلىدى .ئۇ ئەمەلدار زورىغا كۈلۈمسىرەپ،كۆڭلى يەردە قالمىسۇن دىدىمۇ -ھە شۇ ئەمەسمۇ -دەپلا قويدى .
لېكىن سورۇنكى باشقا كىشىلىرىمىزدىن ئۇنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا ئاۋاز قوشقۇدەك سادا چىقمىدى .
بۇ ھالەتتىن نارازى بولدىمۇ ،ئۇنىڭ تولا سورۇن ئويناپ خۇنۇكلەشكەن كۆزلىرى تېخىمۇ خۇنۇكلىشىپ كەتتى ،يۈزى قارىداپ ،بۇجغۇر چاچلىرى ئارسىدىن تەرلىرى چىقىپ ،سىمىز بەدىنى تىترەپ كەتتى .ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باشقىلارنى كۈتىۋاتقان توي ئىگىسىنىڭ ئاكىسىنى يېنىغا چوڭ ئاۋازدا چاقىردى .
--ھەي ماياققا كىلە ئاداش ،چۈشتىلا دىدىمغۇ مەن ساڭا ،قېنى ھاراق ؟قۇيمامسەن ھاراقنى دەپ ۋاقىرىدى .ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان باشقا جوزىدىكىلەرنىڭ سوغۇق نەزىرى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى .سورۇن ئىگىسى ئازراق ئوڭايسىزلاندىمۇ جىق گەپ قىلغۇسى كەلمەي پەقەتلا .
-ھە ماقۇلا ،جىم ئولتا ئورنىڭدا ئاداش دەپلا كېتىپ قالدى .لېكىن شۇ كەتكىنىچە بۇ جۇزىغا يېقىن يولىمىدى .
بۈگۈنكى مەرىكىنىڭ ھاراق جىدەلخورى بولغان مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى بولمىش، بۇ ئەتىۋارىمىز خۇددى لالما كۈچۈكتەك ئىچىدە غۇدۇڭشىپ ،بىرنىمىلەرنى دەپ جىمىىپ قالدى .
مانا بۇ مەن يولۇققان ھادىسىلەردىن كىچىك بىر مىسال .ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ھاراق جىدىلى قىلۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى 38 ياشتىن يوقىرى بولغان ئوتتۇرا ياشتىكىلەر بولىۋاتىدۇ .بىلمىدىم بۇ زادىي نىمە ئۈچۈنكى ؟ مانا تۆنۈگۈنلا قاتناشقان بىر تويدا يەنە يوقىرقىدەك ھادىسىنى ئۇچىراتتىم .كۆپچىلىك مەززە قىلىپ غىزالىنىۋاتاتتى .توساتتىن بۇرنىمىزغا ھاراقنىڭ پۇرىقى كەلدى .قارىسام بىر ئىشەكباش مىنىرال سۇ بوتولكىسىغا ھاراقنى قاچىلاپ ئەكىرىپ ،چاي چىنىسىغا ھاراقنى قۇيۇپ ،يېنىدىكى ھەمرايىغا تەڭلىگىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ بىزنىڭ بىلىۋالغانلىقىمىزنى بايقاپ، ھەييارلىق بىلەن بىزگە سەت ھىجىيىپ -قېنى ئىچىدىغانلار بارمۇ ؟ئاز پاز ئويناپ قويمامدۇق دەيما .دەپ بېزىرىپ تۇردى .
لېكىن بۇ سورۇندا ئۇنىڭغا ئۈلپەدداش بولىدىغاندىن پەقەت ئىككى نەپەر تونىشى زورىغا ئىچىپ قويدى .مەن بىر خىل مەنسىتمەسلىك ۋە غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئىدىم.ئۇنىڭ كۆزى ماڭا چۈشتى ۋە ئازراق ئوڭايسىزلاندىمۇ ئېيتاۋۇر بوتولكىنى ئېلىپ ،باشقا سورۇندىكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى .مانا بۇ بۇزغۇنچىمۇ دەل ئوتتۇرا ياشلىق .
مىسالغا ئالسام بۇنداق مىساللار بەك تولا .شاراپسىز سورۇنلارنى ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلىق ئىچەرمەنلەر بۇزماقتا .سورۇن ئىگىسىنىڭ مەقسىتى پاكىز بىر مەرىكە قىلىش بولسا، بۇ ساراڭلارنىڭ مەقسىتى سورۇن ئىگىسىنى بۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك بولدى .ئۇلار نىمىدىگەن شەخسىيەتچى ،ئىچى تار ھە!!
كۆپچىلىك سىلەرمۇ شۇنداق ھادىسىگە ئۇچىرىدىڭلارمۇ؟ئوتتۇرا ياشلىقلاردىكى بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى نىمە زادى؟
سىلەرنىڭ يۇرتلاردىمۇ مۇشۇنداق ھادىسە بارمۇ؟
ئەسكەرتىش:
يازمامدىكى شەخىسلەر نىڭ تەسۋىرى ھېچكىمگە قارىتىلمىغان .ئوقۇرمەن قارىسىغا پەرەز قىلىپ ،ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەنبە:مەن ۋە ئون ئىككى تاغ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا agah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-14 04:16 PM
|
|
|
|
|
|