|
|
|
|
ئىككى تىراگىدىيە
(ھېكايە)
شۇنچە تەبىئى
(1)
-ھەي ،ئابلەت ، بۇ نىمە قىلغىنىڭىز دەيمەن ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بارمۇ ؟ ئۇلارغا تاپشۇرۇقنى نىمانداق ئاز ئورۇنلاشتۇردىڭىز ؟....-دەپ زەردە بىلەن قايناۋاتاتتى ئىلمى مۇدىر .
-ھە ...مۇشۇ ئازمىكەن تېخى ، مۇدىر ،ئەدىبىيات دەرىسى باشقا دەرىسلەرگە ئوخشىمايدۇ ، بۇنىڭدا سانغا ئەمەس سۈپەتكە قاراش كىرەكتە ، قاراڭ ،ئوقۇغۇچىلار ھەپتىدە ئىككى ماقالە يازىدۇ ،ئۇلارمۇ ياخشى يازىدۇ ،.مەنمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرىمەن ،شۇنداق بولسا ئاندىن سۈپەتلىك بولمامدۇ –دىدىم مەن مۇدىرغا چۈشەندۈرۈپ .
-ھەي ،ئابلەت ، سىزمۇ خېلى تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدىڭىز ، ئازىراق بولسىمۇ گەپ چۈشەنسىڭىز بولمامدۇ ، بۇدىگەن يۇقىرنىڭ ئۇختۇرىشى ،بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ ،سان بولغاندىلا ئاندىن سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ،
-لىكىن مۇدىر .....
-بولدى ،تېز چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇقلارنى تولۇقلىتىڭ ، ئىككى كۈن ئىچىدە بارلىق كەم قالغان تاپشۇرۇقلارنى تولۇقلاپ بولۇڭ ، بولمايدىكەن ئەگەر تەكشۈرۈش گۇرپىسى بىرنەرسە دەپ قالسا ھەممىسىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل .......بولدى چىقىپ كىتىڭ .
ئىلمى مۇدىر ئىشخانىسىدىن بېشىم سالپايغان ھالدا قايتىپ چىقتىم ، ئەسلى قائىدە بويۇنچە ئۇقۇغۇچىلارغا سائىتىگە بىر قېتىمدىن ،ھەپتىدە جەمى بەش قېتىم تاپشۇرۇق بىرىشىم كېرەك ئىدى ،لىكىن مەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىدە پەقەت 2قېتىملا ماقالە يېزىش تاپشۇرىقى بېرىپ كىلىۋاتاتتىم ، ئەمدى بېشىمغا كۈن چۈشتى ، ئىككى كۈن ئىچىدە بۇنداق كۆپ تاپشۇرۇقنى ئىشلىتىپ بولۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئىشلەپ بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تەكشۈرۈپ نۇمۇر قويۇپ بولالايتتىم ،قانداق قىلىش كېرەك ، ....تۇيۇقسىز كاللامغا بىر چارە كەلدى ، شۇنداق قىلاي ، جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس دىگەن سۆز بار ئەمەسمۇ ....شۇلارنى ئويلىدىمدە قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قېتىم نۇمۇر قويۇشقا تىگىشلىك ماقالىسىنىڭ ھەربىرىگە ئۈچ ھەتتا تۆت يېرىگە نۇمۇر قويۇشقا باشلىدىم ...........
بۇ يىلقى يىللىق باھالاشتا ئىلغار سايلىنىپتىمەن ، سەۋەبى‹‹ ئەستايىدىل ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى يۇقىرى ،ئەڭ مۇھىمى تەكشۈرۈپ گۇرپىسى كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۆپ ھەم سۈپەتلىك تاپشۇرۇقلىرى بىلەن گۇرپىدىكى باشلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە ماختىشىغا ئېرىشكەنلىكى›› ئىدى . قولۇمدىكى تەقدىرنامىگە قاراپ كۈلۈشۈمنى ياكى يېغلىشىمنى بىلەلمەي قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .
(2)
‹‹ تۈت.....تۈت.....تۈت ......››
-ۋەي .....ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم -تېلفوندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ھە ،. ،قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟
-ياخشى ..... سىز كىمۇ ؟؟؟
-ۋوي ...بىردەمدە ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟ ئەجەپ ئۇنۇتقاققۇ ....
-كىمۇ سىز ...تۇنۇمايدىكەنمەن ...
- ،،ئەنە تېخى ئالدىنقى كۈنى باغچىدا ئۇچراشقان ئىدىققۇ ..
- ۋاي ..ئۆتۈپ بارە ماز ....سەندەكلەرگە گەپ قىلىپ يۈرگىلى چولام يوق مىنىڭ ،كىمىڭنى ئەخمەق ئىتىسەن
-ياق .خان ،ئاخماق قىلمىدىم . شۇ تونۇشۇپ قالايلىمىكى دىگەن ،،،
-بېرىپ ئاچاڭ بىلەن تۇنىشىۋال .......تۈفى ......
تۈت ....تۈت ...تۈت ...
-ۋۇت سەت جۇمباق ...قويىۋىتىپتا –دىدى ئۇ ئاغىنىسىگە قاراپ ،
-ۋاي ،بولدى قىلە ئاداش ،سىنىڭ بۇ ئامالىڭ بولمايدىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ ،
-خاتىرجەم بولە ئاداش ،ئالدىنقى مۇھاببىتىمنى مەن شۇنداق قىلىپ تۇنۇشقان ، چاتاق يوق ، قاراپ تۇر ھە . ماۋۇ چوقۇم ئىلىنىدۇ .-ئۇ شۇلارنى دىدى دە يەنەبىر كاللىسىغا كەلگەن نۇمۇرنى بېسىشقا باشلىدى
....
-ھەي ،توختاپ تۇر .-دىدى ئاغىنىسى ،-ئەگەردە ئەر كىشى ئېلىپ قالسىچۇ ؟
-ۋاي دۆت ،ئۇنداق بولۇپ قالسا خاتا ئۇرۇپتىمىز دەيمىز شۇ ..گەپ قىلماي تۇر ھە ...
تۈت ....تۈت...تۈت ....
-ۋەي ....- يەنىلا بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى .ئ
-ھە ،،،نىمە ئىش قىلىپ كەتتىڭىز خان ...
-نىمە ئىش قىلاتتىم شۇ ..ئويناپ ....
-نەدە
-*****دىبا دا ...قانداق كىلەمسىز ...
-چاتاق يوق خان ، ساقلاپ تۇرۇڭ جۇمۇ ، ھازىر بېرىپلا تېلىفۇن قىلىمەن .-ئۇ شۇلارنى دەپ تېلىفوننى قويدى ۋە ئاغىنىسىگە –كۆردۈڭمۇ ئاداش ، قىزبالا دىگەن مۇشۇنداق ئىلىنىدۇ ، يۈرە ، بۈگۈن كەچ سىنى راسا ئوينىتىمەن .....كەتتۇق .....
ئۇ شۇلارنى دەپ دوستىنى ئېلىپ كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم ، بىرەر كۈنى ئىسىدە يوق ئۆز ئانىسىغا چاقچاق قىلىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ............
تۈگدى
مەنبە : ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 07:58 PM
|
|
|
|
|
|