كەلدى بۈگۈن بايرىمىڭ ئانا،
تەبرىكلىدى سىنى كەڭ دۇنيا.
ساپ كۆڭۈللەر قوللىرىدا گۈل،
تۇتماق بۇلۇپ راسلاندى مانا.
كەلدى بۈگۈن بايرىمىڭ ئانا.
بىر كۈلكەڭگە ھەممىز تەشنا،
ھارارىتى چۈنكى مىھرىڭنىڭ،
قەلبىمىزدە گۇيا نۇر -زىيا.
كەل ئانا،كەل،پەرتۇقۇڭنى سال، بۈگۈنۈڭنىڭ، بۈگۈنكى قۇتلۇق بايرام كۈنۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،كۈندە سېنى كۈتۈش پەزىز بولغان ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەردە تۈپەيلى سېنى كۈندە كۈتۈپ بولالمىغان،ئەمما مۇشۇنداق كۈتۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىكلەنگەن كۈنۈڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۈگۈن سەن ئۈچۈن ،پەقەت سەن ئۈچۈن خىزمەت قىشقا رۇخسەت قىل.
كەل ئانا كەل.بولدى تەشۋىشلەنمە بۈگۈنكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىن.كەلگىن ئەركىن،ئازادە ئولتۇرۇپ بىزنىڭ ساڭا بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ساڭا ئېيتىۋېلىشىمىزغا رۇخسەت قىل.كۈندە بىزلەرنىڭ غەملرىمىزنى يەپ چارچىدىڭ،كەل مۈرەڭدىن تۇتقاچ ساڭا كۆڭۈللىرىمىزنى ئىزھار قىلىۋالايلى.
بولدى قىلغىن دەۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟ياق ياق،ئالدىرىما ،قوي تەشۋىشلىرىڭنى،بۈگۈن ھىچنىمىدىن غەم يېمە،
بۈگۈن سېنىڭ بايرىمىڭ،بۈگۈن سەن ئەزىز مېھمان،قاي كۈنلەردىن بېرى سەن ئۆي،كۆلبەم،بالام،نەۋرەم دەپ تىنىم تاپماي تىپىرلاپ يۈردۈڭ.بۈگۈن سەن بۇ ئىشلادىن غەم يېمەيدىغان كۈن ،ئانىلىقىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان كۈن. دۇرۇس، بۈگۈن بىر كۈن قانداقمۇ سېنىڭ «ئانا»بولماقتىن ئىبارەت بۇ غاراتنىڭ شەنى بىلەن تەڭلەشسۇن، شۇنداق.بىزنىڭ بارلىق ئۆمرىمىزدىكى پۈتۈن كۈنلەرنىڭ يىغىندىسى بىلەن ساڭا ئۆزۈرلۈك كۆرسەتسەكمۇ سېنىڭ ئەجرىىڭ بەدىلىنى ئادا قىلمىقىمىزدىن سۆز ئېچىش تەس.
تۇرسۇناي سادىقوۋا ئايال،ئانا بولماقنىڭ شەۋكىتى ھەققىدە ئەسەرلىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئايالنى ئاياللىق يۈكى قەدەمدە يەر چىشلىتىپ قۇيىشى مۇمكىن ئىدى.ئەمما ئۇنى ئاسىراپ تۇرىدۇ..بۇ يۇرۇق دۇنيادا ھىچبىر غازات ئايالنىڭ ئانا بۇلۇش دەقىقىللىرىدەك ئېغىر چۈشمىگەي،پەرزەنىت دۇنياغا كېلىۋاتقان ئايال ئۆز تىنىنىڭ تىتما-تالاڭ بۇلىۋاتقىنىنى،سۆڭەكلىرىنىڭ غىرىسلاپ ،ئۈگە-ئۈگىللىرىدىن ئاجىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ.جىسمىغا ئوت چۈشىدۇ،جان تەسلىم قىلىۋاتقان كىشىدە نەپەس قانداق بوغۇزغا تىقىلىپ كەلسە،كۆز چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولسا ،ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئارىسى قانچىلىك قالسا ،يېڭى ئىنساننىمۇ شۇ تەرىزىدە تەۋەللۇت قىلىدۇ.نەزىرىمدە بالا بىرگە ھەر قېتىم ئانىنىڭ جىسمىدىن جانمۇ ئاجىرايدۇ-يۇ،بۇ غازات ئازابىنى تەڭرى كومپىيوتىردىن ئۆچۈرگەندەك ئايال خاتىرىسىدىن يۇيۇپ تاشلايدۇ.بۇمۇ مۆجىزە!ئەگەر تەڭرى ئۇنتۇلدۇرمىغىنىدا ھىچبىر ئايال بالىسىنى قولىغا ئالمىغان،ئەپتىگە قارىمىغان بولاتتى.ئارقىسىغا بۇرۇلماي كېتىۋەرگەن بولاتتى.
تەڭرى ئىچىدىن پەرزەنىت دىگەن تىكەننى ئالىدۇ-يۇ ئورنىغا تىنىقىڭنىڭ ئۇچىغىچە تولغان ئانىلىق مېھرى قىيانىنى سالىدۇ.شۇ بىر پارچە ئەتلىمە گۆش دۇنيايىڭغا ئايلىنىدۇ.ھەممە يىپىڭنىڭ ئۇچى شۇنىڭغا باغلانغان بولىدۇ.مەن تېخى بالا بىلەن جانمۇ كۈچەيدىيۇ يەنە ئىزىغا قايتىدۇ دەپ بىكار ئېيتىپتىمەن.بالا بىلەن بىرگە جانمۇ چىقىدۇ.سېنىڭ ھەركەتتىكى مۇرداڭ قالىدۇ خالاس.ئەمدى جېنىڭ شۇ بالا.شۇ بالا ئاغرىسا ئاغرىپ،يىغلىسا يىغلايسەن.بۇرۇن جېنىڭنى قوۋۇرغىللىرىڭ ئارىسىدا مەھكەم ساقلايتىڭ،مانا ئەمدى ئۇ تۆت تەرەپتىن شامال ئۇرۇپ تۇرغان يەرگە چۈشتى.ئاھ،ئۇنى ئاسىراشتىن نەقەدەر ئېغىر!!!
ئەسلىمەيدۇ ئەمەس.بالا تۇغۇشتىكى ئاغرىقنى ئايال ئەسلەيدۇ.پەقەت بىر ھالەتتە-قاچانكى پەرزەنتى كۆيدۈرسە!ئۇ شۇندىمۇ «سەن تۇغۇلمايلا قالساڭ بولماسمىدى؟!»دېمەيدۇ.«سېنىڭ ئۆلگىنىڭ ياخشى ئىدى»دېمەيدۇ.«سېنى تۇغقان مەن ئۆلەي!»دەيدۇ.«ئاشۇ تولغاقنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتسەم بولماسمىدى!»دەپ پەرياد سالىدۇ.»
مانا مۇشۇ قۇرلارنى ئوقىغىنىمزدا دىلىمىزنىڭ قانچىلىك خەستە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن،كۆزلىرىمىزنىڭ نادامەت.پۇشايمان.ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ كۆرگەن كۈنلرىمىزنىڭ بەدىلى دىللىرىمنڭ قانچىلىق ئۆرتەنگەنلىكىنى سورىما ئانا.ياق،ياق ئانا،سېنىڭ كۆز ياش قىلىشىڭ قىلىش بىھاجەت.ئۇ كۆز ياشلار،ئۇ ھەسرەتلەر بىزلەرگە لايىق.ئەنە شۇ كۈنلەرنى بېسىپ ئۆتكەن سەن.تا بۈگۈنگە كەلگۈچە ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەچچە غازاتلارغا ھەم قاتناشتىڭ.ئەنە ئاشۇ ھايات ماماتلىق جەڭلەرنى غەلبىلىك تاماملاپ بىزلەرنى بۇ دۇنياغا پۇت دەسسەت ماڭغۇدەك قىلغۇچە سەن كۆرمىگەن نىمە جاپا قالمىدى.ناخشىلاردا يادلىنىدۇ:
ئانا ئېيتقان ئەللەيلەرگە،
قانداق ناخشا يېتەلەيدۇ.
ئانا چەككەن جاپالارنى،
قانداق باتۇر يېڭەلەيدۇ.
شۇنداق،شۇنداق ئەمەسمۇ ئانا.قايسى بىر پالۋان سەن كەزگەن بۇ جەڭگاھنى سەن تامام كېزەلىسۇن.ياۋغا قلىچ ئۇرغان نى نى ئەزىمەتلەر سېنىڭ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن تالاي كېچىلەردىكى تارتقان ھەرەجلىرىڭگە تىخ ئۇرالىسۇن.
بولدى قىل ئانا،سائەتكە قارىما.تاماقنقا ئالدىراۋاتىسەن شۇنداقمۇ ؟ئالدىرمىغىن ئانا،بۈگۈنكى تاماقتىن غەم يېمە.ئارتۇقچە تەشۋىشتە بولما.جېنىم ئانا.سەن بولمىساڭمۇ بۈگۈن قازاندا ئاش پىشىدۇ.بىركۈن بولسىمۇ قازان بېشىدىن.بۇس- ئىسلاردىن يىراق تۇرۇپ باققىن ئەزىزىم.بىلىپ تۇرۇپتىمىز.قازان بېشىمۇ سېنىڭ بىر ۋەتىنىڭ.ئۇ ۋەتەندىن كەچكۈڭ كەلمەيدۇ.شۇ ۋەتەن گۈلشەنىڭدىن ئۈندۈرگەن گۈل چېچەك،بال ھەسەللىرىڭنى پەرۋانىللىىڭگە بېغىشلايسەن ئەمەسمۇ.ئەنە ئۇ پەرۋانىلەر جاي جايلاردا ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ.ئەركىن پەرۋاز قىلىپ شۇ نىھىمەتلىرىڭنىڭ ئەجرىنى قايتۇرماق ئۈچۈن كۆرەستە ئۇلار...
جەننەت باشلاپ كېلەي دەپ ساڭا،
كېتىپ سەندىن يىراق يىراققا.
چۈشمەي كەلدىم قۇرغان قاپقان توساققا.
سۈيۈپ قويغىن مېنى جان ئانا.
ئەنە ئۇ پەرۋانىلەر،ئۇ بۇلبۇللار ساڭا ئاتاپ،سېنىڭ مۇبارەك كۈنۈڭگە ئاتاپ دىللىرىدا نۇرغۇن،نۇرغۇن كۆڭۈل سۆزلىرىنى ساڭا تەڭلەپ تۇرۇپتۇ.
يەنىلا ئالدىراۋاتىسەن ئانا،قويلار مەرەۋەتامدۇ.بولدى سەن بۈگۈن غەم يېمە.بۈگۈن بىر كۈن بولسىمۇ ۈەم يېمىگىن ئەزىزىم.باغرىم.بەس ،يېتەر.ئەمدى غەمرىڭ ئازايسۇن.ھەممىمىز ئۇچۇرۇتما بولدۇق.قاناتلىرىمىز يىتىلدى.سېنىڭ ئورنىڭنى ئالىدىغان ۋاقتىمىز تامامەن كەلدى.ھەتتا ئۆتۈپ كەتتى.ئەمدى بىز ئالايلى،سەن بۈگۈن بىرلا ئىشنى قىلغىن ئۇ بولسىمۇ باغرىڭنى كەڭ ئېچىپ بىزلەرنى ،بىزنىڭ كۆڭۈللىرىمىزنى باغرىڭغا باسقىن.قالغان ئىشلارنى سېنىڭ داۋامىڭ بولىمىش بىز قىلايلى.
قېنى ئىشىكنى ئاچقىن،پەرۋانىللىرىڭ،جىگەرو باغرىللىڭنىڭ ساڭا ئاتىغان كۆڭۈللىرنى قۇبۇل قىلىۋال.
بۇنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەربىرىمىزنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ئانىللىرىمىزغا بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى ئېيتىۋېلىش .قېنى دوستلىرىم مېھرىبانلىرىمىىز بىزگە قۇچاق ئاشتى،ئۇلارغا دەيدىغانلىرىمىز ھەم ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغانلىرىمىز ھەم ئاز ئەمەس،ئۇ بىزگە قاراپ تۇتۇپتۇ قېنى ئىچىمىزنى ئۇنىڭ باغرىدا تۇرۇپ تۆكمەيلىمۇ....
چەشمەزۇلال--ئانا قۇتلۇق بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.بىر تۇنۇر ناننى ياققانداق قىزىق تونۇر ئىچىگە بېشىڭىز قانچە تىقىپ تارتقىنىڭىزدا ئوت ئالغان يۈزىڭىزنى باغرىمغا باساي،ئانا ماقۇل دەڭ.بۇ نۆۋەت تۇنۇرغا ناننى مەن ياقاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 12:18 PM
|