مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 5

ئىقتىساد توغۇرسىدا بىلىملەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69210
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىقتىساد دىگەن نىمە؟
ئىقتىساد لاتىن تىلىدىكى economy (ئېكانومى دەپ ئوقىلىدۇ) دىن كەلگەن بولۇپ ئەسلى مەنىسى ئايىلە باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك. بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدابۇرۇندىن ئىكانىم دەپ دەپ ئىلىنغان ، قازاق قىرىنداشلار ئىقتىسادى ئۇچۇرنى ئىكانىمىكالىق ئىنفورماتسىيا دەيدۇ. بۇ بىزدە تىجەشلىك بولۇش، ئىدىتلىق باشقۇرۇش بايلىق ئىشىنىشنى بىلدۇرىدۇ.
ئايروپىلاندىكى ئەڭ ئەزان بىلەتلىك ئورۇن 经济舱 دىيىلىدۇ ، بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرقى مەنە چىقىدۇ.
دىمەككى ئىقتىساد بىر ئايىلىنى، بىر جەمەتنى، بىر رايوننى بىر دۆلەتنى ئىدىتلىق باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك.
ئىقتىساد پىنىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نىيوتوننىڭ دىنامىكا ، ھەركەت، ئىنىرگىيە قانۇنلىرىنى چۈشۈنۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.
نيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى: تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا تەكشى ھەركەت ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. ئىقتىسادنى تەكشى تىزلىكتە بىر خىل سۈرەتتە  ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمغا ئوخشاتساق،   سۈرىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن  سىرتتىن كۈچ ئىشلەش يەنى ئارتۇقچە  ئىنىرگىيە بىرىش كىرەك.
خوش، نيوتوننىڭ يەنە بىر قانۇنى: ئىنىرگىيە باردىن يوق بولمايدۇ، يوقتىن بار بولمايدۇ، پەقەت بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئاينىلىدۇ، ئىقتىىساتنىڭ ئەڭ كونكىرىت كۆرسەتكۈچى بولغان ماددى بايلىقمۇ شۇنداق. يەر شارىدا ماددى بايلىق جۇغلانمىسى چەكلىك، يوقتىن بار بولمايدۇ، باردىن يوق بولمايدۇ، پەقەت بىرىنىڭ يانچۇغىدىن بىرىنىڭكىگە ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىز قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ يانچۇقىدىكى 4 تال پۇل تىخى ئىسسىق ئۆتمەي تۇرۇپلا ئامرىكا قاتارلىقلارنىڭ يانچۇغىغا كىرىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ كونىلا  بۇ قانۇنىيەتنى سۇ سايغا پۇل بايغا قەدىمى زامانلاردىلا ئىسپاتلاپ چىققان.
بىرىگە تەنتەربىيە لاتارىيەسىدە 5 مىليون چىقىپ بىر كىچىدىلا مىليونىردىن بىرى كۆپەيدى، لىكىن ئۇنتۇپ قالمايلى ، بۇ  مۇكاپات چىقمىغان 2 مىليون 500 مىڭ بىتەلەينىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىلىپ بەرگەن 2 يۈئەندىن پۇلى ، شۇنچە نۇرغىن ئادەمنىڭ سىىلىپ بەرگەن 2 كويدىن پۇلى بىر مىليونىرنى ياساپ چىقىدۇ.
ئامرىكا بىيىپ تىنىپ كەتتى. چۈنكى دۆلىتىمىز قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسى قىلىۋالدى. بافىت ئۆمرىدە كەتمەن چىپىپ باقمىغان، قاتتىق قۇرۇق ئىشلىنىمۇ قىلىپ باقمىغان، بافىتنىڭ كارتىسىدىكى پۇلى 50 مىليارت ئامرىكا دوللىرى. جوڭگودەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ 2011 يىللىق مىللى دارامەت قىممىتى يەنى GDP سى 7407 مىليات ئامرىكا دوللىرى، يەنى ئامرىكىدا بافىتتەك بايدىن 150 نىڭ  پۇلى  جوڭگۇدىكى بىر مىليات 400 مىليون ئادەمنىڭ بىر يىللىق دارامىتىگە تەڭ. باشقا كارلوس، بىل گەيتىس، بېرناد دىگەن بايلىنىڭ گىپىنى قىلمايلى بولدى.ئەمدى سىرلىق GDP مۇسابىقىسى توغرىلىق سۆزلەيلى،
دۆلىتىمىز دۇنيا ئىقتىسادى GDP مۇسابىقىسىدا ئىككىنجى بولدى، بۇ كەنتتىن تارتىپ مەركەزگەچە  ھەر دەرىجىلىك سىتاتىسكا ئىدارىلىرىدىكى مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى بىر يىل كۈرەش قىلىپ ھىساپلاپ چىققان سانلىق مەلۇمات، مەنچە بۇنىڭدا سۇ تەركىۋى ئاز، ياكى يالغىنى يوق دىگىدەك. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يىلىغا 10پىرسەنت ئاشسا 6-7 يىلدا بىر قاتلىنىپ بولىدۇ، بۇنداق ئىشىۋاتقىلى 30 يىل بولدى. لىكىن بىز بۇنى تازا ھىس قىلمىغاندەك تۇرىمىز سەۋەپ نەدە؟ تۆۋەندىكى تەمسىلگە قارايلى.
مەسىلەن مەن بىر  يىزىلىق، بۇ يىل مەركەزدىن يىزىغىچە قانداقلا بولمىسا ئىقتىسادنى 10 پىرسەنت ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بۇيرۇغى چۈشتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى پۈتۈن يىزا خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ 10 پىرسەت ئاشقان بولىشى كىرەك. مۇشۇنداق يىزا كەنت شەھەرلەرنىڭ، ئۆلكىلەرنىڭ  10پىرسەندىن ئىشىشى ئاخىرى جۇغلۇنۇپ پۇتۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ 10پىرسەنت ئىشىشى بولۇپ نەتىجىلىنىدۇ.
مەن بىر يىزىلىق بولۇش سۈپۈتۇم بىلەن بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشىشىغا چوقۇپ ئۆزۈممىڭ ھەسىىسىنى قوشىشىم كىرەك ، يەنى مىنىڭ بۇ يىلقى كىرىمىم چوقۇم 10پىرسەنت ئىشىشى كىرەك،
لىكىن مىنىڭ ئالدىنقى يىللىق 5000 كوي كىرىمىمنىڭ بۇ يىل يەنە ئىشىش ئىھتىمالى ئازراقمۇ يوق ، شۇنىڭدىمۇ مەن بىر ئامال چارىلار بىلەن بۇ يىل 500 كوينى ئارتۇق تىپىشىم كىرەك.
مىنىڭ خوشناممۇ شۇ غەمدە؟
قانداق قىلىشىم كىرەك؟ قارماقتىن بىرنى ئىلىپلا دەرياغا بىرىپ ئالقىنىمدەك بىلىقتىن بىرنى تۇتۇپ كىلىپ خوشنامنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا سىتىپ بىرەي سەن يىگىن دىدىم ، خوشنام 5 كويغىمۇ يارىمايدىغان بىلىققا 500 كوينى گەپ قىلمايلا بەردى ، مەن بۇ پۇلنى مىدىراتماي تىقىپ بولدۇم.
خوش، بۇ يىل كىرىشىگە مەن  قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ بىلىق سىتىپ 500 كوي ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇلتۇرقى 5000 كوينى بۇ يىل دىخانچىلىق قىلىپ تاپالايدىغىنىمغا كۆزۈم يەتكەن ئەھۋالدا مىنىڭ بۇ يىلقى  كىرىمىم 5500 كوي بولدى دىگەن گەپ . مىنىڭ كىرىمنى بۇ يىل 5500 كويغا يەتكۈزۈپ 10 پىرسەنت ئاشۇرۇش پىلانىم ئەمەلگە ئاشتى، ۋەزىپەم ئورۇندالدى،
بۇ ۋەزىپە خوشنامنىڭ بىشىدىمۇ بار، خوشناممۇ ئىسسىق ئەمەس، خوشنام يىل ئاخىرى دەريادىن بىر بىلىق تۇتۇپ مىنى ئىزدەپ كىلىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا سىتىپ بىرەي دىدى، مەن گەپ قىلماستىن يىل بىشىدا تىقىپ قويغان يەرىمدىن 500 كوينى ئىلىپ خوشنامنىڭ بىلىغىنى سىتىۋالدىم، خوشناممۇ  بۇ يىل 500 كويغا ئارتۇق ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىۋالدى.
بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىمىدى، يىزىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ سىتىش سوممىسى بۇ يىل بۇلتۇرقى 10 مىڭ كويدىن 1000 كوي ئىشىپ 10 پىرسەنت ئاشقان بولدى......
مانا بۇ قىزىقارلىق GDP مۇسابىقىسى.

بىزگە ئانچە تونۇشلىق بولمىغان يەنە بىر ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنى دەپ قوياي، ئۇ بولسىمۇ ئېنگىر كۆرسەتكۈچى. سىزنىڭ قورساق بىقىش ئۈچۈن كەتكەن پۇلىڭىزنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىڭىزنىڭ ئىچىدەئىگەللىگەن نىسپىتى ئېنگىر كۆرسەتكۈچى بولىدۇ ، مەسىلەن سىزنىڭ ئايلىق مائاشىڭىز 2500 كوي، قوساققا كەتكەن پۇل 1000 كوي، ئۇ چاغدا 1000 نى 2500 گە بۆلسەك ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 40 پىرسەنت بولىدۇ، قىزىققانلار ھىساپلاپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 20 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولسا سىز ھاللىق سەۋىيەسىكى ئادەمكەنسىز، ئەگەر 80 پىرسەنتتىن يۇقۇرى بولسا مەيلى GDP ئۇچۇپ نەگە بارسۇن  سىز خەلقئارالىق نامراتلىق ئاگالاندۇرۇش سىزىغىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان ئادەمكەنسىز.

ئامرىكىلىقلا قاندا قىلىپ بىزنىڭ رىسقىمىزنى بۇلاپ كىتىۋاتىدۇ ؟  بۇدا ئىنكاستا مايمۇن ساتقۇچىنىڭ لەتىپىسىنى سۆزلەپ بىرەيئالدىنقى ئىنكاسلىدا ئىقتىساد ۋە GDP توغرىسىدا سۆزلەندى، 5 كويلۇق بىر تال  بىلىقنىڭ 500 كوي بولۇپ قولدىن قولغا بىرلا قىتىم ئۆتۈپ بىر يىزىنىڭ يىللىق مىللى دارامىتىنىڭ 10 پىرسەنت ئىشىشىغا قانداق تۆھپە قوشقانلىغىنى چۈشەنسەك ئۇ چاغدا ھەر كۇۋادىرات مىتىرىنىڭ تەننەرقى 1000 كويغىمۇ يەتمەيدىغان ئۆي باھاسىنىڭ بۇ 10 يىللار ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ نەچچە ئون مىڭ كويغا چىقىشىنىڭ مال باھا ئۆرلەشنىڭ بۇ 10 يىلدا GDP گە قانچىلىق تۆھپە قوشقانلىغىنى بىلەلەيمىز. 20 يىل بۇرۇنقى بىزنىڭ 10 كويلۇق پۇلىمىز ھازىر 100 كوي بولدى ، دىمەك كىرىمىمىز 10 ھەسسە ئاشتى، لىكىن بۇرۇنقى 10 كوي ياكى ھازىرقى 100 كوي پۇلىمىزغا  ئىككى دەۋىردە ئوخشاشلا 2 كىلو گۆش سىتىۋالالايمىز.

مايمۇن ساتقۇچىنىڭ ھىكايىسىغا كىلەيلى،
بىر يىزىدىكى چوڭ بىر ئورماندا بىر توپ مايمۇن ياشايدىكەن، بۇ مايمۇنلىنىڭ سانىنى 1000 دەپ تۇرايلى، يىزىلىقلا بۇ مايمۇنلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ.
بىر كۈنى شەھەردىن بىر يوچۇن ئادەم چىقىپ ئورمانغا يىقىن بىر نەچچە ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنىڭ مايمۇن سىتىۋالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ ۋە بىر مايمۇنغا 5 كوي باھا قويۇپتۇ، ۋە 3-4 كۇندىن كىلىپ يىزىلىق بىر نەچچە ئايىلە ئورمانغا كىرىپ تۇتۇپ قويغان 10 مايمۇننى 50 كويغا سىتىۋىلىپ كىتىپتۇ، ۋە يەنە قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئالىدىغىنىنى ئەسكەرتىپتۇ.
ئەمدى پۇتۇن يىزىدا مۇشۇ توغرىلىق گەپ بولۇپ مايمۇن تۇتۇپ پۇل تىپىش نۇرغۇن ئادەمگە يىڭىلىق تۇيۇلۇپتۇ ۋە ھەممەيلەن ورمانلىققا ئاتلىنىپتۇ.
بىر ھەپتىدىن كىيىن شەھەرلىك سودىگەر كىلىپ 500 مايمۇننى 5 كويدىن يىغىپ كىتىپتۇ ۋە يەنە قانچىلىك بو لسا شۇنچىلىك شۇنچىلىك ئالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەمدى ئورماندىكى مايمۇنلار كاتتىق ئۈركۈپ ، ھەم سانىمۇ ئازلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن مايمۇن تۇتۇشمۇ قىيىنلىشىپتۇ . يىزىلىقلار  مايمۇننىڭ باھاسىنى 10 كويغا ئۆستۈرۈشكە كىلىشىپتۇ. شەھەرلىك سودىگەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ ۋە بۇداقى مايمۇنلىنى 20 كويدىن ئالىدىغان بولۇپ 200 ماينۇنننى شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ كىتىپتۇ.
مايمۇن ئازلاپ تۇتۇشمۇ تەسلىشىپ كەتكەنسىرى مايمۇننىڭ باھاسى ئاخىرى 50 كويغا ئۆسۈپ شەھەرلىك سودىگە ئەڭ ئاخىرقى مايمۇنلىنى 50 كويدىن سىتىۋاپتۇ يەنە يىزىلىقلارنى داۋاملىق ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ 200 كوي باھا قويۇپ قايتىپ كىتىپتۇ.
بۇ كۇنلەردە يىزىلىقلارنىڭ كۈنى باشقا ھەر قانداق ئىشنى قويۇپ مايمۇن ئىزدەش بىلەنلا ئۆتىدىكەن. بىر كۈنلەردە يىزىدا يەنە بىر شەھەرلىك سودىگەر پەيدا بولۇپ قولىدا نۇرغۇن مايمۇن بارلىغىنى ، يىزىلىقلانىڭ مايمۇن باققىسى بولسا بىرىنى 100 كويدىن سىتىپ بىرىدىغانلىغىنى ئىيتىپتۇ،
يەنە بىر مايمۇن سىتىۋالىدىغان شەھەرلىكنىڭ بىر مايمۇنغا 200 كوي ۋەدە قىلىپ كەتكەنلىگى، ئەمدى شۇنچە ئىزدىسىمۇ بىر  مايمۇن تۇتالمىغان شەھەرلىكلەرگە يەنە بىر قىتىم باي بولۇش پۇرسىتى ئىلىپ كەلگەندە بولۇپتۇ ، مايمۇن سىتىۋالىدىغان شەھەرلىكنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، ھازىر 100 كويدىن ئىلىپ قويساق 200 كويغا ساتالايمىزكەن دەپ يەنە بىر شەھەرلىكنىڭ مايمۇنلىرىنى بىر بىرىدىن قىزغىنىپ بەس- نەستە سىتىۋىلىپ تۈگۈتۈپتۇ، لىكىن قانچە ساقلىسىمۇ شەھەرلىك مايمۇن سىتىۋالغۇچىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ،  كانايغا يوق سۇنايغا نەدە دىگەندەك مايمۇنلىرىنى باقالماي ئاخىرى ئورمانغا قويىۋىتىپتۇ
ئەمدى ئاۋۇ ئىككى شەھەرلىكنىڭ تىلى بىر شىرىك ئىكەنلىگى يىزىلىقلارغا ئاستا-ئاستا ئايان بوپتۇ.
بۇ يەردىكى يىزىلىقلار بىر قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرى، مايمۇن سىتىۋالغۇچى شەھەرلىك دەل ئامرىكا، شەھەرلىك شىرىكى بولسا ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ كۈچلۈكلىرى. مايمۇنلار بولسا 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى تەبىيى بايلىقلار، ئەرزان باھالىق خام ئەشيالار، تاشقى پىرۋۇت زاپىسى،چۈشۇپ ئەخلەتنىڭ نەرقىدە بولۇپ قالغان  پاي چەك ۋە قەرەللىك سودا بۇيرۇتمىلىرى، ھەتتا مۇلۇك ھوقۇقى، دۆلەت قەرزى، زاۋۇت-كارخانا قاتارلىقلار.
دوسلار ئىقتىسادى بىلىملەرنى موللىتايلى، ئىقتىساد ئۇگىنەيلى! ئىقتىساد سۆزلەيلى!
قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىك دەيلى!
.ئەسكەرتىش: بۇ يازمىلار مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئاكسىيەنىڭ مەلۇم تىمىدىكى ئىنكاسلىرى ئاساسىدا رەتلەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 01:27 PM  


ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29440
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 09:40:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 863 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن بۇلارنى ھەجەپ ئويلىماپتىمىنا؟ مىنىڭ كەسپىم مۇشۇ بولمىسا... رەھمەت بۇرادەر،بىلىم ئىگەنلىۋالدىم...

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 932
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21200
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3017 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 01:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كەسپىم ئىقتىساد ، تىمىدا يۇمۇرلۇق تىل ، ئاددى سۆزلەر بىلەن ئىنتايىن چوڭ بىر مەسلە يورۇتۇپ بىرلىگەن ، ئىقتىساد دىگەن بىر ئائىلە ، جەمەت ، يىز - شەھەر ، ئەڭ ئاخردا بېرىپ بىر دۆلەتنىڭ قان تومۇرى ، بۇ تومۇر ئۈزۈلسە باشقا ھەممىسى ئىككىى تىيىن .تۆۋەندە جۇڭگۇدىكى يۈرىكى بار داڭلىق ئىقتىسادشۇناس
لاڭ شيەنپىڭ نىڭ ماقالىسى:‹قورقۇنۇچلىق ئامېرىكا ›نى ئوقۇپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى لاڭ شيەنپىڭ بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ نامىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئىرەن قىلماپتىكەنمەن. بىر قېتىم نەنمىن شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرسەم، بىرىنچى قەۋەتتىكى تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار ئارىسىدا ساپلا شۇنىڭ كىتابلىرى تۇرغاندەك قىلغان. لېكىن بۇ قېتىم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئاۋال ئاپتورنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
لاڭ شيەنپىڭ، ئىقتىسادشۇناس. 1956- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دادىسى گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مايور گېنېرالى، ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى. لاڭ شيەنپىڭ ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى شاڭخەيگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1974- يىلدىن 1978- يىلغىچە تەيۋەن دۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقات ئورنىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، 1980- يىلى ئىقتىساد ئىلمى ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ماگىستېرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، مۇخبىر بولغان. 1983- يىلى 27 يېشىدا ئانىسىنىڭ ئىشەنچ باغلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ۋارتون سودا مەكتىپىدە پۇل – مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان. 1985- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن، 1986- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە مالىيە ئىلمى لېكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1987- يىلى مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتقا ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ يۆتكەلگەن، 1988- ئوھىئو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتتا زىيارەتچى ياردەمچى پروفېسسور بولغان، 1989- يىلى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتىتى ستېرىن سودا مەكتىپىدە ياردەمچى پروفېسسور بولغان. 1993- يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن ھەم ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994- يىلى ئۇ بىرلا ۋاقىتتا شياڭگاڭدىكى بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى "تاشلاپ"، 38 يېشىدا شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1997- يىلى 41 يېشىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش لېكسىيە پروفىسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن (ھازىرغا قەدەر). 1998 ~ 1999- يىللىرى "نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ بۆشۈكى" دەپ ئاتالغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ شىركەت تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگو بانكىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
لاڭ شيەنپىڭ تەبىئىتىدىنلا ئوتتۇرا – تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ، خەلىققە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رىئاللىقنى ئاشكارىلاپ، دادىل تەكلىپلەرنى بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادى، ئۆي – مۈلۈك كەسپى، جۇڭگو مائارىپى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەمئىيەت قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەكلىپلەرنى بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئوچۇق نەزەرى، ئۆزگىچە تەھلىللىرى ئارقىلىق ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ ھەمدە خۇددى خارۋارد پروفېسسورى گرېگورىي مانكىۋغا ئوخشاش چۈشەنگىلى بولىدىغان تىل بىلەن ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە ۋىدېئولىرى ئىنتېرنىتتە كەڭ تارقالغان بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. 2010- يىلى 12- ئايدا ئۇ شى خەنبىڭ، يۈ جيەنرۇڭ، دەي شۇ، گو يىپىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 300 مىڭدىن كۆپرەك تورداشلار تەرىپىدىن بىلەت تاشلىنىپ "جۇڭگو ئىنتېرنىت تورىدىكى توققۇز داڭدار شەخس" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇلار جۇڭگو تۆۋەن قاتلام خەلق رايىنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ ۋىجدانلىق زىيالىيلار دەپ قارالغان.
1. سۆۋىت ئىتتىپاقىنى جايلاش
1991- يىلى ساچىر خانىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، خيۇستوندا بىر ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ تېمىسى "بىز سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى قانداق تارمار قىلدۇق؟" بولۇپ، ئۇ مۇنداق يەكۈنلەيدۇ: "بىز يەنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قەستەن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ئېزىقتۇرۇپ، زور كۆلەمدىكى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ھەربىي سانائەت كەسپىگە سەرپ قىلغۇزۇپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە سۆرەپ كىردۇق. سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدا پۈتكۈل سۆۋىت دۆلىتىنىڭ GDP سىدا ھەربىي سانائەت %70 نى ئىگىلەيتتى.   
ئۇنداقتا سۆۋىت ئىتتىپاقى نېمىشقا پارچىلاندى؟
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەربىي سانائەت پۇل تاپقىلى بولمايدىغان كەسپ. ئالايلۇق، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي زاۋۇتلىرىدا ياساپ چىقىلغان ئايروپىلان، زەمبىرەكلەر بىۋاسىتە ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاپاۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇششاق زاپچاسلارنى قانداق سېتىۋالىدۇ؟ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى قانداق تارقىتىدۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ %70 GDP سى ھەربىي سانائەت تارماقلىرى تۇرسا، مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سۆزلىمەيلا قويايلى، ئەڭ ئاددىيلا ئۇقۇم، قانداق مائاش تارقىتىدۇ؟ تارقىتالمايدۇ. نېمىشقا؟ كىرىم يوق. سىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن كەلگەنلەر بۇنى ياخشى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ؟ ئىچكى قىسىمدا ھېسابات ئاغدۇرسىلا بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم دەيدىغان نەرسە يوق، ھەممىسى قەغەز يۈزىدىكى، ھېسابات يۈزىدىكى سانلار. ئۇنداقتا قورساقنى قانداق تويغۇزىدۇ؟ خام ماتېرىياللارنى قانداق ئىمپورت قىلىدۇ؟ چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك دېگەنلەر نەدىن كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە چەتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. مائاشنى قانداق قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەت تارقىتىدۇ. ئەمىسە سوراپ باقاي، بۇ پۇللار نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ پۇللار پەقەتلا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىدىن كېلىدۇ. بىر يىلدا يارىتىلغان 30 مىليارد دوللارلىق تاشقى پرىۋوتتىن كېلىدۇ. مۇشۇ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئۇششاق زاپچاسلارنى، چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ، بارلىق سۆۋىت نوپۇسىنى باقىدۇ، ھەربىي سانائەت كەسپىنى باقىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئەمىسە ھەر قايسىڭلاردىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆۋىت ئىتتىپاقىنى تارمار قىلماقچى بولسا، قايسى بۆلىكىگە زەربە بېرىشى زۆرۈر؟ توغرا، نېفىت ئېكىسپورتىغا. پەقەت نېفىت ئېكىسپورتىنى بىتچىت قىلغاندىلا، سۆۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولىدۇ.   
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دېگەن بۇ دۆلەت ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيەگە تاقابىل تۇرغاندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىر تۈرلۈك مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ناتسېستلار گىرمانىيىسى ئۇرۇشتا ۋە بارلىق يۈك ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىدىغان ماتورلارنىڭ ئىچىدىكى مەنمۇ تازا چۈشەنمەيدىغان بىر زاپچاسنىڭ، بىر ئىنتايىن زۆرۈر زاپچاسنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك گىرمانىيە ئېكسون شتاتىغا قاراشلىق بىر بازاردىكى قورال – ياراغ زاۋوتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ئىدى. ئۇ بازارنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، نەچچە مىڭلا نوپۇسى بار ئىدى. كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك بىر بازاردا بارلىق ئۇرۇش ماشىنىلىرى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ مۇھىم بىر زاپچاسى ئىشلەپچىقىرىلاتتى. مۇشۇ زاپچاس بولمىسىلا، گىرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرى يۈرۈشتىن توختايتتى. ئامېرىكا بۇ ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ، بۇ كىچىك بازارنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ناتسېستلارنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۇزۇنغا بارمايلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ بۇنى نېمە دەيمىز؟ بۇنى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇش دەيمىز. نېمە ئۈچۈن سۆۋىتكە زەربە بېرىشتە ئاۋال نېفىت ئېكىسپورتىغا زەربە بېرىدۇ؟ مانا بۇ ماھىيەتنى تۇتۇش دىيىلىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكا جەنۇبىي ياۋروپادا يېڭى بىر ئۇرۇش مەيدانى ئېچىشنى قارار قىلىپ، ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈش كېرەكمۇ ياكى يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈش كېرەكمۇ دېگەننى ئويلىشىدۇ. ئەگەر ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزسە، غەربىي ياۋروپانى ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگىلى بولاتتى. ئەگەر يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزسە، غەربىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئالغىلى بولاتتى. قائىدە بويىچە ئامېرىكا يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈشى كېرەك ئىدى، توغرىمۇ؟ ئەمما ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئەڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈپ، غەربىي ياۋروپانىلا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئېلىشنى قارار قىلدى. شەرقىي ياۋروپانى قوش قوللاپ سىتالىنغا بېرىۋىتىپ، غايەت زور سۆۋىت ئېمپىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلدى. ئەمما شۇ يىلدىن باشلاپلا ئامېرىكا جان – جەھلى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇرۇشنى باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ ساچىر خانىم ئېيتقاندەك، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە توختىماي ئامېرىكا ئارمىيىسى ئانداق كۈچلىنىپ كەتتى، مانداق كۈچلىنىپ كەتتى دېگەندەك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ئېزىقتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم بايلىقىنى ھەربىي سانائەت تارماقلىرىغا سەرپ قىلغۇزدى. ئەڭ ئاخىرىدا 80- يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە %70 GDP ھەربىي سانائەت بولۇپ، پەقەت ھەر يىلدىكى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت ئېكىسپورتىغا تايىنىپ، كېلەڭسىز، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان ھەربىي سانائەتنى قامدىدى. تازا ئېپى كەلدى، رىگان زوڭتۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن سۆۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا يوقىتىش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇردى. جەمئىي تۆت باسقۇچ ئارقىلىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلدى. بۇلارنى بىلمىسەك بولمايدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: 1981- يىلى رىگان زوڭتۇڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا بارلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرىنى قامال قىلدى. بۇ تەدبىر كۈچىنى كۆرسەتتى، چۈنكى سۆۋىتلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل نېفىت قىدىرىش تېخنىكىسى يوق ئىدى. مۇشۇ بىر تەدبىر بىلەنلا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى نېفىتلىكلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشى ئاساسەن توختىدى. ئىلگىرى سۆۋىت ئىتتىپاقى ھەر يىلى 90 توننا ئالتۇن ساتاتتى، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى كالتىكىنى يىگەندىن كېيىن، 1981- يىلى 11- ئايغىچە 240 توننا ئالتۇن سېتىپ، ئاھالىلەرگە تولۇقلىما بەردى. بۇنىڭدىن زەربىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 1979- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن غەربىي ياۋروپا بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، 3600 مېل (5760 كىلومېتىر) ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ھەر يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقىغا 32 مىليارد دوللارلىق تاشقى پرىۋوت يىغىپ بەرمەكچى بولغانىدى. 1981- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكا زوڭتۇڭى غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى تاقىغۇزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى پرىۋوتقا ئېرىشىشىنىڭ ھەر قانداق يولى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. مانا بۇ بىرىنچى باسقۇچ ئىدى. بىرىنچى باسقۇچنىڭ مەقسىتى سۆۋىت ئىتتىپاقىغا پۇل تاپىدىغان ھېچقانداق يېڭى پۇرسەت بەرمەي، ئۇنى 30 مىليارد دوللارنىڭ ئىچىدە كونترول قىلىش ئىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: 1982- يىلى باشلاندى. سۆۋىت ئىتتىپاقى 3600 مېللىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىپ ئاچقانلىقتىن، ياۋروپا سۆۋىت ئىتتىپاقىغا %7.8 لىك تولىمۇ ئېتىۋارلىق ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ كېلىۋاتقانىدى، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى ئۆسۈم نىسبىتى %17 ئىدى. رىگان زوڭتۇڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى قامال قىلىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا غەربىي ياۋروپاغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر سىلەر ئۆسۈم نىسبىتىنى %17 كە كۆتۈرمىسەڭلار، ياۋروپا بانكىلىرى ئامېرىكا بانكىلىرى بىلەن سودا قىلسا بولمايدۇ دېدى. بۇ تەھدىت بەكمۇ چوڭ بولدى، ئامېرىكا بانكىلىرى بىلەن سودا قىلماسلىق قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ شۇنداق قىلىپ ياۋروپا باش ئەگدى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدىن ئالىدىغان قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %7.8 تىن بىر كېچىدىلا %17 كە ئۆزگەردى. شۇنداق قىلىپ 1982- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېسىلدى.  
ئۈچىنچى باسقۇچ: بۇ ئەڭ ۋەھشىي. 1985- يىلى ئامېرىكا سەئۇدى پادىشاھىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: سىلەرنىڭ سەئۇدىنى كونترول قىلىشىڭلار ئەڭ قالاق باشقۇرۇش ئۇسۇلى، يەنى جەمەت مونوپوللۇقىدۇر. سىلەر ئەتراپىڭلاردىكى پادىشاھلىقلاردەك ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەي، سەئۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئويلىساڭلار، بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلىڭلار دېدى. سەئۇدى پادىشاھى جىددىيلىشىپ: بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج، سىلەر بىزدىن نېمىنى كۈتىسىلەر؟ دىدى. ئامېرىكا سەئۇدىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپ، 1985- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ھەر كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى 9 مىليون تۇڭغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تارىختا رېكورد يارىتىلدى. نېفىت باھاسى ئەينى ۋاقىتتىكى ھەر تۇڭى 35 دوللاردىن شىددەت بىلەن 12 دوللارغا چۈشتى. نېفىت باھاسى بىر چۈشۈپلا، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكسپورتى تېزلا زەربىگە ئۇچرىدى، ھەر يىلقى نېفىت ئېكسپورتى 10 مىليارد دوللار ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن 30 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللار ئازىيىپ، يەنە 20 مىليارد دوللار قىپ قالدى، بۇ ساننى ئەستە تۇتۇڭلار.
تۆتىنچى باسقۇچ: ئامېرىكا دوللارنىڭ قىممىتىنى %25 چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. سەئۇدىنىڭ نېفىت باھاسىدا تارتقان زىيىنىنى تولۇقلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بەيكىر ئىشتىن ئاۋال سەئۇدى تەرەپكە بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەئۇدى تەرەپ ئىلكىدىكى دوللارنى پاكىز سېتىۋىتىپ، 20 مىليارد دوللار پايدا ئالىدۇ. لېكىن دوللار كۇرسىنىڭ %25 چۈشۈشىنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ بۇ سۆۋىت تەرەپنىڭ ئېشىپ قالغان 20 مىليارد دوللار يىللىق كىرىمىنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىمۇ %25 ئازلايدۇ دېگەنلىك، توغرىمۇ؟ شۇنىڭ قىلىپ 15 مىليارد دوللارلا قالدى. ئاندىن كېيىنچۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنىدى، ئامېرىكا ئافغانىستان قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيىسىگە ھەر خىل قوراللارنى تەمىنلەپ، سۆۋىتلىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ھەر يىلىغا بەش مىليارد دوللار ھەربىي خىراجەت ئاجرىتىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 15 مىليارد دوللاردىن يەنە بەش مىليارد دوللار ئازىيىپ، پەقەت 10 مىليارد دوللارلا قالدى. تۈگەشتى! نېمىشقا تۈگەشتى دەيمىز؟ چۈنكى سۆۋىت ئىتتىپاقى ھەر يىلى 20 مىليارد دوللار خەجلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىپ، سۆۋىت پۇقرالىرىنى بېقىشى، يەنە 10 مىليارد دوللار خەجلەپ، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ئۇششاق زاپچاسلارنى سېتىۋىلىپ، بارلىق ھەربىي قىسىملارنى تەمىنلىشى كېرەك ئىدى. ھازىر پەقەت 10 مىليارد دوللارلا قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى – چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك دېگەنلەرنى سېتىۋالالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نېفىتقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىپ، جىددىي قۇتقۇزمىغان بولسا، سۆۋىتلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىدا 10 مىليارد دوللارنىڭ ھەممىسىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشقا ئىشلەتتى. شۇڭا سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىۋاتقان چاغلاردا پۈتكۈل دۆلەتتە چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك تاپماق تەس بولدى، كىشىلەر قانداق كۈن ئۆتكۈزدى؟ بارلىق ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار ھەرىكەتكە كېلەلمىدى، نېمىشقا؟ ئۇششاق زاپچاسلار كەمچىل! شۇنىڭدىن كېيىنلا سۆۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇشقا باشلىدى! نېمىشقا؟ چۈنكى ئىقتىسادنىڭ %70 ى ھەربىي سانائەت بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يوق ئىدى! 1990- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ GDP سىدا ھەربىي سانائەت دەرھاللا قىسقاردى، GDP بىر كېچىدىلا %70 ئازىيىپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مىكسىكىنىڭكىگە تەڭلىشىپ قالدى. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا سۆۋىت دۆلىتىنىڭ گۇمران بولۇش جەريانى .
2. جۇڭگو ئىقتىسادىغا نېمە بولدى؟
ھازىر دۇنيا بويىچە پەقەت جۇڭگودىلا غەلىتە بىر ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ مەبلەغ سېلىش بازىرىدا سوۋۇش – قىزىش ئالامەتلىرىنىڭ ئارىلاش كۆرۈلۈشى. سوۋۇش دېگەن نېمە؟ پاي چېكىنىڭ چۈشۈشى. ھېچقانداق دۆلەتنىڭ پاي بازىرى جۇڭگونىڭكىدەك بۇنداق ئۇدا تۆۋەنلەپ باقمىغان. 4- ئايدىن باشلاپ چۈشۈپ، تۈنۈگۈن 2313 نۇقتىغا، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. بۇ جەرياندا ئاساسەن ئۆرلەپ باقمىدى. باشقا بازارلارچۇ؟ ئۆي بازىرى، ماشىنا بازىرى، زىبۇ – زىننەت بازىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى ئىزچىل قىزىپ كېتىۋاتىدۇ. سوۋۇش – قىزىشنىڭ بۇنداق تەڭلا مەۋجۇت بولۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىز ھەممىمىز كېسەل بولۇپ باققان. ئاغرىپ قالغاندا قانداق سىزىم بولىدۇ؟ پېشانىمىزنى تۇتساق قىززىق، ئەمما ئۆزىمىز مۇزلاپ، تىترەپ تۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن يوتقاننى قېلىن يۆگەپ ياتىمىز. مانا بۇ كېسەللىك ئالامىتى. بىر دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش بازىرىدا سوۋۇش – قىزىش ئالامەتلىرىنىڭ ئارىلاش كۆرۈلۈشى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر كېسەل پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆردۈم، GDP نىڭ ئۆسۈشى %9.1، پۇل پاخاللىقى %6.2 ئىكەن. بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يالغان، پۇل پاخاللىقىمۇ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %16 بولۇشى كېرەك. بوپتۇ شۇ سانلارنى راست دەپمۇ تۇرايلى، GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى چىقىرىۋەتسەك، پارتىيىنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ ھېسابلىساقمۇ، ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى %3 كە يەتمەيدۇ. بۇ سانلار بىلەن سىلەرنى كولدۇرلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنى موتورولا قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى مەن دىگەن مۇتەخەسىس. ئەگەر پۇل پاخاللىقى %16 بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى مىنۇس يەتتە بولىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئېغىر! نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى خۇددى قىزىتمىسى يۇقىرى، ئەمما پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرغان بىمارغا توختىماي قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يىگۈزگەنگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىقلا سەكراتقا چۈشۈش بولىدۇ. چۈنكى سەن كېسەل داۋالاۋاتقىنىڭ يوق. مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھۋال.
ئەمىسە دەپ بېقىڭلار، ھۆكۈمەت نېمىشقا ھەر دائىم قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىلا بېرىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ، بىلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمىز، لېكىن ئۇلار تېخى ئەنسىرىمىدى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەن بۇنى مۆلچەرلىگەنىدىم. ھازىر ھەممىسى راست بولۇپ چىقتى. بىر جۈملە گەپنىمۇ خاتا قىلماپتىمەن، ھەممىسى ئىسپاتلاندى. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى ئىنتايىن خەتەرلىك يار لىۋىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق دىيىشكە نېمە ئاساسىڭ بار دىيىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ گەپ قىلىدىغان ئادەم. ياساش كەسپىدىكى دىرىكتورلارنىڭ مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. بۇ كۆرسەتكۈچ 50 تىن يۇقىرى بولسا ئىقتىسادنىڭ نورمال ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 50 تىن تۆۋەن بولسا كاساتلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو، ئامېرىكا، ياۋروپا ئۈچ گەۋدىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كاساتلىشىشقا ماڭغىنى قايسى؟ سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، 7- ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا باشلامچى بولۇپ، پەسكە قاراپ ماڭدى. بۇنى سىلەر بىلمەيسىلەرغۇ دەيمەن. چۈنكى خەۋەر بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. ھەممىڭلار كاساتلاشقىنى جۇڭگو ئەمەس، ئامېرىكا دەيسىلەرغۇ دەيمەن. ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەزەلدىن 60 تىن چۈشۈپ باقمىدى. بىز ئامېرىكا ئانداق بوپكەتتى، مانداق بوپكەتتى دەيمىز. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ مېدىيالىرى پەقەت سەلبىي خەۋەرلەرنىلا تارقىتىدۇ، بىزنىڭ مېدىيالىرىمىز بولسا ئىجابىي خەۋەرلەرنىلا تارقىتىدۇ. مانا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقى.
7- ئايدىن باشلاپ جۇڭگودىكى ياساش كەسپى دىرىكتورلىرىنىڭ مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچى 50 تىن چۈشۈپ كېتىشكە باشلىدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونى قۇرۇغداۋاتىدۇ. شياڭگاڭدىكى بانكىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 4 ھەسسە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بانكىلارنىڭ 5 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل – مۇئامىلە بوران – چاپقۇنىنىڭ ئالامەتلىرى. جۇڭگونىڭ پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى 2013- يىلى يۈز بېرىدۇ. مەنمۇ بۇ نەرسىلەرنى سۆزلەشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. كۆپچىلىك ھەممىمىز جۇڭگولۇق، ھەر بىرىمىز دۆلەتنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشلار بۇ باسقۇچقا يەتكەندە قاتتىق ئېچىنماي تۇرالمايمەن. بىلەمسىلەر نېمىشقا؟ ھەر قېتىم مەن ھۆكۈمەتكە قانداق چاتاقلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇردۇم. ئۇلار ئاڭلىمىدى. نېمىشقا؟ بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ھوقۇقنىڭ تەكەببۇرلۇقىدا ھەر قانداق قارشى پىكىرگە قۇلاق سالمايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قوشۇلماي گەپ قىلساڭ، ماڭا قارشى چىقتى دەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر بىلەن دوست بولغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇلار ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ، كېلىپ دەرس ئاڭلىمايدۇ. سەن ئىقتىسادقا قانداق تاقابىل تۇرماقچى؟ شۇنداق ئاسان ئىش بارمىكەن؟ ياساش كەسپىنىڭ بۇ يىلقى مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ 50 تىن تۆۋەن بولۇشىغا قاراپلا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا مەسىلە بار دىگىلى بولامدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەن يەنە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بىللە يىغلايلى!
ئىقتىساد كۆزەتكۈچىسى گېزىتىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جياڭسۇ – جېجياڭ – شاڭخەي رايونىدىكى كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى 1/3 گە يەتمىگەن، پلاستىك ماتېرىياللار سانائىتىنىڭ %50 كە، كاۋچۇك – رېزىنكە سانائىتىنىڭ %60 كە، پۇرچاق مېيى كەسپىنىڭ %30 كە يەتمىگەن. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىشلەپ چىققان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەينىڭ خۇرۇم شەھەرچىسىدىكى خۇرۇم پىششىقلايدىغان زاۋۇتلارنىڭ %60 ى ئىش توختاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر بىر نەچچە رايوندا پات - پات توك ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ. سىلەرچە ئىقتىساد گۈللىنىپ كېتىپ، توك يېتىشمەيۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى توك تارقىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. بىز ئىشلىگەن ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بايقىشىمىزچە، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 916 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە تارقىتىۋاتقان توك پەقەتلا %40. نېمىشقا؟ چۈنكى ئىقتىساد كاساتلاشقان، جىق توكقا ئېھتىياج يوق. نېمە ئۈچۈن يەنە توك توختاش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى توك تارقىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. تارقاتقانسىرى زىيان تارتىۋاتىدۇ. مانا بۇ گۈيجۇ، يۈننەن، سەنشى قاتارلىق جايلاردا توك ئۆكسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى. يەنە تۆمۈر رۇدىسىمۇ بار، 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى پورتلىرىدا بېسىلىپ قالغان تۆمۈر رۇدىسى 98 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى قېتىملىق پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى مەزگىلىدىكى 70 مىليون 980 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ رەقەملەرنىڭ ھەممىسى ياساش كەسپىگە ئالاقىدار رەقەملەر، سىلەرگە دەۋەتتىم. جۇڭگو ئىقتىسادى ئاللىقاچان كاساتلاشتى، بۇ ۋىن جياباۋنىڭ يېقىندا نېمە ئۈچۈن توختىماي جېجياڭغا تەكشۈرۈشكە بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇ تېخى يېقىندىلا چۈشەندى، ئىشىنەمسىلەر؟ تېخى مۇشۇ ھەپتىدىلا چۈشەندى. بايا ئوقۇپ بەرگەن سانلىق مەلۇماتلار سەكراتقا چۈشكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. ئەمدى سوراڭلار، جۇڭگو ئىقتىسادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھىلىقىدەك قىزىش – سوۋۇش تەڭلا مەۋجۇت بولىدىغان ھادىسە كۆرۈلۈۋاتىدۇ؟ بۇ بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان دەرسنىڭ باش تېمىسى. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بۇ كېسەل ياساش كەسپى كرىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ياساش كەسپىگە كېسەل تەككەنلىكتىن، توك تارقىتىش %40 كە يەتمەيۋاتىدۇ، يەنە بايىقىدەك بىر قاتار سەلبىي مەلۇماتلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دەرس ئادەتتىكى ئاشكارا نۇتۇق ئەمەس، بۈگۈن سىلەرگە ئوبدان ساۋاق بېرىپ قوياي دەيمەن. سىلەردىن سوراي، بىز نېمىشقا مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدۇق؟ تۆۋەندە سىلەرگە سىلەر ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان سەۋەب – نەتىجە نەزەرىيەسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، يەنە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايمەن.
2010- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ GDP سىدا %70 نى ئىگىلەيدىغىنى پولات چىۋىق بىلەن سېمونت، يەنى سىلەر كۆرۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك تۆمۈريول، ئايروپورت، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەنلەر. بۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتى. ئەمدى سىلەردىن سوراي، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 10 يىلغىچە پايدا يارىتالامدۇ؟ توغرا، يارىتالمايدۇ. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولامدۇ؟ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى بايلىق يارىتالمايدۇ. قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۇنى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەسەبىيلەرچە مانا مۇشۇنداق قۇرۇلۇشلارنى قىلدى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ پۇلى نەدىن كېلىدۇ؟ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش قىلسا، تارقاتقان مائاش نەدىن كېلىدۇ؟ خام ماتېرىياللارنى قانداق ئىمپورت قىلىدۇ؟ سىلەرگە دەي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياساش كەسپىدىكىلەردىن يىغىدىغان باجدىن كېلىدۇ، ياساش كەسپىدىكىلەر ياراتقان ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پرىۋوتتىن كېلىدۇ. سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ %70 GDP سى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان ھەربىي سانائەت بولۇپ، ھەر يىلىدىكى 30 مىليارد دوللارلىق نېفىت ئېكسپورتىدىن كىرگەن تاشقى پرىۋوتقا تايىناتتى. ئەمدى جۇڭگونىڭ %70 GDP سى ئوخشاشلا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان پولات چىۋىق ۋە سېمونت بولۇپ، جۇڭگودىكى ياساش كەسپىدىكىلەر تەمىنلىگەن باج ۋە تاشقى پرىۋوتقا تايىنىدىغان بولدى. ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورتىنى بىتچىت قىلىش كېرەك ئىدى، توغرىمۇ؟ ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونى ۋەيران قىلماقچى بولسا، قايسى بۆلىكىنى بىتچىت قىلىشى كېرەك؟ توغرا، ياساش كەسپىنى!
بۈگۈن نېمە ئۈچۈن قىزىش – سوۋۇش تەڭلا مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى ياساش كەسپى كرىزىسى باشلاندى. كۆپچىلىك بۈگۈن بىللە يىغلايلى! ئەمەلىيەتتە مەن بۇ گەپنى ئاللىقاچان ھۆكۈمەتكە ئېيتتىم، ئۇلار ئاڭلىمىدى. نېمە ئامال؟ تارىخشۇناسلار سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرىنى قانداق خۇلاسىلىدى؟ سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. ئۇلار دېدىكى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى – سۆۋىت رەھبەرلىرىنىڭ قارا قورساقلىقىدۇر! نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ چۈنكى ئۇلار دۆلەت ئىقتىسادىنى چۈشەنمىگەن. ئەمدى قاراپ باقايلى، %70 GDP سى پولات چىۋىق ۋە سېمونت بولغان جۇڭگو ياساش كەسپىدىكىلەرگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەكتە. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە قانداق زەربە بەرگەنلىكىگە قارايلى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئاللىقاچان غەلىبە قىلايلا دەپ قالدى. مەن بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمنى كۆرسەتتىم، ئالاقە يوللىرىمدىن پايدىلىنىپ، رەھبەرلەرگە ئېيتتىم، كىتاب يېزىپ، تەشۋىق قىلدىم. ياساش كەسپى جۇڭگونىڭ جان تومۇرى ئىدى. ئۇلار چۈشەنمىدى، ئامال يوق. ھازىرقى سىياسەتلەر ھە، ئاناڭنى ھەممىسى ياساش كەسپىگە زەربە بېرىۋاتىدۇ. سىلەر دۆلەت كارخانىلىرىدىن كەلگەنلەر كۈنۈڭلار ھەر ھالدا ياخشى، ماۋۇ پۇقراۋى كارخانىلاردىن كەلگەنلەرنىڭ ھالى خاراپ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تۆۋەندىكى سۆزلىرىمگە دىققەت قىلىڭلار. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن قانداق زەربە بەرگەنلىكىنى سۆزلەيمەن. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يىغلاڭلار!
بىرىنچى باسقۇچ: 30 يىل ئىلگىرىكى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش بىلەن باشلانغان. بۇ يەردە ئىزچىللىق توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە يېڭى بىر شۇجى ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بولمىسا سەۋىيىسىنى چىقارغاندەك بولمايدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىمۇ ئاۋال بار پۇلنى پاكىز خەجلىۋىتىپ ئاندىن بىر نەرسە دەي، مەندىن كېيىنكىسى نېمە بولسا بولمامدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن قاراپ بېقىڭلار، ئامېرىكا جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىللىقنى ساقلايدۇ. بىر ئىلمىي فانتازىيىلىك روماندا ھەر بىر زوڭتۇڭ تەختتىن چۈشكەندە بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك زوڭتۇڭغا تاپشۇرىدۇ دېيىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئىزچىللىقىدىن قارىغاندا بىزنىڭ بۇ گەپتىن گۇمانلىنىشقا ھەققىمىز يوق. بولۇپمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ئاجايىپ ئىزچىل! 30 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا بىرىنچى باسقۇچنى باشلاپ، خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ شوئار ئېسىڭلاردىمۇ؟ نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا ياساش كەسپىنى قىلىپ باققان بولساڭلار بۇنى بىلىسىلەر. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن نېمە؟ ئېسىڭلاردىمۇ؟ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ قىلىدىغىنى نېمە؟ ياساش! بىز ئاخىرى ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئار ئاستىدا بىز ياساش كەسپىنىڭ باشقا غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى ياۋروپا – ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈۋەتتۇق. توغرىدۇ؟ بۇلار 1- مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى؛ 2- ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار؛ 3- ئەشيا ئوبوروت يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوش قوللاپ ياۋروپا – ئامېرىكىغا بېرىۋىتىپ، ئۆزىمىز پەخىرلەنگەن ھالدا ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. بۇنىڭدا مەسىلە بارمۇ؟ مەسىلە چوڭ. چۈنكى كىم ياساش كەسپىنىڭ باشقا ئۈچ غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى كونترول قىلسا، شۇ ياساش كەسپىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلالايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياساش كەسپىنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشى ئىنتايىن جاپالىق. سىلەر ياساش كەسپىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلار بۇنى ئۇقىسىلەر. ياساش كەسپى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان گەپ، ئىنتايىن زىرىكىشلىك. مىڭ تەستە مەھسۇلاتنى چىقىرىپ قارىساڭ، باھادا سېنىڭ دىگىنىڭ ھېساب ئەمەس. بىر ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق! بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ سىنىڭ پايداڭ تەبىئىيلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، باشقا نەتىجە يوق. سىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئايفوننى مىسالغا ئالايلى، كۆپچىلىك ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، بىر دانە ئايفوندا ئالما شىركىتى 1- ھالقا (مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى) ۋە 3- ھالقا (ئەشيا ئوبوروت يولى) نى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا بىر دانە ئايفون ئالما شىركىتىگە 360 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. 2- ھالقا (ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار) نى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن قاتارلىقلار كونترول قىلىدۇ. بۇ 187 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ جۇڭگو قىلىۋاتقان ياساش كەسپىچۇ؟ فۇشىكاڭنى مىسالغا ئالساقمۇ بولىدۇ، سىلەر فۇشىكاڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىسىلەر، شۇنداققۇ؟ فۇشىكاڭ، گۇاڭدا، يىڭيېدا ئۈچى ئاساسەن ئالمىنىڭ ئايفون، ئايپەد، ئايمەك، ئايپاد دېگەندەك مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمىسە فۇشىكاڭ ئايفون ياساپ قانچە پۇل تېپىۋاتىدۇ؟ 6.54 دوللار! يەنى ئالمىنىڭ 1- ھالقا بىلەن 3- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 60 ھەسسە كۆپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭ 2- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 30 ھەسسە كۆپ. فۇشىكاڭ تاپقان 6.54 دوللاردىن بارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتسەك، پايدىسى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى. 2003- يىلىغا كەلگەندە ياساش كەسپىنىڭ يامان سۈپەتلىك رىقابىتى باشلىنىپ، پايدا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن سۇناينى مىسالغا ئالساق، بىر سۇناي ئاران بىر مو (خەلق پۇلى) پايدا قىلىدۇ. يەنە سىلەرنىڭ ئېغىر سانائەتمۇ بار. چىرۈي پىكاۋىنى مىسالغا ئالساق، ئاشۇنداق مۇرەككەپ ئىش تەرتىپلىرى بىلەن مىڭ تەستە بىر پىكاپنى ياساپ چىقساڭ، 132 يۈەن پايدا قىلىدۇ، توغرىمۇ؟ ۋىيچەي ماتورلىرىچۇ؟ بۇنى دىسەم سەكرەپ كېتىسىلەر. بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ماتورى ئاران 50 يۈەن پايدا قىلىدۇ. مۇشۇنداق ياساش كەسپىنىڭ سىلەرچە يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ شۇنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش قورالى سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا زەربە بەرگەنگە ئوخشىمايدۇ. بۇ باشقا بىر خىل ئۇرۇش، باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشى! بىرىنچى باسقۇچتىكى باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى.  
ياساش كەسپىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقىمىز يوقكەن، ئۇنداقتا كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك كەسپلىرىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقىمىز بارمۇ؟ يەنىلا يوق، نېمىشقا؟ چۈنكى بىز بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشەنمەيمىز. بۈگۈن دۆلەت كارخانىلىرىدىن نۇرغۇن خادىملار كەپتۇ، بىز بۇ پۇرسەتتە كانچىلىق ئىشلىرىنىڭ پارىڭىنى قىلىشايلى. بىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىمىز چەتئەلدىن كان سېتىۋىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىنقى قېتىم خۇنەندە سۆزلىگەندە، لىكسىيەدىن كېيىنكى تاماق ۋاقتىدا خۇالىڭ پولات زاۋۇتىنىڭ بىر نەچچە باشلىقلىرى يېنىمغا كېلىپ، بۇرۇنراق دېمەمتىڭىز، بىلگەن بولساق، ئاۋسترالىيە تۆمۈر كېنىنى سېتىۋالمايتتۇق دېيىشتى. مەن ئۇلارغا كۆپرەك ئۆگەنسەڭلار بىلەتتىڭلار، ئۆگەنمەيسىلەر ئەمەسمۇ دېدىم. ھەر قايسىڭلارنىڭ كونا مۇقامغا قايتا دەسسىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە يىپيېڭى پىكىر يولىنى ئېيتىپ بېرىمەن. گېپىمنى ئەستە تۇتۇڭلار، كاننى نەدىن سېتىۋىلىش مۇھىم ئەمەس، ئەمىسە نېمە مۇھىم؟ باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم.
جۇڭگو نېفىت شىركىتىنى مىسالغا ئالايلى، ئۇلار ئىراق نېفىتلىكىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئاچىدىغان بولدۇق دەپ پو ئاتتى. بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭلار باردۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار، ئىراقتەك مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت، يەنە كېلىپ ئامېرىكا كونترول قىلىدىغان دۆلەت، نېفىت ئاچىدىغان ئىشنى جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە شۇنداق ئاسان تۇتقۇزۇپ قويارمۇ؟ بېشىڭدا ئەمەس، قۇڭاڭدا ئويلىساڭمۇ بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسەن. "جۇڭگو نېفىتى" سەن پو ئاتقاندا پېقىر لاڭ شيەنپىڭنىڭ سىنى تەتقىق قىلىشىدىن قورقمىدىڭمۇ؟ دەرۋەقە تەتقىقاتىم ئاياقلىشىپ، تېلېۋىزوردا بىر كۆرسىتىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ زۇۋانى ئۆچۈپ، قايتا پو ئاتماس بولدى. "جۇڭگو نېفىتى" نىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ "جۇڭگو نېفىتى" بىز ئىراقتىكى بىر نېفىتلىكنى مۇستەقىل ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق دېدى. ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ بىزنى قانداق ئويناتقانلىقىغا قارايلى. ئىراق ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، نېفىتلىكنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ ئىلگىرىكى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ھازىرقىسى ھاۋالە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش. ئىراقنىڭ بارلىق نېفىتلىكلىرىنى ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتى كونترول قىلىدۇ. خېرىدار چاقىرىش دېگەنلىك – چەتئەل شىركىتى بارلىق مەبلەغ، تېخنىكا، خادىم، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزى چىقىرىپ، ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە ياردەملىشىپ نېفىت قازىدۇ، ئاندىن پەقەت شۇ شىركەتكىلا سېتىپ بېرىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچىسى "جۇڭگو نېفىتى" بىلەن ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى بىرلىكتە قويغان باھا بولۇپ، بىر تۇڭ نېفىتنى قېزىپ، قانچىلىك باھادا ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار. 3.99 دوللار! ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتى تېخى بۇ باھانىمۇ رەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى باھانى كىم قويدى؟ جۇڭگو نېفىت شىركىتى، بىر تۇڭى 2 دوللار! دېھقان ئىشلەمچىلەردىنمۇ ئېچىنىشلىق! تەننەرخىغىمۇ يەتمەيدۇ. بىزنىڭ پۇقرالار بېرىپ "جۇڭگو نېفىتى" گە تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ. سىلەر ئېغىر سانائەتنىڭ ئادەملىرى بىلىسىلەر. ئىراقتا بىر تۇڭ نېفىت قېزىشنىڭ تەننەرخى 4 دوللاردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئادەم كۈچى، ئۈسكۈنە، كاپىتال، كۆچمە مەبلەغ چىقىرىپ نېفىت قازغاندىن كېيىن، بىر تۇڭىنى 2 دوللاردىن ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ. چۈنكى سەندە باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىلىقلار بىزنى قانداق ئوينىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، بىر تۇڭىنى 3 دوللاردىن ئېلىپ كېتىدۇ. ئاندىن 120 دوللار باھادا جۇڭگولۇقلارغا سېتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ "جۇڭگو نېفىتى" نىڭ ئۆز ئالدىغا نېفىت قېزىش ھوقۇقى! ئامېرىكىلىقلار نېفىت قېزىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا بېكىتىش ھوقۇقى. ئۇلار جەنۇب نېفىت شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.  
يەنە جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ ئۇلار بىز كانادانىڭ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالىدىغان بولدۇق دەپ پو ئاتتى. سىلەرچە كانادا ھۆكۈمىتى قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟ ئۇلار قارشى ئالىمىز دېدى. بىز چوقۇم ئەجەبلىنىمىز، دۆلەت بايلىقى ئەمەسمۇ، قانداقسىگە چەتئەل شىركىتىگە ساتقۇدەك؟ كۆپچىلىك، ئەمدى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلار بايلىقنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا بېكىتىش ھوقۇقى! مەن بۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، مەن سۆزلەشكە ئەڭ سالاھىيەتلىك ئادەم. كانادانىڭ قانۇنىدا بۇ ئۈچ كالىي كېنى دۆلەت ئىچىگە قارىتا چوقۇم باھا چۈشۈرۈپ رىقابەتلىشىشى، دۆلەت سىرتىغا قارىتا چوقۇم ھەر بىرى ئۈچتىن بىر قىسىم مەبلەغ چىقىرىپ، بىرلەشمە توشۇپ سېتىش شىركىتى - كامفورتىسنى قۇرۇپ بايلىقنى مونوپول قىلىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. مەقسەت كانادا پۇقرالىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كالىينىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىش. شۇڭا بۇ ئۈچ كالىي كېنى ساڭا ئايرىم ھالدا بىر نەرسە ساتالمايدۇ، چوقۇم بىرلەشمە توشۇپ سېتىش شىركىتى ئارقىلىق خەلقئارالىق باھادا ساتىدۇ. ئەمىسە كانادا ھۆكۈمىتى نېمىشقا بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ سېتىۋىلىشىغا يول قويىدۇ؟ چۈنكى كانادانىڭ قانۇنى بويىچە ئەگەر جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالسا، دۆلەت ئىچىگە قارىتا باھا چۈشۈرۈپ رىقابەتلىشىشى شەرت، شۇنىڭ بىلەن كانادا ھۆكۈمىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋىلىپ، كامفورتىسقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاپىرىپ جۇڭگولۇقلارغا يۇقىرى باھادا ساتىدۇ. جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئەڭ چوڭ پايچىك سالاھىيىتىدە كامفورتىسنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالمايدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، 1985- يىلى كانادادا بىر تۈرلۈك رىقابەت كۈچى قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5- ماددا 15- تارماققا ئاساسلانغاندا، ئەگەر جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالسا، كامفورتىسنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق قىلمىشى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى 14 يىل كېسىلىدۇ، 200 مىليون كانادا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ. شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسى ھەر قانداق چەتئەل مەبلىغىنىڭ كالىي كانلىرىنى سېتىۋىلىپ، كامفورتىسنى كونترول قىلىش غەرەزلىرىنى قانۇنىي شەكىلدە توسۇۋەتكەن. جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ كانلارنى سېتىۋالسا بىرلا ئىشنى قىلالايدۇ، ئۇ بولسىمۇ قېزىپ چىقارغان كالىينى تۆۋەن باھادا كانادا ھۆكۈمىتىگە سېتىپ بېرىش. سەن كامفورتىسقا ھەمتاۋاق بولالمايسەن، ئەڭ ئاخىرىدا كانادا ھۆكۈمىتى كامفورتىس شىركىتى ئارقىلىق يۇقىرى باھادا جۇڭگوغا ساتىدۇ. "جۇڭگو نېفىتى" بىلەن ئوپئوخشاش.
بۇلار ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق نېفىت ۋە كالىينى كونترول قىلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى. كان بايلىقلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغانلار دۆلەت ئىچىدە ئوينىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئەمما چەتئەلدە ئوينىماقچى بولساڭلار، ئاقمايدۇ. تۆۋەندە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى چۈشەنمەسلىكنىڭ نەتىجىسىنى سىرەك داڭگالنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمەن. دىڭ شياۋپىڭ ئىلگىرى "ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بولسا، جۇڭگودا سىرەك داڭگال بار" دېگەن. بۇنىڭدا نېمە دېمەكچى بولغىنى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە بىر جۈملە گەپنى ئېيتمىغان، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا دەپ قوياي، ئوتتۇرا شەرقمۇ نوچى، جۇڭگومۇ نوچى، ئەمما ھەر ئىككىلىسىدە يوق باھا بېكىتىش ھوقۇقى! سىرەك داڭگالنىڭ گېپىگە كېلەيلى. 1990- يىلى جۇڭگونىڭ سىرەك داڭگىلى يەر شارى سىرەك داڭگال زاپاس مىقدارىنىڭ %80 نى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %96 نى ئىگىلىگەن. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر مونوپولچى بولغاچقا، باھادا بىزنىڭكىلەرنىڭ ھېساب بولۇشى كېرەك ئىدى. گو تەيمىڭ ئايفون ياساپ، باھا بېكىتىش ھوقۇقى بولمىسا توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى سەن مونوپولچى ئەمەس. فۇشىكاڭ قىلمىسا، گۇاڭدا قىلسىمۇ بولىدۇ، يىڭيېدا قىلسىمۇ بولىدۇ. ۋاھ دەپ كەتكۈدەك ئىش يوق. بىراق سىرەك داڭگالدىچۇ؟ يەنىلا بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس. ھەتتا سىرەك داڭگالنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنىمۇ ئامېرىكا، ياپونىيە كونترول قىلىدۇ! ئىندىينى مىسالغا ئالايلى. سىرەك داڭگال تەركىبىدە 17 خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئىندىي شۇلارنىڭ بىرى. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئوقبېشى، يەنە سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران دېگەندەكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. زاپاس مىقدارى ئاران 16000 توننا بولۇپ، ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارىدىن كۆپ ئاز. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، زاپاس مىقدارى ئالتۇننىڭكىدىن ئاز، ئىشلىتىلىشى ئالتۇننىڭكىدىن كۆپ بولغاندىكىن، ئالتۇندىن قىممەت بولۇشى كېرەك ئىدى. بىر توننا ئالتۇننى 50 مىليون دوللارغا ساتقىلى بولىدۇ. ئەمما بىر توننا ئىندىينى قانچە پۇلغا سېتىۋاتىمىز؟ ئاران 3 مىليون دوللارغا! ياپونلۇقلارنىڭ بىزنى قانچىلىك بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بىر توننىسى 3 مىليون دوللارلىق باھادا ئىندىينى ئېلىپ كېتىپ، پىششىقلاپ مەھسۇلات چىقىرىپ، ئون ھەسسە باھادا بىزگە سېتىۋاتىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن بېرى پۈتۈن دۇنيادا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتىدۇ، ئەمما پەقەت بىر خىل بايلىقنىڭ باھاسى چۈشۈۋاتىدۇ. ئۇ نېمە؟ سىرەك داڭگال. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو سىرەك داڭگىلىنىڭ باھاسى 1990- يىلىدىكىنىڭ %64 گە چۈشۈپ قالدى، پەقەت مۇشۇ بىر خىل تەبىئىي بايلىقنىڭ باھاسىلا چۈشتى، قالغان ھەممىسى ئۆرلىدى. باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى چۈشەنمەيدىغان دۆلەتنىڭ سەۋىيىسى مۇشۇنچىلىك! نېمىشقا كونترول قىلىشنى كانادا، ئامېرىكىلاردىن ئۆگەنمەيسەن؟ ئىندىينىڭ تەمىنلەش مىقدارىنى كونترول قىلغىلى بولمامدۇ؟ سىلەرگە ئېيتاي، سودا مىنىستىرلىكى بۇنى قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى پەقەتلا نورما چېكىنى بېكىتىش. توقۇمىچىلىققىمۇ نورما بېكىتىدۇ، سىرەك داڭگالغىمۇ نورما بېكىتىدۇ، بېكىتىپ قويۇپ يەنە سېتىۋىرىدۇ! كانچىلىقىمىزنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنچىلىك، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟ مېنىڭ بىر نەچچە كارخانىچى ئوقۇغۇچىلىرىم مەندىن مۇئەللىم يېقىندا سانائەتنى قىلماق تەسلىشىپ كەتتى، ئازراق يەر ئېلىپ يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ باقايلى دەۋاتىمىز دەپ مەسلىھەت سورىغانىدى، مەن ئۇلارغا مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاپ بولۇپ قارار قىلىڭلار دېدىم. بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى كومپارتىيە كونترول قىلىدۇ. نېمىشقا؟ مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، يەنە بىر مۇنچە سەۋەبلەر بار. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى، توپ سېتىلىش باھاسى قاتارلىقلار كومپارتىيەنىڭ قولىدا. بۇنى بىز بىلگەن يەردە ياۋروپا – ئامېرىكىلىقلار بىلمەي قالارمۇ؟ شۇڭا ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىمىز دەپ كۈچىمەيدۇ. ئەمىسە ئۇلار نېمىنى كونترول قىلىدۇ؟ ئۇرۇق، ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى!
ئۇرۇقنى مىسالغا ئالساق، شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ %50 كۆكتات ئۇرۇقى بىرلا ئامېرىكا شىركىتىدىن كېلىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىچۇ؟ جۇڭگونىڭ دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك دورىلارنىلا ئىشلىيەلەيدۇ، ئالىي دەرىجىلىك دورىلار پۈتۈنلەي ياۋروپا – ئامېرىكىنىڭ قولىدا. 2008- يىلى ئامېرىكا ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسىغا ئىشلىتىلىدىغان گلىفوزاتنىڭ بىر توننىسىنىڭ باھاسىنى 20 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈۋىدى، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتلىرى تاقىلىپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پۈتۈنلەي گىرمانىيە، ئامېرىكا شىركەتلىرى كونترول قىلىۋالدى. توغرىدۇ؟ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپ باققان بولساڭلار، بۇ گەپلەرنى بىلىسىلەر.
   

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1807
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 03:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىلارنى كۆرۋالدىم .

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9552
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2309 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئېسىل ئىقتىسادقا ئائىت تېمىدىن بىرنى ئوقۇغىنىمدىن ناھايتى خۇشال بولدۇم، ياخشى تېمىلىرڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،  
بۇ تېما ئېلگىرى سىياسەت دەرىس بىرىدىغان بىر مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى ئەسلىتىپ قويدى،   ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە  :  ئەيىنى زامانلاردا  ياپونىيە  جۇڭگوغا يىقىن بىريەردە چوڭ پاراخوت كېمىلىرنى توختىتىپ جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن قويۇپ بەرگەن ئىس تۈتەكلەرنى سۈمۈرۋىلىپ ئۇنىڭدا خېمىيۋى ئوغۇت ياساپ جۇڭگوغا ساتقانلىقى،  يەنە جۇڭگودىن كۆپ مىقىىداردا خاسىڭ سىېتىۋالسا جۇڭگولۇقلار يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىلىرىمىزنى چەتئەلگە ئېكسپورىت قىلدۇق دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتكەنكەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭگو ياپونىيەدىن سۈپىتى ناھايتى ياخشى بىرتۈركۈم پەنەركە سېتىۋاپتۇ،ئەمەلىيەتتە ياپونىيە خاسىڭ سېتىۋىلىپ مېغىزنى ئۆزى يەپ، شاكىلىدا پەنەركە ئشلەپ جۇڭگوغا ساتقانكەن.........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش