بۇئەسىرىمىنى مېھرىبان مەرھۇم مومامغا، ۋە مىنى بىقىپ تەربىيلىگەن مېھرىبان ئاپام ۋە تۆت ھاممامغا بىغىشلىدىم، ئۇلارنىڭ ۋە جەميىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپىدىكى مېھرىبانلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەيمەن. مىھىربان ئانىلار << بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن!!!>> مەڭگۈلۈك سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، ئۇزۇن ئۆمۆر سىلەرگە يار بولسۇن!!!
ئالتە ئانا تەربىيلىگەن بالا ئاچچىق تولغاق ئازابىدىن تۇقىز ھەدە ناھايتى ئازابلىنىپ تولغۇناتتى ،ئاچچىق تولغاق ئۇنى ناھايىتى قىينايتى. ئۈچ سائەت قاتتىق تولغاق يىيىش تۇقىز ھەدىنىڭ ھالىنى قويمىدى .دوختۇرلارمۇ بالىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇغۇلمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەجەپلىنىشكە باشلىدى. تۇقىز ھەدىنى ئەنسىرىمەسلىككە، سەۋر چان بولوشقا ئۈندىمەكتە ئىدى، تۇقىز ھەدىنىڭ تۇققانلىرى دوختۇرلاردىنمۇ بەكرەك جىددىلىشىشمەكتە ئىدى.يەنە بىر نەچچە سائەت ئاچىچىق تولغاق يىيىش، دوختۇر- سىستىرالارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئاخىر بىر ئوغول بوۋاق دۇنياغا كەلدى. بالا تۇغۇلۇشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى تۇقىز ھەدىنىڭ دادىسى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان بولغاچقا تۇقىز ھەدە پەرزەنتى تۇغۇلۇپ ئۈچىنىجى كۈنى پەرزەنتىگە ئاتىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن<ئەكبەر> دەپ ئىسىم قويدى.ھامىلە قۇرساقتىكى ۋاقىتتا تۇقىز ھەدە ياخشى كۈتۈنگەنلىكى سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئاللاھ بالىنى شۇنداق ياراتتىمۇ ئادەتتىكى باللارغا قارغاندا ئەكبەر خېلىلا بەك چوڭ تۇغۇلغان ئىدى. ئەكبەر تۇغۇلغاندىن ئۇنىڭ مومىسى، دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ سىڭىللىرى ئاپىسىنىڭ باشقا تۇققانلىرى ۋە داداجەمەت تۇققانلىرى ناھايتى خۇشال بولدى. مۇمىسى چوڭ قىزىنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تۇنجى نەۋرىسىنىڭ ئوغول بولغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولسا دادا جەمەت بوۋىسى ئوغلىنىڭ قولىغا قول ،پۇتىغا پۇت بولىدىغان ئۆز جەمەتىنىڭ چىرقىنى ياندۇردىغان بىر ۋارىسنىڭ بولغانلىقىدىن خۇشال بولماقتا ئىدى.مومىسىنىڭ ئىككى ئاچىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىلىپ سىڭلىسىنى ۋە يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان جەمەتىنىڭ يىڭى بىر ئەزاسىنى موبارەكلەشمەكتە ئىدى. بالىمۇ ناھايتى ئوماق ۋەتېتىك ئىدى. تۇقىز ھەدىنىڭ تۇنجى قىتىملىق يەڭگىشى بولغاچقا ئەكبەرنىڭ مومىسى تۇقىز ھەدىنى قىتىرقىنىپ باقتى. بىر قىتىم مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى، تۇقىز ھەدىنى ۋە ئەكبەرنى تۇقىز ھەدىنىڭ چوڭ يەڭگىسى ،ئەكبەرنىڭ چوڭ ھاممىسى(تۇقىز ھەدىنىڭ چوڭ ھاممىسىنىڭ چوڭ كىلىنى)يوقلاپ كەلدى، يەڭگىسى تۇقىز ھەدىنىڭ پولو يىيىشنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى بىلگەچكە ئالاھىدە قىلىپ پولو ئىتىپ پولونىڭ ئۈستىگە سېمىز گۆشتىن بىر قانچىنى بېسىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ گۈشلەرنىڭ ئارسىدا بىر مايمۇبار ئىدى.بۇنى تۇقىز ھەدە ئوغلى ئەكبەرگە يۈگۈزۈشنى لايىق تاپتى ھەمدە ئەكبەرگە بۇماينى يۈگۈزدى .دەلمۇشۇ ۋاقىتتا ناھايتى قورقۇنۇشلۇق بىر ئىش يۈز بەردى،تۇقىز ھەدە ئەكبەرگە يىگۈزگەن ھىلىقى بىر پارچە ماي ئەكبەرنىڭ گېلىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى.بۇنى سەزگەن تۇقىز ھەدە ۋەمومىسىنىڭ چىرايىدا قان قالمىغان ئىدى .مۇشۇۋاقىتتا ئەكبەرنىڭ ھاممىسى قەتئىي نىيەتكە كەلدى_ دە!ئوڭ قولىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنى ئەكبەرنىڭ ئىغىزىغا سىلىپ ئۇنىڭ كارنىيىدا تۇرۇپ قالغان ماينى ئاستا ئېلۋەتتى.ئوماق پەرزەنتىدىن ۋە ئوماق نەۋىرىسىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەۋىپىدىن ئەس-ھۇشىنىي يوقاتقان تۇقىز ھەدە ۋە مومىسى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى ھەمدە ئەكبەرنىڭ ھاممىسىغا چوڭقۇر رەخمەت ئىيىتتى . قىزىق ئىش ئادەتتە پەرزەنتلەرنى ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە ئاتا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ بوۋا-مومىلىرنىڭ تەربىيىسىدە بولاتتى .ئەمما ئەكبەر ئالتە ئانىنىڭ تەربىلىشىدە ئاستا-ئاستا چوڭ بولوشقا باشلىدى بۇئالتە ئانا ئەكبەرنىڭ مومىسى(ئاپىسىنىڭ ئاپىسى)،ئاپىسى ۋە ئاپىسىنىڭ تۆت سىڭلىسىدىن ئىبارەت ئىدى.مومىسى بۇچوڭ نەۋرىسىنى ناھايتى ئارزۇلاپ چوڭ قىلىشقا باشلىدى.ئەكبەر تىخى قرىقىغا توشماي تۇرۇپلا ئەڭ كچىك ھامىمسى مومسىنىڭ تاپىلىشى بىلەن ھەركۈنى شورپا توشودى.مومىسى قىزىنىڭ تىخى بالا تەربقىىلەش جەھەتلەردە تىخى تولوق تەجىربىسى يو ئىكلەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەكبەرنى ئۆز تەربىييسىگە ئالدى .ھەركۈنى ئاپىسى ئەكبەرنى ئىمىتكەندىن باشقا ۋاقىتتا ئەكبەر ئاساسەن مومىسىنىڭ قىشىدا تۇردى .مومىسىنىڭ قىتىرقىنىپ تەربىيلىشى نەتىجىسىدەئەكبەر يومشاق سۆزلۈك،مۇلايىم،خۇشپىئىل بالا بولوپ ئۆسۇپ يىتىلدى .ئاپىسىمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۇن مىھىر –موھابىىتىنىئوغلىك ئەكبەرگە بىغىشلىدى، باشقا تۆت ھامىسىمۇ چەتتە قالمىدى ،ئۇلار تىخى تالالىق بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئەكبەرنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ پۈتۈن مىېھرىنى ئەكبەرگە بەردى.ئەكبەرنى ئۇلار جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ،ئەكبەرنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسىرايتى.ئەكبەر تۇنجى قىتىم تىلى چىقىب قىلغان سۆزى <<ئانا>>بولدى ،ئامما بۇ<<ئانا>>دەپ چاقىرىشى ئاپىسىنى چاقىرغىنى بولماستىن بەلىكى مومىسىنى چاقىرغىنى ئىدى.تۇققان ئاپىسىنى بولسا <<ئاپا >> دەپ چاقىراتتى،بەزى كىشلەر ئۇنۇڭدىن <<ئاناڭ بامۇ؟>>دەپ سورسا ئۇ:<<ئانام ئۆيدە >>دەپ جاۋاب بىرەتتى.ئۇنىڭ بۇسۆزىنى كىشلەر ئاپىسى ئۆيدە باكەن دەپ چۇشىشنىشەتتى،لكىن ئۆيگە كىرسە ئەھۋال باشقىچە كىشلەر بەزىدە ئۇنى يالغان سۆزلەپتۇ دەپ چۈشنىشەتتى .بىر قىتىم مومىسى ئۆيدە يوق بولوپ ئاپىسى بار ئىدى.بىر كىشى ئاپىسىنى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭدىن :<<ئاناڭ بارمۇ؟>> دەپ سوردى .ئۇ:<< ئانام بازاغا كەتتى،ئۆيدە ئاپام بار .>>دەپ جاۋاب بەردى ئۇكىشى ئۇنىڭغائاپاڭنى چاقىر دىگەندىن كىيىن ئاپىسىنى چاقىرىپ چىقتى .ئۇكىشى كىلىش مەقسىتىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئاپىسىغا بايا بوپ؛لغان ئىشنى ئىيتىپ بەردى.ئاپىسى بۇگەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئانىسى بازارغا كەتكەن،مەن ئۆيدە بار ئۇ ئانامنى ئانا دەپ مىنى ئاپا دەپ چاقىردۇ دىگەندىن كىيىن ئۇكىشى ئىشنىڭ تىگىگەيەتتى بولغاي قايتىپ كەتتى.كىچىك ئەكبەر باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرنىمۇئۆزگىچەچاقىراتتى، ھاممىلىرىنى بولسا<<ئاچا >>دەپ چاقىراتتى .ئاپىسىنىڭ باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرنى بولسا ئاپىسىدىن يىشىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئاپىسىدىن چوڭلىرنى ئىسمىنى قوشۇپ داداياكى ئاپادىسە كىچىكلىرنىمۇ ئىسمىنى قوشوپ ئاكا ياكى ئاچا دەپ چاقىراتتى. دادىسىچۇ ؟ ئەكبەرگە يىڭى نتىلك چىققان ۋاقتىدا ھاممىلىرنى دوراپ دادىسىنى <<ئاكا>>دەپ چاقىراتتى ،دادىسى ھەرقىتىم<<ئاكا >>دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغىنىدا دادىسىنىڭ ناھايتى ئاچچىىقى كىلەتتى،يىشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ئەكبەردادىسىنى ئاۋالقىدەك<< ئاكا>> دىمەستىن <<دادا>>دەپ چاقىردىغان بولدى. ئەكبەر دادىسىنىڭ بارلىقى ئەگەر ئەكبەر بىر مىنۇت قىشىدا بولمىسا دادىسى خۇددى بىر نىمىسى كامدەك تۇيۇلاتتى ،بىريىلى قۇربان ھىيىتتا ئەكبەر ناھايتى خۇشال ئىدى ،ئاپىسى كىيدۈرۇپ قويغان يىڭى كىيىملىرنى كىيىپ ھويلىدا خۇشالىقىدىن قىيغىتىپ يۈگۈرۈپ ئويناۋاتاتتى،ئۇتۇيۇقسىزلا بىر كۆتەككە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ مەڭزىنى ۋە سول كۆزىنىڭ ئەتىراپىنى ئازراق يارا قىلۋالدى .دادىسى بۇئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ئاچىققىدا ھىلىقى كۆتەكنى چاناپ پارچە-پارچە قىلۋەتتى .ئەكبەر ناھايتى ئوماق ۋەچىرايلىق چوڭ بولۋاتقات مەزگىللەردە ئۇنىڭغا كۆز تەككەندەكلا بىر ئىش بولدى،ئۇ تۆت ياشقا كىرگەن يىلى تۇيۇقسىزلا ئاغىرىپ قالدى.دوختۇرخانىغا ئاپار غان بولسىمۇ ئەمما داۋالاشنىڭ پەقەت ئۈنىمى بولمايۋاتقاندەك قىلاتتى .ئەكبەر ئاغىرىپ قالغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ مومىسى ،ئاتا-ئانىسى ،ھاممىلىرى جۈملىدىن ئۇنىڭ يىقىنئۇرۇق-ققانلىرى ناھايتى ئەنسىرەشتى ،ئۇئاغىرىپ ياتقان بىرنەچچە ئايدا ئۇلار مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدى.ئۇكىسەلدىن سەللىمازا ساقايغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يۈركى جايىغا چۈشتى .ئاشۇ قىتىملىق قاتتىق ئاغرىغاندىن بۇيانمۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئەكبەر بالنىسىتتا ياتقۇدەك ئۇنداق ئىغىر دەرىجىدە ئاغىرىپ قالمىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەكبەر چوڭ بولوشقا باشلىدى .لىكىن مىجەزى ئاجايىپ ئىدى .كۆڭلىدە باشقىلارغا يامانلىقى يوق ،ئاقكۆڭۈل بالا بولدى،ئۆزىدىن چوڭلارنى ھەرگىزمۇ پۇستانچى پوكونچى دەپ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىيالمايتى .خەلىقىمىزنىڭ مۇنداق بىر گىپى بار:<<پەرزەنىتلەرنى ئائىلىنىڭ چوڭلىرى بىقىپ چوڭ قىلسا بۇبالىنىڭ ئىغىزى ناھاايتى يومشاق بولارمىش.>> مۇشۇ گەپ راسىتمۇ ئەيتاۋۇر،ئۇنىڭ باشقا قىرىنداشلىرنىڭ ئغىزى ئۇنىڭكىدەك يومشاق ئەمەس. ھاممىلىرمۇ ئاللىقاچان ياتلىق بولوپ ئۆز ئالىدىغا تۇرمۇش قۇرۇپ بالىقىق بولوشتى ئەمما ئۇلار ئەكبەرنى ئۆز باللىردىن مۇ ئارتۇق كۆرەتتى ،ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى،ئەكبەر ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ قىلۋاتقان بەزى بىر ئىشلىرنى كۆرگەن بىر نەۋرە قىرىنداشلىرمۇ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلشاتتى، ئەكبەر چوڭ ئاپىسىنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتى ،مومىسى ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى .بۇدۇنيا ھەممە كىشىگە باقى بولمىغىنىغا ئوخشاش ئەكبەرنىڭ خۇشال ئۆتۆۋاتقان ۆۈنلىرنى قارا بۇلۇت قاپلىدى .ئۇباشلانغۇچنىڭ تۆتىنجى يىلىقىنى پۈتتۇرۇپ بەشىجى يىللىققا ئۆرەپ ئوقۇغان ۋاقىتى ئىدى.بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ،مىېىھربان مومىسى تۇيۇقسىز قازا قىلىدى ،كىچىكىدىن ئانا دەپ چوڭ بولغان مومىسىنىڭ قازاقىلىشى ئەكبەرگە بەكمۇ ئىغر كەلدى،بىر مەۋسۇم ئۆزىنىڭ ئەسلىگە كىلەلمىدى.نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىر كۈنى ئىشخانىغا چاقىرتىپ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىنئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بىرىپ يولغا سالدى. ئەكبەر دەل باشلانغۇچنىڭ ئالتىنجى يىللىقىغا چىققاندا ئاران ئەسلىگە كەلدى.مۇشۇمەزگىللەردە كۆڭلىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما يانىلا قايغۇلاردىن پۈتۈنلەي خالاس بولالمىغان ئىدى.ئالتىنىجى يىللىقىنىڭ ئىككىنجى مەۋسۇمدا ئۇھەقىقى ئەسلىگە كەلدى.ئۇباشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ ناھىيىدىكى نوقتىلىق تولوق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبول قىلىندى ،تولوقسىز ۋەتولوق ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى ناھيىدىكى مەكتەپتە تاماملاپ خىلى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئىچكىردىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىگە قوبول قىلىندى ،ئۇمەكتەپكە ماڭغان كۈنى ئاتا-ئانىسى ،ھاممىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى كۆزىنى ياشلىغان ھالدا ئۇنى ئۇزاتتى . ئالتە ئانىنىڭ قىتىرقىنىپ پەرۋىش قىلىشى ۋەتەربىلىشى نەتىجىسىدە ئەكبەر ھەر جەھەتلەردىن يېتىشكەن يگىت بولوپ يىتىشىپ چىىقتى. سەۋىيەمنىڭ چەكىىلكلىكى تۈپەيلىدىن بەزى بىر خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىغان بولوشۇم مۇمكىن. كەڭ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 04:59 AM
|