راۋۇرۇس تېما بوپتۇ.مەنمۇ ئوقۇغۇچە ھاياجاندىن تەنلىرىم تىترەپ كەتتى.بىز ھېچنىمېنى ئويلىمىساقمۇ،دۇنيادىكى مىڭلىغان مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ تىلى بولسىمۇ يېزىقى يوقلىقىنى،بىزنىڭ شۇ تىلىمۇ،يېزىقىمۇ بار تىللارنىڭ ئىچىدە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئويلايلى.
ﺋﺎﻧﺎﺗﯩﻠﯩﻢ
ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ
ﺋﺎﻧﺎﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ.
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ.
ﺑﯘﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺑوﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻳﯘ، ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ،
ﺳﻪﺭﭖ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭ ، ﺋﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ .
ﺋﻪﻱﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﻥ ﺋۆﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯩﺸﺎﻥ.
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﮬﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻻﻧﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯘﺭ.
قوي مۇ سەن قوزىمۇ سەن ياكى ھەسەل بىلەن قېمىز ،
بۇ مەسەللىك نەرسىنىڭ بىرسىگە ئوخشاتقۇم كىلۇر ،
ئۆز ئاتاسى ئۆز ئاناسى ئۆز يۇرتىدىن تانغانلارنى ،
راسا قاتتىق چەملىك كەشىم بىلەن ئۇرغۇم كىلۇر ،
بىر قىلىچ بەرسە خۇدا،<كەس>دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلىقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.
ئانا تىل
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
تاجۇ تەختىم، دۆلىتىم سەن ئانا تىل،
كۈچ - مادارىم، سۆلىتىم سەن ئانا تىل،
بار بىساتىم ـــ دەۋلىتىم سەن ئانا تىل،
قوۋم- قېرىنداش – مىللىتىم سەن ئانا تىل،
بارلىقىم، مەۋجۇتلىقىم سەن ئانا تىل.
سەن بىلەن ھەل بار ئىشىم، تىكتۇر بېشىم،
سەن بىلەن تاتلىق يېگەن نانۇ ئېشىم،
سەن بىلەن ئاۋات بازار ئەتراپ- قېشىم،
سەن بىلەن ئۆتتى خۇشال يازۇ قىشىم،
شادلىقىم، شان- شەۋكىتىم سەن ئانا تىل.
سەن ئىلىم ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكىم،
سەن بېرىپ كۈچ، روھ كۆتۈرگەن تۈۋرۈكىم،
سەن يۆلەك بولغاچ، سوقار شاد يۈرىكىم،
سەن مېنى قىلغان ئۆرە قان، يىلىكىم،
تەندە جانىم، رىغبىتىم سەن ئانا تىل.
كۈلدى دىل، چىقتى ساۋاتىم سەن بىلەن،
تاپتى مول مەنە ھاياتىم سەن بىلەن،
قاتتى پەرۋازدا قاناتىم سەن بىلەن،
ئارتتى كاللامدا بىساتىم سەن بىلەن،
پەن- بىلىمگە دەۋىتىم سەن ئانا تىل.
سەن غۇرۇرۇم، ئىپتىخارىم، جۈرئىتىم،
سەن قورال تۇرمۇش جېڭىدە، شاش ئېتىم،
سەن يۈرەك، روھىمغا سۇلتان، شىددىتىم،
سەن گۆھەر، زەر خەزىنىسى، ئۇز زۇمرىتىم،
بايلىقىم ھەم شۆھرىتىم سەن ئانا تىل.
سەن بىلەن ئەل ئەيلىدى پەرۋاز داۋام،
بولدى جارى سەن بىلەن ناخشا- مۇقام،
سەن بىلەن تاپتى بىھەد شۆھرەت ئاۋام،
سەن بىلەن سايرىدى ئۇز ھەقدار بالام،
مەڭگۈ ئۆڭمەس ھۆججىتىم سەن ئانا تىل.
بولغۇسى قەدرىم پاخال سەن بولمىساڭ،
يەتكۈسى ئاپەت، ۋابال سەن بولمىساڭ،
بولمىغاي دىللار خۇشال سەن بولمىساڭ،
يوق ئەقىل، تەندە ماجال سەن بولمىساڭ،
كۈچ-مادارىم، ھەيۋىتىم سەن ئانا تىل.
مەنبە:ئۇيغۇرچەGoogle
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-14 06:21 PM