مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3222|ئىنكاس: 58

چاقچاق كەتتى ئەمىسە!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 02:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            مىسرانكامغا:
مىسرانكام   ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپ-يېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز
ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ.مىسرانكام بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن مىسرانىمدىكى جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز مىسرانكامدىن:
- ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- يوقسۇ، - دەپتۇ مىسرانكام قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ:
- تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ.

                                                    ئۆل كامغا  :
تاغدىن كەلگەن ئىككەيلەن بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ  ئىگىز بىنالارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ساناۋاتسا يولدىن ئۆتكەن  ئۆل كام  ھە پۇرسەت كەلدى دەپلا يالغان ساقچى شەپكىسىنى كېيىپلا ;   ھەي بۇ ئىككىڭ نېمە قىلىۋاتاسەن؟؟؟نېمە مەقسىتىڭ بار؟؟؟جەرىمانە تۆلەش !!!"  دەپتىكەن  ..ئۇ ئىككىسى قورقۇپ كېتىپ :قانچە پۇل ؟؟؟" دەپ سوراپتۇ.
     ئۆل كام:
_ قانچىنچى قەۋەتكە ساناشتىڭ   ھەر بىر قەۋىتى 10  يۈەن دەپتۇ.
   ئۇ ئىككىسى ئامالسىز  پۇلنى تۆلەپتۇ..
ئۆل كام پۇلنى ئېلىپلا تىكىۋېتىپتۇ......
بىر تاغلىق يەنە بىرسىگە  ھىجىيىپ تۇرۇپ :ھەجەپ قۇيدىمما ئەسلى 27  -قەۋەتكىچە ساناپ بولغانتىم ..11-قەۋەت دەپلا 110元  بەردىم دېگۈدەك....

                                       مۇسلىنە ھەدەمگە:

   كىچىك مۇسلىنە ھەدەم دادىسى ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى خېرىدارغا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ گىرىم بۇيۇمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
   — قاراڭ، بۇ سۈرەتتىكىسى ئىشلەتمىگەن ۋاقتى، مانا بۇ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى.
   — دادا، خاتالاشتىڭىز، بۇ سۈرەتتىكىسى مومام، ئۇ سۈرەتتىكىسى ئاپام، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ كىچىك مۇسلىنە ھەدەم.


                                                مەلىكە ھەدەمگە:
جاۋابكار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى مەلىكە ھەدەمگە دەپتۇ:
   — ئەگەر قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مېنى تۈرمىدە پەقەت ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز، پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېرەتتىم.
   جاۋابكار ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.
   — بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرمەكچى ئىدى، — دەپتۇ مەلىكە ھەدەم ئالغان پۇلىنى سانىغاچ.


                                        كارۋانكامغا:
     كارۋانكام ھاۋا ئارمىيىنىڭ  ئەسكىرى ئىكەن. ھەر كۈنى ئايروپىلاندىن پاراشوتتا سەكرەپ مەشىق قىلىدىكەن.
      بىر كۈنى، چۈشىدە مەرھۇم مومىسىنى كۆرۈپتۇ، مومىسى ئۇنىڭغا: ‹‹ئوغلۇم، ئەتە سەكرىمە، پاراشوتۇڭ ئېچىلمايدۇ›› دېگۈدەك. ئەتىسى، ئۇ يەنە مەشىققە بېرىپتۇ. باشقىلار سەكرەپ بولۇپ، نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە، سەكرىمەي تۇرۇۋاپتۇ.
       كوماندىر نېمىشقا سەكرىمەيدىغانلىقىنى سورىغانىكەن، كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كوماندىر ئىشەنمەي ئۆزىنىڭ پاراشوتىنى ئۇنىڭغا ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ. كارۋانكام سەكرەپتۇ - دە، ئاستا -ئاستا تۆۋەنلەپتۇ. ئارقىدىن كوماندىر سەكرەپتۇ، بىراق پاراشوتى ئېچىلماي، كارۋانكامنىڭ يېنىدىن ئىتتىك ئۆتۈپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. كارۋانكام ۋارقىراپتۇ:
— نەگە، كوماندىر؟
— موماڭنىڭ قېشىغا!


                                                       سەبىنۇر ھەدەشكە:

پروفېسسورنىڭ قىزى سەبىنۇر ھەدەشنى  مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: ‹‹كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە›› دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: ‹‹ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزسەبىنۇرنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزسەبىنۇرنى  ياخشى كۆرىمەن››دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

                                           جەسسۇرمەنكامغا:     

  ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟
     جەسسۇرمەنكام: ئوخشىمايدىكەنمەن.
     ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
    جەسسۇرمەنكام: ئوقۇتقۇچىغا.

                                              مارشالكامغا:
  دوختۇرخانا باشلىقى مەسئۇل دوختۇرمارشالكامغامۇنداق دەپتۇ :
          _بىر ئازدىن كېيىن باشلىقنىڭ ئايالى كېلىدۇ ، باشلىقنىڭ ئايالىغا دېئاگىنوز قويۇپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم سىپايە سۆزلەڭ ، ئۇنى قورقۇتۇۋەتمەڭ ، دەپتۇ .

    مەسئۇل دوختۇر مارشالكام ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .

    تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەسئۇل دوختۇر مارشالكام باشلىقنىڭ ئايالىغا مۇنداق دەپتۇ : خانىم ، سىزنىڭ ئۆتىڭىزدە 30 گراملىق چىرايلىق تاشتىن بىرسى باركەن .




                                          Ruin كامغا:

   ئىككى ساقچى ئۈچ گىراناتنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىشقا تەييارلىنىپتۇ. ياش ساقچى سەل قورقۇپ، پېشقەدەم ساقچى  Ruin كامدىن  سوراپتۇ:
  — ئەگەر يولدا گىراناتنىڭ بىرى پارتلاپ كەتسە قانداق قىلارمىز؟
  — ئۇنداقتا ئىككىنىلا ئۇچراتتۇق دەيمىز – دە، — دەپتۇ Ruin كام.



بۇلارنىڭ ھەممىسى چاق_چاق جۇمۇ ئېغىر كەتكەن بولسا خاپا بولماڭلار!!

مەنبە : يۇمۇرلاردىن قۇراشتۇرۇلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 06:08 PM  


ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە سىڭلىم بىزلەرنى تونومىغاچقا يۇمۇرغا قاتمىغان ئوخشايدۇ ، ھە بوپتۇ ،يۇقارقىلارمۇ قىززىقارلىق چىقىپتۇ

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7796 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىيى ئوماق سىڭلىم سىز دىن 3ياش چوڭكەنمەن ھى ھى مىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت،بەك قىزىقارلىقكەن .

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:27:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  « ئۆل » ئاكا ئەمەس ، ھەدىڭىز _ ھە !

  بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ياكى قوشقۇڭىز كەلمىدىما ؟  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ئىكەن، بىراق «ئۆل كام »دىگەنلىرى ئايال زاتىدىن چىقىپ قالدى قايلىسىلا!
بىزمۇ تېخى يېقىندا بىلدۇق. يولداش ئۆلنىڭ بىر گۈزەل قىز ئىكەنلىكىنى....

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:34:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، مەنمۇ كۈلۈۋالدىم.

ئىگىلگەنگە ئىگىلىگىن، بېشىڭ يە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62407
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3269
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپتۇ بىزنى قاتمىغان بولسىمۇ باشقىلارغا قارتىلغان قىزىقارلىق يۇمۇرلاردىن ھوزۇرلاندۇق، مەلىكە قىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت!
ئەمما ماۋۇ «ئۆل ئاكام» دېگىنىڭىزنىڭ ئايال زاتى چېقىپ قالغىنى تېخىمۇ كۈلكىلك بوپتۇ ئەمەسما.....

كۈلمەك ئۈچۈن يارىتىلغان كۆزلەرگە ياش تولمىسۇن، سۆيمەك ئۈچۈن يارىتىلغان قەلبلەرگە دەرت كەلمىسۇن.

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12652
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6946 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:42:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەرزان ھەدىڭىز نەدە قالدى؟

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 06:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارىغاندا ساپلا ئەمەلدارغالارغا يۇمۇر قوشاق قوشۇش ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ ...

مۇشۇ مۇنبەرگە بىر كىچىك بولسىمۇ ئەمەل تۇتۇپ تۇرۇپ كىرمىسەم بولماپتۇ جۇما
ئىدارىدە تېخى خوشامەت قىلىپ ، بىرىنجى بولۇپ شۇلارنى يۇقىرىغا باشلايتۇق ، مانا مۇنبەردىمۇ بۇ خىلى كەيپيات بار ئىكەن .
قارىغاندا بىز شۇ ئۇنتۇلغان كىشلەر قاتارىدىغا كىرىپ كەتكەن ئوخشايمىز ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 06:45 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش