رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار
پۇلغا ساتتى بەزىلەر تەننى،
زار قاخشىتىپ ياخشىنى ئەلنى.
ئاڭلاڭ قىزلار نەسىھەت بولسۇن،
باشلىۋەتتىم سىلەرگە سۆزنى.
كەلگۈسنىڭ ئانىسى قىزلار،
بۇزۇلساڭلار دونيامۇ يىغلار.
يىغلىمىسۇن دىسەڭلار دۇنيا،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ھەمرا بولسۇن سىلەرگە ئەخلاق،
ھەم چىقمىسۇن پاھىشە قىزچاق.
پەخەس بولۇپ شەيتاندىن ھەر ۋاق،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ۋىجدان غۇرۇر يول باشچىڭلاردۇر،
ئىسىل خىسلەت زىننىتىڭلاردۇر.
ئپپىتىڭلار قېممىتىڭلاردۇر،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
جاپالارغا بىرەلمەي بەرداش،
گەر ئاقسىمۇ كۆزۈڭلاردىن ياش.
قالمىسىمۇ يىگىلى نان ئاش،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئەڭ چوڭ بايلىق قىزلارغا ئىپپەت،
يوقتۇرماڭلار ھەرگىزمۇ ئىللەت.
سىلەر بولغاچ ئۆلمەيدۇ مىللەت،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
مال دۇنيانىڭ كىرىپ كەينىگە،
يىتەلمەستىن ھايات قەدرىگە.
ئوخشىماستىن ئادەم نەسلىگە،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ھاياتلىقنڭ مۇرادى ئۇزۇن،
بولۇپ قالماڭ سىز قىزلار ھۇرۇن.
قىلاي دىسە دۇرۇس ئىش نۇرغۇن،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئاتا- ئانا يىغلاپ يۈرمىسۇن،
ئەل جامائەت لەنەت دىمىسۇن.
ھالىڭلارغا شەيتان كۈلمىسۇن،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
سۆزلىرىمنى ئىيتىمەن ئۇدۇل،
ئەسقاتمايدۇ ھارام تاپقان پۇل.
كۆلەلمەيدۇ پۇلغا بولغان قۇل،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ياخشى ئانا بولاي دىسەڭلار،
ھۆرمەت-ئىززەت تاپاي دىسەڭلار.
شەرمى-ھايا سەتنى بىلسەڭلار،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
كۇچىلاردا قاشلارنى ئىتىپ،
پىنھانلاردا ئار نۇمۇس سىتىپ.
ئۆزۈڭلارنى قەدىرسىز قىلىپ،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
قالار ھەممە تاپقان مال دۇنيا،
تۈۋرۈك بولماس ھىچكىم دۇنياغا.
ۋىجدان غۇرۇر سىلەردە بولسا،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئۇنتۇلمىسۇن ئاتىلار سۆزى،
ياشلانمىسۇن ئانىلار كۆزى.
بۇزۇقچىلىق چوڭ گۇناھ ئۆزى،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئەجدادىمىز ياشىغان مەغرۇر،
بولۇپ كەلگەن چىن دوستى غۇرۇر.
ئەۋلادىدىن بولساڭلار ئۇيغۇر،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئەزىز تەننى دەسمى قىلماڭلار،
ئەۋلاتلارغا ئۆلگە بولۇڭلار.
پاك ياشاڭلار گۈل خانىم قىزلار،
تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ...........ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 07:55 PM