مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4583|ئىنكاس: 29

مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە ئۇيغۇرلاردا ھەربىي ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 09:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە  ئۇيغۇرلاردا ھەربىي ئىشلار


يۈسۈپجان ياسىن


بۇ ماقالە بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن  2008- يىلى 5- ئايدا تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹2- قېتىملىق خەلقارا تۈركولوگىيە يىغىنى››(‹‹مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ دەۋرى سىمپوزيۇمى››)دا ئوقۇلغان ۋە تۈرك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹خەلقارا تۈركولوگىيە سىمپوزيۇمى ماقالىلىرى››دىكى نۇسخىسىدىن(761-768-بەتلەر)  ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان.


ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدىن مەلۇمكى، تارىخنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىغان تۈرلۈك مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان يەرلەرنىڭ سۇيى، تۇپرىقى، ئىقلىمى، ئىقتىسادىي شارائىتى، ئىرق، تەپەككۇر ۋە مەدەنىيىتىدىكى پەرقلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان خاراكتىرلارنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر ۋە چۈشەنچىلەر ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىقلىمى داۋاملىق تۈردە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق، ئىگىزلىك، بوزقىر ۋە چۆل رايونلىرىدا ياشىغان، تارىخىنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىدە ئاساسەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىغا تايانغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر  تۇرمۇش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن دائىم يۆتكىلىپ تۇراتتى. ئۇلار قورقۇنچلۇق تاغ قاپتاللىرىدىن، خەتەرلىك ئىگىزلىكلەردىن ۋە چەكسىز كەتكەن چۆل – جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ يېڭى ھاياتلىق ماكانلىرىنى ئىزدىگەن. دائىم ئوت- چۆپ ۋە سۈيى مول جايلارنى ئىزدەپ كۆچۈشتەك مۈشكۈل ۋە جاپالىق تۇرمۇش شەكلى، شۇنىڭدەك بەلگىلىك دەرىجىدە بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە تەشكىلاتچىلىقنى شەرت قىلىدىغان ھاياتلىق يولى  تۈركىي   قەۋملەرنىڭ روھىدا ۋە جىسمىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان، تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان تەھلىكىلەرگە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، قەھرىمان، پىداكار، غەيرەتلىك، ئۇرۇشچى - جەڭگىۋار، ئىنتىزامچان ۋەجەمئىيەتچى خاراكتىرنى ھەم بۇ خاراكتىرلەرنى ئاساس قىلغان ئەخلاق سىستېمىسىنى ياراتقان. بۇ خىل ئالاھىدىلىكەر بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئۇلارنى تارىختا ھەربىي مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. جۇڭگو مەنبەلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئەرەب ۋە پارس مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ تۈركىي  قەۋملەرنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ دەۋرىگە قەدەر بولغان تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئالاھىدىلىكەر ھەققىدە بىر خۇلاسە چىقارغان ئەرەب مۇتەپەككۇرى جاھىز ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ يۇنانلىقلارنىڭ پەلسەپە بىلەن ھىكمەتتە، خەنزۇلارنىڭ ھۈنەر- سەنئەتتە، پارسلارنىڭ سىياسەتتە، تۈركىي  قەۋملەرنىڭ ھەربىي ئىشلاردا كۆرسەتكەن ماھارىتىدەك تولۇق ۋە مۇكەممەل ماھارەت كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.(1)   مۇكەممەل بىر ھەربىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتقا ۋە تىز سۈرئەتلىك ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە تۈركىي  قەۋملەرھەر خىل ئۆتكۈر قوراللار ۋە ئۇرۇشتا ئىرىشكەن زور ئۇتۇقلىرى بىلەن بۈيۈك بىر مىللەت بولۇشتەك خاراكتىرنى ياراتقان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، تارىختا تۈركىيقەۋملەر جەڭگىۋارلىقى ۋە ياراتقان ئىلغار ھەربىي تېخنىلوگىيەسى بىلەن مەشھۇر ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئالغا كەتكەن بولۇپ، قوشنا مىللەتلەرنىڭ ھەربىي ساھەدە تەرەققىي قىلىشىغا چوڭ بىر ئۆرنەك ۋە مۇھىم بىر مەنبە بولغان. تارىخنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرىدە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، غەزنەۋىيلەر، سەلجۇقلار ۋە ئوسمانىيلارنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھەربىي ئۇستازىغا ئايلانغانلىقى بىر ھەقىقەت.

   تۈركىي قەۋملەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا تۇرمۇشبىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەنلىكتىن ھەر بىر كىشى ياخشى بىر ئەسكەر بولۇشتەك سالاھىيەتنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇرۇشقا ۋە ھەربىي تېخنىكىغا  زور دەرىجىدە ئېتىبار كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەپلىك،  ئۇيغۇر  تارىخىنىڭ ھەر دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك مۇھىم ئەسەرلەردە ھەربىيئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ۋە بايانلار ئۇچرايدۇ. 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››(تۈۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹دىۋان››دېيىلىدۇ)ناملىق ئەسىرىمۇ ئاشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئەسىرىدە يالغۇز تۈركىي تىل ھەققىدىلا ئەتراپلىق بىر مەلۇمات بىرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسقا، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يورىتىلىشى ئۈچۈن باھاسىز ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرغان. سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىلاۋە سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ھەدىسلەر، مەنقىبەلەر، مىفلەر، داستانلار، شېئىرلار، ئەدەبىي پارچىلار ۋە ماقال – تەمسىللەردە  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتېرى، ھەربىي قىسىملار، ھەربىي قۇرۇلۇشلار، ئۇرۇش مەشىقى، ئۇرۇش تاكتېكىسى، قۇرال - ياراغلار، ئۈنۋان-شەرەپ ناملىرىنى ۋە باشقا  مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ‹‹دىۋان››دا ئۇچرايدىغان ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈكلەرنىڭ سانى 120 گە يېقىنلىشىدۇ.

جۇڭگو مەنبەلىرىدە، جاھىز ۋە ئىبن ھاسسۈل قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدەئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك،  ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي  قەۋملەر ھەربىي مىللەت ئىدى. بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنگەن مەھمۇد كاشغەرىمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتىرىنى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن كۆرسىتىشكە تىرىشقان. مەھمۇد كاشغەرى ‹‹تۈرك››نامىنى ئىزاھلىغاندا، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە تەڭرىنىڭ تۈرك دەيدىغان بىر قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى ۋە قايسى قەۋمگە غەزەپلەنسە تۈركلەرنى شۇ قەۋمنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىپ جازالايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەدىسنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۈچلۈك بىر ھەربىي مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان.(2)  ئۆزىنىڭمۇ ماھىر بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش ماھارىتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ‹‹ئۇيغۇر››دېگەن نامنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا مۇنداق دېگەن:‹‹زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇزخۇرەند - بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئۇزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ.››(3)بۈيۈك ئۇيغۇر تىلچىسى مەھمۇد كاشغەرى مەنقىبە ماھىيىتىدە  چۈشەندۈرگەن بۇ بايانلىرىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ ‹‹باھادىر››، ‹‹ئات مىنىشكە ۋە ئۇرۇش قىلىشقا ئۇستا››، ‹‹ھېچكىمگە چېقىلمايدىغان››دېگەن مەنىلەردە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە بۇنى تارىختا بۈيۈك ئىستىلاچى سۈپىتىدە تۇنۇلغان زۇلقەرنەيننىڭ تىلىدىن بىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق ھەربىي ماھارىتىگە ھەر قانداق بىر يات مىللەتنىڭ تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇر ئاتلىقلىرى تۈزلەڭ يەرلەردە ناھايىتى ئاسان ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىققاندا، ۋادىلارنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە شۇڭقۇپ كىرگەندىمۇ ئاشۇ خىل شەكىلدە ھەرىكەت قىلىپ، ھەر تەرەپكە ناھايىتى ئۈستۈن ماھارەت بىلەن ئوق  ئاتاتتى.

تۈركىي قەۋملەر ئۇرۇش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىللەردىكى تەلىم - تەربىيە، مەشقلەرنى ئېلىپ باراتتى ۋە مانىۋىرلارنى ئۇيۇشتۇراتتى. مەيلى خۇسۇسىي ھالەتتە بولسۇن ياكى كوللىكتىپ تەشكىللىك ھالەتتە بولسۇن، ھەر ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇلغان بۇ ھەرىكەتلەر ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇستەھكەملەيتتى. بۇ ئارقىلىق ھەر بىر ئەركەك شىجائەتلىك ۋە سەر خىل بىر ئەسكەر بولۇپ يىتىشەتتى. قىسقىسى، تۈركىي قەۋملەردە ھەر بىر  ئەر ئەسكەر ھېساپلانغانلىقتىن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشقا ئادەتلەندۈرىلەتتى. ھۇنلاردا بالىلار قوي مىنىپ، ئوقيا ئېتىپ قۇشقاچ، چاشقان ئوۋلايتتى. سەل چوڭ بولغاندا بولسا، تۈلكە، توشقان ئېتىپ ئوزۇقلىناتتى.(4)  كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا سەككىز ياشلىق بالىلار ئاتقا ناھايىتى ياخشى مىنەتتى.(5)  مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قاراخانىيلار دەۋرىدە بالىلار ئوق ئېتىش تەربىيەسى ئۈچۈن ‹‹تۈۋەك››دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياغاچ مىلتىقنى ئىشلىتەتتى. بۇ سۆگەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنىڭ نوتىسىدىن ياسىلىدىغان بىر خىل ئويۇنچۇق مىلتىق ئىدى. بالىلار نوتىنىڭ ياغىچىنى پوستىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ، نەيچىسىگە كومىلاچ تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشقۇچ ئاتاتتى.(6)  بۇنىڭدىن مەلۇم بولغىنىدەك، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر  بالىلىرى قۇشقاچلارغا ئوق ئېتىپ ئويناش ئارقىلىق ھەربىي تەلىمنى باشتىن ئۆتكىزەتتى. بالىلار ئۈچۈن ئاۋۋال بىر ئويۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن بىر تەربىيە ھېساپلانغان بۇ ئوقچىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە  يىتىشكەن  ئۇيغۇر بالىلىرى ياشلىق مەزگىللىرىگە كەلگەندە ياخشى بىر ئەسكەرگە ئايلىناتتى. مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە، تىنچ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆز ئارا ئوق ئېتىشىش ئارقىلىق ئويۇن خاراكتىرلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكىزەتتى.(7)  بۇ كىچىك دائىرىدىكى ۋە خۇسۇسىي شەكىلدىكى بىر ھەربىي مانىۋىر ھېساپلىناتتى. مەھمۇد كاشغەرى قوشۇندا ئوق ئېتىش مەشقىگە يېڭىدىن  كىرىشكەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز بەزى ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن‹‹ئۇلۇن››ۋە ‹‹كالۋا››دەپ ئاتىلىدىغان يەڭگىل ياغاچ ئوقلارنى ئېتىش ئارقىلىق مەشق باسقۇچىدىن ئۆتكىزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رېشات گەنچ ‹‹دىۋان››دا ‹‹كارۋى››ۋە ‹‹يەتەن››دېگەن نامدا تىلغا ئېلىنسىمۇ، نىمە ئۈچۈن ياسالغانلىقى بىلدۈرىلمىگەن يالارنىڭ ئوق ئېتىش مەشقىگە كىرىشكەنلەر قوللىنىدىغان بىر خىل يا ئىكىنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.(8)

ھۇنلادىن بېرى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا چوڭ ئۆرنەكلىرى كۆرۈلگەن ۋە مانىۋىر خاراكتېرىنى ئالغان سۈرگۈن ئوۋلىرى قاراخانىيلاردىمۇ داۋاملاشقان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە، خاننىڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە قىلغان بۇ خىل ئوۋى ‹‹سىغىر›› دەپ ئاتالغان. بۇ ئوۋدا خاننىڭ ئادەملىرى ئورمانلارغا ۋە قىرلارغا تارقىلىپ، ياۋا ھايۋانلارنى خان تۇرغان يەرگە قوغلاپ كېلىدۇ. خان ئالدىغا كەلگەن ھايۋانلارنى ھىچ ئاۋارە بولماستىن ئوۋلاۋېرىدۇ.(9) مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ بايانلىرىدا قوشۇن سۆزى ئۇچرىمىسىمۇ، خاننىڭ يېنىدىكى خەلق توپىنىڭ قوغدۇغۇچى قىسىم ئىكەنلىكى ياكى بەلگىلىك بىر كۆلەمدە ئاتلاندۇرۇلغان ھۇجۇمچى قىسىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

تۈركقوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشلاردا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى ئىشلىتىشكە قولايلىق قۇراللار بىلەن قوراللىنىشى ئىدى. جۇڭگو مەنبەلىرىدە  ئۇلارنىڭ تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قوراللارنى ئەركىن قوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.  ھەقىقەتەن، ئوق، يا، قىلىچ، خەنجەر، نەيزە، سالغا، قالقان، ساۋۇت، دوبۇلغا قاتارلىقلار تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئاساسلىق قۇراللىرى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى بۇ قۇراللارنىڭ 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بىرىش ئارقىلىق بۇ ھەقتە جۇڭگو مەنبەلىرىدە تارقاق ھالەتتە ئۇچرايدىغان مەلۇماتلارنى تولۇقلىغان.مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە، قاراخانىيلاردا يەنە گۈرزە، قىلىچ قامچا، بالتا، چوماق ۋە ساپان قاتارلىق قۇراللارمۇ ئۇرۇشتا قوللىنىلغان. قۇدرىگە ۋە قۇراي قورغانلىرىدىن تېپىلغان، تۇرپان تام رەسىملىرى(فرەسكىلىرى)دىمۇ كۆرۈلگەن، ئوقلارنى ۋە يالارنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن ياسىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ يانلىرىغا ۋە ئاتنىڭ ئىگىرىگە ئېسىلىدىغان قاپلارغا بۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلىغان. تۈركىي  قەۋملەرنىڭ ئاسانلا ئېلىپ ماڭىدىغان ۋە ھەر قانداق بىر ئەھۋالدا ئەركىن ئىشلىتىدىغان بۇ قوراللىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ بەكلا  دىققىتىنى تارتقان. مەھمۇد كاشغەرى ‹‹دىۋان››دا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر قوراللىرىنىڭ ماتىرىياللىرى، قۇرۇلمىسى، تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە  ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە قوراللىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنىمۇ كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلەشكەن مەدەنىيەتكە كۆچۈشى نەتىجىسىدە ھەربىي ساھەدىمۇبەزى يېڭى ئالاھىدىكلەر كۆرۈلگەن.مەلۇم بولغىنىدەك،  ئۇيغۇرلاردائەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەر كىشى زۆرۈر قوراللارنى ئۆزى تەييارلايتتى. قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە مەخسۇس قورال ياساس بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۇرۇھلارمۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇ خۇسۇس ‹‹دىۋان››دىن ئېنىقمەلۇم بولغىنىدەك، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلاندى. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە تىرمىزدا تېپىلغان مېتالچىلىق كاسىپخانىسىنىڭ يەر مەيدانى سەككىز گېكتار كەلگەن. ئاشۇ كاسىپخانىدا كۆپىنچە قورال - ياراغ ۋە ھۆكۈمدارغا خاس بولغان زىننەت بويۇنلىرى ياسىلاتتى.(10)  تۈركىي  قەۋملەر ھۇن ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بېرى تۈز، ئۇچلۇق ۋە ئاۋازلىق ئوقلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرلىكتە زەھەرلىك ئوقلارنى ئىشلىتىشىدىنمۇ يىراق تۇرمىغان.(11)  بۇ خىل ئوقلارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بايانلىرىدىن بىلىمىز.

ئۇرۇشلاردا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن ئۆتكۈر قوراللار بىلەن بىرلىكتە ئاتنىڭ تىزلىكىدىن پەيدا بولغان قاتناش ئۈستۈنلىكى تۈرك ھەربىي تېخنىلوگيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاتلىققوشۇن تەشكىللەش تۈركىي قەۋملەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسىدىنبىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىي قەۋملەر ئاتنىڭ سۈرىئىتىگە تايىنىپ يىراق مەملىكەتلەرگە قىسقا ۋاقىتتىلا يىتىپ باراتتى ۋە ئۇ يەرلەردە تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ دۈشمەن ئۈستىگە بېسىپ كىلەتتى. يەنە ئاشۇنداق تىز سۈرئەتتە چېكىنەتتى. ھەقىقەتەن، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، ئات تۈركىي  قەۋملەرگە قانات بولغان ئىدى. تۈركىي  قەۋملەر ئاشۇ قانات(ئات)نىڭ كۈچى بىلەن  بۈيۈك مەملىكەتلەرگە ۋە كەڭ  زېمىنلارغا ئىرىشىپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئىلىگە ئايلاندۇرغان.شۇ ۋەجىدىن تۈركىي تىلىدا ئات ‹‹ئىل››دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ ئاتالغان ئىدى.(12)  ‹‹دىۋان››دا بۇ خىل ماقال – تەمسىل ۋە تېرمىنلار تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئاتنىڭ تۈرك ھوقۇق چۈشەنچىسىدىكى ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى رولى تۇنۇتۇلغان.

قاراخانىيلارنىڭ زېمىن دائىرىسى كۆپىنچە يەرلەشكەن مەدەنىيەتكە تايانغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شەھەر ھاياتىمۇ بارغانسېرى تەرەققىي قىلغان ئىدى. قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى بۇ يېڭى مەدەنىيەت تىپى بىلەن  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي خاراكتىرىنىڭ زىددىيەتلىك ھالەت پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قارلۇق ۋە چىگىل قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ھەربىي خاراكتىرىنى بوشاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، بۇلارنى مەركىزى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلغان چىدىرلاردا كۆچمەن ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان.(13)  بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېزا، شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن تولۇق ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن قەرەللىك قوشۇن تەشكىللەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەربىي خاراكتىرىنىمۇ قوغدىغان ۋە مۇنتىزىم قوشۇن قۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىدىن ئىرىشكەن مەلۇماتىمىزغا كۆرە، بۇ خىل قوشۇن ھەر ئايدا ياكى  بەلگىلىك مەزگىللەردە تەشكىللەنگەن. شۇ سەۋەپلىك، ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق چىقىمى بىلەن ئۇزۇق – تۆلۈكى يېزىلغان دەپتەر ‹‹ئاي بىتىگى››دەپ ئاتالغان.(14)   ‹‹دىۋان››نىڭ باشقا بىر يېرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قوشۇنغا يېزىلغانلار پەقەت ئۆز ئارزۇسى  بويىچە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىغان كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىناتتى. ئۇلار خالىغان چاغدا ئەسكەرلىكتىن چېكىنەتتى.(15)  ئەسكەرلەرنى توپلاپ سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرۇشنى سارايغا قاراشلىق بىر ھەربىي ئورگاننىڭ يۈرگۈزگەنلىكى ئېنىقتۇر. بۇ ئورگان خىللانغان سۇ باشىلىرى ئىشخانىسى دەپ ئاتالغان.(16)  مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەيتلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە قوشۇننىڭ قاتناش نەقلىياتىنى، باشقا ماتىرىياللىرىنى ۋە چىقىمىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن زور غەيرەت كۆرسەتكەنلىكىمۇ كۆرىلىدۇ. خەنزۇلار ئارىسىدا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرى ‹‹ئۇرۇش ئاتلىرى››دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغىنىدەك، قاراخانىيلاردىمۇ ساراي تەرىپىدىن مەخسۇس يىتىشتۈرۈلگەن ئۇرۇش ئاتلىرى بار ئىدى. ‹‹تۇغزاق›› دەپ ئاتالغان بۇ ئاتلار ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقان تەرىپىدىن ئەسكەرلەرگە بېرىلىپ، ئۇرۇش تۈگىگەندە قايتۇرىۋېلىناتتى.(17)  ‹‹دىۋان››دا يەنە ئۇرۇش ئېتى مەنىسىدە كەلگەن ‹‹ئۇلاگا››دېگەن بىر سۆزنىڭمۇ ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.(18)  ئەمما، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئاي بىتىگى››دېگەن سۆزگە دۆلەتنىڭ ئەسكەرلەرگە ئايلىق مۇئاش بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر مەنە بىرىش تازا چوڭقۇر بولمىغان بىر تەتقىقاتقا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاراش بولسا كېرەك.

‹‹دىۋان››دا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قانداق قىسىملاردىن تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق بىر مەلۇماتقا ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ‹‹دىۋان››دا پەقەت تۈۋەندىكىدەك كىچىك قىسىملاردىن سۆز ئېچىلىدۇ:

ياتغاق -- قاراۋۇل، كۈزەتچى. خاقاننى، قورغاننى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى.(19)

يەلىملەر – قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئەڭ كىچىك بىر چارلىغۇچى قىسىم.(20)

يەزەك -- قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى چارلىغۇچى قىسىم، ئاۋانگارت ئەترەت.(21)

يورتۇغ –-ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقاننى قوغداپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن ھەمرالىرى.(22)

تۇتغاق --تىل تۇتقۇچى. كىچىسى دۈشمەننىڭ كۆزەتچىلىرى بىلەن ئالدىنقى ئايغاقچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاتلىق قىسىم.(23)

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىي ئاتالغۇلار ئىچىدە كۆرۈلگەن ‹‹يەزەك››سۆزى مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلغان. بىرى، قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى قىسىمنى كۆرسىتەتتى. بروككىلماننمۇ بۇنى توغرا ھالدا ‹‹ئالدىن يۈرگۈچى ئاتلىق كىچىك قىسىم››دەپ چۈشەندۈرگەن. يەنە بىرى، كۆزەتكۈچى قىسىم ئىدى. قەدىمكى  تۈركىي قەۋملەردە ھەربىي چارلىغۇچى قىسىمنىڭ چارلىشى ‹‹يەزەمەك››دەپ ئاتىلاتتى. شېئىردا شۇنداق كەلگەن:‹‹يەزەك قامۇغ يەرىگ يەزەدى››بۇ ‹‹چارلىغۇچى قىسىم ھەر بىر يەرنى چارلىدى، كۆزەتتى››دېگەنلىك بولاتتى.(24)  مەھمۇد كاشغەرى بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ ماھىيەتلىك  تەرىپىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تولۇقلىغان. بۇلارنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، يەزەك كۈندۈزلۈك چارلىغۇچى قىسىم، تۇتغاق بولسا كىچىلىك چارلىغۇچى قىسىم ئىدى.(25)بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ‹‹دىۋان››دا مۇھاپىزەتچى قىسىم بىلەن ھۇجۇمچى قىسىمنىڭ ئايرىم  تارماقلىرىدىن سۆز ئېچىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمدارنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ۋە بەگلەرنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى چوڭ ھەربىي قىسىملار ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن.  بۇنىڭلىق بىلەن مەھمۇد كاشغەرىنى ئەيىپلەشكە ھىچقانداق ھەققىمىز يوق. چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرى ھەممىدىن ئاۋۋال بىر تىلچى، ئۇ كىتابىدا پەقەت تۈركىي تىل ھەققىدە مەلۇمات بىرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇۋاپىق يېرى كەلگەندە سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى ۋە تىل قانۇنىيەتلىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي ئىشلار قاتارلىقئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇملارنىمۇ نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆرنەك كۆرسەتكەن. شۇنداقتىمۇ قاراخانىيلاردا ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ھۇنلاردىن بېرى تۈركىي  قەۋملەر ئارىسىدا تەدبىقلىنىپ كەلگەن ئونلۇق سىستېمىسىغا تايانغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ خۇسۇستا ‹‹دىۋان››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە ئېنىق بىر خاتىرە ئۇچرىمىسىمۇ، قەدىمكى تۈرك ھوقۇق چۈشەنچىسى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى زادىلا ئېتىباردىن ساقىت قىلىنمىغان قاراخانىيلاردا قوشۇننىڭ مۇشۇ سىستېما بويىچە تەشكىللىنىشى تەبىئىي بىر ئەھۋالدۇر دەپ قاراش مۇمكىن. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹تۈمەن››سۆزىنى ئەڭ چوڭ سان سۈپىتىدە ئىزاھلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ‹‹كۆپ››، ‹‹سانسىز››، ‹‹جىق››مەنىسىنى بېرىشى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئون ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ چوڭ بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغىنىغا قارىغاندا، قاراخانىيلاردا ئەڭ چوڭ ھەربىي قىسىمنىڭ ئون مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىراز كۆپرەك ئەسكەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئاشۇ چوڭ ھەربىي قىسىم 10، 100، 1000كىشىلىك تارماق قىسىملاردىن قۇرۇلغانمۇ ياكى رېشات گەنچنىڭ دېگىنىدەك ئوتاغ، ھايل، ئون ئوتاغ ۋە ئوردۇ دەپ ئاتالغان قىسىملاردىن قۇرۇلغانمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.

تۈركىي قەۋملەر ئۆز مەملىكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تۇيۇقسىز قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنلارغا كۆزەتكۈچىلەرنى تۇرغۇزاتتى ۋە مۇۋاپىق جايلارغا ئالدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتچى ئەسكەرلەر قويۇلغان تۇرلارنى ياسىغان.(26)  ‹‹قارغۇ››دەپ ئاتالغان بۇ خىل ھەربىي قۇرۇلۇشنىڭ تارىخىنىڭ ھۇنلار دەۋرىگە قەدەر تاقىلىدىغانلىقى مەلۇم. خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتى تۈمەن چېگرا بويلىرىدا تۇرلارنى ياساتقاندىن كېيىن ئۇ يەرگە يېقىن يەرلەردە ھۇنلار چارۋا-- ماللىرىنى بېقىشقا باشلىغان.(27)  تونيۇقۇق ئابىدىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خارابىلىرى مۇھىم يول بويلىرىدىن ھەم خاقان قەلئەلىرىدىن تېپىلدى. ئەمما قوچودا گرۈنۋېدىل ‹‹مۇنار –  D››دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىغان ۋە ‹‹كۆككە تاقاشقۇدەك ئىگىزلىكتە››دەپ تەسۋىرلىگەن تۇردا ۋە باشقا تۇرلارنىڭ خارابىلىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، بۇلار تۆت قىرلىق شەكىلدە سېلىنغان مۇنارلار ئىدى.(28)   مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە، مۇنار شەكىللىك بۇ قۇرۇلۇشلار قاراخانىيلاردا تاغنىڭ چوقىلىرىغا ۋە باشقا ئىگىز يەرلەرگە ياسالغان. دۈشمەن كەلگەن چاغدا دەرھال تەييارلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىگە ئوت يېقىپ خەۋەر يەتكۈزىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش ئۈچۈن سېپىل تاملىرىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئۈكەكلەرمۇ بىر مۇداپىئە ئۆيى ۋە تۇر رولىنى  ئوينىغان.(29)  ھازىرمۇ قەشقەر ئەتراپىدىكى ئىگىز يەرلەردە قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپ تۇرلارنىڭ خارابىلىرى ئۇچرايدۇ. يەنە مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە، دۈشمەن قوشۇنى شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، ھۆكۈمدار ياكى شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل بەگلەر يات ئادەملەرنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ۋە دۈشمەننى كۆزىتىش ئۈچۈن كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا مەخسۇس كۆزەتكۈچىلەرنى قوياتتى. بۇنداق تەدبىرلەر ‹‹يول توسۇش››دەپ ئاتالغانىدى.

تۈركىي قەۋملەردىكى ھەربىي ھاياتنىڭ ئەڭمۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى چوڭ ئۇرۇشقا ئاتلانغان قوشۇنغا ھۆكۈمدارنىڭ باشچىلىق قىلىشى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇرۇشقا چىققان بىر قوشۇننىڭ مەلۇم مەزگىل تۇرۇش ئۈچۈن قارارگاھ قۇرغان يەرلىرى ‹‹توي››دەپ ئاتىلاتتى. خاقاننىڭ قۇرغان قارارگاھى بولسا ‹‹خان توي››دەپ ئاتىلاتتى.(30)  خاقان تەرىپىدىن قوشۇن توپلاش ۋە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن چارلاش ئېلىپ بېرىلاتتى. مۇھىم يوللار توسىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا باش قوماندان كېچىلىك چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ئەسكەرلەرگە قورال ياكى قۇشلارنىڭ ئىسمىدىن بىرىنى مەخپىي بەلگە،پارول قىلىپ بىكىتىپ بىرەتتى. ‹‹ئىم››دەپ ئاتالغان بۇ پارول ئىككى  تۈركۈم ئەسكەر  ئۇچراشقاندا بىر بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلاتتى. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا بىرى يەنە بىرىدىن مەخپىي بەلگە سورايتتى. سورالغان كىشى مەخپىي بەلگىنى بىلسە ئإز كىشىسى ھېساپلىناتتى، بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايتتى.(31)  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۈشمەن تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن تىل(جاسۇس)تۇتۇشمۇ بۇ قىسىمنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىدى.(32)  ئۇرۇش تۈركىي قەۋملەردە ھەر بىر كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر ئامىل بولغاچقا، قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرغان ئەسكەرلەر باتۇرلۇق بەلگىسى سۈپىتىدە ‹‹باتراق››دەپ ئاتالغان ۋە ئۇچىغا بىر پارچە يىپەك رەخىت چىگىلگەن نەيزە قوللىناتتى. ئۇرۇش كۈنلىرى ئەسكەرلەر شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تۇنۇتاتتى.(33) بۇنىڭدىن باشقا ‹‹بەچكەم››دەپ ئاتالغان بىر ئۇرۇش بەلگىسىمۇ بار ئىدى. بۇ يىپەكتىن ياكى قوتاز قۇيرۇقىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇرۇش كۈنلىرى ئەسكەرلەر ئۇنى تاقىۋالاتتى. قاراخانىيلار بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر شېئىردە ‹‹ئاتلارغا بەلگە تاقاپ››دېگەن مەنىدە ‹‹بەچكەم ئۇرۇپ ئاتلاركا››دېيىلگىنىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئومۇمەن ئاتلارغا تاقىلىدىغان بىر خىل بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.(34)  مەھمۇد كاشغەرى ئات قۇيرۇغىنى تۈگۈشنىڭمۇ قەھرىمانلىق ۋە ئۇرۇش بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھۇنلاردىن بېرى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بىر بەلگە ئىدى.(35)  يەنە ھۇنلاردىن بېرى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا تەدبىقلىنىپ كەلگەن ئوتاغ قۇرۇش، تۇغ تىكىش بىلەن بىرلىكتە  نۆۋبەت دۇمبىقى ۋە بۇرغا چېلىش ئارقىلىق ئۇرۇش باشلاش ئۇسۇلىنىڭ 11- ئەسىرگە قەدەر ئەينەن داۋاملاشقانلىقىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئەسىرىدىن بىلىمىز. مەھمۇد كاشغەرى ‹‹ئال››سۆزىنى ئىزاھلىغاندا، ئۇنى خانلارغا بايراق قىلىشقا، ئەمەلدارلار ئىگەر قاپلاشقا ئىشلىتىدىغان ھال رەڭ يىپەك رەخت، دەپ چۈشەندۈرگەن.(36)  بىر شېئىردە قىزىل رەڭلىك بايراقنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى يېزىلغان.(37)  بۇنىڭ ماھىيىتىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹‹قۇياش ئۆرلىدى،  قوپتى يەردىن توزان، توققۇز رەڭدە ھال تۇغ  يېقىنلاپ ھامان››(38)دەيدۇ. ئۇرۇشبەلگىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدىغان ۋە ھۆكۈمدارلارغا خاس بولغان بۇ قىزىل بايراقنى ئۇرۇش باشلانغاندا ئاۋانگارت قىسىمدىكى بايراقتار كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تىز ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئىدى. شۇ سەۋەپلىك،جۇڭگو مەنبەلىرىدە يۇقۇتۇش ئورۇشىغا ئۆتكەن ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ ھەرىكىتى چاقماقنىڭ چېقىشىغا، قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا ۋە كەلكۈننىڭ ئېقىشىغا ئوخشىتىلغان. بۇ خىل ئوخشىتىشلار ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ كۆرۈلگىنىدەك، يەنە ‹‹دىۋان››دىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ‹‹دىۋان››دىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، قەدىمكى تۈركچىدە قوشۇننىڭ ‹‹سۇ››دەپ ئاتىلىشى ۋە كېچىسى دۈشمەننىڭ ئۈستىگە بېسىپ كىرىدىغان قوشۇننىڭ ‹‹ئاقىنچۇ››دەپ ئاتىلىشى تۈركىي قەۋملەر قوشۇنىنىڭ ھەرىكەت سۈئىتىگە قاراپ  قويۇلغان نام بولسا كېرەك.(39)  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كېچىسى تۇيۇقسىزھۇجۇم قىلىش، بۈكتۈرمە قۇرۇش، يالغان چېكىنىش ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنىنى قورشاۋغا ئېلىش، ۋاقىراش ۋە شاۋقۇن -- سۈرەن چىقىرىش ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنىنى روھىي جەھەتتىن قورقۇتۇش ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش تاكتېكىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. كۈنىمىزنىڭ تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹‹تۇران تاكتېكىسى››، ‹‹بۆرە ئويۇنى››ياكى ‹‹غاز تاپىنى››دەپ ئاتالغان بۇ تاكتېكىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تولۇق تەدبىقلانغانلىقى‹‹دىۋان››غا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلەردىن مەلۇم بولماقتا. تۈۋەندىكى شېئىرلار بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى ھېساپلىنىدۇ:


ئاتلارغا بەلگە تاقاپ

ئۇيغۇر(ئىلى)دىكى تاتلارغا،

ئوغرى ياۋۇز، ئىتلارغا(قاراپ)،

خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق.(40)


كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،

كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،

بۇتخانىنى يىقىتتۇق،

بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.(41)


تۈن بىلەن باستۇق،

ھەر تەرەپتىن بۆكتۈرمە قۇردۇق،

ئاتلىرىنىڭ كۇكىلىرىنى كەستۇق،

مىڭلاق ئەرلىرىنى سويدۇق.(42)


قىقىراپ ئاتنى سالايلى،

قالقان-- نەيزە ئۇرايلى،

قايناپ يەنە يۇمۇشايلى،

قاتتىق يىغا بوشىسۇن.(43)


(ئات)قۇيرۇغىنى قاتتىق تۈگدۇق،

تەڭرىگە كۆپ ھەمدۇ-سانا ئېيتتۇق،

ئاتنى دېۋىتىپ تەگدۇق(ھۇجۇم قىلدۇق)،

ئالداپ يەنە قاچتۇق.(44)


چۆرىسىنى ئولىشىپ قورشايلى،

ئاتتىن چۈشۈپ يۈگرەيلى،

ئارسلاندەك ھۆكۈرەيلى،

كۈچى شۇنىڭ بىلەن ئاجىزلاشسۇن.(45)


يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇش تاكتېكىلىرىدىن باشقا مەھمۇد كاشغەرى ئۇرۇشتا تەدبىقىلىنىدىغان ۋە ‹‹ئۈلكەر چەرىگ››دەپ ئاتلىدىغان بىر خىل ھىيلىدىنمۇ سۆز ئاچقان. بۇنىڭدا ئەسكەرلەر ھەر تەرەپتىن توپ – توپى بىلەن يىغىلىدۇ. بىر توپى ئىلگىرىلەش  بىلەن باشقىلىرىمۇ ئۇنىڭغا سوڭدىشىپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ھىيلە قوللىنىلغاندا يېڭىلىش بەك ئاز  كۆرۈلەتتى.(46)  بۇ خىل ھىيلىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇش تاكتېكىسىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ  قىسىملارنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىشتە تولۇق  ھەرىكەت قىلىش  ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلىدىغان، ھەم تارقىلىپ ھەم توپلىنىپ ئۇرۇش قىلىدىغان تاكتېكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.(47)   بۇنىڭدىن باشقا تارقاق شەكىلدە قىلىدىغان ھۇجۇم بىلەن دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقماي تۇرۇپ بىر مانىۋېر بىلەن ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان تاكتېكىلارمۇ كۆرۈلگەن ئىدى.(48)  يېڭىلىپ قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشمۇ ئۇرۇش تاكتېكىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.(49)  ‹‹دىۋان››دا ئۇچرايدىغان خاتىرىلەردىن ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ پۇل ۋە مال – مۈلۈك تۆلەش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئىرىشىدىغانلىقى مەلۇم.(50)

تۈركىي قەۋملەرنىڭ قوشۇنلىرى ئومۇمەن ئاتلىق ئەسكەرلەردىن تەشكىللىنەتتى، ئاز ساندا پىيادە ئەسكەرلەر قىسمى قۇرۇلاتتى. قوشۇننىڭ كۈچىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زاپاس قوشۇن ئايرىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ئىدى. بۇ خىل قوشۇن تەشكىللەش ئۇسۇلىغا 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇبەكلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يەنە مەھمۇد كاشغەرىدىن ئۈگىنىمىز. مەسىلەن، ‹‹دىۋان››دا ئۇچرايدىغان ‹‹ياداغ››سۆزى پىيادە ئەسكەر مەنىسىگە كەلگىنىدەك، ‹‹يەتۈت››سۆزى ئۇرۇشتا ئېھتىياج كۆرۈلگەندە ئەۋەتىلىدىغان زاپاس قىسىم مەنىسىدە كەلگەن.(51)  شۇنى ئالاھىدە تىلغائېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي قەۋملەردە يۈرۈشكەچىققان ھەر بىر ئەسكەرنىڭ ئىككى- ئۈچ ئات ئېلىپ مېڭىشى شەرت ئىدى. سۇڭ دەۋرىدە ياشىغان بىر خەنزۇ شائىرى بەش مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر ئەسكىرىدە ئون مىڭ ئاتنىڭ بارلىقىنى يازغان.(52)  مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خاننىڭيېنىدىكى زاپاس ئات ‹‹قوش ئات››دەپ ئاتىلاتتى.(53)  ‹‹دىۋان››نىڭ باشقا بىر يېرىدە ‹‹قوشلاندى››سۆزىنى ئىزاھلىغاندا، بىر مىسال كەلتۈرۈپ ‹‹ئادەم ئۆزىگە  يەنە بىر  ئات ياندىۋالدى››(54)دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن 11- ئەسىردىمۇ ئۇرۇشلاردا ئەسكەرلەرنىڭ زاپاس ئات ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

تۈركىي قەۋملەر مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا ھەر قانداق بىر تەھلىكىگە كۆكرەپ كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ھەتتا بۇ يولدا ئۇرۇش مەيدانىدا جان بىرىشنى بىر خىل ئىدىئال ھايات دەپ قوبۇل قىلغان، بۇنىڭدىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلغان. قىز- ئاياللارمۇ مۇشۇنداق بىر روھقا ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەپلىك،ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە نوپۇزى ناھايىتى ئۈستۈن بولاتتى. مىللەت ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەيتتى، يەنى ھەيكەل، بالبالتىكلەش،  قەۋرىسىنىڭ بېشىغا خاتىرە ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلەش، ئابىدە تىكلەپ ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ قوشاق ۋە داستانلارنى ئىجاد قىلىپ ئېيتىش ئارقىلىق ئەدەبىيلىك بىر سالاھىيەت بىرىشكە تىرىشقان. بۇلارنى يېڭى ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆرنەك ئىنسانلار سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ئەسكەرلەرنى مۇكاپاتلاش، ئۈنۋان ۋە  شەرەپ نامى بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئورنىنى بىكىتىش ۋە جەمئىيەتتىكى قەدرىنى ئۆستۈرۈش ھۆكۈمدار ۋە قوماندانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىدى.  ‹‹دىۋان››دا مۇنداق ناملاردىن بىر قانچىسى ئۇچرايدۇ. بۇلار:

ئالپ -- باتۇر، قەھرىمان.(55)

ئاتىم ئەر -- ئاتقۇچى ئەر، ئوق ئېتىشقا ئۇستا ئەر.(56)

ئالپاغۇت -- يېڭىلمەس، قەھرىمان، تاغ يۈرەك باتۇر.(57)

          كۈر ئەر -- جەسۇر ئەر. (58)

       لاچىن – بىر خىل يىرىتقۇچ قۇش. باتۇر يىگىتلەرمۇ لاچىن دېيىلىدۇ.(59)

       سۆكمەن -- باتۇرلارغا بىرىلىدىغان ئۈنۋانلاردىن بىرى. مەنىسى ‹‹ئۇرۇشلاردا سەپلەرنى يارغۇچى قىران كىشى››دېگەنلىكتۇر.(60)

       بۇلاردىن باشقا مەھمۇد كاشغەرى ھەربىي ئۇنۋانلاردىن بىرى سۈپىتىدە ‹‹چاۋۇش››دېگەن نامنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بۇئۇرۇشلاردا سەپلەرنى تۈزەيدىغان، ئۇرۇش قىلمىغان چاغلاردا ئەسكەرلەرنى خەلققە زۇلۇم سېلىشتىن چەكلەيدىغان ئوفىتسېر ئىدى.(61)

          يۇقىرىدا  بايان قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھەربىي ئىشلار مەدەنىيىتى ھەققىدە بۇ قەدەر قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بىرىپ ئۆتۈش  بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بىر مۇنچە ھەربىي تەۋسىيەلىرىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى. مەسىلەن، تەھلىكە كۆرۈلگەن ھامان ئۇرۇش قىلىش،دۈشمەننى زادىلا سەل چاغلىماسلىق، دۈشمەندىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈش، دۈشمەنگە ئۆتكۈر كۆز بىلەن نەزەر سېلىش، قاتتىق ئۇرۇشۇش ۋە زادىلا قورقۇنچ تۇيغۇسىدا بولماسلىق قاتارلىق پىكىرلەر ئۇنىڭ خاس چۈشەنچىلىرىگە مەنسۇپ ئىدى.

     قىسقىسى، تارىخىتىكى  ئۇيغۇر بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇد كاشغەرى يالغۇز تۈركولوگىيەنىڭ ئاساسىنى قۇرغان بىر تىلچىلا ئەمەس، ئۇ ھەربىي ئىشلار قاتارلىق   مەدەنىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىنمۇ سۆز ئېچىش ئارقىلىق قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركجەمئىيىتىنىڭھەر بىر تەرىپى ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بىرىشكە تىرىشقان ئېنسىكلوپېدىك بىر ئالىمدۇر.  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ دەۋرىنى يورىتىشقا تىرىشقان ھەر قانداق بىر ئالىم ئۆزى قولغا ئالغان ھەر قانداق بىر تېمىدا ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇردۇر. مەھمۇد كاشغەرى  ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئالىم. شۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ نۇرى ئاستىدا بۈيۈك  ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز.


ئىزاھلار:

(1) جاھىز: ‹‹خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى››، تۈركچە، 80- بەت، 1988- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتوتى نەشرىياتى.

(2)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1-توم، 456- بەت، 1980- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

(3)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1-توم،151- بەت.

(4)سىما چيەن: ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر››، ئۇيغۇرچە، 391- بەت، 1989- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

(5)  شۆزۇڭجىڭ: ‹‹كۆكتۈرك تارىخى››، خەنزۇچە، 745- بەت، 1992- يىلى، بېيجىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى.

(6)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 504- بەت.

(7)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 243-، 308- بەتلەر.

(8) رېشات گەنچ:‹‹قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى››، ئۇيغۇرچە، 430-،432- بەتلەر. 1990-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

(9)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 471 - بەت.

(10) ۋېي لياڭتاۋ: ‹‹قاراخانىيلار تارىخىدىن بايانلار››، ئۇيغۇرچە، 289- بەت، 2000- يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى.

(11) فەنيى، سىما بياۋ :‹‹كېيىنكى خەننامە››، ئۇيغۇرچە، 530- بەت، 1996- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

(12)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 67-،68- بەتلەر.

(13)‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹قاراخانىيلار››ماددىسى)، تۈركچە، 5- توم، 259- بەت. 1979- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.

(14) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 56- بەت.

(15) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 676- بەت.

(16) ‹‹ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى››، ئۇيغۇرچە، 310- بەت. 2000- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

(17)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 603- بەت.

(18) ئابدۇلقادىر دونۇك:‹‹ئىدارىي--ئەسكەرىي ئۈنۋان ۋە ئاتالغۇلار››، تۈركچە، 107-،109- بەتلەر، 1988- يىلى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فۇندى نەشرىياتى. ب. ئۆگەل:‹‹تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 1-توم، 359- بەت. 2000- يىلى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى.

(19) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3 - توم، 55- بەت.

(20) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە،3 - توم، 469- بەت.

(21)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 169- بەت.

(22)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 55- بەت.

(23) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە،1- توم، 611- بەت.

(24) باھائېددىنئۆگەل:‹‹تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 6- توم، 103- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى.

(25)  باھائېددىن ئۆگەل، يۇقىرىقى ئەسەر، 6- توم، 106- بەت.

(26) ئىبراھىم كافەسئوغلۇ:‹‹تۈرك مىللىي كۈلتۈرى››، تۈركچە، 287- بەت،2004- يىلى، ئإتۈكەن نەشرىياتى.

(27) بەنگۇ، يۇقىرىقى ئەسەر، 314- بەت.

(28)‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹مۇنار››ماددىسى)، تۈركچە،24- توم، 208-بەت، 1976-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ بەشرىياتى.

(29)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- 107-،207- بەتلەر.

(30)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 192- بەت.

(31)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 54 - بەت.

(32)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە،3-توم،  184- بەت.

(33)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 607 - بەت.

(34)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1-توم،  630- بەت.

(35) رېشات گەنچ، يۇقىرىقى ئەسەر،430-،432- بەتلەر

(36)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،  111-بەت.

(37)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 254-بەت.

(38) يۈسۈپ خاس ھاجىپ:‹‹قۇتادغۇ بىلىك››، ئۇيغۇرچە،4893- بېيت،1009- بەت.

(39)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم،288 - بەت.

(40) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،630- بەت.

(41) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 448- بەت.

(42)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،565- بەت.

(43)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 574- بەت.

(44)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،617- بەت.

(45)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 2- توم، 194- بەت.

(46)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،129- بەت.

(47) رېشات گەنچ، يۇقىرىقى ئەسەر، 406-،407- بەتلەر.

(48)  ئابدۇلقادىر دونۇك، يۇقىرىقى ئەسەر، 107-،109- بەتلەر.

(49)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 547- بەت.

(50)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 282- بەت.

(51)  ئابدۇلقادىر دونۇك، يۇقىرىقى ئەسەر، 107-،109- بەتلەر.

(52)باھائېددىن ئۆگەل:‹‹ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى››، تۈركچە، 366- بەت، 2003- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(53) ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 174- بەت.

(54)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە،2 - توم،367- بەت.

(55)  ‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،58- بەت.

(56)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،102- بەت.

(57)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 195- بەت

(58)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،425 - بەت.

(59)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 533 - بەت.

(60)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم،578- بەت.

(61)‹‹دىۋان››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 477- بەت.


                            تۈگىدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 03:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70862
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 732 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى شۇنچە كۆرۈپمۇ چۈشۈنەلمىدىمغۇ؟!
«مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە»دىگەن نېمە دىگەن گەپ ئەمدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4931
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد كاشغەرىگە ئاساسەن،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن دىگەن گەپ .چۈشىنىش ئىقتىدارىىڭزدا مەسلە باكەن.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلۋالماي بولىمغىدەك.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇسۇپجان ياسىن رايۇنمىزدا مەن قول قويىدىغان ياش تارىخچمىزنىڭ بىرى. قوللىرىغا دەرىت بەرمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:12:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، تارىخ ئۆتۇپ كەتتى...
ئالدىمىزدا يەنە نىمە قىسمەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟!

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 02:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 294
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8744
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 02:44:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-5-14 02:12 AM
بىز ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشىمىز كېرەكمۇ  ياكى  تۈرك  ت ...

بىزدىگەن ئاتا تۈرۈك.  ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنى  قوللىنىشىمىز كېرەك!!!!!!!!!!!!!!!!   بۇ قىل سىغمايدىغان توغرا تاللاش.  بۇنداق مەسىللەردە ئىكلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

مىللەت قىزلىرىنىڭ ھاياسى شۇ مىللەت يىگىتلىرىنىڭ قولىدا!  ئۆزەڭ بۇزۇپ، ئۆزگىنى بۇزۇق دىيىشكە نىمە ھەققىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 294
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8744
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 02:45:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-13 11:47 PM
مەھمۇد كاشغەرىگە ئاساسەن،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەتقىقاتى ...

چۈشىنىش ئىقتىدارىدا مەسىلە يوق، ئاۋۇ خەتنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىدا مەسىلە باكەن.  مەنمۇ نەچچە ئون يىل ئۇقۇپ ئۇنداق  ئىپادىلىگەننى  كۆرۈپمۇ، ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن.       ئۇ چاغاتاي يېزىقىمۇ بىلمىدىم!

مىللەت قىزلىرىنىڭ ھاياسى شۇ مىللەت يىگىتلىرىنىڭ قولىدا!  ئۆزەڭ بۇزۇپ، ئۆزگىنى بۇزۇق دىيىشكە نىمە ھەققىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5328
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 06:42:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elsuyer يوللىغان ۋاقتى  2012-5-14 02:44 AM
بىزدىگەن ئاتا تۈرۈك.  ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ئۇيغ ...

‹بىز دېگەن ئاتا تۈرك،ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ؟؟؟؟ ›ما گەپنى كۆرۈڭ، ئاتا تۈرۈك بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئاتا تۈرۈك ئۇيغۇرمىدۇ يا ؟ مەنغۇ تۈركىيىلىك يەھۇدىي دەپ ئاڭلىغان مۇستاپا كامالنى، لىكىن بۇ تورداشنىڭ دىگەن سۆزىدە لوگىكىلىق خاتالىق بارمۇ يا مەن چۈشىنەلمىدىممۇ...

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش