سەيپىدىن ئەزىزى 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تاشاخۇن ئەزىزى ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات، مىللىي كاپىتالىست، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى، بىلىملىك زات ئىدى. تاشاخۇن ئەزىزى رۇسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىن ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، يۇرتىدا ئەينى چاغدىكى ئاسىيا بويىچە كەم ئۇچرايدىغان سەرەڭگە زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە ياۋروپادا ئۆگەنگەن تېخنىكىلىرىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ بوياقچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىدا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان. بولۇپمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ مەرىپەت ھەرىكىتىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، يۇرتىدا يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرۇپ، يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. دادىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق بىلەن توختىماي مەرىپەتكە ئىنتىلىش روھى سەيپىدىن ئەزىزىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئاخىرى دادىسىغا ئوخشاش مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىك يولىدا مېڭىشىغا ئىلھام بەرگەن. ئانىسى سارىخانمۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس، ئادەمگەرچىلىكى بار ئايال ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قەدەر قالاق يېزىدا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ساۋاتلىق، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولغاچقا ھەم دوختۇرلۇقنى ياخشى بىلگەچكە، يۇرتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. سارىخان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دىلىغا تۇنجى ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ۋە ئەسلىمىسىدە ئەڭ سەمىمىي ھېسىياتى بىلەن ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ۋە سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. سەيپىدىن ئەزىزى ياش چېغىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلمەتتىن ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر قەشقەر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئارقىدىنلا يەنە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى مەدىنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مائارىپ مەرىپەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرغان. ئاتۇشنىڭ تېجەن يېزىسىدا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان. ھەقىقەت ئىزلەش يولىدا، 1935-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە سىستېمىلىق ھالدا ماركسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ لېنىن، سىتالىن ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پەقەت پرولتارىياتنىڭلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئاندىن ئۆزىنى ئازاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. بۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. 1937-يىلى سەيپىدىن ئەزىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا چۆچەك گېزىتخانىسىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. چۆچەكتىكى مەزگىلىدە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. كېيىن ئۇ يەنە غۇلجىغا يۆتكىلىپ بېرىپ، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1944-يىلى شىنجاڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى غۇلجا، چۆچەك، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوزغالغان. سەيپىدىن ئەزىزى ئاساسىي رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنى تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ماۋجۇشى يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو يېڭى دىموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. 1949-يىلى 9-ئايدا سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ تىنچلقىنى قوغداش دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماۋزېدۇڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆز قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 56 نەپەر ھەيئىتىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ماۋ زېدۇڭنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، بىر دانا داھىينىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىغان سۆزىدىن ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ كۈچلۈك تەسىرات ئالغان. دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى تەستىقلىغان. ماۋ زېدۇڭ تەستىق سېلىپ: «خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى كاندىداتلىق مەزگىلىدىن ھالقىپ، بىۋاستە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ» دەپ قۇشۇلغان. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، پېڭ دېخۇەي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، سەيپىدىن ئەزىزى ۋاڭ جىن، تاۋ سىيۆ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى، غەربىي-شىمال مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ماۋ زېدۇڭ ۋە جۇ ئېنلەينىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. يەنە بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى، ھۆكۈمەت رەئىسى، ھەربىي رايوننىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 9-، 10-، 11-، 12-، 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. سەيپىدىن ئەزىزى باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ياردەملىشىش پرىنسىپىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىغا يېتەكلىگەن. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان. سەيپىدىن ئەزىزى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، دراماتورگ ۋە شائىر. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق ئارىسىدىكى بىر پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ گۆھىرى بولغان «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نىڭ يوقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى بىۋاستە باش مىنىستىر جۇ ئېنلەيگە تەكلىپ بەرگەن ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللىگەن. ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. 1980-يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزى يەنە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ قىممەتلىك مىراسنى تۈپتىن ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەم ئۇنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئىتى، بولۇپمۇ مىللىي ناخشا-ئۇسسۇلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى يەنىمۇ ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش، ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت خەزىنىسىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 1994-يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئاساسەن ھېكايە، شېئىر، درامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسەل، نەسر، چۆچەك قاتارلىقلارمۇ بار. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلاپلا، ھېكايە ئىجادىيىتىنى باشلىغان. ۋەكىل خاراكتېرلىك تارىخىي رومانى «سۇتۇق بۇغراخان» چەت ئەلدە نەشر قىلىنغان. تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى «تەڭرىتاغ بۈركۈتى»، ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسىرى «ئۆمۈر داستانى» ھەمدە بىر مۇنچە ھېكايىلىرى بار. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ درامما ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «شانلىق يىللار» ناملىق درامما توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يېزىپ چىققان تارىخىي درامما «ئاماننىساخان» بولۇپ، بۇ درامما ئېلان قىلىنىشىغىلا كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ، كىتابخانلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
|