مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5232|ئىنكاس: 61

ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79699
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 03:24:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر!

غەرب ئەللىرى كىنو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرىمىزغا شىددەتلىك باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن ئاتالمىش پادىچى ئىشتانلىرى ۋە يەڭسىز كوپتىلىرى بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىملىق كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ تاشلاشقا ئۈلگۈرۈپ، تال-تال سۇمبۇل چاچلارنى قىسقارتىپ، يالىڭاچلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ئىدى. يارىشىملىق رەڭمۇ-رەڭ كۆينەكلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگۈچىلەرنى ھەزىلكەشلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە « تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ »قىلىپ كۆرسەتتى؛ بۇنى بىز « يەرشارى خاراكتېرلىك ھادېسە »دەپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، بۇخىل كېيىم بارغانسېرى تار، بارغانسېرى شالاڭلىشىپ ئۇياتلىق جايلارنىمۇ ياپالمايدىغان دەرىجىگە تەرەققىي قىلىدى. بىر تۈركۈم خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئالدىدىن قارىسا كىندىكى ۋە كىندىك ئەتراپى، كەينىدىن قارىسا ئارقا ئېرىقچىسى بىمالال كۆرۈنۈپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئاپئاق پاچاقلار تۇغما ھالەتتە نامايان بولۇش مودا بولدى. ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ، ئۇلار بارغانسېرى بالىلىق ۋاقتىدىكى تۇرقىغا، قىلىقىغا قايتقىلى تۇردى؛ ئېغىدا دۇكان ئېچىشتىن ئۇيالمايدىغان ئەركىنلىك، كىيىملەرگە پاتماي قېلىۋاتقان « يەرلىك مەھسۇلاتى »نى كۆز-كۆز قىلىشتەك دادىللىق بارلىققا كەلدى. بۇ، بىز غەربلىكلەردىن قىزىقسىنىپ ئالغان ھارام سوۋغا ـ ئىپپەتنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش « زامانىۋىلاشقان » ھاياسىزلىق ئىدى!…

خوش، ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى، 2-3 ياشلىق ۋاقتىدىكى كىيىم كېيىش ئادىتى، تەقى-تۇرق شەكلى چوڭ بولغاندىمۇ يارىشارمۇ؟ ئۇچاغدا ئوماق كۆرۈنگەن نەرسە، تۇيۇلمايدىغان ئەۋرەت بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ، ئەلبەتتە. ھازىر بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى چار يىلاندەك تولغۇشۇپ « بولاق مانتا! كۆرسەڭ كۆزۈڭگە، يېسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا » دېگەندەك مېڭىشىۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانا بولۇش يېشىغا يەتكەن، بەزىلىرى نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولغانلاردۇر. ئېنىقكى، ئۇلار دىيانەتلىك، ھايا-نۇمۇسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرى دىنسىز ئەمەس!… ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، ئاتا-ئانىلار ساپاسىز بولمىغىنى بىلەن شۇنداق ئائىلىلەردە ئەقىدە-ئىتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئەخلاق قارىشى سۇسلاشقان…

ھەممىگە ئايانكى، ئەخلاق ـ ئىنساننىڭ ئىنسانلىق زىننىتى. ئەخلاقى ئۆلگەن جەمئىيەتنى قانۇن تولۇق ئىدارە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قەۋمنى تەبىئەت ھالاك قىلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا بۇنداق بايانالار ئوچۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئىلىم-پەنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ھالاكەت ۋە پالاكەت ـ « ئەيدىز »نى مەركەز قىلغان مەرەزلىكلەر ئەخلاقى يوقالغان ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈش » نەزەرىيىسى بويىچە كېلىۋاتقان ئاپەتلەردۇر. شۇڭا، ئاچچىق تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ بالا تۇغقان ئانىلار، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پەپىلەپ بالا باققان ئاتىلار پەرزەنتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ ئېغى ھەم بېغىغا ھېزىي بولمىساق بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى بوينىغا ئالغان مەكتەپلەر، مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشتا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشلىرى كېرەك. ھەربىر ئادەم، ئاتا-ئانا، ھەربىر يۇرت بالىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى باققان ئىت-مۆشۈكلەرگىمۇ ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھايات-ماماتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خارلىشى، يەكلىشىدىن، نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز! ئىشلىرىمىز ئالغا باسمايدۇ، روناق تاپمايمىز، ياخشى تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!… ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنساننىڭ قولتۇق، چاتلىرىدا قانچىلىك گۈزەللىك بولسۇن؟ بولمىسا ياراتقۇچىمىز اللە ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھالدا يوشۇرۇلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرارمىدى؟!…

يۇرت كاتتىلىرى، چوڭلار، بايلار، ئۆلىما-ئالىملارنىڭ، ئېسىل بىنا-داچا، ئالىي ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەستۇر. باشقىلار بىلەن كارى بولماي ئۆز نەپسىنى ئويلاش، قولىدىكى نام-ئەمەل، بايلىقنى ياشىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى، دەسمايىسى دەپ قاراش ـ ئەخمەقلىق، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. باشتا تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدىكى بايلىقنىڭ، سىزدىكى ئەمەل-مەنسەپنىڭ، سىزدىكى يۈز-ئابروينىڭ، سىزدىكى ئىلىم-بىلىمنىڭ، سىزدىكى ھۈنەر-كەسىپنىڭ!… بىر راھەتنىڭ مىڭ پاتمان جاپاسى، ئون كوي پۇلنىڭ يۈز كويلۇق دەردى بولغاندەك، بىر لەززەتنىڭ يۈز ئازاپلىق مەسئۇلىيىتى بولماي قالامدۇ؟ شۇڭا ھەربىر ئادەم بىرخىل مەسئۇلىيەت مۇھىتىدا ياشىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، مەلۇم بىر مەشھۇر قىزبېدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە « قىز » توشۇپ، بەش يىلدا 400 مىڭ كوي پۇل تاپقان ئىكەن، ئالتىنچى يىلى بىر ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، كاتتا دوختۇرخانىدا 600 مىڭ كويغا داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپ، 200 مىڭ كويغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ… ئېنىقكى، تەبىئىي ھالال بولمىغان ئىشتا ئىنسانغا ئارتۇقچە ياخشىلىق يوق! مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بەگلىك ۋە بايلىقنىڭ راھىتىدىن كۆرە ئازابى كۆپىيىپ كەتمەكتە. يالغان بايلىقنىڭ دەردى-بالاسى كۆپەيمەكتە. بەگ-بايلارنىڭ بايلىقىدىن قەرزى كۆپ، ئۆتىدىغان سۆزىدىن ئۆتمەيدىغان گېپى جىق بولماقتا!…

خوش، گېپىمىزگە قايتساق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى قالمىغاندە، بەزىلەرنىڭ ئاغزىنىڭ بېغى قالماسلىق يەنە بىر ئەگەشمە ھاياسىزلىق بولىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭسا قېرى ئىتنىڭ كونا سۆڭەككە كۈچى يەتمەي سۆڭەكنى كاراسلاتقاندەك ئاغزىدىن پاقىنىڭ گېلىدىكى شاردەك كۆپۈك چىقىرىپ سېغىز چايناپ مېڭىشلار؛ يولدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا توختىماي ماك چايناشلار… قېلىپىدىن چىققان ھاياسىزلىق، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيمەنمەي ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بەزىبىر بۇزۇق ئاياللارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم كۆپ يەرلەردە يەل مىلتىق ئاتقاندەك چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: « … ئاخشامقى سورۇندا ھېلىقى مەتۇلارغا پۇلنى تازا جىق خەجلەتتۇق دېگىنا ئاداش! قىممەت سەيلەرنى دىڭلا قىلىپ، ياڭجۇ بىلەن داخې، دا چىش قىلدۇق… ئاندىن… كېچىچە تۈزۈك ئۇيقا يوق… ھازىر تاۋيەندەخېڭ، چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ…»

لەنەت!!!… مۇشۇنداق گەپلەر ئەسلىدە بىزنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك گەپلەرمىدى جامائەت؟! قىزبالا دېگەننىڭ سۆزى ھايالىق، مۇلايىم، سىلىق، يېقىشلىق، لەززەتلىك بولمامتى؟ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلار لايىقىدا يوشۇرۇلسا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنمەمتى؟…

بىر قىسىم خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىدە، توغرا يولدىن تېيىپ كېتىشىدە ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ، ھەربىر ئەركەك تۈكى بار يىگىتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىشى كېرەك!…
« ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس » دەيدۇ كونىلار، ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!…

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faruk07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 03:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 05:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ تېتىدا ما تىما!

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 06:19:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما  بۇپتۇ .تۇلۇق  بىر ئۇقۇپ  قويغۇلۇق  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 06:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    راسىت  !  دېمىسىممۇ  بەك  ئېشىپ  كتتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 06:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە سىزگە كۆپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن! بەكمۇ ياخشى تېما يوللاپسز! گۈزەللىك ئىماندىن، قەلىبتىن كېلىدۇ ،كېيىم -كېچەكتىن ئەمەس!نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۈزەللككە بولغان قارىشى قارغۇلارچە باشقىلارنى دوراشتىن ئېبارەت.
اللە شۇ ئازغان بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرە!

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30625
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 06:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەك تۈكى ئېڭەككە،مەيدىگە ئەمەس،ۋىجدانغا چىقىدۇ.يىرىكلىكىدىن ۋىجدانغا ئۆزىنى سانچىپ تۇرۇپ ئويغىتىدۇ!

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 07:15:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-14 06:19 PM
ياخشى تىما  بۇپتۇ .تۇلۇق  بىر ئۇقۇپ  قويغۇلۇق

قېرىندىشىم  سىزنىڭچە ئۇقۇپلا قويسا بۇلاما؟؟؟؟

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 07:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-14 07:15 PM
قېرىندىشىم  سىزنىڭچە ئۇقۇپلا قويسا بۇلاما؟؟؟؟

توۋا  نىمە  دەيدىغانسىز  ئەمدى  .مۇشۇ تىمىنى ئەستايىدىل ئۇقۇيدىغاندىن نەچچىسى  چىقار دەپ  ئويلاپ  ئولتۇرسام مامۇنبەردە  .ئاۋۋال  ئۇقۇسا مۇشۇ تىمىدىكى  گەپلەرنىڭ  بىر پىرسەنتى  تەسىر قىلسا ئۈنۈمى بۇلاتتى ..لىكىن مىسرانىمدا بۇنداق تىمىلارنى ئۇقۇيدىغانلار بەك  ئاز  ،كۈرۈپ  بېقىڭ  ،گىپىمنى چۈشنەلمىگەن ئوخشايسىز  ،،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5328
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 07:27:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بىر فىلىم كۆرۈپ قالغانىدىم، مۇشۇنداق نومۇسسىزلارچە كىيىم كىيىش باشلانغىلى تېخى 100 مابەينىدە ۋاقىت بوپتۇ... ئۇندىن بۇرۇن ياۋروپالىقلارمۇ ياقىسى ئېگىز كۆينەك بىلەن ھېچ بولمىغاندا تىزىدىن خېلىلا ئاشقۇدەك يوپكا كىيەتتىكەنتۇق...ھەتتا كۆپىنچىلىرى ھىجاپلانمىسىمۇ ياغلىق چىگكەنىكەن..مۇشۇ دارۋىن دېگەن ئېشەك نەدىن چىقتى مايمۇن داۋاسى قىلىپ، شۇندىن بۇيان كىشىلەر راست مايمۇنلىشىپلا كەتتى...نەئۇزۇبىللاھ....

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 07:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىغا بۇنداق يازمىلارنى بەرسىمۇ بولىدىكەن ھە؟!
ياخشى گەپ ،ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىز ئاياللىرىغا ئىگە بولساق تۈزۈلۈپمۇ قالار...
بىر چاغلاردا قەشقەردە يىگىتلەر كوچىدا ياغلىق تارقاتقان ،ھازىرمۇ ئاشۇنداق مەيدىسىنىڭ تۈكى بار ئەركەكلەر بارمىدۇ زادى؟

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش