پاھىشىخانىلار قانداق قىلسا تاقىلىدۇ قايتماس
خىزمەت جىددىيلىكى تۈپەيلى تورغا ئانچە چىقىپ كېتەلمەيمەن. بۈگۈن كەچ ئازراق ۋاقتىم چىققان ئىدى، تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلاي دەپ ئۇدۇللا مىسرانىم تور بېكىتىگە كىردىم. كىرىپلا بىر نەچچە تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئانا تىل» ئىسىملىك خوتەنلىك بىر تورداشنىڭ «پاھىشىخانىلار نېمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ» ناملىق ئۇچۇرىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇچۇردا «خوتەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى» نىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىگە ئايان بولغان، «مېمانساراي» نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنىڭ كۆپلىكى ھەم ئوچۇق-ئاشكارىلىقى ئېيتىلىپتۇ. مەن ئۆزۈممۇ خوتەندىن (قاراقاش ناھىيەسىدىن) بولغاچقا بۇ ئۇچۇردىن ئىنكاسسىز ئۆتۈپ كەتكۈم كەلمىدى. گەرچە چارچاپ قالغان بولساممۇ يەنىلا قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئۇچۇردا ئېيتىلغىنى ھەقىقى ئەھۋال. تورداش ئۆز ئۇچۇرىدا « «خوتەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى» نىڭ ئەتراپىدىكى كۈندە ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ئەينەن ئەھۋالنى ئىنكاس قىپتۇ. مەن بۇ تورداشنىڭ غەيرىتىگە قول قويدۇم. چۈنكى ئۇ ھەممە كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ھەممە بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن باشقىلار نېمىشقىدۇر ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمىغان، نەزەردىن ساقىت قىلغان مۇشۇنداق بىر زۆرۈر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق جاۋاب قايتۇرىشىمىزغا، ئورتاق ئىنكاس، ئورتاق زەربە بېرىشىمىزگە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىدى. ھېلىمۇ بىز بۇ خىلدىكى ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرنى توسۇشتا، ئېتىراز بىلدۈرۈشتە بەك سەۋرچان بولدۇق. مەن بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىدۇق دەپ قارايمەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» دا مۇنداق دېيىلگەن: 41-ماددا ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاياللارنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش، زورلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش ياكى ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاياللارنى شەھۋانى ئويۇن كۆرسىتىشكە تەشكىللەش، زورلاش ۋە ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: 66-ماددا ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جامائەت سورۇنىدا زىناغا چاقىرغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 67-ماددا باشقىلارنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15-كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ. 68- ماددا شەھۋانى كىتاب-ژۇرنال، سۈرەت، فىلىم، ئۈن-سىن ھاسىلاتى قاتارلىق شەھۋانى بۇيۇمنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆچۈرگەن، ساتقان، ئىجارىگە بەرگەنلەر ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى، تېلېفۇن ۋە باشقا خەۋەرلىشىش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ. 69-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15-كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ: 1) شەھۋانىي ئۈن-سىن بۇيۇمى قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر؛ 2) شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار؛ 3) توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلار؛ 4) باشقىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ بەرگەنگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملىرىدا پاھشىۋازلىق قىلغان، پاھىشە ئورۇنلىرىنى تەشكىللىگەن، باشقىلارنى پاھىشە قىلىشقا زورلىغان، پاھىشۋازلىققا ئائىت سېرىق ئۈن-سىن، نەشىر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ياسىغانلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار بولۇپ، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. قانۇندا يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى توسۇش، پاش قىلىشتا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقى قەيت قىلىنغان. بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنىڭ ئەدەب كېتىشىنى، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى 1. ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ شەھۋانى ھەرىكەتلەرگە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، ئەھمىيەت بەرسىمۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلماي ئازراق يوچۇق قويىۋاتقانلىقى ھەتتا مۇشۇنداق قانۇنسىز، ئەخلاقسىز ھەرىكەتلەرگە مەلۇم يوللار ئارقىلىق يۇشۇرۇن ھالدا «يېشىل چىراق» يېقىپ بېرىۋاتلىقى بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنىڭ، شەھۋانى ھەرىكەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى بىر سەۋەب. پۇخرالار ۋە ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى، جۈرئەتسىزلىكى 2. كۆپ قىسىملىرىمىز يۇقارقىدەك بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرىنى بىلسەكمۇ بىلمەسكە سالىمىز، ئىچىمىزدە قاينايمىز تېشىمىزغا چىقارمايمىز. 3. چاقمايدىغان ئىشنى بىرسى-بىرسىمىزگە چېقىپ، يۇقىرى ئورۇنلارغا پاش قىلىپ يۈرىمىز لېكىن مۇشۇنداق زور ناچار قىلمىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. 4. ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىشنى خالاپ كەتمەيمىز ياكى ۋاقتىمىز يەتكەيدۇ. نۆۋەتتە ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، ھەتتا چەت-يېزىلاردىمۇ يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھالدا شەكلى ئۆزگەرگەن غەيرى بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ بارماقتا. بۇنىڭغا ھەممىمىز ئەپسۇسلىنىمىز ھەم نەپرەتلىنىمىز. لېىن قۇرۇق ئەپسۇسلىنىش، ئۈنۈمسىز نەپرەتلىنىش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەندە ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرگىلى ياكى سۇسلاشتۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن: 1. قانۇن ئورۇنلىرى بار كۈچىنى ئىشقا سالسا؛ 2. بىزلەرمۇ بۇنداق ئىشقا توختىماي ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، قانۇن ئورۇنلىرىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسەك؛ 3. ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرگە ھەممىمىزنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم بولسا؛ 4. ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرنى تۈزەشتە ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىمىز بارغۇ، دەپ قارىساق؛ 5. ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتساق، بالىلىرىمىزنىڭ سىرتلاردا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلىنىپ تۇرساق، ئۇلارنى قاتتىق ئائىلە تەربىيىسى، ئەخلاق مىزانى ئارقىلىق تىزگىنلەپ ياخشى بولغان ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرسەك؛ 6. پاكىزلىقنى، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئۆزىمىزگە مىزان قىلساق. دېمىسىمۇ ھازىر خوتەنلىك تورداش ئېيتقاندەك «خوتەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى» نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىر قىسىم دۇكان، سارايلاردا «ئىپپەت سودىسى» ئاشكارە قاينىماقتا. بۇ تورداش پەقەت كۈندە ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ئەھۋالنى ئۇچۇر قىپتۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە شەكلى ئۆزگەرگەن «بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرى» خوتەندە بىر يەردىلا ئەمەس، باشقا كوچا، يول بويىلىرىدا، ھەتتا چوڭ-چوڭ مېھمانخانىلاردىمۇ بۇنداق پەسكەش ئەھۋاللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بەزى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگەندە بۇ ئۇچۇرنى سان-سىفىرلىرى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلى بايان قىلىش ياخشى ئەمەس. ئەگەر مەسىلە ئىنكاس قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان، ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرگە دادىل ئېتىراز بىلدۈرەلەيدىغانلار بولسا يۇقارقىدەك ناچار، بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنىڭ خوتەن كوچىلىرىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. بۇزۇقچىلىقنىڭ يامراپ كېتىشى مىللەتكە ئاپەت، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئاپەتنىڭ باشلانمىسى. ئاپەت بار يەردە ئۆلۈم بار، ئۆلۈمنىڭ سەۋەبچىسى ئۆزىمىز تۇرۇپ ياقا-يىرتىپ ھازا تارتىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇنداق ئاپەتنى يۇشۇرۇش، كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىش، مەسىلە ئىنكاس قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىش، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش مېنىڭچە ئاز-تولا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغانلارنىڭ، ئاز-تولا ۋىجدانى، غۇرۇرى بارلارنىڭ ئىديىسىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغۇ دەيمەن. مەن قاراقاش ناھىيىسىدىن. بىلىشىمچە قاراقاش ناھىيىسىدىمۇ بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرى (پاھىشىخانا) دىن بىر-قانچىسى بار. ئۇزاقتىن بىرى مەنمۇ ئادەمنى توختىماي دوزاخقا سۆرەيدىغان مۇشۇنداق پەسكەش جايلارغا ئىچىمدە لەنەت ئوقۇپ، نەپرەتلىنىپ كېلىۋاتاتتىم. مىسرانىم تور بېكىتىدە بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن نەپرىتىم بىراقلا تاشتى-دە، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر دوستۇم بىلەن قاراقاش ناھىيىسى ئىچىنى ئايلىنىپ يۇقارقى بىر قانچە ئورۇننى سۈرەتكە تارتىپ چىقتىم. بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرى قاراقاش ناھىيە داچۈڭدۈينىڭ قېشىدىكى ھېيت توختى ئىسىملىك دەم ئېلىشقا چىققان بىر كادىرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بەش دۇكاندا، قاراقاش ناھىيە كونا پاختا زاۋۇتىنىڭ ئۇدىلىدىكى (شىزوچاڭ) نىڭ ئىچىدىكى بىر ئورۇندا، قاراقاش ناھىيە مېيىپلار خىزمەت بىناسىنىڭ ئاستىدىكى بىر دۇكاندا، قاراقاش ناھىيە يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ قېشىدىكى «ئالتۇن ئات» مېھمانخانىسىدا، قاراقاش ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىيپاچ ئۇدۇلىدىكى كوچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر دۇكاندا بولۇپ جەمئىي بەش ئورۇندا بار ئىدى. بۇ ئورۇنلار 2011-يىلى يىل ئاخىرىسىدا قانۇن كۈچى ۋە جامائەت پىكىرى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك پېچەتلەنگەن ئىدى. بۇ دوزاخ ئۇۋىلىرى پېچەتلەنگەندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدىم. لېكىن سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىتتا دىققەت قىلسام بىر-ئىككى «تاپاۋەت» ئورنىنىڭ ئىشىكى سەل ئېچىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، بۇلارنى كۆرۈپ ئىچىم يەنە ئاچچىق بولدى. (سۈرەتلەردىكى ئورۇنلار قاراقاشتىكى مەينەت ئورۇن شۇ) بىزدە:«كېسىلىنى يۇشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارە» دېگەن سۆز بار. بۇ دېگەنلىك مەسىلىنى، سەۋەنلىكنى، كەمچىلىكنى يۇشۇرساڭ ئىش چوڭىيىپ بىر كۈنلەردە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. بىزدە يەنە «پاختىنىڭ ئىچىدە چوغنى ساقلىغىلى بولمايدۇ»، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. بۇ دېگەنلىكمۇ ھەر قانداق يامان ئىشنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئۇ ھامان جامائەتنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ھەر قانداق مەسىلە شەخسى مەنپەئەت ۋە كوللېكتىپ مەنپئەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل غەرەزنى چىقىش قىلغان بولىدۇ. شەخسى مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان كۆرۈنەرلىك ئاز بولىدۇ ھەم بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان «ئاممىۋى مەسىلە» نىڭ ئاقىۋىتىنى ھەم ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى مۆلچەرلەش قىيىن. يۇقارقى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كوللېكتىپ مەنپەئەتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھازىر سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى ھېكمەتلىك ئىبارە ئارقىلىق چۈشەندۈرگەندە ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابىمىز تېزلا ئايدىڭلىشىدۇ. مەسىلەن: ئاڭسىزلىق + ئەخلاقسىزلىق ﹦بۇزۇقچىلىق ئەخلاقسىزلىق + بۇزۇقچىلىق ﹦ ئەيدىز بۇزۇقچىلىق + ئەيدىز ﹦ ئۆلۈم پاختا + چوغ ﹦ ئوت، يالقۇن چوغ + ئوت ﹦ ھەقىقەت ئادەم ئىككىدىن ئاشقاندا كوللېكتىپقا تەۋە بولىدۇ. دېمەك جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بۇزۇقچىلىق قىلمىشلىرىنى كوللېكتىپ مەنپەئىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ خۇلاسە قىلغاندا ئاقىۋەتتە كۆرۈلىدىغان زىياننى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە مۆلچەرلىگۈسىز دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىنى غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، جۈرئەتلىك سانايدىغان، ئاياللىرىغا، بالىلىرىغا، ئۆز قەۋمىگە مەسئۇلىيەتچانلىق قارايدىغان كىشىلەر قايسى مىللەت، قايسى يۇرتتىن بولىشىدىن قەتنئىنەزەر يۇقارقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىش، ئەخلاقسىز ھەرىكەتلەر ئالدىدا ئۆزىنى چەتكە ئالماي دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالىشى، جۈرئەتلىك بىلەن ئىنكاس بىلدۈرەلىشى، بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنى توسۇشتا، چەكلەشتە ئاممىۋى ئىنتىزام ۋە قانۇنى يول ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالاشى لازىم. مىسرانىم تور بېكىتىدە يۇقارقى ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا بۇ ئۇچۇر ئىنكاس بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. ئىنكاسلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. لېكىن بەزى ئىنكاسلار غىدىقىمنى كەلتۈرسە، بەزى ئىنكاسلار غۇرۇرىمغا تەگدى. قاراپ باقسام بەزىلەر ئىنكاسىدا: «بىز خوتەننى ئۇنداق دەپ ئاڭلايتتۇق، بۇنداق دەپ ئاڭلايتتۇق، قىز-ئاياللىرى ئۇنداق ئىدى، بۇنداق ئىدى، ئادەملىرى ئۇنداق ئېسىل، بۇنداق ئېسىل ئىدى، قارىغاندا خوتەننىڭ ئادەملىرى چاغلىق ئىكەن»، « خوتەندە بۇنداق يەرنى يوق دەيتتۇق، خوتەنمۇ تۈگىشىپتۇ» دېگەندەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شۇ ئىنكاسنى يازغان «ئالىيجاناپ» غوجام بىلەن قول سىقىشىپ بىر كۆرۈشكۈم كەلدى. ئەمما بۇنىڭ مەۋھۇم تور دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئېلىپ بۇ ئىنكاسلارغا مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. لېكىن ئۆز يۇرتىنىڭ خالى جايلىرىغا ھەتتا مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان تۆت يول دوقمۇشلىرى، كۆزنەك ئورۇنلىرىغا جايلاشقان يۇقارقىدەك «ھوسۇللۇق» تاپاۋەت ئورۇنلىرىنى چاپان بىلەن يېپىۋاتقان، ئاشكارە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان، ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولىۋاتقان، بۇنداق ئورۇنلارنى ساناپ بولالماي بارماقلىرى تېلىپ كېتىۋاتقان «ئاتالمىش ئىنكاسچى» لارنى بۇنداقلا بوش قويىۋەتكۈم يوق، ئۇلارمۇ ئۆز يۇرتىدا گۈللەپ بېرىۋاتقان «كېلەچىكى پارلاق»، «كەسىپ ئىگىلىرى» نى ۋە ئۇلار جايلاشقان «كەسىپ ئورنى» نى «شەرەپ» بىلەن تور ئەھلىگە دوكلات قىلىشى كېرەك. بولمىسا ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ئىلغار ئۇچۇر دۇنياسىدا باشقا يۇرتلاردىن ئەھۋال ئىگىلىمەك ئانچە تەس ئەمەسقۇ-دەيمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى يۇرتنىڭ قانداق ، قايسى يۇرتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۆز يۇرتىدىن سىرتقا چىقىپ باققانلارغا بەش قولدەك ئايان مەسىلە. بولدى بەس، گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، شەخىس ئەمەس، كوللېكتىپنىڭ، كوللېكتىپ ئەمەس مىللەتنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىۋاتقان، مىللەتنى چۈشكۈنلۈككە، ھالاكەتكە چاقىرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر زور قورقۇنچلۇق، ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئالدىدا «ئاق يەردە تۈگمەن چۆرىگەن» نىڭ، قۇرۇق دەتالاش قىلغاننىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. مەن ئۆزۈم قاراقاشلىق تۇرۇپ ئۆز يۇرتۇمنىڭ ئەيىبىنى ئۆزۈم ئاچتىم، ھەتتا تەپسىلى بايان قىلدىم. بۇ يۇشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشمۇ ياكى پاش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشمۇ؟ قىلغىنىم توغرىمۇ-خاتامۇ بۇنىڭغا ئەقىللىق تورداشلار ئۆزى جاۋاب بەرسۇن. گەرچە خوتەندە ۋە قاراقاشتا بىر تۈركۈم بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرى «پاھىشىخانا» لار يېقىندىن بىرى ئەدەپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ خوتەننىڭ ۋە قاراقاش خەلقىنىڭ يېقىندىن بىرى ئەخلاقسىزلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، ئېتىقادىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ پەقەت ناھايىتى ئايرىم ھادىسە. قۇياشنىڭ يۈزىنى تۇسىۋالغان كىچىككىنە قارا بولۇتنى كۆرۈپ، ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باستى، ئادەمنىڭ يۈزىدىكى بىر تال مەڭنى كۆرۈپ بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئادەم دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. خوتەن يەنىلا خوتەن، قاراقاش يەنىلا قاراقاش. ئەخلاق، ئېتىقاد، يەرلىك ئۆرۈپ-ئادەت، مىللى مەدەنىيەت، مىللى خۇسۇسىيەت جەھەتلەردە باشقا يۇرتلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى يەنىلا شۇنداق مۇلايىم، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ئېتىقادلىق. «چىۋىن قونغان نىجاسەتكە كېپىنەك قونمايدۇ، ئىتنىڭ ئۇۋىسىغا قوي كىرمەيدۇ» دېگەندەك خوتەن يۇرتىدىكى بۇ پەسكەش ئورۇنلارغا ئەقلىدىن ئازغان، پۇتى تايغان، بېشى قايغان، تېزراق لەيلۇن دوزاخقا كىرىشنى دۇئايىدا ياد ئېتىپ قالغانلار كىرمىسە كاللىسى سۈزۈك، ئەقلى تۈزۈك زېرەك كىشلىرىمىز زىنھار يولىمايدۇ. ئەگەر گېپىمگە چىنپۈتمەيدىغانلار بولسا خوتەنگە بارغانلاردىن، سەيلى-ساياھەت ۋە باشقا ھاجەت تۈپەيلى بىرەر مەزگىل تۇرۇپ قالغانلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقسا بولىدۇ. گەرچە خىزمەت ۋە تىجارەت تۈپەيلى چارچاپ قالغان بولساممۇ غەيرەت قىلىپ بۇ يازمىنى تاماملىدىم، ئارتۇقچە زىددىيەتكە سەۋەب بولۇپ قالماي دەپ بەزى يەرلەردە بەك مۇلاھىزە قىلىپ كەتمىدىم، يازمىدا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىم بولسا، تورداشلار ئەپۇ قىلغاي ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسەتمە بەرگەي. ئاخىرىدا بۇ تېما توغرىلىق نورمال ۋە ئەھمىيەتلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى تىلەيمەن. سالامەت بولغايسىلەر! مەنبە: يېڭى يازما 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-14 01:42 PM
|